Ralph Lauren Canada ;One is to choose a plain colour of Polo,ralph lauren outlet such as Black, Navy or White - ralph lauren canadaselecting a colour of garment on which your corporate logo colours will look good when embroidered.ralph lauren canada outlet This can sometimes be preferable to buying an off-the-shelf garment in an unusual shade because fashions change and just because yourpandora canada company's shade of lime green is in vogue today this may not be the case in two years time.http://www.cefrank.com.au Manufacturers of off-the-shelf Tiffany Sale'stock' garments tend to change their ranges from time to michael kors outlet uktime and may choose to drop a colour if it is no longer considered popular.cheap burberry Ask your supplier and they should be able to tell you which colours Cheap Pandora Charmsare likely to remain available or which are in doubt.The second option,www.rvaq.ca if you have a sufficiently large requirement, is to have a Polo Shirt manufactured for your staff uniform in a bespoke colour. Manufacturing a bespoke embroidered Polo Shirt, opens up a wealth of possibilities regarding colour matching to your main corporate colour, Tiffany Saleembroidery branding, trims & detailing but this option is usually only viable from 300 to 500 pieces for a single colour garment or 1,000 Cheap Tiffany Salepieces upwards for more complex designs.
ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> مەسئۇد سابىرىنىڭ قىسقىچە ھاياتى (3)

مەسئۇد سابىرىنىڭ قىسقىچە ھاياتى (3)

2013-10-11 8:21     كۆرۈلۈشى: 11,280 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: لىيۇ شاڭخۇي   چېن ۋۇگۇۋ ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن شىنجاڭغا يەنە قايتىشنى پائال پىلانلاش      شىنجاڭ ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشى، مەسئۇدنىڭ ھوقۇقنىڭ پەللىسىگە چىقىشى ئۈچۈن شارائىت ھازىرلاپ بەردى. 1944- ....

لىيۇ شاڭخۇي   چېن ۋۇگۇۋ

ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن شىنجاڭغا يەنە قايتىشنى پائال پىلانلاش

     شىنجاڭ ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشى، مەسئۇدنىڭ ھوقۇقنىڭ پەللىسىگە چىقىشى ئۈچۈن شارائىت ھازىرلاپ بەردى. 1944- يىلى 9- ئايدا شېڭ شىسەي شىنجاڭ خەلقىنىڭ ھاقارەتلىرى ئىچىدە 11 يىل 5 ئايلىق ھاكىمىيىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، شىنجاڭدىن ئايرىلدى. ئەمما ئۇنىڭ مۇستەبىت ھاكىمىيىتى تۈپەيلىدىن قوزغالغان ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى بېسىقمىدى. موڭغۇل -زاڭزۇ كومىتېتىنىڭ سابىق باشلىقى ۋۇ جوڭشىن ۋەقە كۈچىيىۋاتقان پەيتتە شىنجاڭغا كېلىپ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلەندى.

     يېڭى ھۆكۈمەتنى تەشكىللەشتە تەبىئىيلا بىر تۈركۈم بىللە بارىدىغان خادىملارنى تاللاشقا توغرا كېلەتتى. مەسئۇد بۇ مىسلىسىز تەستە كېلىدىغان پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇش كېرەك، دەپ قارىدى. بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ئۇ ژۇرنال ۋە مۇنبەرلەردىن پايدىلىنىپ پانتۈركىزم ۋە پانئىسلامىزم تەشۋىقاتىنى تارقاتقان بولسىمۇ، چۇڭچىڭ بىلەن شىنجاڭنىڭ ئارىلىقى بەك يىراق بولغاچقا ئۇنىڭ چوقانلىرىنىڭ شىنجاڭ خەلقىگە بولغان تەسىرىنى يوق دېيىشكە بولاتتى. ئۇ پەقەت شىنجاڭغا قايتىش ئارقىلىقلا «قوش پان ئىزىم» نەزەرىيىسىنى شىنجاڭنى بۆلىۋېلىشتەك كونكرېتنى ھەرىكەتكە ئايلاندۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلغان ئىدى. مەسئۇد ۋۇ جوڭشىننىڭ موڭغۇل – زاڭزۇ كومىتېتىدىكى نۇرغۇن خادىملارنى ئىشلەتكەنلىگىنى، رويخەتتە ئىسمىنىڭ يوقلىقىنى كۆرگەندىن كىيىن، ۋۇ جوڭشىن بىلەن مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشى ئەمەسلىگىدىن مۇشۇنداق بولغانلىقىنى ھېس قىلىپ، جياڭ جيېشى ئارقىلىق شىنجاڭغا بېرىش مەقسىتىگە يېتىشنى پىلانلىدى. شۇنىڭ بىلەن مەسئۇد جاڭ جيېشى نەۋكەرلەر ئىشخانىسى ئىككىنچى باشقارمىسىنىڭ مۇدىرى چېن بۇلېيدىن «يۇرتىغا قايتىش ئارزۇسى»نى جياڭ جيېشىغا يەتكۈزۈشنى ئىككى قېتىم ئۆتۈندى. ئەمما چېن بۇلېي پۇرسەت كەلمىدى دەپ قاراپ جياڭ جيېشىغا ئىككىلىسىنى يەتكۈزمىدى. مەسئۇد پۇرسەتنىڭ كېتىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ چېن بۇلېينى يەنە بىر قېتىم سۈيلىگەندە، چېن بۇلېي ئامالسىز 10- ئاينىڭ 25- كۈنى تېلېگرامما يوللاپ، مەسئۇدنىڭ شىنجاڭغا قايتىش تەلىپىگە قارىتا ۋۇ جوڭشىندىن پىكىر ئالدى. ۋۇ جوڭشىن مەسئۇدنىڭ پانتۈركىزم تەشۋىقاتىنى داۋاملىق تارقاتقانلىقىنى بالدۇرلا بىلگەچكە، تەبىئىيلا بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ شىنجاڭغا كېلىشىگە قوشۇلمايتتى. ۋۇ جوڭشىن مەسئۇدنىڭ مۇناسىۋەتتىن پايدىلىنىپ شىنجاڭغا كېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق 8- ئۇرۇش رايونىنىڭ قوماندانى جۇ شاۋلىياڭ بىلەن بىرلىكتە تېلېگرامما يوللاپ، مەسئۇدنىڭ شىنجاڭغا كېلىشىنى قەتئىي رەت قىلدى. ئۇلار تېلېگراممىسىدا ئۈچ تۈرلۈك قارشى تۇرۇش سەۋەبىنى بايان قىلدى:

     1. ئۇلار مىنگونىڭ 31- يىلى مەركەزگە مەكتۇپ يوللاپ، شىنجاڭغا ئاھالە كۆچۈرمەسلىكنى، ئارمىيە كىرگۈزمەسلىكنى، شىنجاڭنى شىنجاڭلىقلار باشقۇرۇشنى، شىنجاڭنىڭ نامىنى «شەرقى تۈركىستان»غا ئۆزگەرتىشنى تەشەببۇس قىلغان. تار مىللەتچىلىك كۆز قارىشى ئېغىر.

     2. شېڭ شىسەي ئۇنىڭدىن پەقەت رازى ئەمەس، ھازىر شېڭ شىسەينىڭ شىنجاڭدىكى قىسمىدا ئادەم بەك كۆپ، ئۇنىڭغا پايدىسىز بولۇشى مۇمكىن.

     3. ئۇنىڭ خانىمى ھازىر شىنجاڭدا، داۋراڭ سېلىپ يۈرگەن ئەھۋال بار. ئۇ شىنجاڭغا كەلسە تىنچلىق بولۇشى ناتايىن. ئىنىلىرى مەسئۇدنىڭ كېچىكىپرەك كېلىشىنى مۇۋاپىق دەپ قارايدۇ. توغرا چۈشىنىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

     ۋۇ جوڭشىننىڭ قارشى تۇرۇشى بىلەن مەسئۇدنىڭ شىنجاڭغا كېلىش چۈشى ئەمەلگە ئاشمىدى. جياڭ جيېشى ئارقىلىق شىنجاڭغا قايتىش ئۈمىدى يوققا چىققاندىن كىيىن مەسئۇد ئۆزى ئوتتۇرىغا چىقىپ جامائەت پىكرى بېسىمى ئارقىلىق مەركىزى ھۆكۈمەتنى يول قويۇشقا قىستىماقچى بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئىمىن، ئەيسالار قول تىقىپ، «شىنجاڭ خەلقى شىنجاڭنى باشقۇرۇش» بايرىقىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، يۇقىرى -تۆۋەن قاتراپ، لەنجۇدا جامائەت پىكىرى شەكىللەندۈردى. جياڭ جيېشى گەنسۇ تەرەپنىڭ مەخپىي تېلېگراممىسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كىيىن، دەرھال ۋۇجوڭشىنغا تېلېگرامما يوللاپ، مەسئۇد قاتارلىقلارنىڭ شىنجاڭ بىلەن مۇناسىۋىتى بار- يوقلىقىنى سورىدى. ۋۇ جوڭشىن «مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، مەسئۇد، ئەيسا قاتارلىقلار شىنجاڭغا مەخپىي ئادەم ئەۋەتىپ، پائالىيەت ئېلىپ بارغان. بۇنى ئىسپاتلاشقا بولمىدى. مەركىزى كومىتېت ئامال ئىزلەپ ئۇلارنى چوڭچىڭغا قايتۇرۇپ مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرسا» دېگەن مەزمۇندا تېلېگرامما قايتۇردى. جياڭ جيېشى ۋۇ جوڭشىننىڭ پىكرىنى قوبۇل قىلىپ، مەسئۇدنى چوڭچىڭغا تەڭشەپ، مۇۋاپىق دەرىجىدە تىزگىنلىدى. ئەمما جازالىمىدى. بۇ ئىش تۈپەيلى ۋۇجوڭشىن مەسئۇد قاتارلىقلارنىڭ قىلمىشىغا تېخىمۇ ئاچچىقلاپ، ئۇلار لەنجۇدا ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن بىمەنە چاقىرىقلارنى قىلدى، مەقسىتىنى چۈشىنىپ بولغىلى بولمايدۇ، مەيلى يەرلىك، مەيلى مەركەز بولسۇن ھەممىسىگە پايدىسىز دەپ قارىدى. ۋۇ جوڭشىن پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئاغرىنىش مەنىسىدە جياڭ جيېشىغا: «ئىلگىرى مەركەزدىكى ھەقىقى ئەھۋالنى بىلمەيدىغان زاتلار مەسئۇد، ئەيسالارنىڭ داۋراڭلىرىغا ھەدەپ يول قويدى، ئۇنداق قىلماسلىقى كېرەك ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە شىنجاڭدا نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارنىڭ يۈز بېرىشى مەركەزدىكى بەزى ‹ئىشنىڭ يولىنى بىلمەيدىغان› لارنىڭ مەسئۇد، ئەيسا قاتارلىق قارا نىيەتلەرنى سىغدۇرغانلىق بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك، چوقۇم مۇناسىۋەتلىك جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىش كېرەك» دەپ دوكلات يوللىدى.

     مەسئۇد قاتارلىقلار لەنجۇدىكى پائالىيەتلىرىدە ئۈنۈم كۆرمەي قايتقاندىن كىيىن، تەبىئىيلا ئۆچلۈكى قوزغالدى. ئەمما ھوقۇقنى ئىگىلىۋالغان ۋۇ جوڭشىنغا ئامالى بولمىغاچقا، تىغ ئۇچىنى شېڭ شىسەيگە قاراتتى.

     1945- يىلى 5- ئايدا، گومىنداڭنىڭ مەملىكەتلىك 6- قۇرۇلتىيى چاقىرىلدى. قۇرۇلتاي مەزگىلىدە مەسئۇد قاتارلىقلار شېڭ شىسەينىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان شىنجاڭلىقلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، شېڭ شىسەيدىن ھېساب ئالماقچى بولدى. يىغىندا، مەسئۇد ئاچچىقلانغان ھالدا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن شېڭ شىسەي ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ: «سەن شىنجاڭدا تۇرغان 10 يىل ئىچىدە 200 مىڭ ئادەمنى قولغا ئالدىڭ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھېسابلىغاندا شىنجاڭدىكى ھەر بىر ئائىلىدىن بىردىن ئادەم قامالدى. قولغا ئېلىپ قويۇپ بېرىلگەنلەر پەقەت 80 مىڭ ئادەم بولدى. قالغانلىرىنىڭ ھەممىسى ئۆلتۈرۈلدى… مۇشۇنداق پاجىئەنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىڭ ئۈچۈن، شېڭ شىسەي ئەپەندى، بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستۈڭگە ئېلىشىڭ كېرەك» دېدى . مەسئۇدنىڭ سۆزى ھەممەيلەننى جىددىيلەشتۈرۈپ، يىغىنخانا ۋاراڭ-چۇرۇڭغا تولدى. ھەممەيلەن شېڭ شىسەينى «قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك» دەپ ۋارقىراشتى. يىغىنخانىدا ئولتۇرغان شېڭ شىسەي ئۆزىنى ئاقلاشقا باشلىدى. ئەمما يىغىن تەرتىپى تېخىمۇ قالايمىقانلىشىپ، چاتاق چىققىلى تاس قالدى. بەختكە يارىشا يىغىن رىياسەتچىسى سالماق بولۇپ ئەپچىللىك بىلەن بۇ ئىشنى بېسىقتۇردى.

     ئارقىدىنلا مەسئۇد يەنە شىنجاڭدىن كەلگەن كېڭەش ئەزالىرى ليۇ ۋېنلوڭ، قادىر ئەپەندى، مەنسۇر داموللا قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە 7- ئايدا چاقىرىلغان 4- نۆۋەتلىك گومىنداڭ سىياسىي ئىشلار يىغىنىغا «ھۆكۈمەتنىڭ نۇرغۇن ھەر مىللەت بىگۇناھ ئاممىنى ئۆلتۈرگەن جاللات شېڭ شىسەينى جازالاپ بېرىش» توغرىسىدىكى تەكلىپنامىسىنى سۇنۇپ، شېڭ شىسەينىڭ قانلىق جىنايىتى ئۈستىدىن رەھىمسىزلەرچە شىكايەت قىلدى. يىغىندىن كىيىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا شېڭ شىسەينىڭ دېھقانچىلىق-ئورمانچىلىق مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرىلىك ۋەزىپىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش بۇيرۇقى چىقىرىلدى. بۇ قېتىمقى ئېلىشىشتا مەسئۇد كۈچىمەيلا غەلىبە قىلغان بولدى. بۇنىڭ بىلەن مەسئۇد روھلىنىپ نىشانىنى شىنجاڭغا قاراتتى.

     بۇ ۋاقىتتىكى شىنجاڭدا شېڭ شىسەينىڭ قانلىق ھاكىمىيىتى تۈپەيلى يىغىلىپ قالغان غەزەپ-نەپرەت كەيپىياتى كۈچەيگەن بولۇپ، يەنە كېلىپ مال باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى خەلقنى نامراتلاشتۇرۇش، ئىنقىلابنىڭ پىلتىسى ئوت ئېلىش باسقۇچىغا كىرگەن ئىدى. گومىنداڭ ھۆكۈمىتى مال باھاسىنى تۇراقلاشتۇرۇش، قالايمىقانچىلىقتا قالغان شىنجاڭ ۋەزىيىتىنى تۇراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن، مەركىزى بانكا شىنجاڭدا شىنجاڭ ئوبوروت بانكنوتى تارقىتىشنى قارار قىلىپ، چۇڭچىڭ مەركەز كۈمۈش پۇل باسما زاۋۇتىدا باستۇردى. ئوبوروت بانكنوتىنىڭ ئوڭ يۈزىدە خەنزۇ يېزىقى، تەتۈر يۈزىدە ئۇيغۇر يېزىقى قوللىنىلغان بولۇپ، ئۇيغۇرچىسىنى مەسئۇد تەرجىمە قىلىپ يازدۇرغان ئىدى. تەرجىمىدە مەسئۇد قەستەن شىنجاڭ ئوبوروت بانكنوتى دېگەن سۆزنى «چىنا تۈركىستان ئوبوروت بانكنوتى» دەپ تەرجىمە قىلدى. بۇ پۇل 8- ئاينىڭ 14- كۈنى تارقىتىلغان ۋاقىتتا تەرجىمىسىدە مەسىلە بارلىقى بايقىلىپ قالدى، مۇبادا تارقىلىپلا كەتكەن بولسا، سىياسىي خاتا چۈشەنچە كېلىپ چىقاتتى. پۇل تارقالغىلى تۆت سائەت بولغان ۋاقىت ئىچىدە ۋۇ جوڭشىن دەرھال يىغىۋېلىپ ھەممىسىنى بىكار قىلىش توغرىسىدا بۇيرۇق چىقاردى. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، مەسئۇد پانتۈركىزم تەشۋىقاتى قىلىشتا پۇرسەت بولسىلا ھېچ يەرنى بوش قويمىغان. مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدىمۇ ھۆكۈمەت ئۇنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈپ جازالىمىغان. جياڭ جيېشى ھۆكۈمىتى ئۇلارغا شۇ دەرىجىدە كەڭچىلىك قىلغان.

     شىنجاڭدا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى پارتلىغاندىن كىيىن ئۈچ ۋىلايەت كۈچلىرى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمى ئاستىدا شىددەت بىلەن تەرەققىي قىلىپ، گومىنداڭنىڭ ھەربىي كۈچىدە ناھايىتى تېزلا ئىلىدىن سىقىپ چىقىرىلىش ئېھتىمالى تۇغۇلدى. ئىككىنچى يىلى 8-، 9- ئايلاردا يەنە ئالتاي، چۆچەكلەرنى بېسىۋېلىپ مىللىي قوشۇننىڭ ئاساسى كۈچى ماناس دەرياسىنىڭ غەربى قىرغىقى بويلىرىدا مۇقىملىشىپ، گومىنداڭنىڭ شىنجاڭدىكى ھاكىمىيىتىنىڭ مەركىزى بولغان ئۈرۈمچىگە بىۋاسىتە تەھدىت ئېلىپ كەلدى.

     ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ئەمدىلا قوزغالغان ۋاقىتتا گومىنداڭ ھۆكۈمىتى شېڭ شىسەي شىنجاڭدىن ئايرىلسىلا قۇراللىق قارشى تۇرۇش تۈگەيدۇ دېگەن خاتا قاراشتا بولدى. ئەمما 11- ئاينىڭ 7- كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپنىڭ غۇلجا قوزغىلىڭىغا تولۇق قاتناشقانلىقىنى بىلگەندىن كىيىن، شۇ قېتىملىق ۋەقەنىڭ مۇرەككەپ ئارقا كۆرۈنىشىنى چۈشەندى. ۋۇ جوڭشىن تاشقى ئىشلار جەھەتتە سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بولغان ئالاقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن جايلارنى قۇراللىق قورشاش، ئەمما ئىچكى جەھەتتىكى سىياسىي ئىشلار بويىچە بىر تەرەپ قىلىش، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە سوۋېت ئىتتىپاقىغا چېقىلماسلىقىنى تەشەببۇس قىلدى.

     جياڭ جيېشى ئەينى ۋاقىتتىكى خەلقئارا ، دۆلەت ئىچىدىكى ۋەزىيەتنى كۆزدە تۇتۇپ، چەتئەل دۈشمەنلىرىنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن شىنجاڭ مەسىلىسىنى تىنچلىق سۆھبىتى ئارقىلىق ھەل قىلىشنى قارار قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئەزەلدىن «تىنچلىق گېنېرالى » دەپ نام ئالغان ئارمىيە-ھۆكۈمەت بۆلۈمىنىڭ باشلىقى جاڭ جىجوڭنى مەسىلىنى ھەل قىلىش چارىلىرى ئۈستىدە ئىزلىنىش ئۈچۈن شىنجاڭغا ئەۋەتتى. مەسئۇد بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كىيىن، ئاۋۋال جياڭ جيېشىغا خەت يېزىپ، مەركەزنىڭ قارارىنى ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە شىنجاڭنىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىش، شىنجاڭ خەلقىنىڭ باج سېلىقلىرىنى يېنىكلىتىش ، قامالغان بىگۇناھ ئاممىنى قويۇپ بېرىش قاتارلىق 15 تۈرلۈك شىنجاڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئارقىدىنلا جاڭ جىجوڭغا خەت يېزىپ، يەنە بىر قېتىم ئۆزىنىڭ مەركەزنىڭ قارارلىرىنى ھىمايە قىلىش كۆز قاراشلىرىنى ئېيتىپ، ئۆزىنىڭ شىنجاڭغا قايتىش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى، شىنجاڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپىسىنى قوشۇش ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى. جاڭ جىجوڭ بۇ ئىشتىن ئىلگىرى مەسئۇد بىلەن كۆپ باردى-كەلدى قىلمىغان بولۇپ، ئۇنىڭ جياڭ جيېشىغا تەكلىپ بەرگەنلىكى ۋە ئۆزىگە خەت يازغانلىقىنى كۆرۈپ ناھايىتى قىزىقتى. يەنە كېلىپ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىدىكى بىر رەھبەرنىڭ مەسئۇد بىلەن جىيەنلىك مۇناسىۋىتى بارلىقىنى، باشقا مۇناسىۋەتلەر بىلەن پايدىلانغىلى بولىدىغانلىقىنى پەملىدى. شۇنىڭ بىلەن چوڭچىڭدىن ئۈرۈمچىگە ئۇچۇشتىن بىر كۈن بۇرۇن يەنى 9- ئاينىڭ 12- كۈنى ۋۇ جوڭشىنغا تېلېگرامما يوللاپ، مەسئۇد، ئىمىن، ئەيسا قاتارلىقلارنى ئۈرۈمچىگە مۇناسىۋەتنى راۋانلاشتۇرغىلى ئېلىپ كەلمەكچى بولغانلىقىنى، ۋۇ جوڭشىندىن قوشۇلىدىغان – قوشۇلمايدىغانلىقىنى سورىدى.

     ئۈچ ئاي ئىلگىرى جياڭ جيېشى ۋۇ جوڭشىندىن مەسئۇدنىڭ شىنجاڭغا قايتىشى توغرىسىدا پىكىر ئالغاندا، ۋۇ جوڭشىن مەسئۇد، ئەيسا قاتارلىقلارنى شەرقى تۈركىستان ئىدىيىسىدىن ۋاز كەچكەندىلا ئاندىن شىنجاڭغا قايتۇرۇش پىكىرىدە چىڭ تۇرغان. دەسلەپكى ۋاقىتلاردا ۋۇ جوڭشىننىڭ شىنجاڭنى تەرتىپكە سېلىش ئىشەنچىسى زور ئىدى. ئەمما كېيىنكى ۋەزىيەتتە ئۈرۈمچى ئۈچ ۋىلايەت ئارمىيىسىنىڭ بىۋاسىتە تەھدىتىگە ئۇچراپ، ۋۇ جوڭشىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئامالسىز قالدى. بۇ ۋاقىتتا شىنجاڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا بەل باغلىغان جاڭ جىجوڭنىڭ مەسئۇدنى ئېلىپ كېلىش تەلىپىنى تەبىئىيلا رەت قىلالمايتتى. ئۇنىڭ بىلەن جو شىياۋلىياڭ بىرلەشمە تېلېگرامما يوللاپ، مەسئۇدلارنىڭ شىنجاڭغا كېلىشى ۋەزىيەتكە پايدىلىق بولىدىغانلا بولسا قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. جاڭ جىجوڭ ۋۇ جوڭشىنغا بولغان ھۆرمىتىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن بىرىنچى قېتىم شىنجاڭغا كەلگەندە مەسئۇدلارنى ئېلىپ كەلمەي ۋۇ جوڭشىننىڭ تېلېگراممىسىنى تاپشۇرۇپ ئالغان ھەمدە ۋۇ جوڭشىن يۈز تۇرانە قوشۇلغاندىن كىيىن، 10- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا شىنجاڭغا ئىككىنچى قېتىم تىنچلىق سۆھبىتىگە كەلگەن ۋاقىتتا ئۇلارنى ئاندىن بىللە ئېلىپ كەلدى.

شىنجاڭغا قايتىش ئۈمىدى ئەمەلگە ئېشىش

     جاڭ جىجۇڭنىڭ سىياسىي فاڭجېنى مەسئۇدنىڭ شىنجاڭغا قايتىش ئۈمىدىنى رىياللىققا ئايلاندۇردى.

     1945- يىلى 10- ئاينىڭ 17- كۈنى مەسئۇد ۋە مۇھەممەت ئىمىن، ئەيسالار جاڭ جىجوڭنىڭ چاقىرىقى بىلەن بىرلىكتە شىنجاڭغا قاراپ ئۇچتى. ۋۇ جوڭشىننىڭ مەسئۇد قاتارلىقلارغا بولغان تونۇشى ياخشى بولمىغاچقا، ئۇلارنى قارشى ئېلىشقا پەقەت ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ باش كاتىپى زېڭ شىياۋلۇ ۋە ھەر قايسى نازارەتلەرنىڭ باشلىقلىرىنى ئايرودرومغا ئەۋەتتى. ۋۇ جوڭشىن جاڭ جىجوڭ بىلەن كۆرۈشكەن ۋاقىتتا سەمىمىيلىك بىلەن: «مەسئۇد قاتارلىقلارنىڭ ئۈچ ۋىلايەت ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشۈشنى تەشەببۇس قىلمايمەن، سۆھبەتكە قاتنىشىشىنى تېخىمۇ تەشەببۇس قىلمايمەن. مۇبادا سۆھبەتتە قىيىنچىلىق تۇغۇلسا، ۋەزىيەتنى قايتا پەملەپ، مەسئۇدلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ سالا قىلىش-قىلماسلىقىنى قارار قىلساق» دېدى . چۈنكى سۆھبەتنى قارار قىلىش ھوقۇقى جاڭ جىجوڭنىڭ قولىدا بولۇپ، ۋۇ جوڭشىن ئۆزىنىڭ تەكلىپىنى پايدىلىنىشى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

     مەسئۇد ئۆزى قاتارلىقلارنىڭ شىنجاڭغا قايتىش چۈشىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىدا پۈتۈنلەي جاڭ جىجوڭغا تايانغانلىقىنى بېلەتتى . ئەمما بۇ ۋاقىتتا شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى ۋۇ جوڭشىنغا كۆڭلىدە ئىنتايىن ئۆچ بولۇپ، سىرتقى جەھەتتىن ئىنتايىن ھۆرمەتلىگەن قىياپەتكە كىرىۋالاتتى. ھەر قېتىم ۋۇ جوڭشىن بىلەن كۆرۈشكەن ۋاقىتتا، ھەمىشە «كەمتەر پوزىتسىيە» دە بولۇپ، ھەدەپ خۇشامەت قىلىپ، «ھازىرغا قەدەر مەركەزدىن كەلگەنلەر ئىچىدىكى تەڭداشسىز شەخس »، «بىز شىنجاڭلىق تۇرۇپ شىنجاڭ تارىخىنى ۋۇ جۇشىدەك بىلمەيدىكەنمىز، ھەقىقەتەن قايىل بولدۇم» دەپ ماختايتتى. ۋۇ جوڭشىن ئۇلارغا بىر يىللىق سىياسىي ئىشلارنى يولغا قويۇش ئەھۋالىنى تونۇشتۇرغان ۋاقىتتا مەسئۇد قاتارلىقلار «ئىنتايىن قايىل» بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپلا قالماستىن بەلكى «چىن كۆڭلىدىن ئاپىرىن ئوقۇش ھېسسىياتى » دا بولدى. سۆھبەت مەزگىلىدە ۋۇ جوڭشىن ئۆزىنىڭ خەنزۇ ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر ئارىسىدا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش توغرىسىدىكى كۆز قارىشىنى سۆزلىگەندە مەسئۇد دەرھال ۋۇ جوڭشىننىڭ سۆزىنى ئىسلام دىنى كىتابلىرىغا سېلىشتۇرۇپ، «ئىسلام دىنىنىڭ قۇرئاندىمۇ ‹ئومۇمەن مەدەنىيىتى قالاق مىللەتلەر چوقۇم مەدەنىيىتى تەرەققىي قىلغان مىللەتلەردىن ئۆگىنىشى كېرەك، بولمىسا مۇھەممەد پەيغەمبەر رۇخسەت قىلمايدۇ› دېگەن . بۇنىڭ مەنىسى ۋۇ جۇشىنىڭ پىكىرى بىلەن ئوخشاش» دېدى . ۋۇ جوڭشىن بۇ ھالەتنى كۆرگەندىن كىيىن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ شىنجاڭنىڭ «يۈكسەك ئاپتونومىيىسى » نى تەشەببۇس قىلىدىغان مەسئۇد قاتارلىقلارغا نەسىھەت قىلىپ: «ئاتالمىش ئاپتونومىيە ئاسانلا ۋۇجۇدقا چىقمايدۇ، چوقۇم مۇناسىپ قەدەملەرنى بېسىش ھەمدە زۆرۈر بولغان شارائىتلارنى ھازىرلاش كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا پەقەت قۇرۇق نامىلا بولۇپ ئەمەلىيىتى بولمايدۇ.» دېدى . ئۇلار بېشىنى لىڭشىتىپ قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

     ۋۇ جوڭشىن ئۇلارنى ئۆزىگە قارىتىشنى ئويلاپ ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە «ھالىدىن خەۋەر» ئېلىپ، ئۇلارغا خۇرۇم چاپان، سوكنا قاتارلىق نەرسىلەرنى ھەدىيە قىلدى. قۇربان ھېيت ۋاقتىدا ئۇلارنى جاڭ جىجوڭ بىلەن بىرلىكتە زىياپەتكە چاقىرىپ «تەبرىكلەيدىغانلىقىنى» بىلدۈردى. 1945- يىلنىڭ ئاخىرىدا يەنە مەسئۇد، ئىمىن، ئەيسالارنىڭ ھەربىرىگە 200 مىڭ يۈەندىن فابى (1935- يىلىدىن كېيىن گومىنداڭ تارقاتقان قەغەز پۇل) ھەدىيە قىلدى. ئۈچەيلەن رەھمەت ئېيتىپ تاپشۇرۇۋالدى.

     ۋۇ جوڭشىن مۇشۇنداق ھېسسىيات ئالاقە شەكلى ئارقىلىق ئۇلارنى تەسىرلەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ سۆز ھەرىكىتىنى تىزگىنلەشنى ئۈمىد قىلاتتى. ئەمما بۇنىڭ ئەكسىچە، مەسئۇد ھەرىكىتىنى تىزگىنلىمەيلا قالماستىن، مەركەز رەھبىرى سالاھىيىتى بىلەن ھەممە يەردە ئالدامچىلىق قىلىپ، دۆلەتنى پارچىلاشقا ئورۇندى . 1945- يىلى 11- ئاينىڭ 18- كۈنى مەسئۇد قاتارلىقلار تۇرالغۇسىدا يىغىن ئېچىپ، شەرقى تۈركىستان تەشۋىقاتى ئارقىلىق بۆلگۈنچىلىككە قۇتراتتى. ئىككىنچى كۈنى يەنە ئوخشاش يىغىن چاقىرغان بولۇپ، 50 ئادەم قاتناشتى. يىغىن ئارقىلىق ئۇلار ئاتالمىش «يۈكسەك ئاپتونومىيە» تەشەببۇسىنى تەرغىب قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ئۈرۈمچى نەنگۇەندىكى(جەنۇبىي قوۋۇقتىكى) مەسچىتلەر ۋە ئامما بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ ئاممىنى ئازدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ «يۈكسەك ئاپتونومىيىسى »نى ھەل قىلىپ بېرىش پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئاتالمىش «تۈرك مىللىتى»نى تارتىۋاتقان ئازابتىن قۇتۇلدۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. ئۇلار يەنە مەسچىتلەرنىڭ چوڭ ئاخۇنلىرى ۋە ئىماملىرىدىن ئېتىقادچى ئامما يىغىلىش ۋاقىتلىرىدا ئۇلارغا دادىللىق بىلەن چۈشەندۈرۈشنى، ئالدىنقىلارنىڭ سۆزلەشكە جۈرئەت قىلالماسلىقىدەك كەيپىياتىنى دورىماسلىقىنى تەلەپ قىلدى. ئۇلارنىڭ قايمۇقتۇرۇشىغا ئۇچرىغان ئامما تەپتارتماستىن: «خەنزۇلارنىڭ كۈچى قالمىدى. ھاكىمىيەتنى تېزدىن بىزگە ئۆتۈنۈپ بېرىشى كېرەك. بولمىسا ئۇلارنى يوقاتقىلى پىچاق، پالتا، كالتەك تەييارلاپ قويدۇق» دەپ تەشۋىق قىلدى. ئۇلار ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلمايدىغان ئاممىنى، ھەتتا ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان خۇيزۇ ئاممىسى ۋە ئۇلارنىڭ ئازغۇن تەشۋىقاتلىرىغا ئىشەنمىگەن ئۇيغۇر ئاممىسىنى بىردەك چەتكە قېقىپ، بوھتان چاپلاپ زەربە بەردى.

     ۋۇ جوڭشىن ئېرىشكەن ئاخباراتلار مەسئۇد قاتارلىقلارنىڭ شىنجاڭغا كەلگەندىن كىيىن مەخپىي تۈردىكى ئۈرۈمچىدىكى خەنزۇلارغا قارشى بۆلگۈنچى تەشكىلاتلار بىلەن ئالاقىلاشقانلىقى، ئەيسانىڭ ئۇلارغا بىۋاسىتە مەدەت بېرىپ، يول- يورۇق بېرىپ تۇرىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلىدى. بۇ خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق ئاممىنى پائال مايىل قىلىپ، تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتتى. ئىگىلىگەن بىرىنچى قول ئىسپاتلاردىن ۋۇ جوڭشىن مەسئۇد قاتارلىقلارنىڭ پائالىيەتلىرىدىن قاتتىق نارازى بولۇپ ئاغرىنغان ھالدا، ئۇلار ئەدەپ يوسۇنلۇق بولۇۋېلىپ مەركەزنى بىر نەچچە يىل ئالدىدى. بۇ قېتىم شىنجاڭغا قايتىپ چىققاننىڭ نەتىجىسى يەنىلا جېدەلگە قۇترىتىش بولدى…نۇرغۇن ئاۋارىچىلىقلارنى تېپىپ بەردى. ھەقىقەتەن كىشىنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرىدۇ، دېدى . ئۇ يەنە ھەسرەتلىنىپ تۇرۇپ: مەسئۇد، ئىمىن، ئەيسا قاتارلىقلارنىڭ بىلىمى، تالانتى، ئابرۇيىغا گەپ كەتمەيدۇ. ئەمما تار مىللەتچىلىگى ئىنتايىن ئېغىر. مەركەزدىكى ئاز سانلىق زاتلار ئۇلار تەرەپكە ئېغىپ، ئۇلارغا ئالدىنىپ، ئۇلارنى ئىككى قوللاپ كۆتۈرۈپ، ئۇلارغا خۇشامەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ ھاكاۋۇرلۇق پسىخىكىسى ۋە ئاساسسىز سەپسەتىلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتتى. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، «ئىلگىرى شىنجاڭنىڭ نامىنى كۆتۈرۈۋېلىپ مەركەزنى، ئەمدى مەركەزنىڭ نامىنى كۆتۈرۈۋېلىپ شىنجاڭنى قالايمىقان قىلغىلى تۇردى. ھەممىسىنىڭ مەقسىتى نام-شۆھرەت قازىنىشقا قورۇنۇش ، ئوتتۇرىدىن مەنپەئەت ئېلىش» دېدى .

     ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، ۋۇ جوڭشىن مەسئۇد قاتارلىقلارنىڭ ئىش-ھەرىكىتىگە بولغان غەزىپىنى باسالماي، جاڭ جىجوڭغا بىۋاسىتە تەكلىپ بېرىپ، «مەسئۇدلارنى بالدۇرراق ئىچكىرىگە كىرگۈزىۋېتىش» نى تەلەپ قىلدى. چوڭچىڭدا تۇرۇۋاتقان جياڭ جيېشىمۇ مەسئۇد قاتارلىقلارنىڭ پەردە ئارقىسىدا باشقا ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى دوكلاتلارنى تاپشۇرۇۋېلىپ، جاڭ جىجوڭ، ۋۇ جوڭشىنلارغا كۆپرەك دىققەت قىلىشىنى تەكىتلىدى. مەسئۇدنىڭ بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرى نۇرغۇن يەرلىك ئۇيغۇر زاتلىرىنىڭمۇ نارازىلىقىنى قوزغىدى. يەرلىكلەرنىڭ قارىشىچە، مەسئۇدنىڭ «شىنجاڭدا يۈكسەك ئاپتونومىيە بولۇش چۇقانىنى سېلىشى» ماھىيەت جەھەتتە يەرلىك خەلق ئويلىغاندەك بولماستىن بەلكى پۈتۈنلەي ئۆزىنىڭ ئورنى ۋە ئۆزىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن بولۇپ، ئۇنىڭدىن «خەلق ئارىسىغا بۆلگۈنچىلىك سېلىش، شىنجاڭنى بۆلىۋېتىش»، شىنجاڭنى «مەڭگۈ ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان پاجىئەگە پاتقۇزۇش»تەك ئاقىۋەت كېلىپ چىقاتتى.

     ئەمما جياڭ جيېشىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى، ۋۇ جوڭشىننىڭ غەزەپلىنىشى ۋە ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ قارشى تۇرۇشى جاڭ جىجوڭ قاتارلىقلارنىڭ شىنجاڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا بېكىتكەن فاڭجېنى : مەسئۇدنى ھۆرمەتلەپ، سۆھبەت تارازا تېشىنى ئېغىرلىتىش، بۇ ئارقىلىق يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشەنچىسى ۋە قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش فاڭجېنىنى ئۆزگەرتەلمىدى. 1946- يىلى 2- ئايدا، ۋۇ جوڭشىن مەسئۇدنىڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مەمۇرى تەپتىشلىكىگە تەيىنلەنگەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلاپ، قارشى تۇرىدىغانلىقىنى مەركەزگە قايتا-قايتا بىلدۈردى. ئەمما مەركەز تىڭشىمىغاچقا جاڭ جىجوڭدىن قاتتىق نارازى بولدى. ئۇ ئىستېپا بېرىپ شىنجاڭدىن ئايرىلغان ۋاقىتتىمۇ جاڭ جىجوڭغا كۆيۈنگەن ھالدا نەسىھەت قىلىپ: مەسئۇد قاتارلىقلار بۇ قېتىم شىنجاڭدا تۇرۇش داۋامىدا، گەرچە سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى تۇرۇشتا قەتئىي چىڭ تۇرغان بولسىمۇ، ئەمما شەرقى تۈركىستان ئىدىيىسىدىن ۋاز كېچەلمىدى. مۇقەررەركى، ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، ئەل رايىنى قولغا كەلتۈرۈپ، تەشكىلاتنى ئۆزىگە تارتىپ، كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا شىنجاڭنىڭ مۇستەقىل بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا جېدەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مەسئۇد قاتارلىقلارنى ھەددىدىن زىيادە ئۆز مەيلىگە قويۇۋەتمەسلىك لازىم، دېدى . ئەمما جاڭ جىجوڭ بۇنىڭغا پەرۋا قىلماي، مەسئۇدنىڭ سوۋېتقا قارشى قەتئىي پوزىتسىيىسىدىن پايدىلانماقچى بولدى. ئۇ ۋۇ جوڭشىنغا ئېنىق چۈشەندۈرۈپ: ئىككىمىزنىڭ شىنجاڭنى تۈزەش پىكىرىمىزنىڭ %80 ى ئوخشاش، پەقەت مەسئۇدقا بولغان پوزىتسىيىمىز ئوخشىمايدۇ. مەن يەنىلا مەسئۇد قاتارلاردىن پايدىلىنىپ ۋەزىيەتنى تېزگىنلەيمەن، دېدى . ۋۇ جوڭشىن شىنجاڭدىن ئايرىلغاندىن كىيىن، مەسئۇد 1946- يىلى ئاخىرى ئىشقا چۈشۈپ، شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ مەمۇرىي تەپتىشى ئورنىغا چىقتى.

قەدەممۇقەدەم ئۆسۈپ، شىنجاڭدىكى ئەڭ

 ئالى ھوقۇق ئورنىغا چىقىش

     مەسئۇد قاتارلىقلار ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىلا، گومىنداڭ ھۆكۈمىتىدىن ژۇرنال چىقىرىش ھوقۇقىنى ئالغان ئىدى. ئەمما ئۇ ۋاقىتتا، ئىلىمىزنىڭ غەربىي جەنۇبى بولغان چوڭچىڭدا تۇرغاچقا، بۇ ژۇرنالنىڭ غەربى شىمالدىكى شىنجاڭغا بولغان تەسىرى يوق دېيەرلىك ئىدى. بۇ قېتىمقى شىنجاڭغا قايتىش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش پۇرسىتىنى بەرگەن ئىدى. شۇڭا مەسئۇد ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن باشلاپ، «ئالتاي» ژۇرنىلىنىڭ نامىنى ئالتاي نەشرىياتىغا ئۆزگەرتىپ تەشكىللەپ، قوشۇن تەركىبىنى كېڭەيتتى. داغدۇغا قوزغاپ تەسىرنى زورايتىش ئۈچۈن ئۆزگەرتىپ تەشكىللەشنى قارار قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، كەڭ-كۆلەمدە ئەزا تەرەققىي قىلدۇرۇشقا قول تىقىپ، ئەزالارنى تىزىملاش جەدۋىلىنى كەڭ-كۆلەمدە تارقاتتى. ئۇلارنىڭ سەپەرۋەر قىلىشى بىلەن ئۇزۇن ئۆتمەيلا قوبۇل قېلىنغان ئەزالارنىڭ سانى 1000 نەپەردىن ئاشتى. 80 كىشىنى تاللاپ پەخرى كومىتېت قۇرۇپ، مەسئۇد مۇدىر ھەيئەتلىكنى ئۈستىگە ئالدى. بۇنىڭدىن باشقا، شىنجاڭدىكى ئاممىنىڭ ئىشەنچىسى ۋە ھىمايىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئۆزىنى ئاممىنىڭ ۋەكىلى ھېسابلاپ ، بارلىق كۈچى بىلەن شېڭ شىسەينىڭ جىنايەتلىرى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ، «دۆلەت قانۇنىنى كۆزگە ئىلمىدى، خەلققە ئۇۋال قىلدى» دەپ جار سالدى. بۇ ئىشنى ئۇ ئاممىنىڭ رايىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن قىلغان ئىدى.

     1946- يىلى 6- ئاينىڭ 24- كۈنى ئالتاي نەشرىياتىنىڭ رەسمىي قۇرۇلغانلىقى جاكارلاندى. مەسئۇد نەشرىياتىنىڭ پەخرى باشلىقلىقىنى، ئىمىن باش مۇھەررىرلىكىنى ئۈستىگە ئالدى. كۈندىلىك خىزمەتلەرگە ئەيسا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 15 نەپەر دائىمىي ھەيئەت رىياسەتچىلىك قىلدى. بۇ مەسئۇد باش بولغان مەتبۇئات تەشكىلاتىنىڭ نامى نەشرىيات بولغان بىلەن ئەمەلىيەتتە مەسئۇد قاتارلىقلارنىڭ كونتروللىقىدىكى بىر پانتۈركىزم تەشكىلاتى بولۇپ، ئاز سانلىق مىللەت ياشلىرىنى تورغا چۈشۈرۈش ۋە ئالداش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ شىنجاڭنى پارچىلاشتىن ئىبارەت ئەكسىيەتچىل نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كىلىمات شەكىللەندۈرۈش، ئاساس سېلىشنى مەقسەت قىلغان ئىدى. 1947- يىلى 11- ئايدا، نەشرىياتتا يەنە ئىلمى جەمئىيەت قۇرۇلۇپ، قارمىقىدا تارىخ-جۇغراپىيە بۆلۈمچىسى، يېزىق بۆلۈمچىسى ۋە قىرائەتخانا تەسىس قىلىندى. بۇ ئاپپاراتلار قارىماققا ئىلىم-پەن ئىشلىرى بۆلۈمىدەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ماھىيىتى پانتۈركىزم، پانئىسلامىزمنى تارقىتىش ئۈچۈن تارىخ ۋە نەزەرىيىۋى ئاساسلارنى تۈزۈش ئىدى. قىرائەتخانىنىڭ كىتابلىرى تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق چەتئەلدىن سېتىۋېلىنغان ياكى چەتئەلدىن ئىئانە قىلىنغان بولۇپ، كۆپىنچىسى پانئىسلامىزم، پانتۈركىزمنى تەشۋىق قىلىپ، ئۇلارنىڭ شىنجاڭ تارىخىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىشى، «قوش پان ئىزىم» ئىدىيىسىنى تارقىتىشى ئۈچۈن «ئىلھام» ئاتا قىلاتتى. ئىلمى جەمئىيەت ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم قەرەللىك يىغىن ئېچىپ، ئاساسلىقى مەسئۇد، ئىمىن، ئەيسا قاتارلىقلار خىيالىدىكى «شىنجاڭ تارىخى» ۋە پانتۈركىزم، پانئىسلامىزم ئىدىيىسىنى تەشۋىق قىلاتتى. نەشرىيات ئۇيغۇر، قازاق تىلىدىكى قەرەللىك ژۇرنال «ئالتاي ئايلىق ژۇرنىلى»، «ئەركىنلىك گېزىتى» نى چىقارغاندىن سىرت، يەنە بەزى كىتابلارنى نەشىر قىلدى. مىسالەن، پولات قادىرنىڭ «ئۆلكە تارىخى» مۇشۇ مەزگىلدە نەشىر قىلىنغان بولۇپ، مۇھەممەت ئىمىننىڭ «شەرقى تۈركىستان تارىخى» دىن كىيىن چىققان پانتۈركىزمنى تەشۋىق قىلىپ تارىخنى بۇرمىلايدىغان يەنە بىر كىتاب ئىدى.

     بۇ مەزگىلدە مەسئۇد ئالتاي نەشرىياتىنى تايانچ قىلىپ، ئۆزىنىڭ تەشكىلى سىستېمىسىنى قۇرۇپ چىقتى، ئۇيغۇر تىلىدىكى جامائەت پىكرى تەشۋىقاتىدا، «شىنجاڭ» دېگەن سۆزنى تەپتارتماي ئوغرىلۇقچە «جۇڭگو تۈركىستان» (چىنى تۈركىستان) دەپ ئۆزگەرتىپ، شىنجاڭدىكى تۈرك تىلىنى قوللىنىدىغان مىللەتلەرنى بىردەك «تۈرك مىللىتى» دەپ ئاتىدى. خەنزۇ تىلىدىكى نامى ئۆزگەرمەي، پەقەت ئۇيغۇر تىلدىلا «جۇڭگو تۈركىستان» ۋە «تۈرك مىللىتى» دېگەن ئىبارە كېڭەيگەچكە خېلى ئۇزاق ۋاقىتقىچە كىشىلەر دىققەت قىلمىدى.

     مەسئۇدنىڭ بۇ ۋاقىتتىكى سالاھىيىتى – شىنجاڭنىڭ تەپتىشى ئىدى. نەزەرىيە جەھەتتىن ئالغاندا، ئۇ مەركىزى ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن يەرلىكنى مەمۇرىي تەپتىش قىلاتتى. ئۇنىڭ ئورنى شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ رەئىسىدىنمۇ يۇقىرى ئىدى، ئەمما بۇ ئورۇننى ھېچكىم ئالاھىدە ھۆرمەتلىمەيتتى. ھەتتا مەسئۇدمۇ شۇنداق قارايتتى. بۇ ۋاقىتتا ئۇ داۋاملىق شېڭ شىسەي ئۈستىدىن شىكايەت قىلىش ئارقىلىق ئابرۇيىنى ئۆستۈرگەندىن باشقا، ئاساسلىق زېھنىنى پانتۈركىزم ۋە پانئىسلامىزمنى تارقىتىشقا قاراتقان ئىدى. 1947- يىلى شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ كېڭەشمە يىغىنى ئېچىلىش ھارپىسىدا، مەسئۇد مەمۇرىي تەپتىش سالاھىيىتى بىلەن ئاشكارا ھالدا: «شىنجاڭ تۈركلەرنىڭ يۇرتى، بىز چوقۇم مەيدانىمىزنى مۇستەھكەملىشىمىز، جۇڭگو تۈركىستان قۇرۇش غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز لازىم»، دېدى . ئۇ بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىۋاتقان ئالتاي نەشرىياتى كىتاب ، ژۇرنال ، گېزىت قاتارلىقلارنى ۋاسىتە قىلىپ، ئارقا-ئارقىدىن شىنجاڭدىكى بىر نەچچە ئاز سانلىق مىللەتنى «تۈرك» مىللىتى، شىنجاڭنى «تۈركىستان» دەپ ئاتاپ، بۇ ۋاسىتىلەرنى تەكرار قوللىنىش ئارقىلىق كىشىلەرنى ئادەتلەندۈرۈشنى پىلانلىدى. بۇ خىل ئۇسۇل راستتىنلا ئۈنۈمگە ئېرىشىپ، ئەينى ۋاقىتتا نۇرغۇن ئۇيغۇرلارلا بولۇپ قالماي، ھەتتا قازاقلار، قىرغىزلارمۇ خاتا چۈشەنچە بىلەن ئۆزلىرىنى تۈرك مىللىتى دەپ قارىدى. بەزى خەنزۇلارمۇ بۇ مىللەتلەرنى تومتاقلا «تۈرك مىللىتى» ھەتتا «تۈركىيە مىللىتى» دەپ ئاتىدى. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولدىكى، ئەينى ۋاقىتتىكى پانتۈركىزم، پانئىسلامىزم تەشۋىقاتىنىڭ داغدۇغىسىنىڭ زور بولغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.

     ئەمما «تۈرك» مىللىتىنى يارىتىش ئاسان ئەمەس ئىدى. گەرچە، ئۇيغۇر، قازاق يېزىقلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئەرەبچە ھەرپ قوشۇلۇپ يېزىلغان بولسىمۇ، ئەمما ھەممىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا تىلى بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ سۆھبەتلەشمىكى قىيىن ئىدى، ھەتتا تەرجىمان كېتەتتى. مەسئۇدلار سىياسىي زۆرۈرىيەتنى كۆزدە تۇتۇپ، بىر ئورتاق تىل يارىتىشقا تەييارلىق قىلدى. شۇڭا مەسئۇد مەخسۇس «ياش تىل خىزمەتچىلىرىنىڭ تۈرك تىلىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش بويىچە سۆھبەت يىغىنى»نى چاقىرىپ، يىغىندا: «بىزنىڭ سۆھبەت يىغىنى ئېچىشىمىزدىكى مەقسەت— ‹تۈرك تىلى› گۇرۇپپىسىنى قوللىنىدىغان مىللەتلەرنىڭ تىل-يېزىقى بىر تۇتاش بولمايۋاتىدۇ، بۈگۈنكى كۈندە بىر قىسىملىرى سوۋېتلىشىپ كەتتى. ئەسلىدىكى سۆزلۈك ۋە گرامماتكىمىزنىڭ كۆپ قىسمى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى. شۇڭا نۆۋەتتە سىرتتىن كىرگەن سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى چىقىرىۋېتىشىمىز، ئەسلىدىكى سۆزلۈك ۋە گرامماتكىنى قوللىنىپ، يېزىقىمىزنىڭ ئەسلى قىياپىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىمىز لازىم» دەپ جاۋىلدىدى.

     مەسئۇد قاتارلىقلار تىل-يېزىقنىڭ ئەسلى قىياپىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرىمىز دەپ داۋراڭ سالغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ماقالە ۋە نۇتۇقلىرىدا تۈرك تىلى سۆزلۈكى، گرامماتىكىسىنى كۆپلەپ ئىشلەتتى. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولدىكى، ئاتالمىش تىل-يېزىقنى بىرلىككە كەلتۈرۈش—ئۇچۇق قىلىپ ئېيتقاندا، سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى تۇرۇش، «ئۈچ ۋىلايەت» ئىنقىلابىغا تاقابىل تۇرۇش، ھەممىنى «تۈركلەشتۈرۈپ»، بۇ ئارقىلىق بىر ئورتاق تىل—تۈركلەشكەن ئۇيغۇر تىلىنى شىنجاڭدىكى باشقا «تۈرك مىللىتى» تىلىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش ئىدى.

     1944- يىلدىن 1947- يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا، مەسئۇد جاڭ جىجوڭنىڭ شىنجاڭنى تۈزەش سىياسىتىدىكى «ئۈچ ۋىلايەت»نى ئىسكەنجىگە ئېلىشتىكى مۇھىم شەخس بولۇش سۈپىتى بىلەن جەنۇبى-شىمالى شىنجاڭدا پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، كىشىلەرنى ئۆزىگە مايىل قىلدى. بولۇپمۇ جەنۇبى شىنجاڭ رايونلىرىدا ، ئۇ شېڭ شىسەيگە قەتئىي قارشى تۇرغانلىقتىن ئۈچ ۋىلايەت ۋە قەشقەردىن باشقا كۆپ قىسىم رايونلاردىكى ئاممىنىڭ ئىشەنچىسى ۋە قوللىشىغا ئېرىشتى. سىياسىي ئېھتىياجنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۆزىنىڭ سىياسىي ئىدىيىسىدە ئېھتىياتچان بولدى. جاڭ جىجوڭ دېموكراتىيە—سىياسىينىڭ ئاساسى مەزمۇنى، ئۇ پارتىيىگە قارشى تۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالالىشى، غەيرى ئىشلارغا بەرداشلىق بېرەلىشى كېرەك دەپ قارايتتى. شۇڭا مەسئۇدقا قارىتا سەۋرچانلىق پوزىتسىيىسىنى قوللاندى. مۇشۇنداق قىلغان تەقدىردىمۇ، جاڭ جىجوڭ «تىنچلىق سىياسىتى»نى نىسبەتەن سىلىق يولغا قويغان تۇرۇقلۇق يەنە زور دەرىجىدىكى قارشىلىققا ئۇچرىدى. قەشقەرگە بارغان ۋاقىتتا ئاممىنىڭ قورشاپ ھۇجۇم قىلىشىغا ئۇچراپ، شۇنىڭ بىلەن «ئۈچ ۋىلايەت»كە مەجبۇرلاش، قاتتىق قول بولۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇش قارارىنى تېزلەتتى، ھەمدە مەسئۇدنى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسلىكىگە كۆرسەتمەكچى بولدى. مەسئۇدنىڭ ئورنى پەيدىن پەي يۇقىرى ئۆرلەپ، شۇنىڭدىن باشلاپ ھوقۇقى يۇقىرى پەللىگە چىقتى.

     1947-يىلى 5- ئايدا، مەسئۇد شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلەندى. مەسئۇد جاڭ جىجوڭنىڭ پىكىرى بىلەنلا رەئىس بولۇپ قالماستىن بەلكى، جياڭ جيېشىمۇ بالدۇرلا ئويلاشقان ئىدى. شۇ يىلى 3- ئايدا جاڭ جىجوڭ جياڭ جيېشىغا خىزمەت دوكلاتى يوللىغان ۋاقىتتا، جياڭ جيېشى مەسئۇدنى رەئىسلىككە تەيىنلەش توغرىسىدا جاڭ جىجوڭدىن پىكىر ئالغان، ھەمدە «مۇشۇنىڭغا باغلاپ ئۇنى تىزگىنلەش» ئىستراتېگىيىسى ئارقىلىق شىنجاڭنى كونتۇرۇل قىلىش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولغان. جياڭ جيېشى مەسئۇد تەشەببۇس قىلىۋاتقان «شەرقى تۈركىستان مىللىي تېررىتورىيىسى» نەزەرىيىسىنى چۈشىنەتتى. ئۇنىڭ مەقسىتى، مەسئۇد قاتارلىقلار بىلەن بەلگىلىك سىياسىي رامكا ئىچىدە ھەمكارلىشىپ، «ئۇلارنىڭ قۇرۇق گەپ سېتىپ ئىشلارغا دەخلى قىلىشىغا يول قويماسلىق» ئىدى. جاڭ جىجوڭمۇ مەسئۇدنىڭ دېموكراتىيە توغرىسىدىكى پولىرى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىغا بولغان سىياسىي ئۆچمەنلىكىدىن پايدىلىنىپ، «ئۈچ ۋىلايەت»نى تىزگىنلىمەكچى بولغان ئىدى.

     مەسئۇد مەمۇرىي تەپتىش ۋەزىپىسىنى ئۆتۈۋاتقان چاغلاردا، «يۈكسەك ئاپتونومىيە»نى تەرغىب قىلغان بولسىمۇ، قولىدا ئەمىلى ھوقۇق بولمىغاچقا ھوقۇقدارلارغا يول قويۇپ، ئۆزىنى دالدىغا ئېلىشقا، سىلىق بولۇشقا مەجبۇر بولغان. ئەمما شىنجاڭنىڭ رەئىسىدىن ئىبارەت گۆھەر ئورۇنغا چىققاندىن كىيىن ئەيمىنىش ئازلاپ كۈندىن كۈنگە ئۇچۇق ئاشكارا بولدى. ئۇ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كىيىن ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئوخشاش يولدىكىلەر تەسىس قىلدۇرغان «ئەركىنلىك گېزىتى»، «تاڭ نۇرى گېزىتى»، «شىنجاڭ سەنئىتى»، «جۇڭگو شەرقى تۈركىستانى» قاتارلىق گېزىت ژۇرناللارنى دەرھال قوللاپ، دېموكراتىيە توغرىسىدا ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي پو ئاتقاندىن سىرت، پانتۈركىزم ۋە ئاتالمىش «يۈكسەك ئاپتونومىيە» تەشۋىقاتىنى ئاساسى مېلودىيە قىلدى. ئۇ ھەتتا ئۆزى بىر سىياسىي ئوبزورلار توپلىمىنى نەشىر قىلدۇرۇپ، كىتابىدا قىلچە يوشۇرماي : بىز تۈركلەر ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، ۋەتىنىمىز پەقەت تۈركىيە، تۈركىستانلارلا ئەمەس، بەلكى بىرلىككە كەلگەن بۈيۈك «تۇران» دېدى . ئاتالمىش «تۇران» بارلىق تۈرك تىلى سىستېمىسىدىكى مىللەتلەر ئولتۇراقلاشقان جايلارنىڭ بىرىكمىسىنى كۆرسىتەتتى.

     مەسئۇد ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كىيىن ئۈچ ۋىلايەت تەرەپنىڭ قەتئىي قارشىلىقى ۋە توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىدى. كۈچىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئۇ ۋەزىپىگە ئولتۇرغان يىلىدىكى روزا ھېيت مەزگىلىدە باشقىدىن تەشكىل قىلىنغان ئاتلىق ئەسكەرلەر 1- دېۋىزىيىسىنىڭ كوماندىرى ما چېڭشىياڭ قاتارلىقلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈۋېلىپ، مىللەت دىن ئەسەبىي ئۇنسۇرلىرىنى قۇترىتىپ، شىنجاڭ گارنىزون باش شتابى ئالدىدىكى خەلق مەيدانىدا زور كۆلەمدىكى ناماز ئوقۇش پائالىيىتىنى ئۇيۇشتۇردى. ما چېڭشىياڭلار ئورىۋالغان مەسئۇد ئۇچىسىغا ئاچ رەڭلىك مىللىي كىيىم كىيىپ بېشىغا سەللە ئورىغان ھالدا خەلق مەيدانىغا كېلىپ، ھىمايىچىلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. بۇنىڭدىن باشقا ئۇ يەنە قولىدىكى ھوقۇق ۋە تەشۋىقات قوراللىرىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ كۈچىنى تولۇقلاپ ، ئۇلارغا بېسىم چۈشۈرۈپ، «قىزىل پاچاق» لار دەپ تىللىدى ۋە ھەممە يەردە ئۈچ ۋىلايەت بىلەن قارشىلاشتى.

     ئۈچ ۋىلايەت تەرەپ مەسئۇد بىلەن تىركىشىش ئۈچۈن ئۇنى تەختتىن چۈشۈشكە مەجبۇرلاپ، ئۇنى پاش قىلىش، توسۇشتىن سىرت يەنە بەزى رايونلار قوللاش ياكى قوراللىق قوزغىلاڭغا تەشكىللەش ئارقىلىق گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنى مەسئۇدنى ۋەزىپىگە قويۇش مەسىلىسىدە يول قويۇشقا مەجبۇرلىدى. ئەمما مەسئۇد ئۆزىنى ئالى ھوقۇقلۇق دەپ قاراپ ئۆز-ئارا يول قويمىدى. ئۇ باشقۇرۇۋاتقان گېزىتتا ھەتتا «قالايمىقانچىلىقنى قانۇن ئارقىلىق باشقۇرۇش» سەرلەۋھىلىك باش ماقالە ئېلان قىلىنىپ، قۇرال كۈچى ئارقىلىق خەلقنىڭ قارشىلىقىنى باستۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىنىپ قانخورلۇق قىياپەت ئەكس ئەتتى. ۋەزىپىگە ئولتۇرغان ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ، مەسئۇد گومىنداڭ ۋەكىلى رولىنى ئېلىشقا رازى بولماي، ئۈچ ۋىلايەت تەرەپ بىلەن قەتئىي دۈشمەنلىشىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇزۇندىن بۇيان بېسىپ كېلىۋاتقان خەنزۇلارغا قارشى تۇرۇش، خەنزۇلارغا ئۆچ بولۇش كەيپىياتىنى تەدرىجىي ئاشكارىلاپ، ھەر خىل ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ، تار مىللەتچىلىك ئېڭىنى خالىغانچە كۈچەيتىپ، ۋەتەن كۆز قارىشى ئاجىزلاپ، مىللىي زىددىيەت كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، خەنزۇلارغا قارشى تۇرۇپ خەنزۇلارنى چەتكە قېقىشقا قۇتراتتى. ھەتتا ئاشكارا سەكرەپ ئوتتۇرىغا چىقىپ گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ شىنجاڭدىن چېكىنىپ چىقىشنى تەلەپ قىلدى. نەنجىڭ ھۆكۈمىتىگە قارىتا تۇتقان ئېھتىياتچانلىق پوزۇتسىيىسىنى يىغىشتۇرۇپ، گومىنداڭدىن كۈنسايىن يىراقلىشىپ، دېموكراتىيە دەپ بېسىم ئىشلىتىپ، «يۈكسەك ئاپتونومىيە»نى تەلەپ قىلدى. ئۇ تىلغا ئالغان «يۈكسەك ئاپتونومىيە» مۇستەقىللىقنىڭ باشقىچە ئاتىلىشى بولۇپ، ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەقسىتى كۈنلەرنىڭ بىرىدە شىنجاڭنى جۇڭگودىن ئايرىپ چىقىپ، جاھانگىرلارنىڭ بېقىندى دۆلىتى قۇرۇپ چىقىش ئىدى. ئۇنىڭ ئوغلى مەي خۇئەنشىن (ئەلتوغرۇل) 1948- يىلى تەشۋىقات ۋە ھال سوراش ئۈچۈن جەنۇبى شىنجاڭغا بارغاندا قىلچە ھېيىقماستىن: «مېنى جياڭ جيېشى، جاڭ جىجوڭ ئەمەس، بەلكى بىزنىڭ رەئىس (مەسئۇدنى دېمەكچى ) ئۆزى ئەۋەتتى. بۇنىڭدىن كىيىن سۆزگە دىققەت قىلىڭلار، مەركەز، مۇدىر جاڭ جىجوڭ دېگەنلەرنى تىلغا ئالماڭلار؛ بىر نەچچە يىلدىن بۇيان مىللەت ئۈچۈن خەنزۇلار بىلەن قىلغان كۈرەشلىرىمىزنىڭ نەتىجىسى چىقمىدى. بۇنىڭدىن كىيىن مىللەت ئۈچۈن تېخىمۇ كۈرەش قىلغاندا ئاندىن ئىستىقبالىمىز بولىدۇ. ھازىر ھاكىمىيەت قولىمىزدا. مېنىڭ بۇ يەردە سۆز قىلىشىمدىكى مەقسەت ئاممىنى مىللىي ئاڭ بىلەن سۇغۇرۇش، ئۆز مىللىتىمىزدىن بولغان رەئىسنىڭ ئارزۇسىنى ئاممىغا بىلدۈرۈش، خەلقنى ئۆز مىللىتى، ئوخشاش دىندىكى رەئىسىگە بەيئەت قىلدۇرۇپ ئۇلاردا مىللەت كۆز قارىشىنى ئويغۇتۇش. مۇشۇنداق بولغاندا خەنزۇلار تۈرك مىللىتىگە مۇتلەق ھۆكۈمرانلىق قىلالمايدۇ» دېگەن.

     بۇ قىسقىغىنا سۆزدىن، ئۇلار – ئاتا-بالىنىڭ مەركىزى ھۆكۈمەتتىن ئايرىلىپ چىقىش، شىنجاڭنى مۇستەقىل قىلىش ئارزۇسى نەقەدەر كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.

     بۇ سىياسىي ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن مەسئۇد قاتارلىقلار توختىماي ھەرىكەتلىنىپ ، گېزىت-ژۇرناللاردا پىتنە-ئىغۋا تارقىتىپ جېدەل چىقىرىش، خەلق ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى سۇسلاشتۇرۇش، دۆلەتنىڭ بىرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش بىلەنلا بولماي يەنە گۇرۇھ شەكىللەندۈرۈش ئارقىلىق باشقىلارنى تازىلاش بىلەن بولدى. ھەر ۋاقىت ئۆز گۇرۇھىدىكىلەرنىڭ ۋەزىپىگە قويۇپ كۈچىنى زورايتتى. مىسالەن، مەسئۇد ئىمىن، ئەيسالارنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپلا قالماستىن يەنە بىر تۈركۈم پانتۈركىزم ئۇنسۇرلىرىنى ۋالىي، ھاكىم، ئۇيۇشما (ئۇيغۇرلار ئۇيۇشمىسى) مەكتەپلىرى ۋە نۇقتىلىق مەكتەپلەرنىڭ مۇدىرلىقىغا تەيىنلىدى. ئۇنىڭ ئوغلى مەي خۇەنشىنمۇ يالغاندىن ئاتىسىنىڭ نامى بىلەن يەرلىك ئەمەلدارلارنى ئالماشتۇرۇپ، ئەدلىيە، مەمۇرىيەتكە ئارىلىشىپ، «ھاكىمىيەتنىڭ ھەيۋىسى بىلەن باشقىلارنى چەتكە قاقتى». ئۇنىڭ بىلەن تىلىنى بىر قىلىۋالغان ھۆكۈمەتنىڭ باش كاتىپى ئەيسا ھەتتا ئۆز مىللىتىدىن بولغان خىيانەتچى ئەمەلدارلاردىن ئۈستىدىن ئەرز قىلىشقا ئاشكارا قارشى تۇردى. بىر ئۇيغۇر ياش كورلىنىڭ ھاكىمى قادېرىننىڭ زۇلمى ئۈستىدە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتكە ئەرز سۇنغاندا باش كاتىپ ئەيسا ئاق-قارىنى سۈرۈشتە قىلمايلا: «سىلەر مېنىڭ مەقسىتىمنىڭ ئۆز مىللىتىمىزدىن ھاكىم تولۇقلاش ئىكەنلىكىنى كۆرمىدىڭلارمۇ؟ ئەگەر ئۇيغۇر ھاكىملارنى ۋەزىپىدىن قالدۇرۇپ خەنزۇلارنى ھاكىملىق ۋەزىپىسىگە قويساق رازى بولامسىلەر؟ بۇنداق قىلغاندا ئۇيغۇرلار قاچان قۇللۇق كىشەنلىرىدىن ئازاد بولىدۇ؟ سىلەر چوقۇم سەمىمىيەت بىلەن ئىتتىپاقلىشىشىڭلار، ئۆز مىللىتىمىزنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدىشىڭلار، نەزىرىڭلارنى يىراققا تاشلىشىڭلار، خەنزۇلارغا ئېغىپ كەتمەسلىكىڭلار … كېرەك» دەپ ئەيىبلىدى. مەسئۇدلارنىڭ قەلبىدە خەنزۇلارغا قارشى تۇرۇپ خەنزۇلارنى چەتكە قېقىش ھەق-ناھەقنى ئۆلچەيدىغان بىردىن-بىر ئۆلچەم ئىدى.

     مەسئۇد سالاھىيىتى بىلەن كارى بولمىدى. ئۇنىڭ سۆز ھەرىكىتى شىنجاڭغا ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ، پۈتۈنلەي خەۋپ -خەتەر ئىچىدە قالغان شىنجاڭ جەمئىيىتىگە تېخىمۇ زور داۋالغۇش ئېلىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە مەسئۇد باشچىلىقىدىكى ھۆكۈمەت ئۆزى ئوينىغاندەك بېكىتكەن پرىنسىپلارغا پەرۋا قىلماي، ھۆكۈمەت تارقاتقان «دېموكراتىك سىياسىي» ئۆلچىمىنى باشلامچىلىق بىلەن بۇزۇپ، شىنجاڭ جەمئىيىتىنى تېخىمۇ تەرتىپسىزلىك ۋە قاراڭغۇلۇققا مەھكۇم قىلىپ، سىنىپى زىددىيەتلەرنى تېخىمۇ ئۆتكۈرلەشتۈرۈۋەتتى. بۇ خىل ھالەتكە مەسئۇدنى تەۋسىيە قىلىپ كەڭ قورساقلىق قىلغان جاڭ جىجوڭمۇ بەرداشلىق بېرەلمىدى. 1948- يىلى 10- ئايدا شەخسى سالاھىيىتى بىلەن مەسئۇد ۋە ئەيساغا بىر پارچە خەت يېزىپ، ئۇلارنىڭ ئىغۋا تارقىتىپ ئىش تېرىش، مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش، دۆلەتنىڭ بىرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش قىلمىشىغا قاتتىق غەزەپلىنىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈردى.

     مۇشۇ ھالەتلەرنى كۆزدە تۇتۇپ، شىنجاڭ ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن جاڭ جىجوڭ ئۆزىنىڭ تەسىرىدىن پايدىلىنىپ، نەنجىڭ ھۆكۈمىتىگە قاتتىق چۈشەندۈرۈپ، مەركەزدىكى مەسئۇدنى قوللايدىغانلارنى قايىل قىلىپ، 1948- يىلىنىڭ ئاخىرىدا مەسئۇدنى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسلىگىدىن قالدۇرۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر ساھە قوبۇل قىلالايدىغان ئاز سانلىق مىللەت رەھبىرى بۇرھاننى رەئىسلىككە تەيىنلەشنى تەۋسىيە قىلدى. شۇڭا جاڭ جىجوڭ يەنە مەسئۇدقا مەخسۇس تېلېگرامما يوللاپ، «ئارا يولدا ئۆزگىرىش بولغاچقا قاتتىق ھەسرەتلىنىدىغانلىقى»نى، «مەركەزنىڭ ئەمىلى ئېھتىياجنى كۆزدە تۇتۇپ، زۆرۈر تەدبىر قوللانمىسا بولمايدىغانلىقى»نى بىلدۈردى. جاڭ جىجوڭ بۇ يەردە تىلغا ئالغان «ئەمىلى ئېھتىياج» ئۈچ ۋىلايەت بىلەن شۇ ۋاقىتتىكى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ بۆلۈنۈش ۋەزىيىتىنى تۈگىتىش دېگەنلىك ئىدى. بۇرھاننىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىگە تەيىنلىنىشىگە ئەگىشىپ بىر تۈركۈم پانتۈركىزم ئۇنسۇرلىرى ئارقا-ئارقىدىن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى. ئۇلار تەسىس قىلغان گېزىت-ژۇرناللارمۇ ئارقا-ئارقىدىن توختىتىلدى. مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ھەقىقەتلەر شۇنى ئىسپاتلىدىكى، جاڭ جىجوڭنىڭ بۇ قېتىمقى ئورۇنلاشتۇرۇشى يىراقنى كۆرگەنلىك بولۇپ، شىنجاڭنىڭ تىنچ يول بىلەن ئازاد بولۇشى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىنغان ئىدى.

ئاخىرقى ئۆمرىنى ئېچىنىشلىق ئۆتكۈزۈپ، تۇيۇق

 يولغا كىرىپ قېلىش

     ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسلىگىدىن قالدۇرۇلغان مەسئۇد جاڭ جىجوڭنىڭ تەسەللىسىگە قايىل بولماي قاتتىق غەزەپلىنىپ، گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىراندا تۇرۇشلۇق كۇنسۇلخانىسىنىڭ باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىنى رەت قىلدى. مەسئۇد داۋاملىق شىنجاڭدا قېلىپ تۇيۇق يولدا مېڭىشنى قارار قىلىپ ئۆزىنىڭ «شەرقى تۈركىستان چۈشى» ئۈچۈن ھالاكەت ئىچىدە تىركەشتى.

     مەسئۇد تەختتىن چۈشكەن ۋاقىتتا، جۇڭگو خەلقى ئازادلىق ئىشلىرىنىڭ مەنزىلى ئېنىق كۆرۈنگەن ئىدى. ئەمما مەسئۇد بۇنىڭغا قەتئىي تەن بەرمەي، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى قوماندانلىقىدىكى قوشۇن غەربكە يۈرۈش قىلىپ، شىنجاڭ تىنچ يول بىلەن ئازاد بولۇش يولىغا تەدرىجىي ماڭغان ۋاقىتتا بەزى شەرقى تۈركىستان جاھىل ئۇنسۇرلىرى بىلەن بىرلىشىپ، خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشىغا غالجىرانە قارشى تۇردى.

     مەسئۇد شىنجاڭغا قايتىپ كېلىش ھارپىسىدا ئوتتۇرا شەرق خەلقئارا پانتۈركىزم كۈچلىرى بىلەن يوشۇرۇن ئالاقە قىلاتتى. شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ رەئىسى بولغاندىن كىيىن، ئۇ يەنە ئامېرىكىنىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق كونسۇلى باۋماۋشۈننى مۇھاپىزەت كۈنلۈكى قىلىپ ئامېرىكىنىڭ قوللىشىغا تايىنىپ شىنجاڭنىڭ مۇستەقىل بولۇش قەدىمىنى تېزلىتىشكە ئورۇندى.

     1948- يىلى 10- ئايدا نەنجىڭ گومىنداڭ ھۆكۈمىتى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەش خەۋىرىنى تارقاتتى. مەسئۇد، ئىمىنلار باۋماۋشۇن بىلەن مەسلىھەتلىشىپ قارشى تەدبىر تۈزۈپ، گومىنداڭ مەركىزى ھۆكۈمىتىگە: «شىنجاڭنىڭ كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن شىنجاڭنىڭ ‹مۇستەقىللىقتىن تۆۋەن ، ئاپتونومىيىدىن يۇقىرى › بولۇشتەك ئالاھىدە ئورنىنى تېزدىن ئېتىراپ قىلىش، ھەمدە قانۇنى شەكىللەر ئارقىلىق شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ھوقۇقىنى كېڭەيتىش، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت رەئىسىنىڭ گومىنداڭ مەركىزى ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن دىپلوماتىيە، ھەربىي ھوقۇق يۈرگۈزۈشكە ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىش» تەكلىپىنى بەردى. ئۇزاق ئۆتمەي جياڭ جيېشى تەختتىن چۈشتى. مەسئۇد باۋماۋشۇننىڭ تەلىپى بويىچە لى زوڭرېنغا يېقىنلاشتى. لى زوڭرېن مۇۋەققەت زوڭتوڭ بولغاندىن كىيىن، مەسئۇد دەرھال لى زوڭرېنغا ئالاقە ئەۋەتىپ، سادىق بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە ئامېرىكىنىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق كۇنسۇلخانىسىنى كېڭەيتىش تەكلىپىنى بېرىپ، لى زوڭرېننىڭ رىغبەتلەندۈرۈش تېلېگراممىسىغا ئېرىشتى. كەينىدىن ئالاھىدە ئىشپىيون، باش بوغالتىر ۋېي شىشىغا كۆرسەتمە بېرىپ، ئۇنىڭ نەنجىڭ گومىنداڭ مەركىزى ھۆكۈمىتىگە كاماندىروپكىغا چىقىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ لى زوڭرېن، خې يىڭچىنگە خەت ئەۋەتتى؛ باۋماۋشۈن سىتۇلېيدېڭ ئارقىلىق لى زوڭرېن، خې يىڭچىنگە ئىككى تەرەپتىن بىردەك قول سېلىپ مەسئۇدنى يۆلەپ ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىرىش توغرىسىدا مەخپىي كۆرسەتمە بەردى. لى زوڭرېن، خې يىڭچىنلار مەسئۇدنى ئەتىۋارلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەينى ۋاقىتتىكى ۋەزىيەتنى كۆزدە تۇتۇپ، پەقەت ھازىرقى ھالەتنى ساقلاپ تۇرىدىغانلىقىنى، كىيىن ئەھۋالغا قاراپ ئىش كۆرۈدىغانلىقىمنى بىلدۈرۈشۈپ، ۋېي شىشى نەتىجىسىز قايتىپ كەلدى.

     مەسئۇد پىلانلىرى ئىشقا ئاشمىغاندىن كىيىن، غەربى شىمال ئارمىيە ھۆكۈمەتنىڭ قوماندانى مابۇفاڭغا باغلىدى. مەسئۇد ئەزەلدىنلا خۇيزۇلارنى مۇسۇلمان ھېسابىدا كۆرۈپ باقمىغان بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا ما بۇفاڭ بىلەن بىرلىشىشكە ئالدىراپ، ما بۇفاڭنىڭ ھەربىي ئىشلاردا قوللىشى بىلەن شىنجاڭنى جۇڭگودىن ئايرىپ چىقىشقا ئورۇندى . ئاۋۋال ئامېرىكىنى ئېتىراپ قىلدۇرۇپ، ئاندىن ئامېرىكىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ ئوتتۇرا شەرقتىكى دۆلەتلەر ئارىسىدا ۋائىزخانلىق قىلدۇرۇپ، تېزدىن دىپلوماتىيە مۇناسىۋەت ئورناتماقچى بولدى. بۇنداق قىلغاندا دۆلەت ئىچىدىكى ھاكىمىيەت ئالماشقان تەقدىردىمۇ ئاتالمىش شىنجاڭنىڭ «مۇستەقىل دۆلەت» ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت بېكىتىلگەن پاكىتنى ئۆزگەرتمەك قىيىن ئىدى. شۇڭا مەسئۇد، مۇھەممەت ئىمىن، ئەيسالار باۋماۋشۈن بىلەن يەنە ئۇچرىشىپ، كونكىرىت لاھىيىنى مەسلىھەتلىشىپ، مۇھەممەت ئىمىننى خوتەنگە قايتۇرۇپ مۇستەقىل شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت تەشكىللەش، ئاندىن ئەيسانى لەنجۇغا ئەۋەتىپ، مابۇفاڭغا بايراق تەقدىم قىلىپ سەمىمىيىتىنى بىلدۈرۈپ، مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشنى قارار قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە تاۋ سىيۆنىڭ ئورنىغا يې چېڭنى چىقىرىپ، شىنجاڭنىڭ ھەربىي ئىشلىرىغا رىياسەتچىلىك قىلىش، مەسئۇد، مۇھەممەت ئىمىن، ئەيسالار ھۆكۈمەتنى قولىغا ئېلىش، ئوسمان «ئۈچ ۋىلايەت»كە تاقابىل تۇرۇشنى پىلانلاپ شىنجاڭنىڭ مۇستەقىللىقى ئۈستىدە ئىزدەندى.

     ما بۇفاڭ بالدۇرلا غەربى شىمالدىكى چېگرا رايون – شىنجاڭغا چىشىنى بىلەپ تۇراتتى. 1945- يىلى ئاتلىق ئەسكەرلەر 5- كورپۇسىنى شىنجاڭغا يۆتكەشكە قوشۇلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ شىنجاڭنىڭ كەلگۈسىدىكى شاھمات تاختىسىنىڭ بىر تال ئۇرۇقى بولۇپ قالدى. 1949- يىلى غەربى شىمالنىڭ ئارمىيە مەمۇرىي ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈۋالغاندىن كىيىن شىنجاڭنى باشقۇرۇش قارا نىيىتى يەنىمۇ كۈچەيدى. مەسئۇد ھەربىي ئىشلاردا ما بۇفاڭنى ھۆرمەتلەپ، قەلبلىرىنى مۇستەھكەم تۇتاشتۇرۇپ، تېزدىن بىرلىشىشنى ئۈمىد قىلاتتى. ما بۇفاڭ چەتئەلدىن ئامېرىكا قوللىسا، دۆلەت ئىچىدە غەربى شىمال مۇسۇلمانلىرى تۇرسا، يەنە كېلىپ ئۆزىنىڭ ئارمىيىسى بولغاچقا ئارزۇسىنىڭ رىياللىققا ئايلىنىشىدا زور ئۈمىد بار دەپ قارايتتى. شۇڭا ئۇ مەسئۇدلارنىڭ ھۆرمىتىنى قوبۇل قىلىپلا قالماستىن يەنە شىنجاڭدىكى ئاتلىق ئەسكەرلەر 5- كورپۇسىغا مەسئۇدلار ئۈچۈن «ئۇيغۇر ياشلارنى مەشىقلەندۈرۈش كۇرسى» تەشكىللەپ، ئاتلىق ئەسكەرلەر 5- كورپۇس ئىشچى- ئەسكەرلەر ليەنى دەپ نام بېرىپ، مەخپىي مەشىقلەندۈرۈش توغرىسىدا يول-يورۇق بەردى. بۇنىڭ بىلەن ما بۇفاڭ ماختىنىپ: «شىنجاڭ قولۇمدا، شىنجاڭدا ئارمىيەم بار، شىنجاڭلىقلار مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلايدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى مۇسۇلمانلار» دەپ پو ئاتتى.

     بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، مەسئۇد قاتارلىق بىر تۈركۈمدىكىلەر گومىنداڭنىڭ ئېغىر مەغلۇپ بولغانلىقىدەك پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، جاھانگىرلارنىڭ بىۋاسىتە قوللىشى ئاستىدا شىنجاڭنىڭ تىنچ ئازاد بولۇشىغا قارشىلىق كۆرسىتىپ، ۋەتەننى پارچىلاش، مۇستەقىللىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئورۇندى . ئەمما بۇ ۋاقىتتا پۈتۈن جۇڭگونىڭ ئىنقىلاب ۋەزىيىتى ئۇلارنىڭ شىرىن چۈشىگە يول قويمايتتى. جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى زور قوشۇنىنىڭ بېسىمى ئاستىدا، گومىنداڭنىڭ شىنجاڭدىكى ئارمىيە مەمۇرىيىتى ئىچكى قىسىمدا ئىككى لاگېرغا بۆلۈنۈپ، مۇتلەق كۆپ ساندىكىلىرى تارىخ ئېقىمىغا بويسۇنۇش، تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەشەببۇس قىلدى. چۈشىنىڭ رىياللىققا ئايلىنىشىغا كۆزى يەتمىگەن ئىمىن، ئەيسا قاتارلىقلار شىنجاڭ تىنچ يول بىلەن ئازاد بولۇش ھارپىسىدا گومىنداڭ ئارمىيىسى مەمۇرىيىتىدىكى جاھىل ئۇنسۇرلارغا ئەگىشىپ، جەنۇبى شىنجاڭ ئارقىلىق چېگرىدىن قاچتى. ئارمىيە مەمۇرىيىتىدىكىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ ساندىكىسى تەيۋەنگە بېرىۋالدى. ئىمىن، ئەيسا قاتارلىقلار چەتئەلگە قېچىپ، بۆلگۈنچىلىك پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇردى.

     مەسئۇد قېچىشقا تەييارلىق قىلغان بولسىمۇ، يېشىنىڭ چوڭىيىپ قالغانلىقى ۋە كېسەل سەۋەبىدىن ئەمەلگە ئاشمىدى. جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى شىنجاڭغا كىرگەندىن كىيىن ئىزچىل ئۆيىدە ئارام ئېلىپ، بىر مەزگىل تىنچ – خاتىرجەم ياشىدى. سالامەتلىكى ياخشىلانغاندىن كىيىن كوممۇنىستىك پارتىيىدىكىلەرنى چېكىپ باقماقچى بولۇپ، قايتا-قايتا ئويلانغاندىن كىيىن ئۇ ئۆزى باشلامچى بولۇپ، خەلق مەيدانىنىڭ شىمالى تەرىپىگە جايلاشقان غەربى چوڭ بىنا (ھازىرقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تۇرۇشلۇق جاي) غا بېرىپ قوماندان ۋاڭ جېنغا ئۆزى بۇيرۇتۇپ ياساتقان بىر جۈپ تۇزلانغان غازنى سوۋغا قىلدى. ئەينى ۋاقىتتىكى غەربى چوڭ بىنا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزى كومىتېتى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ ئىش بېجىرىش ئورنى بولۇپ، شىنجاڭدىكى ئەڭ ئالى ھەربىي مەمۇرىيىتى قوماندانلىق ئورگىنى ئىدى. پوست تەسىس قىلىنغان بولسىمۇ تۈزۈم قاتتىق ئەمەس ئىدى. مەسئۇدنىڭ كېلىش مەقسىتىنى سورىغاندىن كىيىن ئۇنى كىرگۈزدى. كىيىن ئۇنىڭ ئامېرىكا كونسۇلخانىسى ۋە گومىنداڭ جۈنتوڭ ئالاھىدە ئىشپىيونلىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ تىنچ ئازاد قىلىنىشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش جىنايىتى ئاشكارىلانغانلىقى ئۈچۈن 1951- يىلى 4- ئايدا قولغا ئېلىنىپ، 1952- يىلى تۇرمىدا كېسەللىك سەۋەبى بىلەن ئۆلۈپ، ئۇنىڭ «شەرقى تۈركىستان چۈشى» ئۈزۈل-كېسىل بەربات بولدى.

     مەسئۇد كىچىك ۋاقتىدا ناھايىتى ئەقىللىق بولۇپ ئوقۇش نەتىجىسىمۇ ياخشى ئىدى. ئىلىم يولىدا داۋاملىق ئىزدەنگەن بولسا بىر ئەۋلاد داڭلىق دوختۇر ياكى خەلققە بەخت يارىتىدىغان مەشھۇر ئالىم بولالايتتى. ئەمما ئۆگەنگەنلىرىنىڭ ھەممىسىدىن ۋاز كېچىپ، خەلققە قالايمىقانچىلىق، مۈشكۈلات ئېلىپ كېلىدىغان، ئايىغى چىقمايدىغان يولدا ماڭدى. ۋەتەن ۋە خەلق ئۇنىڭغا پۇرسەت بەرگەن بولسىمۇ ئەمما ئۇ باشتىن ئاخىر توغرا يولغا قايتماي، بۇ تۇيۇق يولدا جاھىللىق بىلەن ئىزچىل مېڭىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ھەر مىللەت خەلقىنىڭ لەنىتىگە قالدى.

     مەسئۇدنىڭ كىشىلىك ھايات يولى ۋە ئاخىرقى ئېچىنىشلىق ئاقىۋەت ئۆزى تاللىغان يولنىڭ ئۇنىڭغا قىلغان سوۋغىسى بولدى ، خالاس.

     (تۈگدى)

     تەرجىمە قىلغۇچىلار:

     ئابدۇجاپپار ھامىدىن (كەلپىن ناھىيىلىك تەرەققىيات .ىسلاھات كومىتىتى)

     قاھار زەيدىن (كەلپىن ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تەرجىمە ئىشخانىسى)

     زورىگۈل قادىر (ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىنىستىتوتى)

     رۇشەنگۈل ئەزىز (ئاقسۇ شەھىرى ئىگەچى يېزىلىق ھۆكۈمەت)



无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter