Ralph Lauren Canada ;One is to choose a plain colour of Polo,ralph lauren outlet such as Black, Navy or White - ralph lauren canadaselecting a colour of garment on which your corporate logo colours will look good when embroidered.ralph lauren canada outlet This can sometimes be preferable to buying an off-the-shelf garment in an unusual shade because fashions change and just because yourpandora canada company's shade of lime green is in vogue today this may not be the case in two years time.http://www.cefrank.com.au Manufacturers of off-the-shelf Tiffany Sale'stock' garments tend to change their ranges from time to michael kors outlet uktime and may choose to drop a colour if it is no longer considered popular.cheap burberry Ask your supplier and they should be able to tell you which colours Cheap Pandora Charmsare likely to remain available or which are in doubt.The second option,www.rvaq.ca if you have a sufficiently large requirement, is to have a Polo Shirt manufactured for your staff uniform in a bespoke colour. Manufacturing a bespoke embroidered Polo Shirt, opens up a wealth of possibilities regarding colour matching to your main corporate colour, Tiffany Saleembroidery branding, trims & detailing but this option is usually only viable from 300 to 500 pieces for a single colour garment or 1,000 Cheap Tiffany Salepieces upwards for more complex designs.
ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> مەسئۇد سابىرىنىڭ قىسقىچە ھاياتى (1)

مەسئۇد سابىرىنىڭ قىسقىچە ھاياتى (1)

2013-10-06 2:55     كۆرۈلۈشى: 12,185 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: پۈتۈن ئۆمرىنى نابۇت قىلغان خاتا تاللاش لىيۇ شاڭخۇي      چېن ۋۇگۇۋ      مەسئۇد مىنگو دەۋرىدە شىنجاڭدا ئۆتكەن ئالاھىدە شەخس. ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىدا ئۇ ناھايىتى زېرەك بولۇپ نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگەنگەن ....

پۈتۈن ئۆمرىنى نابۇت قىلغان خاتا تاللاش

لىيۇ شاڭخۇي      چېن ۋۇگۇۋ

     مەسئۇد مىنگو دەۋرىدە شىنجاڭدا ئۆتكەن ئالاھىدە شەخس. ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىدا ئۇ ناھايىتى زېرەك بولۇپ نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگەنگەن بولسىمۇ، ئەمما قابىلىيىتىنى ۋەتەن، مىللەت ئۈچۈن ئىشلەتمەي، سىرتتىن كىرگەن «پانتۈركىزم» گە مەھلىيا بولۇپ قېلىپ، «شەرقى تۈركىستان» قۇرۇش نىيىتىدىن بىر ئۆمۈر يانمىدى. مۇشۇنداق بىر ئۆمۈر شىنجاڭنى مۇستەقىل قىلىش كويىدا يۈرگەن ئادەم گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدا ھوقۇق تۇتۇپ گومىنداڭ پارتىيىسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولدى. مەسئۇد شىنجاڭدا ئەزەلدىن زادىلا ۋەزىپە ئۆتەپ باقمىغان بولسىمۇ بىراقلا مەرتىۋىگە ئېرىشىپ، شىنجاڭنىڭ مەمۇرىي تەپتىشلىكىگە تەيىنلىنىپ، شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسىلىك ئورنىغا چىقىپ، مىنگو دەۋرىدىكى شىنجاڭدا ئەڭ ئالى ۋەزىپە ئۆتىگەن ئۇيغۇر بولۇپ قالدى. ئەمما ئالىي ۋەزىپە ئۆتىگەن بىلەن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە بەخت ئېلىپ كەلمەي، ئەكسىچە كۆپ ساندىكى قېرىنداشلىرىنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچراپ، شىنجاڭدا تېخىمۇ چوڭقۇر سىياسىي كرىزىس پەيدا قىلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا گومىنداڭ پارتىيىسى بەرگەن ھوقۇقتىنمۇ ۋاز كەچتى…

     مەسئۇد ئەسلىدە ئاتاقلىق دوختۇر ياكى يېتۈك ئالىم، مائارىپچى بولالايتتى. شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى بولغاندىن كىيىن، ئۆزىنىڭ خىزمەت ھوقۇقىدىكى تەسىرىدىن پايدىلىنىپ شىنجاڭنى قۇرۇش، تەرەققىي قىلدۇرۇش داۋامىدا ھەر مىللەت ئاممىسىغا زور بەخت ئاتا قىلالايتتى. ئەمما ئۇ پۈتۈن ئۆمرىدە كىشىنى خۇشال قىلغۇدەك ھېچقانداق ئىش قىلالمىدى. ئۇنىڭ تراگېدىيىلىك ھاياتىغا دەل ئۇنىڭ خاتا تاللىشى سەۋەب بولدى.

     ئائىلە ۋە تەربىيىلىنىش مۇھىتى سەۋەبىدىن ئۇ تۇيۇق يولغا كىرىپ قالدى

     ئۆزگىچە ئائىلە ۋە تەربىيىلىنىش مۇھىتى مەسئۇددا پانتۈركىزم ئىدىيىسىنىڭ پەيدا بولىشىغا سەۋەب بولدى. مەسئۇد سابىرى – ئۇيغۇر، 1886- يىلى تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى – باھاۋۇدىن ھۈسەن باي ھاجىنىڭ كىچىك ئوغلى ئىدى. ھۈسەن باي شىنجاڭدىكى ئاتاقلىق باي سودىگەر ۋە پومېشچىك بولۇپ ئەسلى ئاتۇشلۇق كاتتا باي ئىدى. ئۇنىڭ غۇلجىدىمۇ نۇرغۇن مال-مۈلۈكى بولۇپ، بىر چوڭ دۇكان ۋە «زامانىۋى» خۇرۇم ئىشلەش زاۋۇتى قۇرغان ئىدى. 1908- يىلدىن بۇرۇن ئۇنىڭ پائالىيەت مەركىزى ئاتۇشتا بولۇپ، كىيىن گۈزەل شەھەر غۇلجىغا كەلدى، مال-مۈلۈكى ۋە جەمەتىنىمۇ ئاستا-ئاستا غۇلجىغا يۆتكىدى، ئائىلە ئەزالىرى ئىككى جاي ئارىسىدا قاتراپ يۈردى.

     ھۈسەن باي تىجارەت بىلەن ياۋروپاغا كۆپ قېتىم بېرىپ پارىژ، بېرلىن، موسكۋا، ئىستانبۇل قاتارلىق جايلارنى ئايلاندى. دىننىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن ئىستانبۇلغا نىسبەتەن چوڭقۇر مۇھەببەت قوزغالدى. ئەينى ۋاقىتتىكى ئوسمان ئىمپېرىيىسىنى مەنبە قىلىپ تارقالغان پانتۈركىزم، پانئىسلامىزم ئەۋج ئالغان مەزگىلدە ھۈسەن باي كۈچلۈك تەسىرگە ئۇچرىغان ھەمدە پانتۈركىزم سىرتقا تەشۋىق قىلىشنى پائال قۇۋۋەتلىگۈچى تەشكىلات – «بىرلىككە كېلىش ۋە ئالغا بېسىش پارتىيىسى» (ياۋروپادا ياش تۈركلەر پارتىيىسى دەپ ئاتاشقا ئادەتلەنگەن) نىڭ مۇھىم خادىمى مەھەممەد تارات بىلەن تونۇشتى. بۇ ۋاقىتتا تارات مەخسۇس «پانتۇركىزىم، پانئىسلامىزىم» ئىدىيىسىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن سىرتقا تەشۋىق قىلىدىغان بىر مەخپىي تەشكىلاتقا رەھبەرلىك قىلىۋاتقان بولۇپ، تەبىئىيكى ئالدىغا كەلگەن ئادەمنى كۆرگەندە پۇرسەتنى قولدىن بەرمەيتتى. نەتىجىدە ھۈسەن باي ناھايىتى تېزلا تالاتقا ئالدىنىپ، ئۆزى تاراتنىڭ قەلب قەسىرىنىڭ مالىيى بولۇپلا قالماستىن، يەنە بۇ ئىدىيىنى دۆلەت ئىچىگە تارقاتتى ھەمدە ئۆزىنىڭ باي سودىگەر ئاغىنىلىرىگە پائال تونۇشتۇردى، ئۇلارنى ئىستانبۇلغا باشلاپ كېلىپ تارات بىلەن كۆرۈشتۈردى، بۇنىڭ بىلەن ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتى قويۇقلاشتى. 1913- يىلنىڭ ئاخىرىدا بەزى قەشقەرلىك ھاجىلار ۋە ئۇلارنىڭ جەمەتىدىن ئوبۇل ھەسەن قاتارلىقلار ھۈسەن باينىڭ يېتەكچىلىكىدە تارات بىلەن ئايرىم-ئايرىم تونۇشتى. ئەينى ۋاقىتتا تارات رەھبەرلىكىدىكى مەخپىي تەشكىلات «پانتۇركىزىم، پانئىسلامىزىم» ئىدىيىسى ئۈچۈن خېرىدار ئىزلەۋاتقاچقا جۇڭگو شىنجاڭدىن كەلگەن بۇ زىيارەتچىلەرگە قىزغىن مۇئامىلىدە بولغان ئىدى.

     تارات بۇلارنى ئۆزى قوبۇل قىلىپلا قالماستىن يەنە ئۇلارنى ئىستانبۇلدا ئوقۇۋاتقان شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار بىلەن كۆرۈشۈشكە ئورۇنلاشتۇردى، بالقان ئۇرۇشىدا ئاتالمىش «تۈركلەرنى قەستەن ھالاك قىلغان دۈشمەنلەرنىڭ ياۋۇزلۇقى» نى ئەكس ئەتتۈرىدىغان خارابلىقلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا باشلاپ باردى ھەمدە بۇ خارابىلىكلەرگە بىرلەشتۈرۈپ ئۇلارغا تەلەم – تەربىيە ئىشلىدى. بارلىق تۈرك تىلىدىكى مىللەتلەرنىڭ بىرلىشىشنى كۈچەپ تەرغىپ قىلىپ، مىللىي ئىتتىپاق تەشكىللەپ، ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىلگىرىكى زورايغان ۋە گۈللەنگەن ھالىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت «پانتۇركىزىم، پانئىسلامىزىم» ئىدىيىسىنى تەشەببۇس قىلدى. نەتىجىدە بۇلار ئوخشىمىغان دەرىجىدە تەسىرگە ئۇچرىدى. بولۇپمۇ ھۈسەن باينىڭ ئىنىسى ھەسەن شۇ مەيداندىلا تاراتنىڭ تەشۋىقاتىنى ماختاپ قالماستىن يەنە تاراتتىن تەشكىلاتىدىن مەخسۇس خادىم ئاجرىتىپ يىراق جۇڭگو شىنجاڭدا مەكتەپ ئېچىش، دەرس ئۆتۈش تەلىپى ۋە ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

     تارات تەشۋىقاتلىرىنىڭ ئۈنۈم بەرگەنلىكىدىن خۇشال بولۇپ، نەق مەيداندا ئىپادە بىلدۈرۈپ، «ياش تۈركلەر پارتىيىسى» دە خىزمەت قىلىۋاتقان «پانتۇركىزىم، پانئىسلامىزىم» تەرغىباتچىلىرىدىن ئەخمەت كامالنى جۇڭگو شىنجاڭدا خىزمەت قىلىشقا ئورۇنلاشتۇردى.

     كامال شىنجاڭغا كەلگەندە مەسئۇدنىڭ دادىسى، ھۈسەن باينىڭ ئىنىسى باھاۋۇد باينىڭ قىزغىن كۈتۈۋېلىشىغا سازاۋەر بولدى. ئۇ ئاتۇش، قەشقەر قاتارلىق جايلاردىكى باي سودىگەرلەر بىلەن پائال ئالاقىلەشتى، پۇل ۋە نەرسە-كېرەك چىقىرىپ، قەشقەردە مەكتەپ قۇرۇشنى باشلىدى. كامال ئوقۇتۇش داۋامىدا يەرلىك مۇسۇلمان بالىلارغا ئوسمان تۈركلىرى خەلىپەسىنى مەنىۋى ئاتا قىلىش بويىچە تەربىيە بەردى. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ھۈسەن باي جەمەتى «پانتۇركىزىم، پانئىسلامىزىم» ئىدىيىسىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلغان ھەم شىنجاڭغا تارقاتقان. مەسئۇد مۇشۇنداق بىر جەمەت ئىچىدە چوڭ بولغان ئىدى.

     مەسئۇدنىڭ ئائىلىسى باي بولغاچقا، جەمەتىدىكىلەرنىڭ كۆپىنچىسى چەتئەلدە ئوقۇدى ۋە تىجارەت قىلدى، ياۋروپا، ئاسىيالارغا باردى. بۇنىڭ بىلەن تەبىئىيلا مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىشتەك ئەنئەنە شەكىللەندى. ئۇلار 1904- يىلى 18 ياشقا كىرگەن مەسئۇدنى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان شىنجاڭنىڭ دىنى ۋە سودا ساھەسىدىكى يۇقىرى قاتلاملىق زاتلار ئىنتىلىدىغان ئوسمان تۈركلىرىنىڭ پايتەختى ئىستانبۇلغا ئوقۇشقا ئاپىرىپ بەردى.

     مەسئۇد ئاۋۋال ئىستانبۇلدىكى مەيدىئەي ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇدى. بىر يىلدىن كىيىن بىر ئوفىتسېرلار مەكتىپىنىڭ مەخسۇس سىنىپىغا ئوقۇشقا كىردى. ئۈچ يىلدىن كىيىن ئالى دەرىجىلىك ئوتتۇرا مەكتەپ دىپلومى بىلەن ئىمتىھان ئارقىلىق ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەبىئىي پەنلەر فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىردى. 2- مەۋسۈملۈك ئوقۇش ئاخىرلاشقاندىن كىيىن، ئۇ يەنە ھەيدەر پاشا ئۇنىۋېرسىتېتى تېببىي ئىنستىتۇتىنىڭ ئىمتىھانىغا تىزىملىتىپ، بىرلا ۋاقىتتا ئىككى خىل ئىلىم بويىچە ئوقۇشنى داۋاملاشتۇردى.

     بىر يىل ئۆتكەندىن كىيىن، مەسئۇد ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تەبىئىي پەنلەر فاكۇلتېتىنىڭ دىپلومىنى ئالدى. كىيىن تۆت يېرىم يىل تىرىشىپ ئوقۇش ئارقىلىق ھەيدەر پاشا ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرۈپ، تېببىي پەنلەر بويىچە دىپلوم ئالدى. تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە مەسئۇد ئىنتايىن تىرىشىپ ئوقۇدى، يەنە كېلىپ زېھنى بەك ئۆتكۈر بولغاچقا، بىرلا ۋاقىتتا ناھايىتى ئوڭايلا ئىككى خىل پەندە ئوقۇپ، مەكتەپ ئۇنىڭغا «ئەخلاق ۋە ئۆگىنىشتە مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى» دەپ نام بەردى. بۇ ۋاقىتتا مەسئۇد 29 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ تۈركىيەدە تۇرىۋاتقىنىغا توپ-توغرا 11 يىل بولغان ئىدى.

     مەسئۇد ئىستانبۇلدا ئوقۇغان مەزگىل دەل ياۋروپالىقلار «قانخور سۇلتان» دەپ نام بەرگەن ئابدۇللا ھەمىد (ئوسمان تۈركلىرىنىڭ دىن بىلەن سىياسىينى بىرلەشتۈرگەن باشلىقى، ھۆكۈمەت باشلىقى ”سۇلتان“ دەپ ئاتالغان، دىنىي داھىي ”خەلىپە“ دەپ ئاتالغان، 1876–يىلىدىن 1909–يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن دەۋر ئىدى. ھەمىد Ⅱ زاۋاللىقتىن ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن، 19- ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ پانئىسلامىزمنى تەشەببۇس قىلىپ، ئۆزى قوشۇمچە ئۆتۈۋاتقان دىنى ۋەزىپە – خەلىپىلىكنى پۈتۈن دۇنياغا كېڭەيتىپ، ئىسلام دۇنياسىنىڭ «ھۆكۈمرانلىق بوشلۇقى» نى تولدۇرۇش خىيالىدا بولدى. ئىسلام دىنىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئۇ دۆلەت ئىچىدە دۇنيا ئىسلام دىنى ئىتتىپاقىنى تەشكىللەپ، ھەدەپ «پانئىسلامىزم» تەسىرىنى كېڭەيتىپ، غەيرى ئىسلام مىللەتلىرىنى ۋەھشىيلەرچە قىردى. پەقەت 1894- يىلىلا 60 مىڭدىن ئارتۇق خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلغۇچى ئەرمېنىيەلىك ئۆلتۈرۈلۈپ، 3000 دىن ئارتۇق كەنت كۆيدۈرۈلۈپ دۆلەت ئىچىدە بىر قورقۇنچلۇق ۋەھىمە پەيدا قىلدى.

     1909- يىلى «ياش تۈركلەر پارتىيىسى» ھاكىمىيەت ئورنىغا چىقتى، مەزكۇر تەشكىلاتتىكى تەدبىرچى ئەنۋىل «پانتۈركىزم» نى دۆلەت سىياسىتى سۈپىتىدە يولغا قويۇپ، ئاسىيانى تۈركى تىلىدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەرنىڭ  ھۆكۈمرانلىقىدىكى دۆلەتكە ئايلاندۇرۇشقا ئۇرۇندى. بىر مەزگىل ئىمپېرىيە ئىچىدە پانتۈركىزمنى تەرغىب قىلىدىغان گېزىت، ژۇرنال، كىتابلار يامراپ، كىشىلەرنىڭ كۆزلىرىنى ئالىچەكمەن قىلىۋەتتى. بۇ تەشۋىقات بۇيۇملىرىدا شىنجاڭنىمۇ ئۆزلىرىنىڭ خىيالىدىكى تەسىر دائىرىگە كىرگۈزدى. بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن ئۇلار 1- دۇنيا ئۇرۇشىدا گېرمانىيە بىلەن ئىتتىپاقداش بولۇپ، گېرمانىيەنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ پانتۈركىزمنى كېڭەيتتى. ئۇرۇش مەزگىلىدە ئوسمان ئىمپېرىيىسى رۇسىيە بىلەن ئۇرۇشۇشتىن ساقلىنالمىدى. «ياش تۈركلەر پارتىيىسى» نىڭ پانتۈركىزمنى تەشۋىق قىلىش ھەرىكىتىمۇ ئۆزلۈكسىز يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلدى. 1915- يىلى ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىچىدە 1 مىليوندىن ئارتۇق خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلغۇچى ئەرمېنىيەلىك ئارمىيە ۋە ساقچىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈپ، خانىۋەيران بولدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قېچىشقا مەجبۇر بولۇپ، دۇنيا تارىخىدا مەشھۇر بولغان «ئەرمىنىيە پاجىئەسى» يۈز بەردى.

     مەسئۇد ئىستانبۇلدا 11 يىل ئوقۇش داۋامىدا، ئاۋۋال پانئىسلامىزم تەربىيىسى ئالدى، كىيىن پانتۈركىزمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى. ئەمما مەيلى پانئىسلامىزم بولسۇن ياكى پانتۈركىزم بولسۇن، ئۇلارنىڭ مەقسىتى تۈركلەردىن تەشكىللەنگەن ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇش ئىدى. ئائىلە تەسىرى تۈپەيلىدىن ئەينى ۋاقىتتىكى كۈچلۈك ئېقىم پانتۈركىزمنى ئاسانلا قوبۇل قىلدى. كەسپى ئۆگىنىشىدىن باشقا ۋاقىتلاردا پۈتۈن زېھنىنى بۇ ئېقىمنى قوبۇل قىلىش ۋە ھەزىم قىلىشقا قاراتتى. «ياش تۈركلەر پارتىيىسى» نىڭ پانتۈركىزمنى تەشۋىق قىلىدىغان گېزىت- ژۇرناللىرى ۋە كىتابچىلىرىنى تەشنالىق بىلەن ئوقۇپ، جانلىنىۋاتقان پانتۈركىزم تەشكىلاتى – «تۈرك يۈرىكى» نىڭ ئەزاسى بولۇپ، پانتۈركىزمچىلار تەشكىللىگەن تۈرلۈك نۇتۇق ۋە پائالىيەتلەرگە پائال قاتناشتى، بولۇپمۇ «تۈرك يۈرىكى» ئورگىنىنىڭ نەشر ئەپكارى- «تۈرك يۇرتى» غا مەھلىيا بۇلۇپ، ھەر بىر ساندىكىماقالىلەرنى تەپسىلىي ئوقۇپ چىقتى.

     1913- يىلنىڭ ئاخىرىدا «ياش تۈرك پارتىيىسى» نىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بويىچە تارات جۇڭگو شىنجاڭنىڭ سودا ساھەسىدىكى زاتلار ۋە دىنى زاتلاردىن ئوبۇل ھەسەن قاتارلىقلار ھەم ئىستانبۇلدا ئوقۇۋاتقان شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنى تەشكىللەپ، ئېدىلنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، ئۇلار پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ دىنى ۋە مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقاندا، مەسئۇدمۇ بۇ ھەركەتكە قاتناشتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ «پانتۈركىزم» ئېقىمىنىڭ كۈچلۈك تەسىرىدە خۇدىنى يوقاتتى. ئۇ ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ قانلىق ھۆكۈمرانلىقى ۋە ئاقىۋىتىنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ كۆرمەسكە سېلىپ، بۇ ئىمپېرىيىنىڭ ئىلگىرىكى سەلتەنەتىگە مەپتۇن بولۇپ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە يەنە ئۇنىڭ گۈللىنىشىنى، تۈركى تىلىدىكى مىللەتلەرنىڭ بىرلىشىپ، يوقالغان جەننىتىنىڭ قايتىدىن كېلىشىنى خام خىيال قىلدى. ئوسمان تۈركلىرى بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرسىدا ئۇرۇش پارتىلىغاندا «ياش تۈرك پارتىيىسى» ئۇرۇشۇش تەرەپدارلىرىدىن بولۇپ، ئۇرۇش ئېلان قىلىش مىللىتىمىزنىڭ غايىسىنى ئىپادىلىدى، ئىمپېرىيە ئۈچۈن بىر مۇۋاپىق چېگرىغا ئېرىشىش، چېگرا دائىرىسىدە ئۇلارنىڭ ئىرقىدىكى بارلىق قوۋملارنىڭ بارلىق تارماقلىرىنى سىغدۇرۇش ئۈچۈن رۇسىيەدىن ئىبارەت دۈشمىنىنى ھالاك قىلىش لازىم دەپ داۋراڭ سالدى. مەسئۇد بۇ داۋراڭلارنى ئالقىشلاپ قۇۋۋەتلىدى. ئىلگىرى ئۇ پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ «خەلىپىسى» دەۋالغان نەيرەڭۋاز — ھەمىدىⅡ  گە چوقۇنغان بولسا، ئەمدىلىكتە «ياش تۈرك پارتىيىسى» نىڭ تەدبىرچىسى ئەنۋىلغا باش قويدى. ئۇ چاغدا ئۇ ئۆز ۋەتىنىنى ئاساسەن ئۇنتۇپ قالغان بۇلۇپ، ئوسمان ئىمپېرىيىسىگە چوڭقۇر ئىشتاياق باغلاپ، ئۆزىنى بۈيۈك تۈرك ئىمپېرىيىسىنى قۇرۇشقا بېغىشلىدى. ئۇنىڭ رۇسىيەگە بولغان ئۆچمەنلىكىمۇ مۇشۇ ۋاقىتتا بىخلانغان بولۇپ، كىيىن بۇ ئۆچمەنلىك سوۋېت ئىتتىپاقىغا ۋە كوممۇنىستىك پارتىيىگە ئۆچ بولۇشقا ئۆزگەردى.

يۇرتىغا قىلغان سوۋغا – «پانتۇركىزىم، پانئىسلامىزىم» نى بازارغا سېلىش

     1915- يىلى ئىككى خىل دىپلومغا ئېرىشكەن مەسئۇد يۇرتىغا قايتىشقا تەييارلىق قىلدى. 18 ياشتىن 29 ياشقىچە بولۇپ 11 يىل ئوسمان تۈركلىرىنىڭ ئارىسىدا تۇرمۇش كەچۈرگەن ۋە ئوقۇغان مەسئۇدنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگىلا ئەمەس بەلكى ئىدىيىسىنىڭ شەكىللىنىشىگىمۇ غايەت زور تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇنىڭغا ئۆچۈرگىلى بولمايدىغان بىر تامغا بېسىلدى، ئۇنىڭدا ھوقۇققا ئىنتىلىش ۋە سىياسىي قارا نىيىتى يېتىلگەن ئىدى. ئۇ ئوقۇغانلىرى بويىچە تۈركىيىدە قېلىپ بىر ياخشى خىزمەتكە تامامەن ئېرىشەلەيتتى. ھېسسىيات جەھەتتىن ئالغاندىمۇ ئۇ بۇ دۆلەت، بۇ تۇپراققا چوڭقۇر مۇھەببەت باغلىغان ئىدى، ئەمما ئۇ يەنىلا يۇرتىغا قايتىشنى قارار قىلدى. ئۇ شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ پاك زېمىنغا «پانتۇركىزىم، پانئىسلامىزىم» ئۇرۇقىنى چېچىپ، چوڭ-چوڭ ئىشلارنى قىلىش، «ياش تۈرك پارتىيىسى»دىكى داڭلىق شەخسلەردەك ئۆزىنىڭ سىياسىي غايىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۆڭلىگە پۈكتى.

     مەسئۇد ئەسلىدە تەبىئىي پەن بولۇپمۇ تېببىي ئىلىم بويىچە ئوقۇغان بۇلۇپ، بۇنىڭغا نۇرغۇن ۋاقىت ۋە زېھنىنى سەرپ قىلغان بولسىمۇ ئەمما پانتۈركىزم ۋە پانئىسلامىزم ئائىت كىتاب-ماتېرىياللارنىمۇ كۆپ يىغدى، ئۇ بۇلارنىڭ بىرنىمۇ قالدۇرماي ئېلىپ كەلدى. بۇ ۋاقىتتا ھۈسەنباي جەمەتى ئىشلىرىنىڭ مەركىزى ئىلىغا يۆتكەلگەن بولۇپ، مەسئۇدمۇ ئىلىدىكى ئۆيىگە كەلدى.

     ئەينى ۋاقىتتا مەسئۇدقا ئوخشاش چەتئەلدە ئۇزاق يىل ئوقۇغان بىلىملىك كىشىلەر ئىلىدا ھەقىقەتەن ئاز ئىدى. شۇڭا ئۇنىڭ قايتىپ كەلگەنلىكى غايەت زور داغدۇغا پەيدا قىلدى، يۇرتداشلىرى ئۇنىڭدىن دوختۇرخانا ئېچىپ زامانىۋى تېببىي تېخنىكىلار بىلەن مەنپەئەت يەتكۈزۈشنى ئۈمىد قىلاتتى. ئىستانبۇلغا ئەمدىلا بېرىپ تېببىي ئىلىملەرنى ئۆگەنگەن ۋاقىتتا مەسئۇددىمۇ ياخشى ئوقۇپ يۇرتىغا قايتىپ بىمارلارنى قۇتقۇزۇش ئارزۇسى بار ئىدى، ئەمما «پانتۇركىزىم، پانئىسلامىزىم» ئىدىيىسىنى قوبۇل قىلغاندىن كىيىن ئۇنىڭ بۇ ئىدىيىسى ۋە چەتئەلگە چىققان ۋاقىتتىكى دەسلەپكى ئۈمىدى ئاستا-ئاستا ئۇنىڭ بىلەن خوشلاشتى، ئۇنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدىنى «پانتۇركىزىم، پانئىسلامىزىم»نى تارقىتىش ئارقىلىق تارىختا غايەت زور دەرىجىدە گۈللەنگەن ئوسمان ئىمپېرىيىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خام خىيالى چىرمىۋالغان بولۇپ، يۇرتىغا قايتقاندىن كىيىن دوختۇرخانا ئېچىشقا كۆڭۈل بۆلمەي پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن مەكتەپ ئېچىشقا ئورۇندى. ئۇ «ياش تۈرك پارتىيىسى» نىڭ سىياسىي پروگراممىسىغا ئوخشاش مائارىپ ئارقىلىق پانتۈركىزم، پانئىسلامىزمنى تارقىتىپ، ئۆزىنىڭ سىياسىي غايىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا بەل باغلىدى.

     1915- يىلى شىنجاڭدىكى قالايمىقانچىلىق بېسىققان بولۇپ، شىنجاڭنىڭ تۇتۇق بولۇپ تۇرىۋاتقان ياڭ زىڭشىڭ پۈتۈن جۇڭگو ۋەزىيىتىنىڭ تەسىرىدە، شىنجاڭدا مائارىپنى تەرتىپكە سېلىشنى ئويلىشىۋاتاتتى. شۇڭا مەسئۇدنىڭ مەكتەپ ئېچىش ئىلتىماسىنى يەرلىك ھۆكۈمەت ناھايىتى تېزلا تەستىقلىدى. بۇ ۋاقىتتا ئىلىدا نۇرغۇن تۈركىيىلىك مۇھاجىرلار ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، ئائىلىسىنىڭ مالىيە جەھەتتىن قوللىشى بىلەن مەسئۇد بەزى تۈركىيىلىكلەرنى ئوقۇتقۇچىلىققا تولۇقلاپ بىرلىكتە «تۇران مەكتىپى» نى (ئاتالمىش تۇران تۈركىيىلىك پان تۈركىسىت زىيا خوجا ئالىپ ئېيتىغان ”تۇران بارلىق تۈركلەرنىڭ بۈيۈك ۋەتىنى دېگەننى كۆرسىتىدۇ) ئاچتى. مەكتەپنىڭ ئىسمىدىنلا مەسئۇدنىڭ نېمىگە تىرىشۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولاتتى، ئەمما ئۇ بۇنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ مەكتەپ ئېچىشتىكى مەقسىتىنىڭ زامانىۋى مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يۇرتداشلىرىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، مىللەتنى روناق تاپقۇزۇش ئىكەنلىكىنى تەشۋىق قىلدى. «مىللىي مائارىپنى گۈللەندۈرۈش» بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، پانتۈركىزم ۋە پانئىسلامىزمنى تەرغىب قىلىش ھەم بازارغا سېلىش مەسئۇدنىڭ ئانا يۇرتىغا قىلغان «سوۋغىسى» بولدى.

     «تۇران مەكتىپى» گەرچە ئۆزىنى زامانىۋى مائارىپ دەپ پەش قىلغان بولسىمۇ، ئەمما تەسىس قىلغان دەرسلىكلىرىنىڭ ھەممىسىدە زامانىۋى ئىلىم-پەنگە ئائىت مەزمۇنلار كۆپ بولماستىن، پانئىسلامىزم، پانتۈركىزم تەشۋىقاتى ئاساسلىق دەرس مەزمۇنى قىلىنغان ئىدى، شۇنىڭ بىلەن بۇ مەكتەپ «پانتۇركىزىم، پانئىسلامىزىم» ئىدىيىسىنى ھەدەپ تەشۋىق قىلىدىغان ۋە پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرىدىغان مۇنبەر ھەم بازا بولۇپ قالدى. ئوسمان تۈركلىرى ھاكىمىيىتى مەزگىلىدىكى مەيلى ھەمىدىⅡ بولسۇن ياكى «ياش تۈرك پارتىيىسى» بولسۇن ھەممىسىدە تۈرك تىلىنى ئىگىلەشنىڭ مۇھىملىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھاكىمىيىتىدىكى قانۇن-نىزاملارنىڭ ھەممىسىدە دۆلەتنىڭ ھۆكۈمەت تىلى – تۈرك تىلىنى بىلىش ھۆكۈمەت ۋەزىپىسىنى ئۆتەشنىڭ ئالدىنقى شەرتى قىلىندى؛ ئاۋام پالاتاسىدا مۇزاكىرىلەشكەندە چوقۇم تۈركى تىلىنى ئىشلىتىش، بارلىق باشلانغۇچ مەكتەپلەردە تۈرك تىلىنى زۆرۈر ئوقۇشلۇق قىلىش بەلگىلەنگەن ئىدى. مەسئۇد بۇ ماددىلارنى پىششىق بېلەتتى. پانتۈركىزمنى تەشۋىق قىلىش ئىدىيىسىگە ماسلىشىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ مەكتىپىدىمۇ تۈرك تىلىنى زۆرۈر ئوقۇشلۇق قىلىپ بېكىتتى. مەسئۇدنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن قۇتراتقۇلۇق قىلىشى ئارقىسىدا ئىلىدا ناھايىتى تېزلا مەسئۇدنى مەركەز قىلغان پانتۈركىزم تەشكىلاتى شەكىللەندى. مەسئۇد بۇنىڭ بىلەنلا بولدى قىلماي يەنە ئائىلىسىنىڭ تەسىر كۈچىدىن پايدىلىنىپ، جەنۇبى شىنجاڭدىكى تۈركىيىلىك ئەخمەت كامال بىلەن بىرلىشىپ، يىراقتا تۇرۇپ ماسلىشىپ، ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا «ئەجدادىمىز – تۈرك، ۋەتىنىمىز – تۈركىستان» دەپ ئاشكارا تەشۋىق قىلدى. قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا «پانتۇركىزىم، پانئىسلامىزىم» ئىدىيىسى شىنجاڭنىڭ جەنۇبى، شىماللىرىدا يامراپ كەتتى. بۇ مەزگىلدە ئەخمەت كامال ئۆزى كۈچ چىقىرىپ ئىستانبولدىن ئاتايىتەن بىر يۈرۈش باسما زاۋۇتى ئۈسكىنىلىرىنى كىرگۈزۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشلۇق ماتېرىياللىرى ۋە «بۈيۈك دىن» قاتارلىق ژۇرناللارنى باستۇردى. ئوقۇ-ئوقۇتۇش داۋامىدا سۇلتان ئوسماننى داھىي قىلىش ئىدىيىسىنى قايتا-قايتا سىڭدۈرۈپ، تۈركىيە ناخشىسىنى ئۆگەتتى.

     كامال، مەسئۇدلار تارقاتقان بىر يۈرۈش سىياسىي ئىدىيىلەر دۆلىتىمىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزۈپ، شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، شىنجاڭدىكى ياشلارنى ئۆز دۆلىتى، ئۆز مىللىتىگە ئاسىيلىق قىلىشقا قۇتراتتى. مىللىي مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قالپاق قىلسىمۇ ئەمەلىيەتتە مەكتەپ ئېچىشنى پانتۈركىزم، پانئىسلامىزمنى تارقىتىدىغان ۋاسىتە قىلدى.

     يېڭىچە مەكتەپ ئېچىش شەكلىنى قوللىنىش ئارقىلىق پانتۈركىزم، پانئىسلامىزم ئىدىيىسىنى تارقىتىش ئالدى بىلەن مۇتەئەسسىپ ئىدىيە ئەنئەنىسىگە ئىگە ئۇيغۇر مۆتىۋەرلىرىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىدى. ئۇلار مەكتەپتە تەسىس قىلىنغان تارىخ، جۇغراپىيە، تۈرك تىلى دەرسلىكلىرىگە، تۈرك ناخشىلىرىنى ئېيتىشقا ۋە غەربچە كىيىنىشكە قارشى تۇرۇپ، مەكتەپنىڭ بۇ ھەرىكەتلىرى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ دەپ قارىدى. شۇنىڭ بىلەن تۈرلۈك ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ مەكتەپكە بېسىم چۈشۈرۈپ، ئۆلكە تۇتىقى ياڭ زېڭشىنغا ئەھۋالنى دوكلات قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە رۇسىيەنىڭ باش كونسۇلى ئارقىلىق بېيجىڭ ھۆكۈمىتىگە مەلۇمات يوللىدى.

     ياڭ زېڭشىن بۇ مەسىلىنى دەسلەپتە رۇسىيە كونسۇلنىڭ بېيجىڭ مەركىزى ھۆكۈمىتى تاشقى ئىشلار بۆلۈمىگە ئەۋەتكەن مەلۇماتى ئايلىنىپ قولىغا تەگكەندە چۈشەندى. كىيىن جەنۇبى، شىمالى شىنجاڭدىكى يەرلىك خەلقنىڭ مەلۇماتلىرىنىمۇ ئارقا-ئارقىدىن تاپشۇرۇۋالدى. ياڭ زېڭشىن تەكشۈرۈپ سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق: ھازىر ياۋروپادا ئۇرۇش بولىۋاتقان ۋاقىت، بۇ تۈركىيىلىكلەرمۇ ئۇرۇشقا باغلىنىپ قالغانلار، ئەگەر قاتتىق ئالدى ئېلىنمىسا، ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنى دىن ئارقىلىق بىخوتلاشتۇرمىسا تۇتۇپ تۇرماق قىيىن. تاشقى ئىشلار توسقۇنلۇققا ئۇچراپلا قالماستىن جۇڭگو ئىچىدىمۇ يوشۇرۇن خەۋپلەردىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، دەپ قارىدى. شۇنىڭ بىلەن مەكتەپنى تاقاپ ئالاقىدار خادىملارنى قاتتىق جازالىدى. ھەتتا بەزىلىرىگە پالاق بىلەن ئۇرۇش جازاسى بېرىلدى. كامال قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر قاماققا ئېلىنىپ بىر نەچچە يىلدىن كىيىن يۇرتىغا قايتۇرۇلدى. مەسئۇدقا نىسبەتەن ياڭ زېڭشىن «تۇران مەكتىپى»نىڭ تەربىيە مەزمۇنلىرى پۇقرالارغا زىيان يەتكۈزىدۇ دەپ قاراپ، تاقىۋېتىشكە بۇيرۇق قىلدى. 1917- يىلى مەسئۇدنىڭ مەكتىپى پېچەتلەندى ئەمما مەسئۇد جازالانمىدى. كىيىن شىنجاڭدىكى يۇقىرى قاتلاملىق كىشىلەر ئارقا-ئارقىدىن ياڭ زېڭشىنغا خەت يېزىپ مەكتەپنى تاقىۋېتىش پاراكەندىچىلىك ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. كرىزىسنى پەسەيتىش ئۈچۈن شەخسى مەكتەپلەرنى تاقاش بۇيرۇقى ئاستا-ئاستا بىكار قىلىندى. ئەمما مەكتەپلەردە تۈركىيىگە سادىق بولۇش خاراكتېرىدىكى ھەر قانداق ئىش-ھەرىكەتلەر كۆرۈلمەسلىك، چوقۇم خەنزۇ تىلى دەرسى تەسىس قىلىش ئېنىق بەلگىلەندى.

     ئەسلىدە مەسئۇد ئاچقان مەكتىپىگە زور ئىشەنچ باغلاپ، قىسقا مۇددەت ئىچىدە مۆجىزە يارىتىشنى ئۈمىد قىلغان ئىدى. ئەمما ئىككى يىلدىن ئارتۇق تىرىشسىمۇ مۆجىزە يارىتىلمايلا قالماي ئەكسىچە مەكتەپ تاقالدى. ئۆزىمۇ ھۆكۈمەتنىڭ تەنبىھىگە ئۇچرىدى. روھى چۈشكۈن ھالدا ئىختىيارسىز دوختۇرخانا ئېچىش نىيىتىگە كېلىپ، نەچچە يىل قېتىرقىنىپ تېبابەت ئىلمىنى تەتقىق قىلغانلىقىنى، بۇ ساھەدە بىلىمىنىڭ موللىقىنى، مەكتەپ ئاچىمەن دەپ ئىگىلىگەن تېبابەت بىلىملىرىنى ئىشلەتمىگەنلىگىنى ئويلاپ، مەكتەپ تاقالسا نېمىشقا كونا كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللانماي، ئاسان ئىش بولسىمۇ ئىچ پۇشۇغۇمنى چىقىرىدۇ ئەمەسمۇ، دېگەنلەرنى خىيالىدىن ئۆتكۈزدى ھەمدە بۇ نىيەت بىلەن تېز ھەرىكەتلەندى. ئۇنىڭ مال-مۈلۈكى كۆپ بولغاچقا مەبلەغتىن ئەنسىرىمەيتتى. شۇڭا تېزلا تۈركىيىدىن داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى ۋە دورا كىرگۈزۈپ، زېرەك ياشلارنى ياردەمچىلىككە تەربىيىلىدى. دوختۇرخانىنى تېزدىن ئىشقا كىرگۈزۈپ، «ئالتاي دوختۇرخانىسى» دەپ نام قويدى. بۇ غۇلجا شەھىرى بويىچە تۇنجى قېتىم غەربنىڭ تېخنىكىسىنى كىرگۈزگەن مۇنتىزىم دوختۇرخانا ئىدى. تىجارەت باشلىغاندىن كىيىن چەت رايونلاردىكى كىشىلەر پىچاق، قايچا، يىڭنە، ئامبۇر ۋە تىڭشىغۇچ، شپىرىس قاتارلىق بىر مۇنچە ئەسۋابلارنى كۆرۈپ بەدىنىنى زەخىملەندۈرۈپ قويۇشتىن ئەنسىرەپ كۆپىنچىسى ئەيمىنىپ يۈردى. مەسئۇد بىر نەچچە بىمارنى ئالاھىدە داۋالاپ داۋالاش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولغاندا ئاندىن كىشىلەر بۇ دوختۇرخانىغا ئىشىنىشكە باشلىدى. دوختۇرخانىنىڭ ئاجايىپ مۆجىزىسى ئاۋۋال داۋالانغان بىمارلارنىڭ ئاغزىدىن تارقىلىپ ھەممىگە پۇر كەتتى. شۇنىڭ بىلەن دوختۇرخانىغا كېلىپ داۋالىنىدىغانلار بارغانسېرى كۆپىيىپ مەسئۇد كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر شەخسكە ئايلىنىپ قالدى.

     بۇ يەردىكى خەنزۇلار ئەسلىدە پەقەت جۇڭگو تېبابىتى ئورۇنلىرىغا كېسەل كۆرسىتەتتى. بىر تەرەققىيپەرۋەر مۆتىۋەر ئۇيغۇر يۇرتداشلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئالتاي دوختۇرخانىسىغا كېسەل كۆرسەتكىلى بارغانلىقىنى كۆرۈپ سىناپ بېقىش پوزىتسىيىسى بىلەن داۋالانغىلى باردى. ئويلىمىغان يەردىن بىر نەچچە تال دورا يەپ، بىر نەچچە كۈن ئوكۇل ئېلىپلا ياخشى بولۇپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر نەچچە مۆتىۋەرگە تونۇشتۇرغاندىن كىيىن ئاجايىپ ياخشى ئۈنۈم كۆرۈلدى. ئىلگىرى جۇڭگوچە تېبابەت دورىلىرىنى يېگەندە ئون كۈن ھەتتا يېرىم ئايغىچە دورىنىڭ مەنپەئەت قىلغان ياكى زىيان قىلغانلىقىنى بىلگىلى بولمايتتى، ئەمما بېشى ئاغرىغان بەدىنى قىزىغان ياكى قارىماققا ئىنتايىن ئېغىر كۆرۈنگەن كېسەللەر دورا يەپ ئوكۇل ئۇرۇلسىلا ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىش ھەقىقەتەن مۆجىزە ئىدى. يەنە كېلىپ مەسئۇد غەربچە تېبابەتتە مەخسۇس تەربىيىلەنگەن بولغاچقا ئۇ داۋالاش تېخنىكىسىدا كامالەتكە يەتكەن بولۇپ، يەنە كەسىپنى قەدىرلەش روھى بىلەن سەۋرچان، سەمىمىي پوزىتسىيىدە ئىللىق مۇئامىلە قىلغاچقا بىمارلار يېقىن دوستلىرىغا ئۇنى تونۇشتۇردى. ئۇزاق ئۆتمەيلا دوختۇرخانىنىڭ نامى پۇر كىتىپ، خەلقنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. دوختۇرخانىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن بىر نەچچە بىمارنىڭ ئائىلە تاۋاپاتلىرى بىرلىكتە دوختۇرخانىغا لەۋھە تەقدىم قىلىپ، ئۈستىگە «خەيرى ساخاۋەت قىلغۇچى» دېگەن خەتلەرنى يازدى. ئەينى چاغدا مەسئۇد خەنزۇچە خەت تۇنىمىغاچقا لەۋھە بىلەن «ئالتاي دوختۇرخانىسى» دېگەن ۋىۋىسكىنى بىرگە ئاستى. شۇنىڭ بىلەن خەنزۇلارنىڭ ھەممىسى بۇ دوختۇرخانىنى «خەيرى ساخاۋەت» دوختۇرخانىسى دەپ ئاتاپ قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە بۇ دوختۇرخانىنىڭ نامى پۈتۈن غۇلجا شەھىرىگە پۇر كەتتى. قەدىمكىلەرنىڭ ئەجىر قىلىپ تىكىلگەن گۈل ئېچىلماس، مەقسەتسىز تىكىلگەن سۆگەت سايىۋەن بولار دېگىنىدەك مەسئۇد پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن مائارىپ ئىشلىرىغا ئاتلىنىپ مائارىپ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ سىياسىي غايىسىنى ئىشقا ئاشۇرماقچى بولغان بولسىمۇ ئويلىمىغان يەردىن ھەممىسى يوققا چىقتى. ئەمما ئەسلىدە ئىچى پۇشۇقىنى چىقىرىش ئۈچۈن ئاچقان دوختۇرخانا ناھايىتى زور ئۇتۇقلارغا ئېرىشىپ كەڭ خەلقنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشىپ قالدى.

     مەسئۇد يەنىلا تاقەتسىزلىك بىلەن مەكتەپ ئىشلىرىنى كۆڭلىدىن چىقىرالماي يۈرىدى. 1917-يىلى ئۆكتەبىر ئىنقىلابى غەلىبىگە ئېرىشتى. سوۋېت رۇسىيىسىنىڭ قايتا-قايتا غەلىبىگە ئېرىشىشىگە ئەگىشىپ «پانتۇركىزىم، پانئىسلامىزىم» ئىدىيىسى بىلەن چىقىشالمايدىغان بىر خىل ئىنقىلاب ئىدىيە ئېقىمى شىنجاڭدا تەدرىجىي تارقىلىشقا باشلاپ، چېگرىغا جايلاشقان غۇلجىغا بارغانسېرى تەسىر كۆرسەتتى. مەسئۇد تۈركىيىدە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتتا ئوسمان تۈركلىرىنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنى بولغان رۇسىيەگە ئىنتايىن ئۆچ ئىدى. بولشېۋىكلار ھاكىمىيەت ئورنىغا چىققاندىن كىيىن ئۇ رۇسىيىنىڭ كوممۇنىزم نەزەرىيىسى ۋە ئىنقىلابىغا چىش تىرنىقىغىچە ئۆچ بولدى. بولۇپمۇ ئۇنى تېخىمۇ بىئارام قىلغىنى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا سوۋېت ھاكىمىيىتىنىڭ كوممۇنىزم پرىنسىپى بويىچە «يېزا ئىگىلىك ئىنقىلابى» (يەرلەرنى تەڭ مىقداردا كىچىك بۆلەكلەرگە ئايرىپ شۇ جايدىكى دېھقانلارغا تەقسىملەپ بېرىش) نى يولغا قويۇش ئىدى. بۇ خىل يېڭى ئىدىيىنىڭ شىنجاڭدىكى يەرلىك مۇسۇلمانلارغا تەسىر كۆرسىتىشىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن مەسئۇد يەنە مەبلەغ چىقىرىپ تۆت ئورۇندا «دەرنەك» (كۇرس تۈرىدىكى غەيرى رەسمىي مەكتەپ) ئېچىپ، پانتۈركىزم ۋە پانئىسلامىزم ئىدىيىسىنى تارقىتىپ، «پانتۇركىزىم، پانئىسلامىزىم» ئىدىيىسىنى تارقىتىش ئارقىلىق سوۋېتنىڭ ئىنقىلاب دولقۇنىنىڭ تەسىرىنى توسۇشنى سىناپ باقماقچى بولدى.

     ياڭ زېڭشىن ھەممە ھوقۇقنى قولىغا ئېلىۋالغان مۇستەبىت يەنە كېلىپ خۇسۇسى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن گىجىڭ ئادەم بولۇپ، شىنجاڭنى ئالىقىنىغا ئېلىۋالغىنىغا شۈكرى قىلاتتى. ئىدىيىسى ئىنتايىن مۇتەئەسسىپ بولغاچقا بارلىق يېڭى ئىدىيىلەرنى چەتكە قاقاتتى. شۇڭا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىنقىلاب دولقۇنىغا باشتىن-ئاخىر ئۆچمەنلىك قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن موداپىئەلىنىش پوزىتسىيىسىدە تۇرۇپ كەلدى. بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا مەسئۇد بىلەن بىرلىككە كېلەلەيتتى ئەمما دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورنى نۇقتىسىدىن ئالغاندا ئۇ يەنىلا «پانتۇركىزىم، پانئىسلامىزىم» ئىدىيىسىگە سەگەكلىك بىلەن مۇئامىلە قىلاتتى. ئۇ پانئىسلامىزمنىڭ ئىتتىپاق دۆلەت قۇرۇش سەپسەتىسىدە باشقا مەقسەت بار. بۇنىڭ ئىچىدىكى «چوڭ بىرلىككە كەلتۈرۈش» ئارقىلىق ئىسلام دۆلەتلىرى بىلەن ياۋروپا، ئاسىيادىكى ئىسلام ئەللىرىنى بىرلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت «چوڭ ئىتتىپاقداش قۇرۇش» تەشەببۇسى يەرلىكنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە شىنجاڭنى بىرلىككە چوڭ تەھدىت. شۇڭا مەسئۇد ئاچقان مەكتەپنى قەتئىي تاقىۋېتىش كېرەك، دەپ قارىدى.

     مەسئۇد ئىنتايىن جاھىللىق بىلەن ئىككى قېتىم مەكتەپ ئېچىپ ھەر ئىككىلىسى تاقىۋېتىلگەن ھالەتتىمۇ يەنە نىيىتىدىن ۋاز كەچمەي دوختۇرخانا ئېچىش بىلەن بىر ۋاقىتتا سەۋرچانلىق بىلەن مەكتەپ ئېچىش پۇرسىتىنى ئىزلىدى. ئۇ دوختۇرخانا ئېچىش داۋامىدا «پانتۇركىزىم، پانئىسلامىزىم» ئىدىيىسى تەشۋىقاتىنى ئۇنتۇپ قالمىدى. 1924-يىلى شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتى ئاستا-ئاستا مۇقىملاشتى. مەسئۇد دولقۇنلار ئۆتۈپ كەتتى دەپ قاراپ غۇلجىدا يەنە قايتىدىن مەكتەپ ئېچىپ، ئوخشاش يولدىكىلەرنى تەكلىپ قىلىپ پانتۈركىزم، پانئىسلامىزم ئىدىيىسىنى جېنىنىڭ بارىچە تارقاتتى. ئۇلار «پانتۇركىزىم، پانئىسلامىزىم» ئىدىيىۋى ئېقىمىنىڭ ۋۇجۇدقا كەلگەن دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ياۋروپا مۇستەملىكىچىلىرىگە قارشى تۇرۇپ مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرگەن دۆلەتلەرنىڭ ئىبارىلىرىگە سېلىشتۇرۇپ، مەركىزى ھۆكۈمەت ۋە شىنجاڭدىكى يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ھاكىمىيىتىنى مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىق دەپ قاراپ، جۇڭگو مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇش، مىللىي مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈش باياناتىنى ئېلان قىلىپ، شىنجاڭنى ۋەتىنىمىزنىڭ تېرىتورىيىسىدىن ئايرىپ چىقىشقا ئورۇنۇپ، بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ سىياسىي قارا نىيىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولدى.

     ئۇزاق ئۆتمەي بۇ ئەھۋاللار ئۆلكىگە يەتكۈزۈلدى، ياڭ زېڭشىن ئۆزىنىڭ ئايغاقچىلىرى ئارقىلىق بۇ ئىشتىن ۋاقىپلانغاندىن كىيىن قاتتىق ئاچچىقلىنىپ، بېشىغا سەللە ئورىغان، ئۇزۇن چاپان كىيگەن بۇ ئادەم ئارقا-ئارقىدىن چەكلەش بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلىشقا باشلىدى، ئۇنىڭ مەقسىتى نېمىدۇ؟ دېگەنلەرنى ئويلىدى. دەل مۇشۇ ۋاقىتتا كۇچادىكى مەمەتئېلىخاننىڭ دىن ۋە مىللەت ئۇقۇمىدىن پايدىلىنىپ، شوئار توۋلاپ توپىلاڭغا قۇترىتىش ھەرىكىتى ياڭ زېڭشىن تەرىپىدىن باستۇرۇلغان ئىدى. سەزگۈر مەزگىلدە تۇرىۋاتقان ياڭ زېڭشىن مەسئۇدنىڭمۇ مەكتەپتە مۇنبەردىن پايدىلىنىپ، قانۇنسىز ئىشلارنى قىلىشقا ئورۇنىدىغانلىقىنى ئويلىدى ۋە مەسئۇدنى دەرھال قولغا ئېلىش بۇيرۇقىنى چۈشۈرۈپ، ئۇنى ئۆلكىگە يالاپ ئاپاردى.

     مەسئۇد ئۈرۈمچىگە يالاپ ئاپرېلىپ 10 ئايدىن ئارتۇق سولاپ قويۇلدى. بۇ مەزگىلدە ياڭ زېڭشىن ئۈچ قېتىم ئۆزى سوراق قىلدى. ئۇ مەسئۇدنى كۆرگەندىن كىيىن مەسئۇدنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكى خۇشامەتچىلەردىن بولماستىن، بەلكى بىلىملىك ۋە ئەدەپ-قائىدىلىك ئىكەنلىكىنى، تۇرقىدىن يېتىلگەن ئىلىم ئەھلىدەك تەسىر بېرىدىغانلىقىنى ھېس قىلدى. ئۆزى سوراق قىلىش ۋە ئادەم ئەۋەتىپ كۆپ جەھەتتىن تەكشۈرۈش ئارقىلىق مەسئۇدنى ئۆز پىكىرىدە چىڭ تۇرىدىغان، ئۆز مەيلىچە كونىچە مەكتەپ ئاچقان، گەرچە چەكلەش بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلغان بولسىمۇ، ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارمىغان بولغاچقا، ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلىپ ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەندىن كىيىن قويۇپ بېرىش كېرەك، دەپ قارىدى.

     مەسئۇد قويۇپ بېرىلگەندىن كىيىن ئۆز قىلمىش-ئەتمىشلىرى ئۈستىدە قايتا ئويلانمايلا قالماستىن ئەكسىچە ياڭ زېڭشىن قەستەن مەن بىلەن چىقىشالمايۋاتىدۇ دەپ قارىدى. ئەمما ئۇنىڭغا بىر نۇقتا ئېنىق ئىدى: ئەگەر ئۇ يەنە چەكلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، شەخسى مەكتەپ ئاچسا ياڭ زېڭشىن ئۇنى بۇنداق ئاسان ئۆيىگە قايتۇرمايتتى.

     قاتتىقلىق ئەپلەشمىسە يۇمشاقلىق قىلىشنى چۈشىنىپ يەتكەن مەسئۇد ئازراق ۋاقىت ئارام ئېلىۋېلىپ، كونا كەسپىنى يەنە باشلاپ دوختۇرخانا ئېچىش ئارقىلىق ئابرۇيىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئاندىن يەنە مەقسىتى ئۈچۈن تېرىشىشنى ئويلىدى. شۇنىڭ بىلەن دوختۇرخانىسىنىڭ يېنىغا ئۆي سېلىپ، دوختۇرخانىسىنى كېڭەيتمەكچى بولدى. مەسئۇدنىڭ كەڭ كۆلەمدە قۇرۇلۇش قىلىشى كۆپلىگەن كىشىلەردە ھەسەت ۋە بىزارلىق تۇيغۇسىنى قوزغىدى، ئۇلار غۇلجىنىڭ يەرلىك ئەمەلدارى چاڭ يوڭچىڭغا خەت يېزىپ مەخپىي مەلۇمات بېرىپ مەسئۇدنىڭ غەيرى ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى. بۇ ۋاقىتتا چاڭ يوڭچىڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە مەسئۇدنى نازارەت ئاستىغا ئېلىشقا مەسئۇل بولغان بولۇپ، ئۇ تاپشۇرۇۋالغان شىكايەتنىڭ راست-يالغانلىقىنى سۈرۈشتە قىلىپ ئولتۇرماستىنلا ئۇنى قاماقخانىغا ئاپىرىپ سولاپ قويدى. مەسئۇد تۈرمىدە بىر نەچچە ئاي تۇرغاندىن كىيىن ئاتا-ئانىسى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ كېپىللىكى بىلەن تۈرمىدىن چىقتى.

     مەسئۇد بۇ قېتىم تۈرمىدىن چىققاندىن كىيىن مەسئۇد ھۆكۈمەت بىلەن تەڭمۇ-تەڭ قارشىلاشقىلى بولمايدىغانلىقىنى، چوقۇم ئەپلەپ-سەپلەپ ياخشى مۇناسىۋەتنى ساقلاش لازىملىقىنى تونۇپ يەتتى. شۇڭا تۈرمىدىن چىققاندىن كىيىن ھۆكۈمەتنىڭ ئاۋارىچىلىقتىن قورقۇش پسىخىكىسىنى چۈشۈنۈپ، ئۆزلۈكىدىن دوختۇرخانىنىڭ كۆلىمىنى قىسقارتتى. ھەمدە بىر تۈركۈم مەدەنىيەتلىك، زېرەك ياشلارنى تاللاپ تېبابەت ئىشلىرى بويىچە تەربىيىلەپ، ئۆزى ئۇلارغا دەرس ئۆتۈپ، ئۇلارنىڭ پراكتىكا قىلىش، كۆز پىشۇرۇشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلدى. ئۇنىڭ كۆڭۈل قويۇپ تەربىيىلىشى نەتىجىسىدە بەزى شاگىرتلىرىنىڭ بىر مەزگىل داڭقى چىقىپ، غۇلجا شەھىرى بويىچە داڭلىق دوختۇرلارغا ئايلاندى. ئۇلار ئىلى ۋىلايىتى ئىچىدە كېسەل داۋالاپ، ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ، يەرلىك خەلققە نۇرغۇن قۇلايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى. ھۆكۈمەت مەسئۇدنىڭ بىر قېلىپقا چۈشكەنلىكىنى، داۋالاش ئىشلىرىغا بېرىلىپ كەتكەنلىگىنى كۆرۈپ، قايتا سۈرۈشتە قىلمىدى.

     ئۇ گەرچە داۋالاش ئىشلىرىدا ئازراق نەتىجە قازىنىپ، يەرلىكلەر ئارىسىدا ھۆرمەتكە ئېرىشكەن بولسىمۇ دوختۇرلار بولۇپلا ياشاشنى خالىمىغاچقا، سىياسىي غەرىزى ئۇنىڭ ئىچىنى ئېچىتىپ ئۇنى جىم تۇرغۇزمىدى. ئىككىنچى يىلى ئۇ چىدىيالماي يەنە ھەرىكەتلەندى. ئەمما ئىلگىرىكى تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، پىشىشىپ يېتىلگەچكە ئۆزى ئالدىغا چىقماي ھۆكۈمەتتىكى ئالاقىسى قويۇق خادىملارنى مەكتەپ مۇدىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلىققا تەكلىپ قىلىپ، مۇناسىۋەتنى راۋانلاشتۇرۇش ئارقىلىق «دوڭ مەھەللە خەيرىيەت مەكتىپى ۋە تولۇقسىز مەكتىپى»نى ئاچتى. يەرلىك ھۆكۈمەت بىلەن داۋاملىق مۇناسىۋەت باغلاپ تۇرغانلىقتىن، مەكتەپ ئاخىرى ئېتىراپقا ئېرىشتى. بۇ ۋاقىتتا مەسئۇد ئۆزى بىۋاسىتە دەرس ئۆتمىگەن بولسىمۇ، ئۇ تەكلىپ قىلغان خادىملار ئوقۇغۇچىلارغا ئاشكارا ياكى يوشۇرۇن ھالدا «پانتۇركىزىم، پانئىسلامىزىم» ئىدىيىسىنى تەرغىب قىلدى.

     مەسئۇد ھەمىشە يەرلىك خەلقنىڭ ئىدىيىسىنىڭ قاتمال ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ كاللىسىنى ئېچىشقا ئۇزاق ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىپ، ئۇلارنىڭمۇ ئۆزىگە ئوخشاش تاشقى دۇنيانى چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلاتتى. ئۇنداق بولغاندا ئۇنىڭ تەشۋىقاتلىرىنى ئاسانلا قوبۇل قىلالايتتى. كۈتۈلمىگەندە، بۇ ۋاقىتتا رۇسىيە كونسۇلخانىسى ئارتۇق كىنو قويۇش ئاپپاراتلىرىنى ساتماقچى بولدى. مەسئۇد خۇشاللىق بىلەن ئۇنى سېتىۋېلىپ، كىنو قويۇش ئارقىلىق «خەلقنى ئويغۇتۇش» خىيالىدا بولدى. يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ خۈدۇكسىنىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۇ ئىلى ئامبىلى چاڭ يوڭچىڭنىڭ كونا تۇرالغۇسىنى يۇقىرى باھادا ئىجارىگە ئېلىپ، كىنوخانا قىلدى ھەمدە ئون يىللىق ئىجارە ھەققىنى ئالدىدىن تۆلىدى. ئەينى ۋاقىتتا چاڭ يوڭچىڭ كىنونىڭ قانداق نەرسە ئىكەنلىكىنى بىلمىگەچكە ئويلىنىپ كەتمەيلا ماقۇل بولدى. كىنو قويۇش باشلانغاندىن كىيىن ئاندىن كىنونىڭ ياخشى نەرسە ئەمەسلىكىنى، ھامان ئاپەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى، ئاۋام ئارىسىغا پاراكەندىچىلىك سالىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، كىنو قويۇشنى توختىتىشقا بۇيرۇق قىلدى ھەمدە ماشىنا-ئۈسكۈنىلەرنىڭ ھەممىسىنى مۇسادىرە قىلىپ پېچەتلىدى. مەسئۇد قاتتىق ئاچچىقلانغان بولسىمۇ ئامالى بولمىغاچقا بۇيرۇققا ئىلاجسىز بويسۇنۇپ، دوختۇرخانا ئېچىش، تەربىيىلەش ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرىۋەردى.

     تەرجىمە قىلغۇچىلار:

     ئابدۇجاپپار ھامىدىن (كەلپىن ناھىيىلىك تەرەققىيات، ئىسلاھات كومىتىتى)

     قاھار زەيدىن (كەلپىن ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تەرجىمە ئىشخانىسى)

     زورىگۇل قادىر (ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىنىستىتوتى)

     روشەنگۈل ئەزىز (ئاقسۇ شەھىرى ئىگەچى يېزىلىق ھۆكۈمەت)

     (داۋامى بار)



无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter