يېڭى جوڭگۇ قۇرۇلغاندىن كېيىن، چوڭ ھەربىي رايۇنلارنى كۆپ قېتىم تەڭشىگەن. بۇنى ئالتە چوڭ ھەربىي رايۇننىڭ قۇرۇلۇش مەزگىلى، 12 چوڭ ھەربىي رايۇننىڭ 11 چوڭ ھەربىي رايۇنغا تەڭشەش مەزگىلى، ھازىرقى يەتتە چوڭ ھەربىي رايۇننىڭ شەكىللىنىش مەزگىلى دەپ ئۈچكە بۈلۈشكە بۇلىدۇ.
يېڭى جوڭگۇ قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئالتە چوڭ ھەربىي رايۇن ئازادلىق ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرىقى مەزگىلىدە ئۇرۇش ئىستىراتىگىيەسىنىڭ ئېھتىياجى تۈپەيلى 1948- يىلى 1- نويابىر مەركىزىي ھەربىي كومېتىتى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ ئارمىيەنى تەشكىلىي شىتاتقا ئايرىغان. بۇنىڭدا بىرىنچى، ئىككىنچى، ئۈچىنچى دەرىجىلىك ھەربىي رايۇن ۋە شۆبە ھەربىي رايۇن دەپ تۆت دەرىجىلىك ھەربىي رايۇن تۈزۈلمىسىگە ئايرىپ، مەركىزىي ئىدارىگە ئۇيغۇن كەلگەن رايۇنلارنى بىرىنچى دەرجىلىك ھەربىي رايۇن، مەركىزىي شۆبە ئىدارىگە ئۇيغۇن كەلگەن رايۇنلارنى ئىككىنچى دەرىجىلىك ھەربىي رايۇن، ئۆلكە ۋە مەمۇرىي رايۇنلاردا ئۈچىنچى دەرىجىلىك ھەربىي رايۇنلارنى قۇرغان ھەمدە ھەر دەرىجىلىك ھەربىي رايۇنلار ئۆزى تۇرۇشلۇق رايۇننىڭ ئىسمى بۇيىچە ئاتالغان. يېڭى جوڭگۇ قۇرۇلغان ۋاقىتتا شەرقىي شىمال ھەربىي رايۇنى، شىمالىي جوڭگۇ ھەربىي رايۇنى، شەرقىي جوڭگۇ ھەربىي رايۇنى، ئوتتۇرا جوڭگۇ ھەربىي رايۇنى، غەربىي شىمال ھەربىي رايۇنى قاتارلىق مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى خەلق ئىنقىلابىي ھەربىي كومېتىتىغا بىۋاستە قاراشلىق بىرىنچى دەرىجىلىك بەش ھەربىي رايۇن قۇرۇلغان. 1950- يىلى يانۋاردا ئوتتۇرا جوڭگۇ ھەربىي رايۇنى جەنۇبىي جوڭگۇ ھەربىي رايۇنىغا ئۆزگەرتىلگەن. شۇ يىلى فېۋرالدا غەربىي جەنۇپ ھەربىي رايۇنى قۇرۇلغان.
1950- يىلى ئىيۇلغا قەدەر شەرقىي شىمال، شىمالى جوڭگۇ، شەرقىي جوڭگۇ، جەنۇبىي جوڭگۇ، غەربىي جەنۇپ، غەربىي شىمال قاتارلىق ئالتە بىرىنچى دەرىجىلىك ھەربىي رايۇن؛ سەنشى، سۈييۇەن، ئىچكى موڭغۇل، شەندوڭ، جېجياڭ، فۇجيەن، خېنەن، خۇبېي، خۇنەن، جياڭشى، گۇاڭدوڭ، گۇاڭشى، شەرقىي سىچۇەن، يۈننەن، گۈيجۇ، گەنسۇ، شەنشى، شىنجاڭ قاتارلىق 18 ئىككىنچى دەرىجىلىك ھەربىي رايۇن؛ شەرقىي لياۋنىڭ، غەرىبىي لياۋنىڭ، خېبېي، پىڭيۇەن، چاخار، شەرقىي شەندوڭ، بوخەي، شىمالىي جياڭسۇ، جەنۇبىي جياڭسۇ، جەنۇبىي ئەنخۇي، شىمالىي ئەنخۇي، خەينە، جەنۇبىي سىچۇەن، شىمالىي سىچۇەن، قەشقەر، ئۈرۈمچى، غۇلجا، نىڭشيا، چىڭخەي قاتارلىق 25 ئۈچىنچى دەرىجىلىك ھەربىي رايۇن قۇرۇلغان. 1954- يىلىغا كەلگەندە تەڭشەش ۋە قۇشۇۋېلىش ئارقىلىق شەندوڭ، فۇجيەن، يۈننەن، شىزاڭ، شىزاڭ قاتارلىق ئىككىنچى دەرىجۆىلىك بەش ھەربىي رايۇن ساقلاپ قېلىنىپ، قالغانلىرى ئۈچىنچى دەرىجىلىك ھەربىي رايۇن قىلىنغان.
1955- يىلى 11- فېۋرال خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى كەڭ كۆلەملىك ئىنقىلابىيلىشىش، مۇنتىزىملاشتۇرۇش، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلىشىنىڭ ئىھتىياجى ۋە پارتىيە مەركىزى كومېتىتى سىياسىي بىيۇروسى، مەركىزىي شۆبە بىيۇروسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا قارىتا، گوۋۇيۇەن، دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىكى «ھەربىي رايۇنلارنى قايتىدىن ئايرىشقا ئائىت قارار» نى تارقىتىپ، ئەسلىدىكى ئالتە چوڭ ھەربىي رايۇننى 12 چوڭ ھەربىي رايۇنغا ئايرىغان.
1955- يىلى ئىيۇلدا گوۋۇيۇەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتى بىرىنچى، ئىككىنچى، ئۈچۈنچى دەرىجىلىك ھەربىي رايۇنلارنى قايتىدىن ئايرىپ چىققان. كېيىن ئەسلىدىكى تۆت دەرىجۆىلىك ھەربىي رايۇن تۈزۈلمىسى ھەربىي رايۇن، ئۆلكە دەرىجىلىك ھەربىي رايۇن، ئۈچىنچى دەرىجىلىك ھەربىي رايۇن تۈزۈلمىسىگە ئۆزگەرتىلگەن.
1956- يىلى ئاپېرىل شەرقىي جوڭگۇ ئۇرۇش مەيدانى مۇداپىيە سېپىنىڭ كېڭىيىپ كىتىش ۋە فۇجيەن ئالدىنقى سېپىنىڭ دۈشمەنگە قارشى كۈرۈشىنى كۈچەيتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، گوۋۇيۇەن ئەسلىدىكى نەنجىڭ ھەربىي رايۇنىنى فۇجيەن، جياڭشى ئىككى ھەربىي رايۇنغا ئايرىپ، فۇجۇ ھەربىي رايۇنىنى قۇرغان. 1967- يىلى مايدا شىمالىي جوڭگۇ ئۇرۇش مەيدانىدىكى ئۇرۇش قىلىش قوماندانلىقىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتى ئىچكى موڭغۇل ھەربىي رايۇنىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆلكە دەرىجىلىك ھەربىي رايۇنغا تۆۋەنلىتىپ، بېيجىڭ ھەربىي رايۇنى تەشكىلىي ئاپراتىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. 1979- يىلى مايدا شىنجاڭ ھەربىي رايۇنى تۇرۇشلۇق جاينىڭ نامى بۇيىچە ئۈرۈمچى ھەربىي رايۇنىغا ئۆزگەرتىلگەن.
1984- يىلىنىڭ ئاخىرى مەركىزى ھەربىي كومىتېتى ئارمىيەنى كەڭ كۆلەمدە قىسقارتىش پىلانىنى ئوتتۇرغا قويغان. 1985- يىلى ئىيۇلدا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۇەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتى 11 ھەربىي رايۇننى يەتتە چوڭ ھەربىي رايۇنغا تەڭشەشنى قارار قىلغان. شېنياڭ ھەربىي رايۇنى بىلەن بېيجىڭ ھەربىي رايۇنى ئۆزگەرتىلمىگەن. فۇجۇ ھەربىي رايۇنى نەنجىڭ ھەربىي رايۇنىغا قوشۇۋىتىلگەن؛ ۋۇخەن ھەربىي رايۇنى جىنەن ھەربىي رايۇنى بىلەن گۇاڭجۇ ھەربىي رايۇنىغا بۆلىۋىتىلگەن؛ كۈنمىڭ ھەربىي رايۇنى چېڭدۇ ھەربىي رايۇنىغا قۇشۇۋېتىلگەن؛ ئۈرۈمچى ھەربىي رايۇنى شىنجاڭ ھەربىي رايۇنىغا ئۆزگەرتىلىپ، دەرىجىسى تۆۋەنلىتىلگەن ھەمدە لەنجۇ ھەربىي رايۇنى تەشكىلى ئاپراتىغا قوشۇۋىتىلگەن.