Ralph Lauren Canada ;One is to choose a plain colour of Polo,ralph lauren outlet such as Black, Navy or White - ralph lauren canadaselecting a colour of garment on which your corporate logo colours will look good when embroidered.ralph lauren canada outlet This can sometimes be preferable to buying an off-the-shelf garment in an unusual shade because fashions change and just because yourpandora canada company's shade of lime green is in vogue today this may not be the case in two years time.http://www.cefrank.com.au Manufacturers of off-the-shelf Tiffany Sale'stock' garments tend to change their ranges from time to michael kors outlet uktime and may choose to drop a colour if it is no longer considered popular.cheap burberry Ask your supplier and they should be able to tell you which colours Cheap Pandora Charmsare likely to remain available or which are in doubt.The second option,www.rvaq.ca if you have a sufficiently large requirement, is to have a Polo Shirt manufactured for your staff uniform in a bespoke colour. Manufacturing a bespoke embroidered Polo Shirt, opens up a wealth of possibilities regarding colour matching to your main corporate colour, Tiffany Saleembroidery branding, trims & detailing but this option is usually only viable from 300 to 500 pieces for a single colour garment or 1,000 Cheap Tiffany Salepieces upwards for more complex designs.
ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> موڭغۇللارنىڭ روسىيەگە ھۇجۇم قىلىپ كىرىشى

موڭغۇللارنىڭ روسىيەگە ھۇجۇم قىلىپ كىرىشى

2013-05-19 12:34     كۆرۈلۈشى: 11,357 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن:      20- ئەسىردىن ئىلگىرىكى تارىخ كىتاپلىرىنى ئوقۇپ، غەرپ ئەللىرىنىڭ رۇسلارغا بەرگەن باھاسىنى تەتقىق قىلدىغان بولساق، شەرقتىكى كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەرنىڭ قۇيۇق پۇرىقىنى ھىس قىلىمىز. شەرقلىكلەر رۇ....

     20- ئەسىردىن ئىلگىرىكى تارىخ كىتاپلىرىنى ئوقۇپ، غەرپ ئەللىرىنىڭ رۇسلارغا بەرگەن باھاسىنى تەتقىق قىلدىغان بولساق، شەرقتىكى كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەرنىڭ قۇيۇق پۇرىقىنى ھىس قىلىمىز. شەرقلىكلەر رۇسلارنى غەرپلىك دەپ قارىسا، غەرىپلىكلەر رۇسلارنى ناھايتى قۇيۇق شەرق مىللىتى ئالاھىدىلىكىگە ئىگە دەپ قارايدۇ. رۇسلاردا بۇنداق ئالاھىدىلىك ئەزەلدىنلا بولغان ئەمەس. دەسلەپكە سىلاۋىيانلاردىن كيۋ رۇسلىرىغىچە بولغان جەرياندا، ئۇلارنىڭ بۇ زىمىندىكى تەرەققىيات مۇساپىسى ياۋرۇپادىكى كۆپ قىسىم مىللەتلەرنىڭكىدىن پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ. دەسلەپكى ياۋايى مىللەتتىن رىم-خىرستيان دىن مەدىنيىتىگە ئىتقاد قىلغۇچە بولغان جەرياندا رۇسلار قىسقا مەزگىل ھونلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا ئۇچراپ، ئۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا بوي سۇنغاندىن سىرىت، ھەممە ئىشى ئوڭۇشلۇق بولغان. لېكىن 13-ئەسىرگە كەلگەندە تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن بىر ئىش، يەنى مۇڭغۇللارنىڭ تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشى رۇسلارنىڭ كىيىنكى تارىخى مۇساپىسىنى ئۈزۈل-كېسىل ئۆزگەرتىۋەتكەن.

     كيېۋ رۇسلىرىنىڭ ھۆكۈمرانى «دانا ياروسلاۋ» 1054- يىلى ئۆلگەندىن كېيىن، كېيۋ رۇسلىرىنىڭ زىمىنى ئۇنىڭ بىر نەچچە ئوغلىغا بۈلۈپ بىرىلگەن. بۇ ئوغۇللار ئارىسىدىكى تالاش-تارتىش سەۋەبىدىن كېيۋ رۇسلىرى ناھايتى تىزلا پارچىلىنىپ، تاكى مۇڭغۇللار تاجاۋۇز قىلىپ كىرگىچە، كېيۋ رۇسلىرى ئۆز-ئارا «مۇناسىۋەتسىز» بولغان ئون نەچچە بەگلىككە پارچىلىنىپ كەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ ئۈچ بەگلىك شىمالدىكى نوۋگورد بەگلىكى، شەرقى شىمالدىكى ۋېلادېمىر- سۇزدال كېنەزلىكى ۋە غەرپتىكى كالىسسيە-ۋولىن خانلىقىدىن ئىبارەت. ئۇلارنىڭ شەرقى جەنۇبىدا، يەنى قارا دېڭىزنىڭ شىمالىدىكى قىرىميەدىن كاسپى دېڭىزى ۋە كاۋكازنىڭ شىمالىدىكى كەڭ زىمىدا تۈرك تىلىنى قوللىنىدىغان كومانلار (قىپچاقلار دەپ ئاتىلىدۇ) ياشايتى. ئۇلارنىڭ شەرقىدە ۋولگا دەرياسى بويىدىكى بۇلغارلار ياشايتى (ئۇلارغا تۇققان مىللەتلەر بىرقانچە يۈز يىل ئىلگىرى ياۋرۇپانىڭ شەرقى جەنۇبىدىكى بالقاندىن بۇ جايغا كىرىپ، يەرلىك سىلاۋىيانلار ۋە گىرىكلارنى بويسۇندۇرۇپ، بۇلغارىيە خانلىقىنى قۇرغان). رۇسلار قۇرغان بۇ ئۇششاق بەگلىكلەر بەزىدە تۈرك تىلى سېستىمىسىدىكى مىللەتلەر بىلەن ئۇرۇشسا، بەزىدە ئىتتىپاق تۈزگەن بۇلۇپ، 200  يىلغا يېقىن ۋاقىت مۇشۇنداق ئۆتكەن.

     13- ئەسىردە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىش موڭغۇللارنىڭ باش كۆتۈرۈشى بۇلۇپ، چىڭگىزخان موڭغۇلىيە ئىگىزلىكىدىكى بارلىق قەبىلىلەرنى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن، تاڭغۇتلار ۋە قارا قىتانلارنى ناھايتى تىزلا مەغلۇپ قىلغان ھەم ئالتۇن خانلىقىغا ئۇرۇش قوزغىغان. بۇ ۋاقىتتا خارەزىم سۇلتانى مۇھەممەدنىڭ قول ئاستىدىكى سەركەردە موڭغۇللارنىڭ سودا كارۋىنىنى بۇلاپ، ئادەملىرىنى ئۆلتۈرۋەتكەن. چىڭگىزخان  مۇھەممەددىن قاتىلنى تاپشۇرۇپ بىرىشنى تەلەپ قىلغاندا، مۇھەممەد ئۇنىڭ تەلىۋىنى يولسىزلارچە رەت قىلغان. بۇ ئىش موڭغۇللارنىڭ قاتتىق غەزىۋىنى قوزغىغان. ئۆچ ئېلىش پىرىنسىپى بويىنچە، چىڭگىزخان موڭغۇل قۇشۇنىنى باشلاپ، تاڭغۇتلارغا قارشى ئۇرۇشنى توختۇتۇپ، چاقماق تىزلىكىدە خارازىمگە ھۇجۇم قىلىپ، ھىچقانچە كۈچ سەرپ قىلمايلا بۇ يەردىكى قۇشۇنلارنى مەغلۇپ قىلغان، مۇھەممەد شىمالغا قېچىپ كەتكەن. چىڭگىزخان قۇشۇنلىرى جەبە ۋە سۇبۇتاينىڭ باشچىلىقىدا ئىككى يولغا بۈلۈنۈپ شىمالغا يۈرۈش قىلىپ، مۇھەممەدنى قوغلىغان. 1220- يىلى مۇھەممەد كاسپى دېڭىزىدىكى كىچىك ئارالدا ئازاپ ئىچىدە ئالەمدىن ئۆتكەن. چىڭگىزخان ئۆزى ئاساسى قۇشۇننى باشلاپ خارازىمنىڭ ئەڭ ئىقتىدارلىق سەركەردىسى، مۇھەممەدنىڭ ئوغلى جالالىدىننىڭ ئىزىدىن قوغلاپ جەنۇپقا يۈرۈش قىلىپ، خۇراسان ۋە ئافغانىستاننى بويسۇندۇرغان.

     چىڭگىزخاننىڭ قول ئاستىدىكى ئىقتىدارلىق سەركەردىلەردىن جەبە بىلەن سۇبۇتاي (چىڭگىزخاننىڭ قول ئاستىدا ئوگداي، جەبە، جەلىمە، سۇبۇتاي، بورخۇ، بورجى، مۇقالى، چلائۇن قاتارلىق سەككىز داڭلىق سەركەردە بار ئىدى) مۇھەممەدنىڭ ئۆلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، چىڭگىزخاننىڭ يىنىغا قايتىشقا ئالدىراپ كەتمەي، كاسپى دېڭىزىنىڭ غەربى قىرغىقىدىكى كاۋكازنى بويلاپ شىمالغا يۈرۈش قىلغان. ئۇلارنىڭ بۇ ھەركەتلىرى ئەينى ۋاقىتتا كاۋكازنىڭ شىمالى ۋە كاسپى دېڭىزىنىڭ غەربى قىرغىقىدىكى رايۇنلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىللەپ، موڭغۇللارنىڭ كىيىنكى كۈنلەردە روسسيىگە تاجاۋۇز قىلىشقا تەييارلىق كۆرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بىرىلغان ئىستىراتىگىيىلىك رازۋېتكا ھەركىتى دەپ قارالغان.

     تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن موڭغۇل زور قۇشۇنى كاۋكازدىكى گىروزىنلار، ئالانلار ۋە ئەزەربەيجانلارنى تىزلا بوي سۇندۇرغان ھەم غەربى شىمالدىكى قىپچاق دالاسىغا كىرگەن، قىپچاقلار موڭغۇللارنىڭ قۇدرەتلىك جەڭگىۋار كۈچىنى ھىس قىلىپ، دەرھال رۇس ئىتتىپاقداشلىرىدىن ياردەم سورىغان. شەرقى جەنۇپتىكى ھەر قايسى رۇس كېنەزلىكلىرى 80 مىڭ كىشلىك قۇشۇن تەشكىللەپ، كېيۋ، گالىچ، چېرنىگوۋ ۋە سىمولنىسكى قاتارلىق بىرقانچە بەگلىكىنىڭ بەگلىرىنىڭ قوماندانلىقىدا دنېپر دەرياسىنى بويلاپ جەنۇپقا يۈرۈش قىلىپ، قىپچاقلارغا ياردەم بەرگەن ھەم كالكا دەرياسى ئەتىراپىدا موڭغۇللار بىلەن دۇقۇرۇشۇپ قالغان. جەبە بىلەن سۇبۇتاينىڭ 20 مىڭلار ئاتلىق ئەسكىرى بولسىمۇ، ئۇلار كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەرگە خاس ئۇرۇش تاكتىكىسىنى قوللىنىپ،«V»  شەكىللىك ئۇرۇش سېپى تۈزۈپ، دۈشمەننى ئالداپ توزاققا چۈشۈرۈپ، دىھقانلار ۋە ئاقسۆڭەكلەردىن تەشكىللەنگەن رۇس چوڭ قۇشۇنىنى مەغلۇپ قىلغان.

     ئەمما موڭغۇللارنىڭ مەخسىدى رۇسلارغا تاجاۋۇز قىلىش بولمىغاچقا، جەبە بىلەن سۇبۇتاي رۇس قالدۇق ئەسكەرلىرىنىڭ كەينىدىن قوغلىماي، قىرىمىيەدىكى رېنايا مۇستەملىكىسىنى تېزلىكتە بۇلاڭ-تالاڭ قىلغان ھەم ۋولگا دەرياسى بويىدىكى بۇلغارلارنى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن، شەرققە يۈرۈش قىلىپ، كاسپې دېڭىزىنىڭ شىمالى قىرغىقىدىن سىر دەرياسى بويىغا قايتىپ كىلىپ، چىڭگىزخاننىڭ ئاساسى قۇشۇنى بىلەن ئۇچراشقان (موڭغۇللارنىڭ بۇنداق ئايلىنىپ يۈرۈش قىلىشى ئۇلارنىڭ جۇغراپىيە بىلىمىنىڭ موللىقىنى تۇللۇق ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرىدۇ، بۇ نەچچە مىڭ يىلدىن بىرى بۇ لىنيىدە قاتناپ كېلۋاتقان سودىگەرلەرنىڭ تۆھپىسى بۇلۇشى مۇمكىن). بۇ، قۇشۇننى بۆلۈپ ئىككى يىلدىن كېيىن يۈز بەرگەن ئىش بۇلۇپ ( ئېيتىشلارغا قارىغاندا، قۇشۇننى بۆلگەندە جەبە بىلەن سۇبۇتاي چىڭگىزخان بىلەن ئىككى يىللىق توختام تۈزگەن بۇلۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ رۇسلارغا تاجاۋۇز قىلمىغانلىقىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بۇلۇشى مۇمكىن)، جەبەمۇ يول ئۈستىدە ۋاپات بولغان.

     موڭغۇللار جەبە بىلەن سۇبۇتاينىڭ بۇ قېتىمقى رازۋېدكا خاراكتىرلىك ھۇجۇمىدىن رۇسىيەدىن ئىبارەت بۇ زىمىننىڭ مۇنبەتلىكىنى ھەم ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىرىنىڭ ئىقتىدارسىزلىقىنى ھىس قىلغان. شۇڭا چىڭگىزخان ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئورنىغا چىققان ئوگداي تېزلىك بىلەن يېڭى تاجاۋۇزچىلىق پىلانى تۈزگەن.

     چىڭگىزخان ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغان جايلار تۆت ئوغلىغا بۈلۈپ بېرىلگەن.موڭغۇللارنىڭ ئادىتى بويىنچە، چىڭگىزخاننىڭ چوڭ ئوغلى جۇجىغا بېرىلگەن سۇيۇرغال يەر ئەڭ غەرپتە بۇلۇپ، ئېرىتىش دەرياسىنىڭ غەربىدىن موڭغۇل ئاتلىرىنىڭ تۇيۇقى يەتكەن جايلارغىچە ئىدى. دىمەك موڭغۇللار غەرپتە بوي سۇندۇرغان جايلارنىڭ ھەممىسى جۇجىغا سۇيۇرغال قىلىپ بىرىلگەن بولسىمۇ، بۇ يەرلەر بۈلۈپ بىرىلگەندە جۇجى ئاللىقاچان ئۈلۈپ كەتكەچكە، ئوغلى باتۇ ئۇنىڭ ئورنىغا بۇ جايلارنىڭ ھۆكۈمرانى بولغان. ئوگداي تەخىتكە چىقىپلا كەڭ كۆلەمدە غەرپكە يۈرۈش قىلىپ، موڭغۇل ئىمپىريىسىنىڭ تېررتوريەسىنى كېڭەيتىشنى قارار قىلغان. بۇنىڭدا يەنە جۇجىنىڭ قاغانلىق ئورنىنى تالىشىشتىن ۋاز كەچكەنلىكىگە قىلىنغان رەھمەت ئېيتىش مەخسىدىمۇ بۇلۇشى مۇمكىن. بۇ قېتىم غەرپكە قىلىنغان ھەربى يۈرۈش ئۆزگىچە ئالاھىدىلككە ئىگە بۇلۇپ ،ئۇنىڭغا جۇجىنىڭ چوڭ ئوغلى باتۇ قوماندان بولغان، ئوگداينىڭ چوڭ ئوغلى كۈيۈكخان بىلەن تولېينىڭ چوڭ ئوغلى مۆڭگۈخانمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە يولغا چىققان. موڭغۇللارنىڭ باشقا قەبىلە ۋە تارماقلىرىنىڭ ئاقساقاللىرىمۇ چوڭ ئوغۇللىرىنى ئەۋەتكەچكە، بۇ قېتىمقى ھەربى يۈرۈش يەنە «چوڭ ئوغۇللارنىڭ غەرپكە يۈرۈش قىلىشى» دەپ ئاتالغان. موڭغۇل قۇشۇنىنىڭ ئەمەلىي قوماندانلىق ھوقوقى ئەمىليەتتە ئۆتكەن قېتىم بۇ رايۇنغا بىر قېتىم تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن سۇبۇتاينىڭ قولىدا ئىدى.

     بۇ قېتىم رۇسلار بالا-قازادىن قېچىپ قۇتۇلالمىغان، موڭغۇللارنىڭ زور قۇشۇنى قىپچاقلارنى تىزلكتە بوي سۇندۇرغاندىن كېيىن، ريازانغا ھۇجۇم قىلىپ، ريازان كېنەزى يۇرىنى ئۆلتۈرگەن. رۇس كېنەزلىرى ئارسىدا ئەڭ كۈچلۈك بولغان سۇزدال كېنەزى يۇرى ئىككى ئەسكەر ئەۋەتىپ ئۆلتۈرۈلگەن يۇرىنىڭ ئىنىسى رومان ساقلاۋاتقان كولۇمناغا ياردەم بەرگەن بولسىمۇ، ھىچقانداق پايدىسى بولماي، رومان ناھايتى تىزلا ئۆلتۈرۈلگەن، يۇرى ئىككىمۇ قىيىن ئەھۋالدا قالغان، سۇزدال تېزلا تالان-تاراج قىلىنغان، يۇرى ئىككىمۇ ئۇرۇشتا ئۆلگەن، سۇزدال شەھرى كۆيدۈرۋىتىلگەن. يەنە بىر شەھەر ۋېلادېمىرمۇ قورقۇنۇچلۇق جەرياننى باشتىن كەچۈرگەن بۇلۇپ، چىركاۋدا پاناھلىنىۋاتقان پۇقرالارنىڭ ھەممىسى قىرۋېتىلگەن. بەختكە يارىشا، شىمالدىكى نوۋگوردتا ساسلىق كۆپ بولغاچقا، موڭغۇللارنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا ئۇچۇرمىغان. بىز نوۋگوردنىڭ رۇسىيە تارىخىدىكى مۇھىم رولىنى ناھايتى تىزلا كۆرەلەيمىز.

     موڭغۇللار سۇزدالدىن ئايرىلغاندىن كېيىن دەرھال ئوكرائىناغا يۈرۈش قىلىپ، چېرنىگوۋ ۋە كيېۋنى ئىشغال قىلىپ، شۇ جايدىكى رۇس ئەسكەرلىرى ۋە خەلىقنى قىرغىن قىلغان.

     باتۇ ۋە سۇبۇتايدىن باشقا، موڭغۇل بەگلىرىدىن ئوردۇنايان، ئەل بايدا، بۈرى، قاداغان، بۇدجاق، مۆڭگۈخان ۋە كۈيۈكخان قاتارلىق كىشلەرمۇ كيېۋغا قورشاپ ھۇجۇم قىلىشقا قاتناشقان. ئارقىدىنلا موڭغۇللار يەنە گالىچ، رادلىن ۋە كامېېتىس قاتارلىق جايلارنى تالان-تاراج قىلغان. موڭغۇللار يەنە چاقماق تىزلىكىدە ئۇكرائىنادىن پولشاغا كىرىپ، ساندوميېرز ۋە كراكوۋ قاتارلىق جايلاردا قىرغىنچىلىق قىلغان. ئۇلار داۋاملىق رۇسلار زىمىنىدىكى ھەيۋىسىگە تاينىپ، موڭغۇل ئاتلىق ئەسكەرلىرىنىڭ ھەركەتچانلىقى ۋە قۇدرەتلىك جەڭگىۋار كۈچىدىن پايدىلىنىپ، 1241- يىل 9- ئاپىرىل ليېگنىتزدا پولشا-تېۋتوبۇرگ چەۋەندازلار قۇشۇنىنى ئوڭۇشلۇق مەغلۇپ قىلغان. پولشا تارىخ كىتاپلىرىدا، ئەينى ۋاقىتتىكى موڭغۇل قۇشۇنىغا چاغاتاينىڭ ئوغلى ئەل بايدانىڭ قوماندانلىق قىلغانلىقى ھەم موڭغۇللارنىڭ ئوقيا بىلەن ساۋۇت-قالقان كىيگەن تېۋتوبۇرگ چەۋەندازلىرىنى ئۆتمە-تۆشۈك قىلۋەتكەنلىكى خاتىرلەنگەن.

     يەنە بىر بۆلەك موڭغۇل قۇشۇنى باتۇنىڭ باشچىلىقىدا سۇبۇتاينى تۇرشاۋۇل قىلىپ ھونگىريىگە بېسىپ كىرگەن. ئۇلار 1241-يىلى ئاپىرىلدا پېز شەھرىنى ئىشغال قىلغان، ھونگىريىلىكلەر ئۇرۇشتا مەغلۇپ بۇلۇپ، پادىشاھى قېچىپ كەتكەن، پۇقرالىرى رۇسلارغا ئوخشاش قىرغىن قىلىنغان. ياۋروپانىڭ تارىخى كىتاپلىرىدا تۆۋەندىكىدەك ھىكايىلەر كۆپ بۇلۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە غەربى ئاسىيادىكى ئەھۋاللارغا ئوخشىشىپ كىتىدۇ: موڭغۇللار قېچىپ كەتكەن پۇقرالارنى يۇرتىغا قايتىپ كىلىشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، ئۇلارنى كەچۈرۈم قىلىشقا قۇشۇلغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ گۇمانىنى تۈگەتكەندىن كېيىن ۋەدىسىدە تۇرماي، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى قىرۋەتكەن. ئۇلار يەنە ئەسىرلەر ۋە ئادەتتىكى پۇقرالاردىن پىدائىلار ئەتىرىتى تەشكىللەپ، موڭغۇل قۇشۇنىدىن ئاۋال شەھەرلەرگە ھۇجۇم قىلدۇرغان ياكى دىھقانلارغا ئاشلىقنى مەجبۇرى يىغدۇرۋالغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى قىرۋەتكەن. 1241-يىلى باتۇ ھەتتا ۋېناغا يېقىن جايلارغىچە قىستاپ كىلىپ، ياۋرۇپانى لەرزىگە سالغان. رىمدىكى ۋاتكاندا ھەتتا يېڭى ئەھلى سەلىپ قۇشۇنى تەشكىللەپ، موڭغۇللارنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى تۇرماقچى بولغان. تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن موڭغۇللار يەنە  tartarean  (لاتىنچە «دوۋزىخ» دىگەن مەنىدە) دىگەن نامغا ئىرىشكەن. قىزىقارلىقى شۇكى، بۇ سۆز «تاتار» دىگەن سۆزگە بەك يېقىن بولغاچقا، ياۋروپالىقلارنىڭ ھەممىسى موڭغۇللارنى «تەڭرى دوزاقتىن قۇيۇپ بەرگەن ئالۋاستى» لار ئوخشايدۇ  دەپ ئويلاپ قالغان.

 

 

     پۈتكۈل ياۋروپا موڭغۇللارنىڭ يەنىمۇ ھەركەت قىلىشىدىن ئەندىشە قىلۋاتقاندا، ئوگداي ئالەمدىن ئۆتكەن. ياۋرۇپادىكى موڭغۇل بەگلىرى خانلىق ئورنىنى تالىشىشقا ئالدىراپ، بارلىق ئۇرۇش ئەسىرلىرىنى قىرۋەتكەندىن كېيىن، دەسلەپتە كەلگەن چاغدىكىدەكلا ئوتتۇرا ياۋرۇپادىن تىزلىكتە چىكىنگەن. باتۇ قاغانلىق تەخىتكە قىزىقمىغاچقا، باشقىلاردەك موڭغۇل زىمىنىغا قايىتماي، قۇشۇنلىرىنى باشلاپ ۋولگا دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىدىكى قارا دېڭىزنىڭ شىمالى قىرغىقىغا قايىتقان. چىڭگىزخاننىڭ ۋەسىيىتى بويىنچە، يېڭىدىن ئىستىلا قىلىغان جايلارنىڭ ھەممىسىگە جۇجىنىڭ ئوغلى باتۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغان. باتۇ قارا دېڭىزنىڭ شىمالىدىكى سالېدا ئۆز خانلىقىنى قۇرغان، بۇ يەنە تۆت چوڭ خانلىقنىڭ بىرى بولغان «ئالتۇن ئوردا خانلىقى» نىڭ باشلىنىشى ئىدى. «ئالتۇن ئوردا خانلىقى» ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەركىزىي رايۇنلارنىڭ كۆپىنچىسى ئەسلىدە قىپچاقلار پائالىيەت قىلۋاتقان رايۇنلار بۇلۇپ، ئاھالىسىنىڭ كۆپىنچىسى قىپچاق تۈرۈكلىرى بولغاچقا، يەنە قىپچاق خانلىقىمۇ دەپ ئاتالغان. شىمالدىكى سۇزدالدىن جەنۇپتىكى كيېۋ ھەم غەرپتىكى دنېستر دەرياسىغىچە بولغان رۇس كېنەزلىكلىرىنىڭ ھەممىسى «ئالتۇن ئوردا خانلىقى»غا بەيئەت قىلغان بۇلۇپ، ئەڭ شىمالدىكى نوۋگورد بەگلىكىلا مۇستەقىللىق ئورنىنى ساقلاپ قالغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ كېنەزى ئامالسىزلىقتىن «ئالتۇن ئوردا خانلىقى»غا تىز پۈكۈپ، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىشقا مەجبۇر بولغان.

     شۇنىڭدىن باشلاپ، موڭغۇللارنىڭ رۇسلار رايۇنىغا يۈرگۈزگەن 200 يىللىق ھۆكۈمرانلىقى باشلانغان. بىز بۇ قېتىمقى تاجاۋۇزچىلىق ۋە شۇنىڭدىن كېيىنكى موڭغۇل ھۆكۈمرانلىقنىڭ بۇ زىمىن ۋە شۇنىڭدىن كىيىنكى رۇسىيە مىللەتلىرىگە قانچىلىك دەرىجىدە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى كۆرۋالالايمىز.

     مەنبە: بىر چاغلاردا ھونزادە بلوگىدىن چۈشۈرۈۋالغان ئىكەنمەن، ھونزادە ئەپەندىدىن رۇخسەتسىزلا بلوگىمغا يوللاپ قويدۇم.



无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter