ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> پارتىيە ئىنتىزامى بارلىق ئىنتىزامنىڭ ئۇل تېشى

پارتىيە ئىنتىزامى بارلىق ئىنتىزامنىڭ ئۇل تېشى

2013-05-18 11:06     كۆرۈلۈشى: 1563 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: لى جاۋچيەن        ئىتتىپاقلىق بىرلىكى پارتىيەنىڭ ھاياتىي كۈچىدە ئىپادىلىنىدۇ. پارتىيە ئىنتىزامى پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىق بىرلىكىنى قوغداشنىڭ مۇھىم كاپالىتى. باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 18 – نۆۋەتلىك ....

لى جاۋچيەن

 

     ئىتتىپاقلىق بىرلىكى پارتىيەنىڭ ھاياتىي كۈچىدە ئىپادىلىنىدۇ. پارتىيە ئىنتىزامى پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىق بىرلىكىنى قوغداشنىڭ مۇھىم كاپالىتى. باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 2 – ئومۇمىي يىغىنىدا ‹‹پارتىيەمىز دۇچ كەلگەن ۋەزىيەت قانچە مۇرەككەپ بولسا، ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى شۇنچە كۈچەيتىشىمىز، پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىق بىرلىكىنى شۇنچە قوغدىشىمىز، پۈتۈن پارتىيەنىڭ بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە تەڭ قەدەمدە ئالغا ئىلگىرىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشىمىز لازىم››دەپ تەكىتلىدى. پارتىيەمىز شەرەپلىك بۇرچنى زىممىسىگە ئالغان بولۇپ، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى جاپا – مۇشەققەت، خېيىم – خەتەرلەرنى يېڭىشتە چوقۇم قاتتىق ئىنتىزام، بىردەك ئىرادە، ماسلاشقان ھەرىكەت بولۇشى كېرەك. پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامىغا رىئايە قىلىش، پارتىيەنىڭ بارلىق ئىنتىزامىغا رىئايە قىلىشنىڭ ئۇل تېشى.

     نۆۋەتتە پارتىيە ئىنتىزامى جەھەتتە كۆپ سانلىق پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرى ئىنتايىن ياخشى. بىراق بىر قىسىم پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ پارتىيە نىزامنامىسى ئېڭى كۈچلۈك ئەمەس، سىياسىي ئىنتىزامى ئاجىز، پىرىنسىپلىق ۋە چوڭ ھەق – چوڭ ناھەق مەسىلىلىرى ئالدىدا تەۋرىنىپ قېلىپ، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن،سىياسەتلىرىگە چېتىشلىق مەسىلىلەردە قالايمىقان سۆزلەيدۇ، بەزىلىرى مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ سۆز – چۆچەك تارقىتىدۇ. بىرقىسىم يەرلىك تارماقلار مەركەزنىڭ سىياسەت، قاڭجېن ۋە زور سىياسىي ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، ‹‹يۇقىرىنىڭ سىياسىتى بولسا تۆۋەننىڭ تەدبىرى بار›› دېگەندەك ئىش قىلىدۇ. بىر قىسىم پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيە ئىنتىزامىنى ئىجرا قىلىشتا، بولۇپمۇ، سىياسىي ئىنتىزام جەھەتتە يۇمشاق قوللۇق ھەم كەڭچىللىك قىلىدۇ. بۇنداق مەسىلىلەر پارتىيەنىڭ ئوبرازىغا، پارتىيە ئىشلىرىغا ئېغىر زىيانلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ ‹‹سىياسىي ئىنتىزامدا قاتتىق بولۇپ، پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىق بىرلىكىنى ئاڭلىق ھالدا قوغداش››نى تەكىتلىدى. بۇ نۆۋەتتىكى رېئاللىققا قارىتا قاراتمىلىقى ۋە خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك رولى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى زور ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگانلىرى چوقۇم چىڭ تۇتۇدىغان زور سىياسىي ۋەزىپە.

     پارتىيە ئىنتىزامى پارتىيەنىڭ تۈپ قانۇنى. پۈتۈن پارتىيە چوقۇم رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك تۈپ قائىدە. پارتىيەنىڭ پۈتكۈل ئىنتىزامىنىڭ ئاساسى. پارتىيە ئىنتىزامىنىڭ نوپۇزى بولغاندىلا، پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئۇيۇشۇشچانلىق ۋە جەڭگىۋارلىققا ئىگە بولىدۇ. پارتىيە ئىنتىزامىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن پارتىيەلىك كادىرلارنى پارتىيە نىزامنامىسىنى ئۆگىنىش، پارتىيە نىزامنامىسىگە رىئايە قىلىش، پارتىيە نىزامنامىسى كۆز قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش، ئۆزىنىڭ سۆز – ھەرىكىتىنى پارتىيە نىزامنامىسى دائىرىسىدە كونترول قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش، ھەر قانداق ئەھۋالدا سىياسىي ئېتىقادى ئۆزگەرمەسلىك، سىياسىي مەيدانى تەۋرەنمەسلىك، سىياسىي نىشانىدىن ئادىشىپ قالماسلىق، ئاڭلىق ھالدا پارتىيەنىڭ تەشكىلى پىرىنسىپى ۋە پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇش ئۆلچىمى بويىچە ئىش بېجىرىش لازىم.

     سىياسىي ئىنتىزام پارتىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىنتىزامى. پارتىيە نىزامنامىسى ۋە پارتىيە ئىنتىزام جازاسى نىزامىدا پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامىغا قارىتا ئېنىق بەلگىلىمە چىقىرىلغان بولۇپ، بۇنىڭ يادروسى پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىق بىرلىكىنى قوغداشتۇر. پۈتۈن پارتىيە مەركەزگە بوي سۇنۇش، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، ئاڭلىق ھالدا پارتىيەنىڭ نەزەرىيە، لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى قەتئىي قوغداپ، ئاڭلىق ھالدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيەنىڭ نەزەرىيە، لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئوبرازىنى قەتئىي قوغداپ، مەركىزىي كومىتېتنىڭ سىياسىي بۇيرۇقىنىڭ راۋان ئىجرا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم. ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگانلىرى چوقۇم پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامىنى قوغداشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، مەركەزنىڭ چوڭ سىياسەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەزنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش تەلەپلىرىنى قەتئىي ئىجرا قىلىپ، زور مەسىلىلەردە تەرتىپ بويىچە دوكلات يېزىپ يوليورۇق سوراش كېرەك.

     پاك – ئىنتىزامچان بولۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، پارتىيەنىڭ خاراكتېرى ۋە ئاساسى مەقسىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ماھىيەت جەھەتتىن پارتىيە سىياسىي ئىنتىزامىنىڭ تەلىپى. ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگانلىرى چوقۇم بايرىقى روشەن ھالدا چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشى، يەنىمۇ ئىلمىي، ئۈنۈملۈك ھالدا چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. پارتىيە ئىنتىزامى، دۆلەت قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىپ ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىدىغان بارلىق ھەرىكەتلەرنى قاتتىق چەكلەش، قەتئىي يۇمشاق قوللۇق قىلماسلىق، ئىنتىزام ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر بولۇش، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىشتا ئالاھىدە ئىمتىيازلىق بولۇۋالماسلىق كېرەك. پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قائىدىسى ۋە جەمئىيەت تەرەققىيات قائىدىسىنى توغرا ئىگىلەپ، زامانىۋى ئۇچۇر ۋاسىتىسىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ئىنتىزام تۈزۈمى ۋە زامانىۋى پەن – تېخنىكا ئارقىلىق تۈزۈمنى كۈچەيتىش، ئادەم ئارقىلىق ئالدىنى ئېلىش بىلەن تېخنىكا ئارقىلىق ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئىنتىزام تۈزۈمىنىڭ چەكلىمىلىكىنى ئۆستۈرۈش، ئىنتىزام، قانۇن – قائىدە، تۈزۈملەرنىڭ ئىجراسىغا كاپالەتلىك قىلىش، كادىرلارنىڭ ئىش – ھەرىكىتى ۋە ھوقۇقىنى نازارەت قىلىشنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، كادىرلارنىڭ پاك، دۇرۇس بولۇشىنى، ھۆكۈمەتنىڭ پاك – دىيانەتلىك بولۇشىنى، سىياسەتنىڭ ئېنىقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كوممۇنىستلارنىڭ پاك – دىيانەتلىك سىياسىي قىياپىتىنى مەڭگۈ ساقلاش كېرەك.

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter