ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> ئۆگىنىشنى ياخشى قىلىپ، ياخشى ئاساس سالايلى

ئۆگىنىشنى ياخشى قىلىپ، ياخشى ئاساس سالايلى

2013-11-03 10:09     كۆرۈلۈشى: 1354 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: جاڭ يۈنمېي      ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن ھەققىدىكى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتى 7- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، تارماقلار، ئورۇنلار كۆپ خىل ....

جاڭ يۈنمېي

     ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن ھەققىدىكى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتى 7- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، تارماقلار، ئورۇنلار كۆپ خىل شەكىللەرنى قوللىنىپ، سەپەرۋەرلىك قىلىش، ئورۇنلاشتۇرۇش، ئۆگىنىش، تەربىيەلەش، پىكىرلەرنى ئاڭلاپ، ئۆگەنگەچ ئۆزگەرتىپ، ئاشكارا تەكلىپ قوبۇل قىلىش ئارقىلىق، 1 – ھالقىدا دەسلەپكى ئۈنۈم ھاسىل قىلدى.

رەھبەرلەر باشلامچى بولۇپ ئۆگەندى

     ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتى ئوڭۇشلۇق، تەرتىپلىك بولۇپ، باسقۇچ خاراكتېرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلدى.

     بۇ، ئالدى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە كۆرسەتكەنلىكىنىڭ نەتىجىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن مەركەزنىڭ روھىنى باشلامچىلىق بىلەن ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم رەھبەرلىك بەنزە كوللېكتىپىنى بەش كۈن ئۆگىنىش، مۇھاكىمە قىلىش، پىكىر – تەسىرات ئالماشتۇرۇشقا تەشكىللىدى. باشلامچىلىق بىلەن ئېغىرچىلىقىنى سالمىغان ئاساستا، خوتەن، ئاقسۇ، قەشقەر ۋىلايىتىدىن ئىبارەت ئۈچ نۇقتىلىق ۋىلايەتنىڭ چەت، يىراق ۋە ئەھۋالى مۇرەككەپ يېزا، كەنتلىرىگە بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، 60 نەچچە ئائىلىلىكنى زىيارەت قىلىپ، ئوخشىمىغان قاتلاملار بويىچە توققۇز قېتىم سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، 320 نەچچە كادىر، ئاممىنىڭ پىكىر – تەكلىپلىرىنى يۈزتۇرا ئاڭلىدى؛ قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ جاڭگىلىئەسكى يېزىسىدا نۇقتىدا تۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش مەزگىلىدە، يېزا، كەنت كادىرلىرى بىلەن بىللە يېتىپ – قويۇپ، بىللە ئەمگەك قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئالقىشى ۋە مەدھىيەسىگە ئېرىشتى؛ مەسىلىلەرنى باشلامچىلىق بىلەن تەھلىل قىلىپ ۋە ھەل قىلىپ، ۋاقتىدا ئۆگىنىپ، ۋاقتىدا ئۆزگەرتىش ۋە قائىدە – تۈزۈم تۇرغۇزۇشقا تۈرتكە بولدى.

     ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشقا ئەزالىرى پائال ھەرىكەتكە كېلىپ، تەلەپ بويىچە ئاساسىي قاتلامدىكى يېزا، بازارلارغا بېرىپ، نۇقتىدا تۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، يېزا، بازارلاردا يېتىپ – قوپۇپ، ئاممىنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدى.

     ئىگىلىنىشىچە، ئۆگىنىش – تەربىيە پائالىيىتىدە تارماقلار، ئورۇنلار ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرگەن ھالدا، رەھبەرلەر سۆزلەش، ئۆزى ئۆگىنىش، مۇتەخەسسىسلەر يېتەكلەش، تىپلار بويىچە يول كۆرسىتىش، پارتىيە دەرسى ئۆتۈش، مەركەزلىك تەربىيەلەش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەرنى قوللىنىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى پارتىيە نىزامنامىسى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ سەپەرۋەرلىك قىلىش – ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئالاقىدار روھىنى ئۆگىنىپ، جەمئىي 86 مىڭ 176 ئادەم(قېتىم) مەركەزلىك ئۆگىنىشكە تەشىكىللەپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئىدىيە ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتكەن.

     جامائەت پىكرى يېتەكچىلىكى جەھەتتە، تاراتقۇلار كۈچىنى زورايتىپ، تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك، كۆپ نۇقتىدىن تەشۋىق قىلىپ خەۋەر بەردى. ئاپتونوم رايوننىڭ 18 ھەيدەكچىلىك گۇرۇپپىسىمۇ ھەيدەكچىلىك خىزمىتىنى ئەستايىدىل چىڭ تۇتۇپ، ھەيدەكچىلىك قىلىدىغان ئورۇنلارغا ئەڭ ئاۋۋال بېرىپ ئورۇنلىشىپ، تارماقلار، ئورۇنلارنىڭ پارتكومى(پارتگۇرۇپپىسى)غا زىچ تايانغان ھالدا ھەيدەكچىلىك خىزمىتىنى قانات يايدۇردى.

شەكىللەردە يېڭىلىق يارىتىپ ئۆگەندى

     تارماقلار، ئورۇنلار تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىدە ئۆگىنىش مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، ئۆگىنىش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئۆگىنىش جەريانىدا چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ‹‹ئۆگەنگىنى›› بىلەن ‹‹ھەرىكىتى››گە تۈرتكە بولدى. تارماقلار، ئورۇنلارنىڭ رەھبەرلىرى پىكىرلەرنى ئاڭلىغاندا، كىچىك پېئىل بولۇپ، كەمتەرلىك بىلەن پىكىرلەرنى ئاڭلاپ، ھەر خىل شەكىلدە ئاشكارا پىكىر – تەكلىپ قوبۇل قىلدى.

     ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش نازارىتى مەركەزلىك ئۆگىنىش – تەربىيە پائالىيىتى بىر ھەپتىدىن كەم بولماسلىق دېگەن تەلەپ بويىچە، ‹‹2+3›› ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، 15 كۈن ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ ‹‹1000 كىشىنى مەركەزلىك تەربىيەلەش›› پائالىيىتىنى مەركەزلىك قانات يايدۇردى، ئاساسىي قاتلام پارتكوم(پارتگۇرۇپپا) شۇجىسى ۋە ھاكىم، باشقارما باشلىقى دەرىجىلىك پارتىيەلىك كادىرلار بولۇپ 531 كىشىنى ئۈچ كۈنلۈك يېپىق شەكىللىك مەركەزلىك ئۆگىنىشكە تەشكىللىدى.

     ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى قانات يايدۇرغان ‹‹ئامما ئارىسىغا بېرىش، ئاممىنىڭ دەرد – ھالىغا يېتىش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش››تەك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش پائالىيىتىدە نازارەت رەھبەرلىرى خىزمەت ئەترىتىنى يېتەكلەپ، 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرگە بېرىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئېنىقلاپ چىقىپ، سىياسىيۋىلىقى كۈچلۈك بولۇش ۋە ‹‹تۆت خىل ناچار ئىستىل›› مەسىلىسىنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرى تەرەققىياتىدىكى كونكرېت ئىپادىسىنى تېپىپ چىقىپ، خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاش، ئامما بىلەن زىچ ئالاقىلىشىش ۋە ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش، مەدەنىيەتنى كەڭ كۆلەمدە تەرەققىي قىلدۇرۇش، كەڭ كۆلەمدە گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر تەپەككۇر ۋە تاكتىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

     ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر، يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى ئۇسۇل – چارىلەردە پائال يېڭىلىق يارىتىپ، ‹‹كەڭ دائىرىدە سوئال – جاۋاب شەكلى ئارقىلىق تەكشۈرۈش››نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، سىياسىي ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش ۋە ‹‹تۆت خىل ناچار ئىستىل›› ئىپادىسى، ئىش بېجىرىش ئۈنۈمى، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش، مەمۇرىيەتنى ئاشكارىلاش، پاك – تەلەپچان بولۇش ئەھۋالى توغرىسىدا كۆزنەك ئورۇنلار، مۇلازىمەت تارماقلىرى، قۇرۇلۇش ساھەسى(كارخانىسى) ۋە ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ قۇرۇلۇش مەمۇرىيىتى باشقۇرۇش تارماقلىرىنى كۆزدە تۇتقان ئاساستا سوئال – جاۋاب شەكلىدە تەكشۈرۈپ، جەمئىي 1000 پارچىدىن كۆپرەك سوئال تارقىتىپ، ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا بايقاپ ۋە تېپىپ چىقىپ، ۋاقتىدا ئۆگىنىپ، ۋاقتىدا ئۆزگەرتىشكە دەلىل – ئىسپات تەييارلىدى.

1- سەپتە ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكەچ ئۆگەندى

     تارماقلار، ئورۇنلار تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىدە مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىپ ۋە ئىش ئورنىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئاممىنى ئۇستاز تۇتۇپ، 1 – سەپتە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئۆگىنىشنى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇپ، ئۆگىنىشنى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىدە ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇردى.

     ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ‹‹ئۈچنى بىرلەشتۈرۈش››(شەخسىي ئۆگىنىش بىلەن كوللېكتىپ تەربىيەلىنىشنى زىچ بىرلەشتۈرۈش، لېكسىيە ئاڭلاش بىلەن يىغىن ئېچىپ پىكىر ئالماشتۇرۇشنى زىچ بىرلەشتۈرۈش، نەزەرىيە ئۆگىنىش بىلەن كەسپىي بىلىملەرنى ئۆگىنىشنى زىچ بىرلەشتۈرۈش)نى گەۋدىلەندۈرۈپ، ‹‹تۆت دەرسخانا››(پارتگۇرۇپپىنىڭ مەركىزىي گۇرۇپپا دەرسخانىسى، مۇتەخەسسىسلەر دەرسخانىسى، ياچېيكا دەرسخانىسى ۋە تور دەرسخانىسى)نى ئېچىپ، ئۆگىنىشنىڭ قاپلاش دائىرىسى بىلەن ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى تىرىشىپ ئۆستۈردى. ھۆكۈمەتنىڭ ئىچكى قىسىم تور بېتىدە تور دەرسخانىسى ئېچىپ، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ پارتىيەنىڭ تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ روھى، ئۆگىنىش ماتېرىياللىرىنى تور بېتىدە كۆپچىلىكنىڭ ئۆگىنىشى ئۈچۈن ئېلان قىلدى.

     ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى نەتىجە – ئۈنۈم باشقۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، مۇلازىمەت ئېڭىنى ئاشۇردى. ئىش ئورنى مەسئۇلىيەت تۈزۈمى، مۇلازىمەت ۋەدىسى تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، خىزمەت ئورنىدا ‹‹خادىم بولماسلىق››، ‹‹رەت قىلىنىش›› ئەھۋالىنى تۈگىتىش بىلەن بىللە، تۈرلەرنى تەستىقلاش ۋاقتىنى قىسقارتتى.

     ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى مەخسۇس يولغا قويۇش لايىھەسى تۈزۈپ، پارتىيەلىك كادىرلارنى سېخلارغا چۈشۈرۈپ ئىشلەشكە تەشكىللىدى. ئاساسلىق رەھبەرلەر ئالاقىلىشىش نۇقتىلىرىغا باشلامچىلىق بىلەن بېرىپ، سېخلارغا بېرىپ، ئۈچ كۈن ئىشچى بولۇپ ئىشلەپ، ئىشچى – خىزمەتچىلەر بىلەن بىللە ئۆگىنىپ، بىللە ئەمگەك قىلىپ، ئۇلار بىلەن سىردىشىپ دوست بولدى، بۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئاڭلىغان پىكىر – تەكلىپلەر تېخىمۇ بىۋاسىتە، تېخىمۇ كونكرېت، تېخىمۇ ئەمەلىي بولدى.

ۋاقتىدا ئۆگىنىپ، ۋاقتىدا ئۆزگەرتىپ، شەكىلۋازلىق قىلمىدى

     ئۆگىنىشنىڭ مەقسىتى − ئىدىيەۋى تونۇشنى ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت. تارماقلار، ئورۇنلار ئۆگىنىش ئارقىلىق، پەرقلەرنى تېپىپ چىقىپ، يۆنىلىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئۆگىنىش جەريانىدا ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ۋاقتىدا ئۆگىنىپ، ۋاقتىدا ئۆزگەرتتى.

     تارماقلار، ئورۇنلار پىكىر – تەكلىپلەرنى قوبۇل قىلىش جەھەتتە سىياسىي جەھەتتە كۈچلۈك بولمىغان، شۇنداقلا ‹‹تۆت خىل ناچار ئىستىل›› جەھەتتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئورگانلاردىن چىقىپ، ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ، يەرلىككە يېقىنلىشىپ، سۆھبەت يىغىنى ئېچىش، سوئال – جاۋابلىق تەكشۈرۈش، ئىشىك ئالدىغا بېرىپ زىيارەت قىلىش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، مۇلازىمەت ئوبيېكتى ۋە ئاممىنىڭ پىكىر – تەكلىپلىرىنى ئاڭلاپ، پىكىر بېرىش ساندۇقى، مەخسۇس لىنىيەلىك تېلېفون ۋە ئېلخەت ساندۇقى تەسىس قىلىپ، پىكىر ئاڭلاش يوللىرىنى كېڭەيتتى ھەم 35 مىڭ 315 پارچە پىكىر قوبۇل قىلىپ، سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈش، ئۆزىنى ئۆزى تەنقىد قىلىش ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ئاساس سالدى.

     ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش نازارىتى مۇھىتنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە تۈزەش سالمىقىنى ئاشۇرۇش جەھەتتە قانۇنغا خىلاپ ھالدا بۇلغىما قويۇپ بەرگەن كارخانىلارنى مەخسۇس تۈزەشكە دائىر مۇھىت ئاسراش ھەرىكىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنىڭ ساغلاملىقى ۋە مۇھىت جەھەتتىكى ھوقۇق – مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلغاندىن باشقا، يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق مەمۇرىي تەپتىش نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ، قانۇنغا خىلاپ ھالدا بۇلغىما قويۇپ بەرگەن ئۈچ كارخانىنىڭ مەسئۇلى بىلەن تۇنجى قېتىم سۆھبەتلىشىپ، بۇ كارخانىلارنىڭ تۈزىتىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلدى.

     ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت زېمىن بايلىقى نازارىتى دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق ئۇل ئەسلىھە تۈرى، زور خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىلىدىغان يەرلەرنى تېزدىن تەستىقلاش يولى ئېچىپ بېرىپ، ۋاقتىدا قوبۇل قىلىش، ۋاقتىدا تەستىقلاش، ۋاقتىدا مەلۇم قىلىشنى يولغا قويدى؛ قېزىلما بايلىقنى چارلاش ھوقۇقىنى بېجىرىش جەريانىدا ساقلانغان مۇرەككەپ مەسىلىلەرنى زور دەرىجىدە قىسقارتتى.

     ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى ئالاقىدار تارماقلار، كارخانىلار ۋە ئەرز قىلغان ئامما بىلەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالاقىلىشىپ، كارخانىلارنىڭ تۈزۈمىنى ئۆزگەرتىش، ۋەيران بولۇش، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىلىرى ۋە ئىش ئۈستىدە يارىلانغانلارنىڭ قېپقالغان مەسىلىلىرىنى نەق مەيداندا ھەل قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق مەمۇرلار ئىدارىسى مەمۇرلارنى قوبۇل قىلىش سالاھىيىتىنى ئېلىپ تاشلاشنى تەستىقلاش ھوقۇقىنى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرگە چۈشۈردى؛ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى تەستىقلاش ۋاقتى، تەستىقلاش رەسمىيىتىنى ئاددىيلاشتۇرۇش، قولايلىق تېلېفون لىنىيەسى ۋە تەستىقلاش كەسپىنى قىسقارتىش قاتارلىق جەھەتلەردە خەلققە قولايلىق توققۇز تۈرلۈك تەدبىرنى يولغا قويدى.

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter

مىكرو بلوگىم _ سىزمۇ ئەگىشىڭ