ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> «ئۈچنى يەنىمۇ ئازاد قىلىش›› تا داۋاملىق چىڭ تۇرايلى

«ئۈچنى يەنىمۇ ئازاد قىلىش›› تا داۋاملىق چىڭ تۇرايلى

2014-02-10 11:42     كۆرۈلۈشى: 1203 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن:  (خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى)      35 يىللىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش مۇساپىسىنى ئەسلەيدىغان بولساق، بىر ئاساسىي لىنىيە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش مۇساپىسىگە باشتىن – ئاخىر سىڭدۈرۈلدى، ئۇ بولسىمۇ، ئىدىيەنى ئازاد....

 (خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى)

     35 يىللىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش مۇساپىسىنى ئەسلەيدىغان بولساق، بىر ئاساسىي لىنىيە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش مۇساپىسىگە باشتىن – ئاخىر سىڭدۈرۈلدى، ئۇ بولسىمۇ، ئىدىيەنى ئازاد قىلىش؛ بىر ئاساسىي مەقسەتتە قەتئىي ئۆزگىرىش بولمىدى، ئۇ بولسىمۇ، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش؛ بىر ئالاھىدىلىك ئېنىق پەرقلەندۈرۈلدى، ئۇ بولسىمۇ، جەمئىيەتنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۈزلۈكسىز ئازاد قىلىش ۋە ئاشۇرۇش. دەل مۇشۇ ‹‹ئۈچنى ئازاد قىلىش›› بىزنىڭ قاراشتىكى توسقۇنلۇقلارنى ئۈزلۈكسىز بۇزۇپ تاشلاپ، جەمئىيەتنىڭ ئىجادكارلىق ھاياتىي كۈچىنى زور دەرىجىدە ئۇرغۇتۇشىمىزغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ قىياپىتى، سوتسىيالستىك جۇڭگونىڭ قىياپىتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قىياپىتىدە تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش بولۇشىنى ئىلگىرى سۈردى.

     ئەمەلىيەت تەرەققىياتنىڭ، ئىدىيەنى ئازاد قىلىشنىڭ، ئىسلاھات – ئېچىۋېتىشنىڭ چېكى يوق. ئىدىيەدە يەنىمۇ ئازاد قىلىش، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يەنىمۇ ئازاد قىلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، جەمئىيەتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئازاد قىلىش ۋە ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇ ‹‹ئۈچنى يەنىمۇ ئازاد قىلىش››تا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئېلىپ بېرىلغان 35 يىلدىن بۇيانقى ئىدىيە ئارقىلىق ئىسلاھاتقا يېتەكچىلىك قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتۇشنىڭ قىممەتلىك تەجرىبىسى چوڭقۇر خۇلاسىلىنىپ، يېڭى تارىخىي شارائىتتا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ نىشانى ۋە شەرتى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلدى.

     «ئۈچنى يەنىمۇ ئازاد قىلىش››تا، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، جەمئىيەتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئازاد قىلىش ۋە ئاشۇرۇشقا سېلىشتۇرغاندا، ئىدىيەنى ئازاد قىلىش ئالدىنقى شەرت. ئىلگىرىكىلەر قىلىپ باقمىغان ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئۇلۇغۋار ئىشى ئالدىدا، ئىدىيەدە قاتمال بولۇشقا، بىر ئىزدا توختاپ قېلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. ئىدىيەنى ئازاد قىلمىغان بولساق، پارتىيەمىز ئون يىللىق قالايمىقانچىلىق ئاخىرلىشىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىنىڭ مەركىزىي نۇقتىسىنى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشقا يۆتكىيەلمىگەن، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت تارىخىي تەدبىرنى بەلگىلىيەلمىگەن، ئېلىمىز تەرەققىياتىدىكى تارىخىي يېڭى دەۋرىنى باشلىيالمىغان بولاتتى؛ ئىدىيەنى ئازاد قىلمىغان بولساق، پارتىيەمىز ئەمەلىيەت جەريانىدا نەزەرىيەدە ۋە ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرەلمىگەن، ئىلگىرىلەش يولىدىكى تۈرلۈك خەۋپ – خەتەر ۋە خىرىسلارنى ئۈنۈملۈك تۈگىتەلمىگەن، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتالمىغان، باشتىن – ئاخىر دەۋرنىڭ ئالدىدا ماڭالمىغان بولاتتى.

     ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، جەمئىيەتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئازاد قىلىش ۋە ئاشۇرۇش ئىدىيەنى ئازاد قىلىشنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى، شۇنداقلا ئىدىيەنى ئازاد قىلىشنىڭ مۇھىم ئاساسى. ھەقىقەتنى ئۆلچەم قىلىش چوڭ مۇھاكىمىسىدىن باشلاپ ‹‹سوتسىيالىزممۇ، كاپىتالىزممۇ›› دەيدىغان ئىدىيەسىنىڭ كۈچ ئېلىشىشىغىچە، قاراشتىكى بويۇنتۇرۇق بۇزۇپ تاشلانسىلا، ئەمەلىيەتتە زور تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ؛ ئىسلاھاتتا تېخىمۇ كەڭ دائىرىدىكى بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئىدىيەدە يەنىمۇ ئازاد بولۇشنى مول مەنبە بىلەن تەمىنلىدى. ‹‹بارلىق ئەمگەك، بىلىم، تېخنىكا، باشقۇرۇش، كاپىتالنىڭ ھاياتىي كۈچ جەھەتتىكى رىقابەتلىشىشىنى تەڭ قوزغىتىش، ئىجتىمائىي بايلىق يارىتىدىغان بارلىق مەنبەنى تولۇق ھەرىكەتلەندۈرۈش››، بۇ ھەم ئىدىيەنى ئازاد قىلىشنىڭ قىممەت يۈزلىنىشى بولدى، ھەم ئىدىيەنى يەنىمۇ ئازاد قىلىشنى رېئال ئىمكانىيەت بىلەن تەمىنلىدى. مۇشۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ‹‹ئۈچنى يەنىمۇ ئازاد قىلىش›› بىر – بىرىنى تولۇقلايدۇ، بىر – بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت ئۇلۇغ مۇساپىگە سىڭىشىدۇ.

     ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئەڭ نېگىزلىك، ئەڭ تەخىرسىز ۋەزىپە يەنىلا ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يەنىمۇ ئازاد قىلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش. ئىدىيە ھەرىكەتنىڭ يول باشلىغۇچىسى، ھەرىكەت ئەمەلىيەتنىڭ كۈچى. ئىدىيەنى ئازاد قىلىش، جەمئىيەتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئازاد قىلىش ۋە ئاشۇرۇش ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنى تېخىمۇ ياخشى شارائىت بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈندۇر. سوتسىيالىزم تۈزۈلمىسى بېكىتىلگەندىن كېيىن، بىر مۇھىم ۋەزىپە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ راۋاجلىنىشىنى بوغۇپ تۇرۇۋاتقان ئىقتىسادىي مېخانىزمنى تۈپتىن ئۆزگەرتىپ، پۇرسەت ۋە ھاياتىي كۈچكە تولغان سوتسىيالىستىك ئىقتىسادىي مېخانىزمنى ئورنىتىپ، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت. ھازىر ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇۋاتىمىز، بۇ بىزدە تېخىمۇ زور ئىرادە ۋە جاسارەت، تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىر ۋە چارە ئارقىلىق تېخىمۇ يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىشىمىزنى، تەرەققىيات بوشلۇقىنى تېخىمۇ كېڭەيتىشىمىزنى، ئىسلاھاتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇشىمىزنى، جەمئىيەتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى تېخىمۇ زورايتىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ.

     دەرۋەقە، بىز ئەمەلىيەتتىن چەتنىگەن، خەلقتىن چەتنىگەن تىزگىنسىز قالغان ئازاد قىلىش ئەمەس، بەلكى ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش ئاساسىدىكى ئىدىيەدە ئازاد بولۇشنى تەكىتلەۋاتىمىز؛ جەمئىيەتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە يەنە ھاياتىي كۈچ بىلەن تەرتىپلىك بولۇشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشىمىز كېرەك. ئىجتىمائىي پائالىيەت ھاياتىي كۈچكە تولغان بولۇشى، لېكىن بۇ خىل ھاياتىي كۈچ تەرتىپلىك قويۇپ بېرىلىشى كېرەك. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ھەرقانداق ئىش ئۆلۈك بولسا بولمايدۇ، بەك جانلىق بولۇپ كەتسىمۇ بولمايدۇ. ئىدىيەنى ئازاد قىلىش، جەمئىيەتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئازاد قىلىش ۋە ئاشۇرۇش تېگى – تەكتىدىن ئېيتقاندا، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يەنىمۇ ئازاد قىلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش دېگەنلىكتۇر، بۇ بىزنىڭ ئېنىق نىشانىمىز، ھەق – ناھەقنى پەرقلەندۈرۈشىمىزدىكى تۈپ ئۆلچەم، شۇنداقلا ‹‹ئۈچنى يەنىمۇ ئازاد قىلىش››نىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشىمىزدىكى مۇھىم ئۆلچەم.

     ئىسلاھات قەدىمىنى توختىتىشقا بولمايدۇ، ئېچىۋېتىش قەدىمىنى توختىتىشقا بولمايدۇ. يولداش دېڭ شياۋپىڭ مۇنداق دېگەن: ئىنقىلاب ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىدۇ، ئىسلاھاتمۇ ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىدۇ. ‹‹ئۈچنى يەنىمۇ ئازاد قىلىش›› ئارقىلىق ئۈزلۈكسىز ئىسلاھ قىلىپ، يېڭىلىق ياراتساق، تۈزۈلمىمىز ئىجتىمائىي بايلىق يارىتىش جەھەتتە تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولىدۇ، خەلقنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشتا تېخىمۇ ئەۋزەللىككە ئىگە بولىدۇ، بىز شۇندىلا جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ‹‹ئۈچتە ئۆزىگە ئىشىنىش››نى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، جۇڭگونىڭ يېڭى تەرەققىيات ئېگىزلىكىگە قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولالايمىز، دۇنيانىڭ تەرەققىيات ئېقىمىغا كىرىشىگە يېتەكلىيەلەيمىز.

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter