Ralph Lauren Canada ;One is to choose a plain colour of Polo,ralph lauren outlet such as Black, Navy or White - ralph lauren canadaselecting a colour of garment on which your corporate logo colours will look good when embroidered.ralph lauren canada outlet This can sometimes be preferable to buying an off-the-shelf garment in an unusual shade because fashions change and just because yourpandora canada company's shade of lime green is in vogue today this may not be the case in two years time.http://www.cefrank.com.au Manufacturers of off-the-shelf Tiffany Sale'stock' garments tend to change their ranges from time to michael kors outlet uktime and may choose to drop a colour if it is no longer considered popular.cheap burberry Ask your supplier and they should be able to tell you which colours Cheap Pandora Charmsare likely to remain available or which are in doubt.The second option,www.rvaq.ca if you have a sufficiently large requirement, is to have a Polo Shirt manufactured for your staff uniform in a bespoke colour. Manufacturing a bespoke embroidered Polo Shirt, opens up a wealth of possibilities regarding colour matching to your main corporate colour, Tiffany Saleembroidery branding, trims & detailing but this option is usually only viable from 300 to 500 pieces for a single colour garment or 1,000 Cheap Tiffany Salepieces upwards for more complex designs.
ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> «1-مارت›› زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسىنى سەلبىي دەرسلىك قىلىش كېرەك

«1-مارت›› زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسىنى سەلبىي دەرسلىك قىلىش كېرەك

2014-04-01 8:02     كۆرۈلۈشى: 1884 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: شىن شۈەن (ئۆتكەنكىنى كېيىنكىگە ئىبرەت قىلىش)      ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن 1- مارت يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ كۇنمىڭ شەھىرىدە يۈز بەرگەن زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى جامائەتنىڭ نەزەرىدىن تەدرىجىي ساقىت بولۇ....

شىن شۈەن

(ئۆتكەنكىنى كېيىنكىگە ئىبرەت قىلىش)

     ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن 1- مارت يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ كۇنمىڭ شەھىرىدە يۈز بەرگەن زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى جامائەتنىڭ نەزەرىدىن تەدرىجىي ساقىت بولۇشقا باشلىدى، بۇ قېتىمقى زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەسىدىن پۈتكۈل جۇڭگولۇق چۆچۈدى، كىشىلەرنىڭ قەلبىدىكى غەزەپ – نەپرەت ۋە ئازاب – ئوقۇبەت ئاستا – ئاستا پەسىيىشكە باشلىدى.

     ۋەھالەنكى، بىگۇناھ ئاممىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشى ۋە بىھۇدە قان تۆكۈشى بىزگە چوڭقۇر ساۋاق بولدى، بىز بۇنى ئۇنتۇيالمايمىز، ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك.

【1】

     يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ كۇنمىڭ ۋوگزالىدا، 1- مارت كەچتە نىقابلىنىۋالغان بىر توپ قارا نىيەت قوللىرىغا ئۆتكۈر تىغلىق ئەسۋاب ئېلىپ، بىگۇناھ ئاممىنى چاپتى. 2- مارت بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 6 گىچە، 29 كىشى قازا قىلىپ، 130 نەچچە كىشى يارىلاندى. بۇ ۋەھشىيلەرچە زوراۋانلىق، ئوچۇقتىن – ئوچۇق زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتى بولۇپ، ئاممىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە زور زىيان يەتكۈزۈپ، ئېغىر ئىجتىمائىي ئاقىۋەت پەيدا قىلدى.

     قاينام – تاشقىنلىققا چۆمگەن كەچ، كىشىلەر توپلاشقان ۋوگزالنى تاللىغان زوراۋانلار، تېررورچىلار ئۆتكۈر تىغلىق ئەسۋاب بىلەن ئەزەلدىن تونۇشمايدىغان ئاممىنى چاپتى، ھەتتا ياشانغانلار ۋە بالىلارنىمۇ بوش قويۇۋەتمىدى. بۇ بىر توپ زوراۋانلار، تېررورچىلار بۇ ئارقىلىق خەلقئارانىڭ دىققىتىنى تارتىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىش، جۇڭگو پۇقرالىرىنى ساراسىمىگە سېلىش مۇددىئاسىغا يەتمەكچى بولغان، بۇ نېمە دېگەن ۋەھشىيلىك، نېمە دېگەن رەھىمسىزلىك، نېمە دېگەن ۋىجدانسىزلىق!

     «خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت گوللېگىيەسى پۈتۈمى›› نىڭ 7- ماددىسىنىڭ 11- تارمىقىدا ئىنسانىيەتكە زىيان يەتكۈزىدىغان جىنايى ھەرىكەت (ئىنگلىزچە: humanity against crimes، يەنى ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش جىنايىتى)، ‹‹قىلمىشچىنىڭ ھەر قانداق پۇقراغا قاراتقان بىر قاتار ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتى›› ئۇنىڭ ئاساسلىق ئوبيېكتىپ ئالاھىدىلىكى، دەپ مىسال كەلتۈرۈلگەن. بۇ بىر توپ زوراۋاننىڭ پۇقرالارنى شۇنداق ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈشى ئوچۇقتىن – ئوچۇق ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش جىنايىتىدۇر.

     ھاياتقا قانداق مۇئامىلە قىلىش مەدەنىيلىك بىلەن ياۋايىلىقنىڭ چېگراسى. بۇ بىر توپ زوراۋان ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئورتاق تەرتىپى، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ ئاخىرقى چېكىگە خىرىس قىلدى.

     يېقىندا ‹‹شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى›› تەشكىلاتى توردا سىن ئېلان قىلىپ: كۇنمىڭدىكى زوراۋانلىق ۋەقەسىنى قوللايمىز، ھۆكۈمەتكە ‹‹ئاپتوماتىك قوراللار بىلەن قارشى تۇرىمىز›› دەپ داۋراڭ سالدى، بۇ ئۇلارنىڭ رەزىل نىيىتى، ئەسلىي قىياپىتىنى ئاشكارىلىدى؛ ئۇلار ئەزەلدىن ئىجتىمائىي تەرتىپ ۋە قانۇننىڭ نوپۇزىغا ھۆرمەت قىلغان ئەمەس، پۇقرالارنىڭ ھايات – ماماتى بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرمايدۇ، ئۇلار زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىجتىمائىي مالىمانچىلىق تۇغدۇرۇپ، خەلقئارا تەسىر پەيدا قىلىپ، ۋەتەننى پارچىلاشتەك سىياسىي مەقسىتىگە يەتمەكچى.

     «1-مارت›› زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسىدىن ئىبارەت بۇ سەلبىي دەرسلىك ھەر مىللەت خەلققە زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكىتىنىڭ ئىنسانىيەتكە، جەمئىيەتكە، مەدەنىيلىككە قارشى رەزىل ماھىيىتىنى، زوراۋانلار، تېررورچىلارنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق دۈشمىنى ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ئېنىق تونۇتتى.

【2】

     شىنجاڭ ئەزەلدىن زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكىتىنىڭ زىيىنىغا ئەڭ كۆپ ئۇچراپ كېلىۋاتىدۇ.

     20- ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدىكى بۆلگۈنچىلىك غەرىزىدىكى توپىلاڭدىن تارتىپ، 90- يىللاردىن كېيىنكى بۆلگۈنچىلىك غەرىزىدىكى تېررورلۇق جىنايەتلىرىگىچە ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتى ئەزەلدىن توختىمىدى.

     بۇلتۇر مارالبېشى ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن ‹‹ 23- ئاپرېل›› دېلوسى، تۇرپاندا يۈز بەرگەن ‹‹ 26- ئىيۇن›› دېلوسىدىن تارتىپ، بېيجىڭدا يۈز بەرگەن ‹‹28- ئۆكتەبىر›› زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسىغىچە ھەممىسىدە ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››تىن ئىبارەت زوراۋانلار، تېررورچىلار بىگۇناھ پۇقرالارنى كەينى – كەينىدىن غالجىرلارچە ئۆلتۈردى.

     ئۇلارغا قارشى چىققانلار بولسۇن ياكى ئۇلار بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوق پۇقرالار بولسۇن؛ مەيلى خەنزۇ، ئۇيغۇر بولسۇن ياكى باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر بولسۇن، ئۇلار تەپتارتماستىن، زوراۋانلىق ۋاسىتىسى قوللىنىش ياكى زوراۋانلىق تەھدىتى سېلىش ئارقىلىق تېررورلۇق ۋەھىمىسى پەيدا قىلىشقا ئۇرۇندى.

     «1-مارت›› زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق زوراۋانلارنىڭ ۋەھشىي، غالجىرانە تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن چۆچۈدى ھەم غەزەپلەندى، زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتىنى تۈرلۈك ئۇسۇلدا كۈچلۈك ئەيىبلىدى. تور مۇنبەرلىرى، مىكرو بىلوگ، ئۈندىدارلاردا كۆپچىلىك بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە، بايرىقى روشەن ھالدا تېررورچىلار بىلەن قەتئىي كۈرەش قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى تېخىمۇ قەتئىي قوغدايدىغانلىقىنى بەس – بەستە بىلدۈرۈشتى.

     تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتا ۋەھىمە قاپلىغان پىسىخىك ھالەت، شۇنداقلا ۋەھىمىدىن كېيىنكى ئىجتىمائىي ئاڭنىڭ پارچىلىنىشىغا قايتۇرما زەربە بېرىلىدۇ.

     تېررورچىلارنىڭ زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەلىرىنى سادىر قىلىشتىكى مەقسىتى ۋەھىمە ئۇچۇرلىرىنى تارقىتىش بولۇپ، دۆلەتنى ۋەھىمە قاپلىغانسېرى ئۇلار شۇنچە خۇش بولىدۇ، پۇقرالار جىددىيلەشكەنسېرى ئۇلار شۇنچە مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندەك ھېس قىلىشىدۇ، توپ بولۇپ ياشىغۇچىلار قانچە پارچىلانغانسېرى، ئىجتىمائىي ئاڭ جەھەتتە قانچە ئىختىلاپ كۆرۈلگەنسېرى، ئۇلارنىڭ بىمەنە سەپسەتىلىرى شۇنچە بازار تاپىدۇ.

     «1-مارت›› زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسىدىن ئىبارەت بۇ سەلبىي دەرسلىك ئارقىلىق ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھوشيارلىقى يەنىمۇ ئاشتى. ھازىر زوراۋانلار، تېررورچىلار شىنجاڭنىڭ ئوبرازى، مىللەتنىڭ ئوبرازىغا قارا سۇۋاپ، پۈتكۈل مىللەتنى ئىسكەنجىگە ئېلىپ، مىللىي ئۆچمەنلىك تۇغدۇرۇپ، مىللىي ئارازلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئىجتىمائىي مالىمانچىلىق پەيدا قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. ھەر مىللەت خەلق دۈشمەنگە قارشى بىر سەپتە تۇرۇپ، زوراۋانلار، تېررورچىلار بىلەن قەتئىي كۈرەش قىلىشى كېرەك.

     بىزگە باشقىچە قاراشتا بولۇۋاتقانلاردىن ئاغرىنساق بولمايدۇ، رايون خاراكتېرلىك كەمسىتىلىشنىڭ سەۋەبچىسى زوراۋانلار، تېررورچىلار ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىشىمىز، ئۆچ – ئاداۋىتىمىزنى ئۇلارغا ساقلىشىمىز كېرەك.

     ئۇزاق مەزگىل ئىچكىرىدە ئىشلەۋاتقان ۋە تىجارەت قىلىۋاتقان ئاز سانلىق مىللەت قېرىنداشلىرىمىز قانۇن – ئىنتىزامغا رىئايە قىلىپ، شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشتى ھەم شىنجاڭنىڭ ياخشى ئوبرازىنى تىكلىدى، بىز مەركەزنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، شارائىت ھازىرلاپ، ئۇلارنىڭ شۇ جايلاردا ئىشقا ئورۇنلىشىپ، تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە مەدەت ۋە ئىلھام بېرىشىمىز كېرەك. ئىچكىرىدىكى ئاز سانلىق مىللەت قېرىنداشلىرىمىزنى تېخىمۇ بەكرەك چۈشىنىشىمىز ۋە ئۇلارغا مەسئۇل بولۇشىمىز، مۇشۇ سەۋەبتىن، مىللىي ۋە رايون خاراكتېرلىك قارشىلىشىش كەيپىياتىنىڭ پەيدا بولۇشىدىن ساقلىنىشىمىز كېرەك، بولمىسا زوراۋانلار، تېررورچىلارنىڭ دامىغا چۈشكەن بولىمىز.

     كۈندىلىك تۇرمۇشتا، ھەم ھوشيارلىقىمىزنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، مۇداپىئە ئېڭىمىزنى كۈچەيتىشىمىز، ھەم زوراۋانلىق، تېررورلۇقتىن قورقماسلىقىمىز، نورمال تۇرمۇشىمىزنى تەسىرگە ئۇچراتماسلىقىمىز، كۆپچىلىك نېمە قىلغۇمىز كەلسە، شۇنى قىلىۋېرىشىمىز؛ ھەم زوراۋانلار، تېررورچىلار بىلەن قەتئىي كۈرەش قىلىشىمىز، ھەم بىرلىكتە گۈزەل يۇرت – ماكان بەرپا قىلىپ، شىنجاڭلىقلارنىڭ يېڭى ئوبرازىنى تىرىشىپ نامايان قىلىشىمىز كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندىلا، زوراۋانلار، تېررورچىلار قارا سۇۋاپ قويغان شىنجاڭ ئوبرازى، مىللەت ئوبرازىنىڭ تەسىرىنى تېزدىن تۈگەتكىلى بولىدۇ.

【3】

     كونىلاردا: ‹‹ياماننى يىلتىزىدىن قۇرۇت›› دەيدىغان گەپ بار. زوراۋانلار، تېررورچىلاردەك ئىنسان قېلىپىدىن چىققان، زەھەرلىك ئۆسمىلەرگە چوقۇم تېخىمۇ قاتتىق، تېخىمۇ قەتئىي، يەنىمۇ ئۈزۈل – كېسىل زەربە بېرىشىمىز، ھەرگىز يۇمشاق قوللۇق قىلماسلىقىمىز كېرەك.

     باش شۇجى شى جىنپىڭ كۇنمىڭدىكى زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسىغا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق دېدى: تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋەزىيىتىنىڭ كەسكىنلىكى، مۇرەككەپلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى كۈچەيتىپ، قەتئىي پوزىتسىيە، كۈچلۈك تەدبىر ئارقىلىق زوراۋانلار، تېررورچىلارنىڭ تۈرلۈك جىنايى قىلمىشلىرىغا قاتتىق زەربە بېرىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ساقلاپ، ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك..

     ھەر قانداق بىر ئەقىل ئىگىسى زوراۋانلىق، تېررورلۇق قىلمىشى ئالدىدا تاماشا كۆرۈپ، سۈكۈت قىلىپ تۇرماسلىقى كېرەك. زوراۋانلار، تېررورچىلارغا قەتئىي مېھىر – شەپقەت قىلىشقا بولمايدۇ، زوراۋانلار، تېررورچىلارنىڭ ياۋۇز ماھىيىتىنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىشىمىز كېرەك.

     خۇددى بىر تورداش ئېيتقاندەك: قانداق سەۋەب بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بىگۇناھلار، پۇقرالار، قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقى يوق كىشىلەرگە زوراۋانلىق قىلغان ئاشۇ زوراۋانلارغا قىلچە يۇمشاق قوللۇق قىلىش ئاق كۆڭۈللۈككە قىلىنغان ھاقارەت! شۇنى تەشەببۇس قىلىمەنكى، ئاق كۆڭۈللۈكنىڭمۇ چېكى بولۇشى كېرەك؛ ھەر قانداق قەبىھلىكنىڭ سەۋەب – نەتىجىسى بىگۇناھلارغا بالا – قازا يەتكۈزمەسلىكى كېرەك! بارلىق تېررورچىلارغا كەڭچىلىك قىلىشقا بولمايدۇ!

     ب د ت نىڭ باش كاتىپى بان كىمون بۇ قېتىمقى ۋەقە توغرىسىدىكى باياناتىدا مۇنداق دېدى: بىگۇناھ پۇقرالارنى ئۆلتۈرۈش قىلمىشىنى ئاقلايدىغان ھېچقانداق سەۋەب يوق، ۋەقە سادىر قىلغۇچىلار چوقۇم قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىشى كېرەك. مانا بۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ زوراۋانلار، تېررورچىلارغا تۇتقان ئورتاق مەيدانى.

     مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، شىنجاڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنىڭ ‹‹ئالدىنقى بازىسى ۋە ئاساسىي جەڭ مەيدانى›› بولۇپ، مۇقىملىقنى ساقلاش جەھەتتە نۇرغۇن تەجرىبە يەكۈنلىدى ۋە توپلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى مەركەزنىڭ شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات، مۇقىملىق خىزمىتىگە ئائىت بىر قاتار يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ‹‹ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىلا قول قاتتىق بولۇش››تا، ئاخىرقى چەك تەپەككۇرىدا، ‹‹زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇپ، قانۇنغا، تەرتىپكە ئەھمىيەت بېرىش››تە چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىقنى ساقلاشنى دائىملاشتۇرۇش تۇراقلىق مېخانىزم قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇقىملىقنى ساقلاش بىرىنچى مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلدى. ‹‹زور، قەبىھ زوراۋانلىق ۋەقەلىرى، زور، ئوپچى ۋەقەلەرنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش››نى نىشان قىلىپ، ‹‹شايكىلارنى تارمار قىلىش، <ئۈچ قانۇنسىزلىق>قا زەربە بېرىش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، ئاساسنى پۇختىلاش›› قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتتى. بىز شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، توغرا تەدبىر قوللىنىپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بوشاشماي قاتتىق زەربە بېرىشنى باشتىن – ئاخىر ساقلىغاچقىلا، ھازىرقىدەك ئىجتىمائىي، سىياسىي ئومۇمىيەتنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلدۇق.

     «1-مارت›› زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسىدىن ئىبارەت سەلبىي دەرسلىك ئارقىلىق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنىڭ ‹‹ئالدىنقى بازىسى ۋە ئاساسىي جەڭ مەيدانى››لىق ئېڭىمىزنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كاللىمىزنىڭ سەگەكلىكى ۋە خەۋپ ئېڭى، ئاخىرقى چەك تەپەككۇرىمىزنى باشتىن – ئاخىر ساقلاپ، ئىستراتېگىيەلىك كۈچىمىزنى ساقلاپ، چوقۇم غەلىبە قىلىش ئىشەنچىمىزنى مۇستەھكەملەپ، مۇقىملىقنى ساقلاشقا دائىر تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قەتئىي ئېغىشماي چىڭ تۇتۇپ، تېررورچىلارنىڭ خام خىيالىنى قەتئىي بەربات قىلىشىمىز كېرەك.

【4】

     باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېنىق قىلىپ مۇنداق دېدى: زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكىتىنىڭ مەنبەسى مىللىي بۆلگۈنچىلىك، ئىدىيەۋى ئاساسى دىنىي ئەسەبىيلىك. بۇ مۇھىم ھۆكۈم زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكىتىنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ ئىدىيەۋى مەنبەسىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەرگەن بولۇپ، تۈپتىن ھەل قىلىش چارىسى قوللىنىشىمىزنى ئاساس بىلەن تەمىنلىدى.

     «1-مارت›› زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسىدىن ئىبارەت سەلبىي دەرسلىك ئارقىلىق ‹‹زەربە بېرىشتىن ئىبارەت بىر قولدا قاتتىق بولۇش، تەربىيە – يېتەكلەشتىن ئىبارەت يەنە بىر قولدىمۇ قاتتىق بولۇش››تەك خىزمەت فاڭجېنىدا يەنىمۇ چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك.

     يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭدا ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەش ناھايىتى كەسكىن بولدى، بەزىدە ھەتتا ھايات – ماماتلىق ئېلىشىشقا توغرا كەلدى. بۇنداق كەسكىن ئۇرۇشقا دۇچ كەلگەندە، بىز جەزمەن دادىل ئۇرۇش قىلىش، ئۇرۇشتا چوقۇم غەلىبە قىلىشتىن ئىبارەت ئىشەنچ ۋە ئىرادىنى، ئۇزاق مەزگىللىك كۈرەش قىلىش ئىدىيەسىنى تىكلەپ، ئومۇمىي ۋەزىيەت ۋە ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى ۋەزىيەتنى، تورنىڭ ئىچى – سىرتىدىكى ئىككى جەڭگاھنى، شىنجاڭنىڭ ئىچى – سىرتىدىكى ئىككى ئۇرۇش سېپىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشتىن ئىبارەت بۇ ئۇرۇشنى ياخشى قىلىشىمىز كېرەك.

     بىز ئىدېئولوگىيە ساھەسىنى ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەلىك يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ ۋە ئۇنى تەتقىق قىلىپ، ئىدېئولوگىيە كۈرىشى خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشتىكى باشلىنىش نۇقتىسى، كۈچەش نۇقتىسى ۋە بۆسۈش ئېغىزىنى توغرا تېپىپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەلەرنىڭ تارقىلىش مەزمۇنى، يولى ۋە تارقىلىش قانۇنىيىتىنى تۈپتىن ئېنىقلاپ، ‹‹پان تۈركىزم ۋە پان ئىسلامىزم›› قاتارلىق خاتا ئىدىيەۋى ئېقىملارنى چوڭقۇر تەنقىد قىلىپ ۋە ئۇنىڭغا رەددىيە بېرىپ، ‹‹بىرگە قارشى تۇرۇپ، ئىككىگە ئەمەل قىلىش›› ۋە ‹‹ئەسەبىيلىكنى يوقىتىش››تىن ئىبارەت تەشۋىقات – تەربىيەنى قانات يايدۇرۇپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خىزمەتتە تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلىشىمىز كېرەك.

     بىز زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكىتىگە قەتئىي زەربە بېرىش بىلەن بىللە، زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، زامانىۋى مەدەنىيەت تەشۋىقات – تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، قالاق، نادان ئىدىيەلەرنى يوقىتىپ، ئىلمىي، مەدەنىي ئىدىيە تۇرغۇزۇشىمىز كېرەك. بۇ ئىجتىمائىي ئاساسقا تېخىمۇ پايدىلىق. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ ئەكسىيەتچىل ماھىيىتىنى چوڭقۇر پاش قىلىپ ۋە تەنقىد قىلىپ، ‹‹غازات قىلىپ شېھىت بولسا جەننەتكە كىرىش›› قاتارلىق بىمەنە سەپسەتىلەرنى ئېچىپ تاشلاپ، دىنغا ئىشىنىدىغان ئاممىنى توغرا ئېتىقاد تۇرغۇزۇپ، ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇپ، كۈچنى ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش، مۇقىملىقنى ساقلاشقا مۇجەسسەملەشكە يېتەكلىشىمىز كېرەك.

     ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى ئەمەلىي ئۇرۇشتا بازا ئېڭىمىزنى كۈچەيتىپ، ‹‹كىم مەسئۇل بولسا، شۇ جاۋابكار بولۇش›› ۋە يەر تەۋەلىكى بويىچە باشقۇرۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن ئىجتىمائىي پەنلەر نەزەرىيەسى، ئاخبارات – نەشرىيات، رادىيو – كىنو – تېلېۋىزىيە، ئەدەبىيات – سەنئەت ئىجادىيىتى، مەدەنىيەت بازىرى قاتارلىق ئىدىيەۋى مەدەنىيەت بازىلىرىنى ياخشى باشقۇرۇپ، زېمىننى قوغداشقا مەسئۇل بولۇشىمىز، زېمىننى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىمىز كېرەك.

【5】

     زوراۋانلىق، تېررورلۇق كىشىلەرنى ۋاقىتلىق ساراسىمىگە سالىدۇ، ئادالەت ھامان رەزىللىك ئۈستىدىن غالىب كېلىدۇ، بۇ خۇددى تارىخ چاقىنىڭ داۋاملىق ئىلگىرىلەيدىغانلىقى، ھەرقانداق كۈچنىڭ ئۇنى توسىۋالالمايدىغىنىغا ئوخشايدۇ.

     يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرى يۈز بېرىۋاتقان بولسىمۇ، جۇڭگو تېز تەرەققىي قىلدى، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىمۇ بارغانسېرى تېز بولدى. شىنجاڭ ئىلمىي تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، ‹‹شىنجاڭنى مۇقىملاشتۇرۇپ گۈللەندۈرۈش، خەلقنى بېيىتىپ چېگرا مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەش›› ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويغانلىقتىن، ھەر قايسى تەرەپلەردە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش بولدى، ئىقتىساد تېز تەرەققىي قىلىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۇرمۇشىدىمۇ زور ئۆزگىرىش بولدى، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇلى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتىكى خەۋپ ئېڭى ۋە خىزمەت سالمىقى زور دەرىجىدە كۈچەيدى، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش، ھەرقانداق زوراۋانلىق، تېررورلۇق كۈچلىرىنىڭ ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكەتلىرىگە زەربە بېرىشكە تامامەن كۈچىمىز يېتىدۇ. ئىنسانىيەتكە، جەمئىيەتكە، مەدەنىيەتكە قارىشى ھەرقانداق نومۇسسىز زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى جەزمەن مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىدۇ!

     «1-مارت›› زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسىدىن ئىبارەت سەلبىي دەرسلىك بىزگە شۇنى يەنىمۇ ئەسكەرتىدۇ:

     ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى، ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداشتا چىڭ تۇرۇشنى بارلىق خىزمەتلەرنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلىپ، مۇقىملىقتىن ئىبارەت 1- مەسئۇلىيەت، 1- سىياسىي ۋەزىپىنى ھەقىقىي ئادا قىلىشىمىز كېرەك.

     خەۋپ ئېڭى، مەسئۇلىيەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارىشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكى، مۇرەككەپلىكى، كەسكىنلىكىنى تولۇق تونۇپ يېتىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› بىلەن قەتئىي كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

     كاللىمىزنى باشتىن – ئاخىر سەگەك تۇتۇپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارىشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈپ، سىڭىپ كىرىشكە ئاڭلىق قارىشى تۇرۇش ئىقتىدارىمىزنى ئۆستۈرۈپ، ئەسەبىيسىزلەندۈرۈشنى چۆرىدەپ، ‹‹ئۈچ خىل قانۇنسىزلىق››نى تۈزەشنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك.

     ئىستېرېئولاشقان، دائىمىيلاشقان ۋە تورلاشقان جامائەت ئامانلىقى مۇداپىئە سىستېمىسىنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جەمئىيەت قاتلىمىدىن مۇداپىئە كۆرۈشنى كۈچەيتىشىمىز، ئاساسىي قاتلام قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئاساسىنى ھەقىقىي پۇختىلىشىمىز كېرەك.

     مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تېخىمۇ قەدىرلەپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلەر مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئاڭلىق قوغداپ، ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيەسىنى كۈچەيتىشتە، ‹‹تۆتتە ئۆزئارا ›› (ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ياردەم بېرىش)بولۇشتا، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› بىلەن قەتئىي كۈرەش قىلىشتا باشلامچى بولۇشتىن ئىبارەت ‹‹ئۈچتە باشلامچى بولۇش››نى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. ‹‹ئەلراينى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش››تىن ئىبارەت مۇھىم ئەمەلىي ۋاسىتىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش ۋە ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى ئەستايىدىل مۇھاكىمە قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىنىي ئىناقلىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسىنى ئورتاق مۇستەھكەملىشىمىز كېرەك.

     شىنجاڭ ھازىر ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىلمىي ھالقىش، كېيىن تەرەققىي قىلىپ ئېشىپ كېتىشنىڭ ھالقىلىق باسقۇچىدا ۋە تارىختىكى ئەڭ ياخشى تەرەققىيات پۇرسىتى مەزگىلىدە تۇرماقتا، گۈزەل كەلگۈسى پارلاق، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى كۆز ئالدىدىلا تۇرماقتا. زوراۋانلار، تېررورچىلارنىڭ قەبىھ قىلمىشلىرى ھەر مىللەت خەلقنىڭ دۆلەتنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇستەھكەم ئېتىقادىنى ھەرگىز تەۋرىتەلمەيدۇ. زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايەتلىرىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن قارشى تۇرۇپ، زوراۋانلار، تېررورچىلارنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاپ، خەلققە خاتىرجەم، گۈللەنگەن، ئىناق ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىپ بېرىش خەلقنىڭ ئارزۇسى بولۇپلا قالماستىن، ئىجتىمائىي تەرەققىيات دولقۇنىنىڭمۇ يۈزلىنىشى.

 



无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter