ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> ئۆگىنىش ۋە تەربىيەنى چىڭ تۇتۇپ، ئىدىيە ئاساسىنى پۇختىلايلى

ئۆگىنىش ۋە تەربىيەنى چىڭ تۇتۇپ، ئىدىيە ئاساسىنى پۇختىلايلى

2014-04-02 8:13     كۆرۈلۈشى: 1355 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: شىن ۋېيمىن      ئاپتونوم رايوننىڭ 2- تۈركۈمدىكى پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن ھەققىدىكى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىدا قانات يايدۇرۇلدى. ئاساسنى پۇختىلىغاندىلا، ئۈ....

شىن ۋېيمىن

     ئاپتونوم رايوننىڭ 2- تۈركۈمدىكى پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن ھەققىدىكى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىدا قانات يايدۇرۇلدى. ئاساسنى پۇختىلىغاندىلا، ئۈنۈمگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. 2- تۈركۈمدىكى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىدە ‹‹ساختىلىق قىلماسلىق››، ‹‹يوچۇق قالدۇرماسلىق››، ‹‹چەتنەپ كەتمەسلىك››كە كاپالەتلىك قىلىشتا، جەزمەن پائالىيەتنىڭ دەسلىپىدىلا دىققەت مەركىزىنى سىياسىيدا كۈچلۈك بولۇش، ‹‹تۆت خىل ناچار ئىستىل››غا قارشى تۇرۇش ئىدىيە ئاساسىنى پۇختىلاشقا قويۇش كېرەك. ئۆگىنىش ۋە تەربىيەنى چىڭ تۇتۇش ھەر دەرىجىلىك پارتگۇرۇپپا، پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارنىڭ ھازىرقى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى ھەم پائالىيەتنىڭ پۈتكۈل جەريانىدا ئىزچىللاشتۇرىدىغان مۇھىم ۋەزىپە.

     ئۆگىنىش ۋە تەربىيە ئۆزىگە تايىنىش، شۇنداقلا ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشنىڭ ئاساسى. پارتىيە پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇش فاڭجېنىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ، پارتىيە ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ تەخىرسىزلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئاساسىي مەقسەت ئېڭى ۋە ئاممىۋى قاراشنى ئىدىيەگە سىڭدۈرۈش، ئىدىيەۋى قورالغا ئايلاندۇرۇش – ئايلاندۇرالماسلىقنىڭ ئاچقۇچى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ نەزەرىيىۋى ساپاسى ۋە تونۇش سەۋىيەسىدە.

     ئۆگىنىش ۋە تەربىيەنىڭ پۇختا بولۇش – بولماسلىقى، روھىغا بېرىپ تاقىلىش – تاقالماسلىقى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ سۈپىتىنى بەلگىلەيدۇ، بۇنىڭدىكى ئاچقۇچ ئىدىيەگە چوڭقۇر ئورنىتىپ، ئۆگىنىش ۋە تەربىيە ئارقىلىق تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەيداننى مۇستەھكەملەپ، ئىستىلنى ياخشىلاپ، ئۆگىنىش نەتىجىسىنى كونكرېت خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىشقا تەتبىقلاپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش ماھارىتىنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، يۈزەكى بولۇشتىن ساقلىنىشتا.

     ئۆگىنىش ۋە تەربىيەنى چىڭ تۇتۇشتا نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈشتەك ماركسىزملىق ئۆگىنىش ئىستىلىدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، سۇبيېكتىپ دۇنيانى ئۆزگەرتىش بىلەن ئوبېيكتىپ دۇنيانى ئۆزگەرتىشنى بىرلەشتۈرۈپ، مەخسۇس تېمىدىكى ئۆگىنىش ۋە مۇزاكىرىنى تەشكىللەپ ۋە ياخشى قانات يايدۇرۇپ، ئۆگىنىش قىلىدىغانلار، ئۆگىنىش قىلىش ۋاقتى، ئۆگىنىش مەزمۇنى، ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. شەكىلۋازلىق قىلىشتىن ساقلىنىپ، ئۆگىنىش نەتىجىسىنى ئاددىي ھالدا قانچىلىك خاتىرە قالدۇرۇش، قانچىلىك تەسىرات يېزىش بىلەن ئۆلچىمەسلىك كېرەك. ئاساسىي مەقسەت ئېڭى، ئاممىۋى ئاڭنى تۇرغۇزۇشنى زىچ چۆرىدىگەن ھالدا، مەركىزىي گۇرۇپپا كوللېكتىپ ئۆگىنىش، رەھبىرىي كادىرلار پارتىيە دەرسى بېرىش، ئەمەلىيەتكە چۆكۈپ ئۆگىنىش ۋە شەخسلەر ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش قاتارلىق خىلمۇخىل، جانلىق، ئەمەلىي، ئىشلىتىشكە باب كېلىدىغان ئۇسۇللارنى قوللىنىش ئارقىلىق، تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ روھىي ماھىيىتى ۋە ئۇسۇل – چارىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك چۈشىنىپ، چوڭقۇر ئىگىلەپ، قاتتىق تەلەپ، ئەمەلىي ئۆگىنىش ئىستىلى بىلەن ئۆگەنگەننى ئىشلىتىش، ئەمەلىيەتچىل بولۇشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

     ئۆگىنىش ۋە تەربىيەنى چىڭ تۇتۇشتا ئوچۇق – ئاشكارا بولۇپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ پىكرىنى تولۇق ئاڭلاش كېرەك. مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ 2- تۈركۈمدىكى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىگە قويغان ئۆلچىمى تېخىمۇ يۇقىرى، تەلەپلىرى تېخىمۇ قاتتىق بولۇپ، تەربىيەنى ئوچۇق – ئاشكارا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، ئاممىنىڭ نازارەتچىلىكىنى ئاڭلىق ھالدا قوبۇل قىلغاندىن باشقا، يەنە مەسىلىنى چۆرىدىگەن ھالدا كەڭ – كۇشادە ئۆگىنىپ، ئۆگىنىش ۋە تەربىيەنى سىياسىيدا كۈچلۈك بولماسلىق ۋە ‹‹تۆت خىل ناچار ئىستىل›› مەسىلىسىنى تەكشۈرۈپ تېپىپ چىقىش، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈش، يەرلىككە يېقىنلىشىش، ئىستىلنى ئۆزگەرتىش، شۇنداقلا ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا بىرلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش دەرىجىسىگە قاراپ، مەسىلىگە تۇتقان پوزىتسىيەسىنى توغرىلاش؛ ئۆگىنىش دەرىجىسىگە قاراپ مەسىلىنى تەكشۈرۈش سالمىقىنى كۈچەيتىش كېرەك.

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter