يەھۇدىيلارنىڭ دۆلەت قۇرۇش دوكلاتى سىتالىننى غەزەپلەندۈرگەن
تارىختا يەھۇدىيلار كۆپ قېتىم ئاپەت خەرەكتىرلىك يوقۇتىشقا ئۇچرىغان. بولۇپمۇ مىلادىيە 2- ئەسىردە رىم ئېمپىريەسىنىڭ رەھىمسىز باستۇرىشىغا ئۇچرىغان. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 20- يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى دۇنياغا كەلگەندە يەھۇدىي سىياسىي پائالىيەتچىلىرى بۇ زىمىندىكى نەچچە مىليۇن يەھۇدىيغا كۆڭۈلدىكىدەك ماكان ئىزدىگەن. ئۇلار قىرىم رايۇنىغا ئىككى قېتىم كۆز تىككان بولسىمۇ يەنىلا مەغلۇپ بولغان. سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى يەھۇدىيلار بۇ سەۋەپلىك ئويلاپ باقمىغان ئاقىۋەتلەرگە دۇچار بولغان. سوۋېت ئىتتىپاقى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ياخشى مىللىي سىياسەتلەر يولغا قويۇلغان. كۆپلىگەن يەھۇدىيلار بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۆزىگە تەئەللۇق ماكان ئىزدەش كويىدا بولغان. يەھۇدىي سىياسىي پائالىيەتچى ئابراھام بروكىننىڭ ھەركىتى ئەڭ گەۋدىلىك بولغان. ئۇ بىلاروسىيەدىكى يەھۇدىيلار ئۈچۈن مۇۋاپىق ماكان ئىزدىگەن. ئۇ بىرقانچە ھەمراھى بىلەن قارا دېڭىز ۋە قىرىم رايۇنىنى كۆزدىن كۆچۈرگەندىن كېيىن، يەھۇدىيلار ئۈچۈن تۇپرىقى مۇنبەت ياكى ئاز سانلىق مىللەت نوپۇسى ئاز رايۇننى تاللىماقچى بولغان. ئۇلار 1924- يىلىدىن 1926- يىلىغىچە بۇ ئىش ئۈچۈن ئالدىراش ئۆتكەن. ئۇلار بۇ جەرياندا «جۇمھۇرىيەت»، «ئاپتونومىيە» دېگەن خەتلەرنىڭ ئارلىشىپ قېلىشىدىن ئىھتىيات قىلغان. 1926- يىلى قىرىم رايۇنىدىكى باشقا مىللەتلەر يەھۇدىيلارنىڭ ھەركىتىدىن نارازى بولغاچقا، ئۇلارنىڭ بۇ پىلانى سۇغا چىلىشىپ، بۇنىڭ ئورنىنى يىراق شەرقتە يەھۇدىيلار ئاپتونوم رايۇنى قۇرۇش لەيىھەسى ئالغان. سوۋېت ئىتتىپاقى مەركىزىي ئىجرائىيە كومىتىتى 1928- يىلى مايدا قارار ماقۇللاپ، يىراق شەرقتىكى چېگرا رايۇننى يەھۇدىيلارنىڭ ئولتۇراقلىشىشىغا بەرگەن. بۇ رايۇن كەڭ كەتكەن ئورمانلىق، تاغ تىزمىسى ۋە سازلىقلاردىن تەركىپ تاپقاچقا، ياشاش شارائىتى ناچار ئىدى. شۇ يىلى تۇنجى تۈركۈمدىكى يەھۇدىيلار بۇ رايۇنغا كۆچۈرۈپ كىلىنگەن. كىيىنچە يەنە تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ، كۆپلىگەن يەھۇدىيلار بۇ يەرگە كەلگەن. شارائىت ناچار بولغاچقا ئاخىرىدا يېرىمدىن كۆپرەك يەھۇدىي باشقا جايلارغا كۆچۈپ كەتكەن. نەتىجىدە يەھۇدىي سىياسىي پائالىيەتچىلىرىنىڭ پىلانى يەنىلا مەغلۇب بولغان.
ناتسىست گېرمانىيەسى 1941- يىلى 22- ئىيۇن سوۋېت ئىتتىپاقىغا تاجاۋۇز قىلغان. ئەينى چاغدا سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى 5 مىليۇن يەھۇدىينىڭ كۆپىنچىسى قىزىل ئارمىيەگە قاتنىشىپ، قان كىچىپ جەڭ قىلغان. ناتسىست گېرمانىيە ئارمىيەسى سوۋېت ئىتتىپاقىغا تاجاۋۇز قىلغاندا، بىر يېرىم مىليۇندىن كۆپرەك يەھۇدىينى قىرغىن قىلغان. سوۋېت ئىتتىپاقى ناتسىست گېرمانىيەسىنىڭ بۇ رەزىللىكىنى پۈتكۈل خەلقئاراغا بىلدۈرۈش مەقسىدىدە فاشىزىمغا قارشى تۇرۇش كومىتىتى قۇرغان.
1944- يىلى ئوكرائىنا ئازاد بولغاندا، فاشىزىمغا قارشى تۇرۇش كومىتىتىنىڭ بىر قانچە رەھبىرى ئىلگىركى ئۇلۇغۋار پىلانىنى قايتا تىلغا ئېلىپ، قىرىم رايۇنىدا يەھۇدىيلار ئاپتونومىيە رايۇنى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، بۇ ھەقتە سىتالىنغا 1944- يىلى 15- فېۋرال دوكلات سۇنغان. سىتالىن دوكلاتنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن شۇ يىلى يازدا فاشىزىمغا قارشى تۇرۇش كومىتىتىنىڭ رەھبەرلىرىگە بۇ پىكىرگە قۇشۇلمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۇلارغا بۇ ئويىدىن ۋاز كىچىشنى ئاگاھلاندۇرغان. ئەمەلىيەتتە بۇ دوكلات سىتالىننىڭ ھۇشيارلىقىنى ئاشۇرغان. شۇ سەۋەپلىك فاشىزىمغا قارشى تۇرۇش كومىتىتى ئۇرۇشتىن كىيىن، يەنى 1948- يىلى باستۇرۇشقا ئۇچرىغان. كېيىنكى يىلنىڭ باشلىرى پۈتكۈل مەملىكەتتە يەھۇدىيلارنى ئەيىپلەش دولقۇنى كۆتۈرۈلگەن. بۇنىڭغا ئۇرۇشتىن كېيىنكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ خەلقئارا جەمىيەتتىكى ئورنى سەۋەپ بولغان. فاشىزىمغا قارشى ئۇرۇشنىڭ غەلىبە قىلىشىغا ئەگىشىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىلگىرىكى ئامېرىكا، ئەنگىلىيەدىن ئىبارەت ئىتتىپاقدىشى رەقىبكە ئايلانغان. ئىككى تەرەپ زىدىيىتى چوڭقۇرلاشقانسىرى سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبەرلىرىنىڭ سەزگۈرلىكى يەنىمۇ ئاشقان. شۇ سەۋەپتىن فاشىزىمغا قارشى تۇرۇش كومىتىتى قىرىم رايۇنىدا يەھۇدىيلار ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى قۇرۇش پىلانىنى ئوتتۇرغا قويغاندا، سىتالىن كەسكىن ئىنكاس قايتۇرغان. شۇنىڭدىن كېيىن كۆپلىگەن يەھۇدىي جاسۇس دېگەن تۈرلۈك ناملار بىلەن قولغا ئېلىنغان. نەتىجىدە يەھۇدىيلارنىڭ پىلانى ئۈزۈل – كىسىل بەربات بولغان.
ئىنكاس ئارقىلىق ساقلىۋالاي
بۇ باھاغا پىكىرىم بار:
تۇران تېكىن مۇنداق دېدى:
ئاۋغۇست 20th, 2012 at 22:31
بەگ ئىنىمنىڭ ئايىمىگە مۇبارەك بولسۇن!
يازمىلار بەگ ئىنىمگە يارىغان بولسا، تۇران تېكىن يەنىمۇ نادىر، سىرلىق يازمىلاربى چىقىرىشقا تەييار!
بۇ باھاغا پىكىرىم بار:
ئايەم مۇبارەك ! سەھرالىق پەتىگە كەلدى!
بۇ باھاغا پىكىرىم بار:
تۇران تېكىن مۇنداق دېدى:
ئاۋغۇست 20th, 2012 at 22:33
ئەزىز مىھماننىڭ پەتىگە كەلگەنلىكىدىن كۆپ ھاياجاندىمەن! ئايىمىڭىزگە ۋە قەدىمىڭىزگە مۇبارەك!
بۇ باھاغا پىكىرىم بار:
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئەزىز قېرىنداشىم! ئۇلۇغ روزى ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن. تېنىڭىزنىڭ سالامەت، ئىشلىرىڭىزنىڭ ئوڭۇشلۇق، كۈنلىرىڭىزنىڭ خۇشال-خورام ئۆتىشىنى ئۇلۇغ ئاللاھدىن تىلەيمەن. كەمىنە لوپنۇرىنىڭ ئايەملىك سالىمنى قۇبۇل قىلغايسىز! لوپنۇرى بلوگىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەپ كەلگىنىڭىزگە چىن دىلىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن. قالغان سالامنى تۆۋەندىكى ئايەملىك يازمىدىن كۆرگەيسىز!
http://www.lopnuri.com/?p=2324
بۇ باھاغا پىكىرىم بار:
تۇران تېكىن مۇنداق دېدى:
ئاۋغۇست 20th, 2012 at 22:38
ئايەملىك قەدىمىڭىزگە قۇت بولسۇن! بلوگىڭىز ئارقىلىق چەكسىز بىلىملەرگە ئىگە قىلغانلىقىڭىزغا كۆپ تەشەككۇر!
بۇ باھاغا پىكىرىم بار: