ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> ماركسىزملىق مىللەت قارىشى توغرىسىدا

ماركسىزملىق مىللەت قارىشى توغرىسىدا

2012-08-15 4:40     كۆرۈلۈشى: 11 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: ئابدۇرېشىت ئابلىز        ماركسىزملىق مىللەت قارىشىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن نېمىنىڭ مىللەت قارىشى ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىش كېرەك. مىللەت قارىشى كىشىلەرنىڭ مىللەت ۋە م....

ئابدۇرېشىت ئابلىز

 

     ماركسىزملىق مىللەت قارىشىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن نېمىنىڭ مىللەت قارىشى ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىش كېرەك. مىللەت قارىشى كىشىلەرنىڭ مىللەت ۋە مىللىي مەسىلىگە بولغان تۈپ نۇقتىئىنەزەرى ۋە قارىشىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ كىشىلەرنىڭ دۇنيا قارىشىنىڭ مىللەت ۋە مىللىي مەسىلىدىكى ئىنكاسى.

     ماركسىزملىق مىللەت قارىشى ماركسىزمنىڭ مىللەت ۋە مىللىي مەسىلە توغرىسىدىكى ئاساسىي نۇقتىئىنەزەرى ۋە پىروگراممىسى، سىياسىتىدىن تەركىب تاپقان ئىدىيەۋى سىستېما، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ مىللەتلەرگە دائىر نىزام، سىياسەتلىرىنى تۈزۈشتىكى مۇھىم نەزەرىيەۋى ئاساس. ئۇ مىللەت بىر تارىخىي كاتېگورىيە، ئۇنىڭ پەيدا بولۇش، تەرەققىي قىلىش ۋە يوقىلىش قانۇنىيىتى بولىدۇ؛ مىللەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىكەن، مىللىي مەسىلە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ؛ مىللىي مەسىلە ئىجتىمائىي مەسىلىنىڭ بىر قىسمى؛ مىللەتلەر بىردەك باراۋەر؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مىللىي باراۋەرلىك ئاساسىدا كۈچەيتىش كېرەك؛ مىللەتلەرنى ئورتاق گۈللەندۈرۈش، تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك دېگەن ئاساسىي نۇقتىئىنەزەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

     ماركسىزم مۇنداق ھېسابلايدۇ: ‹‹مىللەت كىشىلەر تارىختا شەكىللەندۈرگەن ئورتاق تىل، ئورتاق تېررىتورىيە، ئورتاق ئىقتىسادىي تۇرمۇش ھەمدە ئورتاق مەدەنىيەتتە ئىپادىلەنگەن ئورتاق پىسخىك ساپاغا ئىگە مۇقىم ئورتاق گەۋدە››. مىللەتنى پەرقلەندۈرۈشتە ئورتاق تىل، ئورتاق تېررىتورىيە، ئورتاق ئىقتىسادىي تۇرمۇش ۋە ئورتاق پىسخىك ساپا ئاساس قىلىنىدۇ. دىن مىللەتنى تەشكىل قىلغۇچى ئامىل ئەمەس، مىللەتنى دىن ئارقىلىق پەرقلەندۈرۈشكە بولمايدۇ. بۈگۈنكى دۇنيادا 2000 دىن ئارتۇق مىللەت بار بولۇپ، نوپۇسى 100 مىليوندىن ئاشىدىغان مىللەتتىن يەتتىسىلا، نوپۇسى 10 مىليونغا يەتمەيدىغان مىللەتتىن 60 نەچچىسى بار. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، دۇنيادىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى مىللەتلەرنىڭ نوپۇسى 10 مىليونغا يەتمەيدۇ.

     مىللەت ئىنسانلار جەمئىيىتى تەرەققىياتىنىڭ مۇئەييەن باسقۇچتىكى مەھسۇلى. مىللەتنىڭ شەكىللىنىشى ئۇزاق ھەم مۇرەككەپ تارىخىي جەرياننى باشتىن كەچۈرگەن. مىللەتنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە شەكىللىنىشى ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ تەرەققىي قىلدى. مىللەت بىرخىل ئىجتىمائىي، تارىخىي ھادىسە سۈپىتىدە باشقا شەيئىلەرگە ئوخشاش بىرىكىش ۋە ئۆزگىرىش جەريانىنى باشتىن كەچۈرۈپ، قەدىمكى زامان مىللىتىدىن ھازىرقى زامان مىللىتىگە ئۆزگەردى ۋە تەرەققىي قىلدى. بىز ماركسىزملىق مىللەت قارىشىنى تۇرغۇزۇپ ۋە ئۇنىڭدا چىڭ تۇرۇپ، مىللەتنىڭ بارلىققا كېلىشى، تەرەققىي قىلىشى، ئۆزگىرىشى ۋە يوقىلىشىنىڭ ئوبيېكتىپ قانۇنىيىتىنى توغرا تونۇشىمىز كېرەك.

     مىللەتنىڭ بىرىكىشى ۋە يوقىلىشى كىشىلەرنىڭ ئىرادىسىگە بېقىنمايدىغان ئوبيېكتىپ قانۇنىيەت. مىللەتلەر تەرەققىي قىلىش جەريانىدا ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى يوقالمايدۇ، ئەكسىچە بەزى ئالاھىدىلىكلىرى تېخىمۇ مۇكەممەللىشىدۇ. ھەر مىللەت خەلقى بۇ زور يۈزلىنىشنى تونۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئورتاق گۈللىنىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك. ئۆز مىللىتىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى قوغداشنى باھانە قىلىپ، مىللىي بېكىنمىچىلىك قىلىدىغان ۋە مىللىي ئازارلىق پەيدا قىلىدىغان قىلمىشلار شۇ مىللەتنى گۈللەندۈرمەي ۋە تەرەققىي قىلدۇرمايلا قالماستىن، بەلكى ئۇنى قالاقلىقتا قالدۇرىدۇ ۋە خارابلاشتۇرىدۇ.

     مىللەتنىڭ تەرەققىيات تارىخىي قانۇنىيىتى مىللەتنى ئۆزگەرمەس دەپ قارايدىغان مېتافىزىكىلىق قاراشقا قارشى تۇرۇپ، مىللەتنىڭ تەرەققىياتىدا باشقا مىللەتلەرنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ئۆگىنىشكە ماھىر بولۇپ، مىللىي تەرەققىياتقا پايدىسىز بارلىق كونا قاراش، كونا ئەنئەنە ۋە كونا ئادەتلەرنى ئۈزلۈكسىز ئىسلاھ قىلىشىنى؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تارىخىي شارائىتتىن ھالقىپ، مىللەت پەرقى ۋە ئالاھىدىلىكىنى يوقىتىشتەك ئۇسۇللارغا قارشى تۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭا، مىللەتلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئۈستۈنلۈكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مىللەتلەرنى ئورتاق بېيىتىش ۋە گۈللەندۈرۈش قەدىمىنى تېزلىتىش كېرەك.

     ئېلىمىز تارىختىنلا بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت، ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا ئۇزاق مۇددەتلىك تاۋلىنىشلار ئارقىسىدا غايەت زور ئىچكى ئۇيۇشۇش كۈچىگە ئىگە جۇڭخۇا مىللىتى شەكىللەندى. ئېلىمىزدىكى مىللەتلەرنى بىرلىككە كەلگەن چوڭ ئائىلىگە باغلاپ تۇرغان ھەم ئۇنى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئاساسلىق ئۈچ ۋاسىتە بار: بىرىنچى، دۆلەتنىڭ ئۇزاقتىن بۇيانقى بىرلىكى؛ ئىككىنچى، مىللەتلەرنىڭ ئۆزئارا تايىنىپ بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدىكى ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئالاقىسى؛ ئۈچىنچى، يېقىنقى زاماندىن بۇيان مىللەتلەرنىڭ تاشقى تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرۇش ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك كۈرەش داۋامىدا شەكىللەندۈرگەن بەخت – سائادەتتىمۇ، جەبىر – جاپادىمۇ بىللە بولۇشتەك مۇناسىۋىتى.

     ماركسىزملىق مىللەت قارىشى ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرگەندىلا، ئاندىن مىللىي بۆلگۈنچىلەرنىڭ تارىخنى بۇرمىلاش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى پارچىلاشتەك ئەكسىيەتچىل ماھىيىتىنى ئېنىق تونۇپ ۋە ئېچىپ تاشلاپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشنى ئاداققىچە ئېلىپ بېرىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتالايمىز.

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter