مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھالقىما تەرەققىيات ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكنى
ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ تۈپ كاپالىتى
ئەسقەر مۇھەممەت
ئاپتونوم رايونىمىز كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقى ئورتاق كۈرەش قىلىپ، ئىقتىسادىي، سىياسىي جەھەتتە تىنچ، گۈللەنگەن، جەمئىيەت ئىناق بولغان ياخشى ۋەزىيەت ياراتتى. نۆۋەتتىكى يېڭى تارىخىي شارائىتتا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ۋەزىپىسى مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى تېخىمۇ ئېگىز كۆتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېزلىتىشتىن ئىبارەت.
يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقى پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، مىللەتلەر مۇناسىۋىتىدە تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈردى. شۇڭا، بۈگۈنكى كۈندە تارىخ ۋە رېئاللىق نۇقتىسىدىن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇش ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
بىرىنچى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم كاپالىتى. ئاپتونوم رايونىمىز ھەر مىللەت خەلقى ئورتاق بەرپا قىلغان كۆپ مىللەتلىك رايون، مىللەتلەرنىڭ تەقدىرى دۆلەتنىڭ تەقدىرى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان. شۇڭا، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناق، مۇقىملىقىنى قوغداپ، دۆلەتنىڭ ئۇزاققىچە تىنچ – ئامانلىقىنى قوغداش لازىم.
ئىككىنچى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مىللەتلەرنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچىنى ئاشۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. ئىتتىپاقلىق – كۈچ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مىللەتلەرنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىسى . ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچىنى ھاسىل قىلىشتا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بولمىسا قۇدرەتلىك دۆلەت كۈچىنى شەكىللەندۈرگىلى بولمايدۇ.
ئۈچىنچى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مىللەتلەرنىڭ گۈللىنىشىنىڭ قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى. مىللەتلەرنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يېقىندىن بۇيانقى جۇڭگو خەلقىنىڭ بوشاشماي ئىزدىنىشىدىكى مۇھىم نىشانلىرىنىڭ بىرى. مىللەتلەرنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ھەر مىللەت خەلقىدىن كېلىدۇ. پەقەت ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بولغاندىلا، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ سۇبيېكتىپلىق ئورنىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىغا ئىشتىراك قىلىشىدىكى قىزغىنلىقى ۋە ئىجادچانلىقىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قوزغىتىپ، مىللەتلەرنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ پارلاق كېلەچىكىنى ياراتقىلى بولىدۇ.
تۆتىنچى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەتلەرنى ئىگىلەشنىڭ ئوبيېكتىپ ئېھتىياجى. نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىز ئىسلاھات، تەرەققىياتىنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرماقتا، كۆز ئالدىمىزدا پۇرسەت ۋە خىرىسلار تەڭلا مەۋجۇت. بىز نۆۋەتتىكى ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ ۋە مۇستەھكەم ئىگىلەپ، ھەر قايسى تەرەپلەردىكى كۈچ ۋە ئەقىلنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىغا مۇجەسسەملەشتۈرۈشتە ھەر مىللەتنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ، مىللەتلەرنىڭ كۈچىنى ئۇيۇشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىشىمىز لازىم.
مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ مەنپەئەتىنىڭ مەركەزلىك گەۋدىلىنىشىدۇر. يېڭى تارىخىي شارائىتتا، دەۋرنىڭ تەلىپى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى يارىتىشىمىز لازىم.
بىرىنچى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى تېزلىتىشنى باشقا رايونلارنىڭ سىجىل تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈش لازىم. ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق گۈللىنىشى پارتىيەمىزنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ تۈپ چىقىش نۇقتىسى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پارتىيەمىز ۋە دۆلىتىمىز ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بەردى. تارىخىي، جۇغراپىيەلىك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ئاپتونوم رايونىمىزنى تەرەققىي قىلغان رايونلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا يەنىلا بەلگىلىك پەرقلەر مەۋجۇت. شۇڭا، تەرەققىياتنى پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپىسى قىلىشتا باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى تېزلىتىش لازىم.
ئىككىنچى، ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەربىيەلەپ ئۆستۈرۈشنى ھەر مىللەت كادىرلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئىتتىپاقلىقنى ياخشىلاش بىلەن بىرلەشتۈرۈش لازىم.
ئۈچىنچى، مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا ئالدى بىلەن زىددىيەتنىڭ خاراكتېرىنى ئېنىق ئايرىش لازىم. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھازىرقى باسقۇچىدىكى مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا تەسىر يەتكۈزۈۋاتقان مەسىلىلەر ئاساسەن خەلق ئىچىدىكى زىددىيەتلەرگە ياتىدۇ. بۇنداق زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا پىرىنسىپقا، قانۇن – تۈزۈمگە، سىياسەتكە ۋە ئۇسۇلغا ئەھمىيەت بېرىپ، قانداق مەسىلە بولسا شۇنداق ھەل قىلىش لازىم.