ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئاسرايلى

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئاسرايلى

2012-05-23 12:20     كۆرۈلۈشى: 11 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: با لىجيا        بۇ يىل ماي ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 30 – قېتىملىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىئېيى. ئاپتونوم رايونىمىزدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغان 30 يىللىق تارىخنى ئەسلى....

با لىجيا

 

     بۇ يىل ماي ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 30 – قېتىملىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىئېيى. ئاپتونوم رايونىمىزدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغان 30 يىللىق تارىخنى ئەسلىسەك، ئېرىشكەن نەتىجىلىرىمىز مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدۇ، بۇ پائالىيەت ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇردى، ئۇيۇشتۇردى. ‹‹ئاساسىي قانۇن››، ‹‹مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنى››، ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ مىللىي تىل – يېزىق خىزمىتى نىزامى›› قاتارلىق قانۇن – نىزاملار ۋە پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتى يەنىمۇ ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق››، ‹‹تۆتنى تونۇش›› ۋە ماركسىزملىق ‹‹بەش قاراش›› مۇھىم ئىدىيەسى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى، مىلللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلدى.

     ئەتراپمىىزدا ھەر ۋاقىت مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – دوستلۇقىنى قوغداۋاتقان شەخسلەر بارلىققا كېلىپ تۇرۇۋاتىدۇ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – دوستلۇقىغا ئائىت ئىش – پائالىيەتلەر مەيدانغا كېلىۋاتىدۇ، مەسىلەن: ساخاۋەتچى ئالىم ئوقۇش ياردەم فوندى قۇرۇپ، نامرات خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشىغا ياردەم قىلىۋاتىدۇ؛ يايلاق دوختۇرى ۋۇ دېڭيۈن كۆيۈپ يارىلانغان قىرغىز بالىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، تېنىدىن 13 پارچە تېرىنى شىلىپ ئېلىپ، ئۇنىڭغا كۆچۈردى؛ ‹‹ئەخلاق نەمۇنىچىسى››، ‹‹8 – مارت قىزىل بايراقدارى›› ۋاڭ يەننا ناتونۇش ئۇيغۇر يىگىتكە بۆرىكىنى ھەقسىز تەقدىم قىلدى… لېكىن، بىزدە ئاچچىق ساۋاقمۇ بولدى، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق كۆرۈشنى خالىمايدىغان ۋەقەلەرمۇ يۈز بەردى. ھەر بىر كىشى ئۈچۈن ئېيتقاندا، ھايات بىرلا قېتىم كېلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن، ھاياتنى قەدىرلىشىمىز، قوغدىشىمىز، ھۆرمەتلىشىمىز ئۆزىمىزنىڭ ھاياتىنىمۇ ھۆرمەتلىشىمىز، باشقىلارنىڭ ھاياتىنى تېخىمۇ ھۆرمەتلىشىمىز، شۇنداقلا ھاياتنى قوغدىشىمىز كېرەك. بۇ بارلىق دىننىڭ ئالدى بىلەن تەشەببۇس قىلىدىغان ئەقىدىسى، شۇنداقلا قەدىمدىن ھازىرغىچە، جۇڭگودىن چەت ئەلگىچە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ قانۇنىدا ئەمەل قىلىنىدىغان چوڭ قائىدە. كىم بۇ ئەقىدىگە خىلاپلىق قىلسا، ئۆزىنى ئۆزى ھالاك قىلىدۇ.

     ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ چوڭ مۇھىتى تارىختىكى ئەڭ ياخشى مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ، مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، ئىچكىرىدىكى 19 ئۆلكە، شەھەرنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشى مىسلىسىز كۆلەم، سۈرئەت ۋە ئۈنۈم بويىچە ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلدى؛ ئاپتونوم رايون ‹‹خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى يىلى›› پائالىيىتىنى ئۇدا قانات يايدۇرۇپ، ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى، يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي قۇرۇلۇشى، چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇپ، چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش قۇرۇلۇشى، كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى يولغا قويدى، بۇ قۇرۇلۇشلارنىڭ ھەممىسى چەت، يىراق، نامرات رايونلاردا يولغا قويۇلدى، بۇ شۇ جايدىكى پۇقرالارنىڭ تەقدىرى ۋە تۇرمۇشىنى تۈپتىن ئۆزگەرتتى؛ ئاپتونوم رايون يەنە ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە، شەھەرلەرگە تەربىيەلىنىشكە ئەۋەتتى؛ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى سەرگەردان ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرىنىڭ ھەممىسىنى قايتۇرۇپ كەلدى؛ تۇغما يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئاپىرىپ ئوپېراتسىيە قىلدۇردى، ۋەھاكازالار. بۇ كونكرېت، ئەمەلىي خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرىدىن نەپ ئالغان ھەر مىللەت ئامما پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ مېھىر – شەپقىتىگە چەكسىز تەشەككۈر ئېيتتى.

     ھازىر ئاپتونوم رايونىمىز كەڭ كۆلەمدە قۇرۇش، كەڭ كۆلەمدە ئېچىۋېتىش، كەڭ كۆلەمدە تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ يېڭى مەزگىلى، يېڭى باسقۇچىغا قەدەم قويدى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلار تارىختىكى ئەڭ ياخشى تەرەققىيات مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، ئىجتىمائىي ئومۇمىيلىق ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇۋاتىدۇ، ھەر مىللەت خەلق ئىتتىپاقلىشىپ، ياردەملىشىپ، خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىۋاتىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن شىنجاڭدىكى ئاساسلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە: شىنجاڭنىڭ ئەتىسى چوقۇم يېپيېڭى بولىدۇ، دېدى. شۇنداق، شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى چوقۇم يېپيېڭى بولىدۇ، بىز شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ يېڭى كەلگۈسى ئۈچۈن تەستە قولغا كەلگەن تىنچ مۇھىتنى تېخىمۇ قەدىرلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، بىر نىيەتتە كۈچەپ، سوتسىيالىستىك بۈيۈك ئائىلىمىزنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.

 

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 جەمئىي 1 دانە ئىنكاس قالدۇرۇلدى
  1. دىۋان
    2013-05-21 18:27 jasur 

    شئنجاث دئمةي شئنجاث ظذيغذر ظاوتونذم رايذن دةيلدئ

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

    [جاۋاب]

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter

مىكرو بلوگىم _ سىزمۇ ئەگىشىڭ