ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> 30- قېتىملىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئېيىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇش

30- قېتىملىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئېيىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇش

2012-05-06 2:59     كۆرۈلۈشى: 11 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن:      بۇ يىل 5 – ئاي ئاپتونوم رايونلۇق 30 – قېتىملىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى ئېيى. ئاپتونوم رايون بويىچە ھەممەيلەن پارتىيە 17 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 – ئومۇمىي يىغىنى، مەركەزنىڭ شىن....

     بۇ يىل 5 – ئاي ئاپتونوم رايونلۇق 30 – قېتىملىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى ئېيى. ئاپتونوم رايون بويىچە ھەممەيلەن پارتىيە 17 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 – ئومۇمىي يىغىنى، مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق 8 – قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغانلىقىنىڭ ئىككى يىللىقىنى داغدۇغىلىق خاتىرىلەپ، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك چاقىرىلىشىنى خۇشاللىق بىلەن كۈتۈۋېلىۋاتقان يېڭى ۋەزىيەتتە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى ئېيى پائالىيىتىنى قەتئىي بوشاشماي قانات يايدۇرۇش ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ روھى ۋە كۈچىنى ئەڭ زور چەكتە ئۇيۇشتۇرۇپ، ئىجادىيەت ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئىلمىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تارىخىي ۋەزىپىنى ئورۇنداشنى تېزلىتىشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، تەربىيە ئېيى پائالىيىتىنى تۆۋەندىكىدەك ئورۇنلاشتۇردۇق.

 

بىرىنچى، يېتەكچى ئىدىيە

 

     جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى ۋە ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مىللەتلەر ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، ئورتاق گۈللىنىپ راۋاجلىنىش ئاساسىي تېمىسىنى مەھكەم ئىگىلەپ، زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى، ‹‹ئۇلۇغ ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈپ، يۇرت – ماكانىمىزنى تېخمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىش›› ئاساسىي تېما تەربىيە پائالىيىتىنى يۈكلىمە قىلىپ، ۋەتەننى – شىنجاڭنى سۆيۈش، ئىتتىپاق ئۆتۈش – تۆھپە قوشۇش، تىرىشىپ ئىشلەش – ئۆزئارا ياردەملىشىش، ئېچىۋېتىش – ئىلگىرىلەشتەك شىنجاڭ روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى يېڭى مەزگىل، يېڭى باسقۇچقا قويۇپ، تارىخ بىلەن رېئاللىقنى، نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۈرۈش ئاساسىدا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى ئېيى پائالىيىتىنى مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ‹‹خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى يىلى›› بىلەن، ئاپتونوم رايوننىڭ تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتى، شۇنداقلا ‹‹ئاساسىي قاتلام قۇرۇلۇشى يىلى›› بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە كومپارتىيە ياخشى، سوتسىيالىزم ياخشى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ياخشى دەيدىغان ئاساسىي مېلودىيەنى زور كۈچ بىلەن ياڭرىتىپ، ھەر مىللەت كادىرلىرى، ئاممىسى ماركسىزملىق ‹‹بەش قاراش››، ‹‹تۆتنى تونۇش›› ۋە ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› مۇھىم ئىدىيەسىنى يەنىمۇ پۇختا تۇرغۇزۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم بايرىقى، يولى ۋە نەزەرىيە سىستېمىسىدا قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇش، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوغداشقا پائال يېتەكلەپ، باراۋەرلىك، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق، ئىناقلىق ئاساسىدىكى سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى بىر نىيەتتە ئىلگىرى سۈرىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى شەكىللەندۈرۈش.

 

ئىككىنچى، تەربىيە مەزمۇنى

 

     بۇ يىلقى ئاپتونوم رايونلۇق 30 – قېتىملىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى ئېيى پائالىيىتىدە پارتىيە 17 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 – ئومۇمىي يىغىنى، مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق 8 – قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى گەۋدىلىك ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىش، شىنجاڭ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش ۋە يېتىلدۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم نۇقتىدا چىڭ تۇرۇپ، مەركىزىي كومىتېت ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىكى يېڭى تەسەۋۋۇرى، يېڭى نىشانى، يېڭى تەدبىرىنى، ماركسىزملىق مىللەت نەزەرىيەسى ۋە پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، شىنجاڭ تارىخى، مىللەتلەرنىڭ تەرەققىيات تارىخى ۋە دىنىي ئېتىقادنىڭ ئۆزگىرىش تارىخى (شىنجاڭنىڭ ‹‹ئۈچ تارىخ››ى)نى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ‹‹ئىلمىي ھالقىش، كېيىن تەرەققىي قىلىپ ئېشىپ كېتىش››نى ئاساسىي تېما قىلىپ، پارتىيە 17 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بولۇپمۇ مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشى، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمەتلىرىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن باسقۇچلۇق نەتىجىلەرنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، كادىرلار، ئاممىنى شىنجاڭدا كەڭ قۇرۇلۇش قىلىش، كەڭ ئېچىۋېتىش، شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇشقا يېتەكلەپ، گۈللەنگەن، باي، ئىناق، مۇقىم گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتىكى قۇدرەتلىك ئىنتىلىشچانلىق ۋە ئۇيۇشقاقلىقنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

 

ئۈچىنچى، ئاساسلىق پائالىيەتلەر

 

     1. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى ئېيىنىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرىلەش يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق 30 – قېتىملىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى ئېيى مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايون مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى ئېيى پائالىيىتىنىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنى، 2 – نۆۋەتلىك ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ياخشى ئۆسمۈر››نى باھالاش پائالىيىتى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى خىزمىتىدىكى ياخشى تەجرىبە، ياخشى ئۇسۇللارنى يەكۈنلەپ، كېڭەيتىپ، يېڭى ۋەزىيەتتە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى خىزمىتىنى يەنىمۇ يېڭىلاش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى تەدبىر، ئۇسۇللار ئۈستىدە ئىزدىنىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى بىر تۈركۈم نەمۇنىچى شەخسلەر ۋە ئىلغار ئىش – ئىزلارنى قېزىپ چىقىدۇ ۋە تەشۋىق قىلىدۇ. جايلار ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك سۆھبەت يىغىنى، مۇزاكىرە پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئاساسىي تېمىسىدىكى كىنو – تېلېۋىزىيە فىلىملىرىنى قويۇپ ۋە كۆپ خىل شەكىلدىكى ئاممىۋى مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، تەدرىجىي تەسىر كۆرسىتىش داۋامىدا كىشىلەرنىڭ كۈچىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئىناق ئۆتۈشى، بىر ياقىدىن باش چىقىرىشى، ئىناق تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

     2. مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغانلىقىنىڭ ئىككى يىللىقىنى تەبرىكلەش يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. ‹‹ئۇلۇغ ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈپ، يۇرت – ماكاننىمىزنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىش›› ئاساسىي تېما تەربىيە پائالىيىتى كۆرگەزمىسىگە بىرلەشتۈرۈپ، ‹‹ئىلمىي تەرەققىيات، شانلىق مۇۋەپپەقىيەت›› تېمىسىدىكى مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغانلىقىنىڭ ئىككى يىللىقىنى خاتىرىلەش تور سۈرەتلەر كۆرگەزمىسىنى ئۆتكۈزۈش كېرەك. ‹‹پۇقرالار تەشۋىقات ئۆمىكى›› تەشكىللەپ، پاكىت بىلەن سۆزلەپ، ئامما ياقتۇرىدىغان شەكىللەر ئارقىلىق، مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغان ئىككى يىلدىن بۇيان ئەتراپىمىزدا يۈز بەرگەن يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى تەشۋىق قىلىش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى نەزەرىيە مۇتەخەسسىسلىرى، ئالىملىرى سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ، ئىككى چوڭ تارىخىي ۋەزىپىنى ئورۇنداش مۇساپىسىدىكى نەزەرىيە ئىزدىنىشلىرى ۋە كونكرېت ئەمەلىيەتلىرى ئۈستىدە كەڭ كۇشادە پاراڭلىشىش كېرەك. جايلار كومپارتىيە ياخشى، سوتسىيالىزم ياخشى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ياخشىدىن ئىبارەت ‹‹ئۈچ ياخشى›› تەربىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، دوكلات يىغىنى، مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىش، يۈزتۇرانە تەشۋىق قىلىش، زېھىن سىناش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش، ئېلېكتىرونلۇق تەربىيە فىلىمى قويۇش، ئاممىباب ئوقۇشلۇقلارنى تۈزۈش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ۋەزىيەت، ئۆزگىرىشلەرنى سۆزلەپ، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، ھەر مىللەت كادىرلىرى، ئاممىسىغا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەممە يېرىدە بارلىققا كەلگەن ئىلمىي ھالقىش، كېيىن تەرەققىي قىلىپ ئېشىپ كېتىشتەك ياخشى ۋەزىيەتنى ۋە پارتىيە 17 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بولۇپمۇ مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تۈرلۈك قۇرۇلۇش ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ئېنىق تونۇش جەھەتتە تېخىمۇ كەڭ، تېخىمۇ چوڭقۇر تەربىيە بېرىپ، ھەر مىللەت كادىرلىرى، ئاممىسىنىڭ پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىش ئاڭلىقلىقى ۋە قەتئىيلىكىنى ئاشۇرۇشى كېرەك.

     3. شىنجاڭ روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇش ۋە يېتىلدۈرۈش كېرەك. ‹‹لېي فېڭدىن ئۆگىنىش، يېڭى ئىستىل تىكلەش، شىنجاڭ روھىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش›› تەربىيەسى پائالىيىتىنى يۈكلىمە قىلىپ، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە مەركەزلىك تەشۋىق قىلىش، تىپىك شەخسلەر بىلەن سۆھبەتلىشىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، شىنجاڭ روھىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكەن بىر تۈركۈم ئىلغار تىپلارنى مەركەزلىك تەشۋىق قىلىپ، كىشىلەرنى ئىككى چوڭ تارىخىي ۋەزىپىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۆھپەقوشۇشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك. ‹‹كۈرەش قىلغاندا تەقدىرىمىزنى ئۆزگەرتەلەيمىز، نادانلىق ئۆمۈرلۈك پۇشايماندا قالدۇرىدۇ، خەلق تۇرمۇشى خەلق قەلبىنى باغلايدۇ، ۋەتەننى سۆيۈش چەكسىز شەرەپ، تىنچلىق قۇرئان كەرىمنىڭ چىن مەنىسى، مائارىپ جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئۇل تېشى›› دېگەن ئالتە چوڭ تېمىنى چۆرىدەپ، ئامما ياقدۇرىدىغان، ئاممىباب – چۈشىنىشلىك، تىپىكلىكى، ئىدىيەۋىلىكى، بەدىئىيلىكى كۈچلۈك يۈرۈشلۈك چاتما رەسىملەرنى بېسىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىغا ئىدىيەۋى تەربىيە بېرىشتىكى ئاممىباب ئوقۇشلۇق قاتارىدا ھەممە ئائىلىگە تارقىتىپ بېرىش كېرەك. ‹‹پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار غايە – ئېتىقادنى مۇستەھكەملەش›› تېمىسىدىكى مىكرو پارتىيە دەرسى مۇسابىقىسىنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرىنى غايە – ئېتىقادىنى يەنىمۇ چىڭىتپ، ئاممىنى دىنىي ئەسەبىيلىكتىن، نادانلىق، قالاقلىقتىن يىراق تۇرۇشقا يېتەكلەپ، ھالقىما تەرەققىيات ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رول ئوينايدىغان قىلىش كېرەك. جايلار، تارماقلار ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، يېتىلدۈرۈش ۋاسىتىسىنى كۆڭۈل قويۇپ لايىھەلەپ، ئەۋج ئالدۇرۇش يولىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، شىنجاڭ روھىنى كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك خىزمىتى، ئۆگىنىشى ۋە تۇرمۇشىغا سىڭدۈرۈپ، كادىرلار، ئاممىنىڭ ئورتاق غايە – ئېتىقادىغا، قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچىگە ۋە ئاساسىي ئەخلاق ئۆلچىمىگە ئايلاندۇرۇشى كېرەك.

 

تۆتىنچى، خىزمەت تەلىپى

 

     1. كۆڭۈل قويۇپ ئورۇنلاشتۇرۇش، بىر تۇتاش ماسلاشتۇرۇش كېرەك. جايلار، تارماقلار تەلەپ بويىچە، ئۆز جايى، ئۆز ئورنىنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، مەۋقەنى ھازىرغا قويۇپ، كەلگۈسىنى نەزەردە تۇتۇپ، 30 – قېتىملىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى ئېيى پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش لايىھەسىنى ئەستايىدىل تۈزۈپ، تونۇشنى، رەھبەرلىكنى، تەدبىرنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پائالىيەتنىڭ نورمال، ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ھەر قايسى تەرەپنىڭ بۇ پائالىيەتكە ئاكتىپ قاتنىشىشىغا توغرا كېلىدۇ. بىرلىك سەپ، مىللەتلەردىن، مائارىپ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، ئۆزئارا ماسلىشىپ، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى ئېيى پائالىيىتىنى بىرلىكتە چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك.

     2. مەزمۇننى بېيىتىش، قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىش كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى ئېلىپ بېرىشتا، ‹‹ئادەمگىچە تەشۋىق قىلىش، ئەمەلىي، ئەسقاتىدىغان بولۇش›› تەلىپى بويىچە، ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىش، تەسىرىنى ئاشۇرۇش كېرەك. نۇقتىلىق تەشۋىق، تەربىيە مەزمۇنىنى چۆرىدەپ، تەشۋىق قىلىش، توردا تۈرتكە بولۇش، سۈرەتلەر كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈش ۋە تەشۋىقات ئىستونى، جامائەت پاراۋانلىقى ئېلانى، يان تېلېفون ئۇچۇرىدىن پايدىلىنىش قاتارلىق كۆپ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق، جانلىق، شەكلى كۆپ خىل بولغان ئومۇملاشتۇرۇش تەربىيەسى ئېلىپ بېرىش كېرەك. تەشۋىقات، مەدەنىيەت خىزمىتى ‹‹ئاساسىي قاتلام قۇرۇلۇشى يىلى›› پائالىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، تەربىيە پائالىيىتىنى يېڭى ئىجتىمائىي تەشكىلات، يېڭى ئىجتىمائىي قاتلامغىچە، چەت، يىراق يېزا–كەنتلەر ۋە تاغلىق رايونلاردىكى دېھقان – چارۋىچىلارغىچە يەتكۈزۈپ، تەربىيەلىنىشكە تېگىشلىكلەرنى تولۇق تەربىيەلەش كېرەك.

     3. دادىل يېڭىلىق يارىتىش، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. يېڭى ۋەزىيەتتە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنىڭ ئىدىيەسى، مەزمۇنى، شەكلى ۋە ۋاسىتىسىدە يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېڭى مەزگىل، يېڭى باسقۇچتىكى ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىپ، زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىشتا باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، زامانىۋى بىلىم، زامانىۋى ئىدىيە – ئاڭ تەربىيەسىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنىڭ مەزمۇنىغا سىڭدۈرۈپ، ھەر مىللەت كادىرلىرى، ئاممىسىنى تەرەققىي قىلىش، ئېچىۋېتىش، كەڭ قورساق، مەدەنىي، ئىلمىي بولۇش ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەش كېرەك. شىنجاڭ روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ ۋە يېتىلدۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، دادىل يېڭىلىق يارىتىپ، گۈزەل كەلگۈسىنى بىرلىكتە يارىتىش ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك. زامانىۋى تارقىتىش ۋاسىتىسى بىلەن ئەنئەنىۋى تەربىيە ئۇسۇلىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئاممىبابلاشتۇرۇش، ئىستېرېئولۇق تونۇشتۇرۇش، تورلاشتۇرۇپ ئېلىپ بېرىش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنىڭ قاراتمىلىقى، ئۈنۈمدارلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك.

 

 

     جايلار، ئورۇنلار تەربىيە ئېيى پائالىيىتىنىڭ ئەھۋالىنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىگە ۋاقتىدا يوللىشى كېرەك.

     (شىنجاڭ گېزىتىدىن ئېلىندى)

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter

مىكرو بلوگىم _ سىزمۇ ئەگىشىڭ