ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> ئىدىيەدە يەنىمۇ ئازاد بولۇپ، كۆز قاراشنى ئۆزگەرتىش ھەركىتىدىن قىسقىچە تەسىرات

ئىدىيەدە يەنىمۇ ئازاد بولۇپ، كۆز قاراشنى ئۆزگەرتىش ھەركىتىدىن قىسقىچە تەسىرات

2012-05-06 12:03     كۆرۈلۈشى: 11 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: راخمان مامۇت      ئاپتونوم رايونلۇق پارتىكومنىڭ 8- نۆۋەتلىك قۇرۇلتېيى – مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى بويىچە ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ ئۆزگىرىۋاتقان دۇنيا ۋەزىيىتى، دۆلەت ئىچ....

راخمان مامۇت

     ئاپتونوم رايونلۇق پارتىكومنىڭ 8- نۆۋەتلىك قۇرۇلتېيى – مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى بويىچە ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ ئۆزگىرىۋاتقان دۇنيا ۋەزىيىتى، دۆلەت ئىچى ۋەزىيىتى ۋە شىنجاڭنىڭ ئەھۋالىنى ئاساس قىلىپ، ئەمەلىيەتچىل روھقا ئىگە بىر قاتار يېڭى ئىدىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تىرىشىشىمىز، يېتىشىۋېلىشىمىز، ئېشىپ كېتىشىمىزگە ۋە ئىلمىي، ھالقىما تەرەققىياتىمىزغا پۇختا ئىدىيە ۋە نەزەرىيە ئاساسى ھازىرلاپ بەردى. شۇڭا بىز ئىدىيەدە يەنىمۇ ئازاد بولۇپ، قارىشىمىزنى ئۆزگەرتىپ، روھىمىزنى ئۇرغۇتۇپ، تونۇشىمىزنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ كېيىن چوقۇم ئېشىپ كېتىدىغانلىقىغا، مەملىكەت خەلقى بىلەن بىللە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويىدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچىمىزنى قەتئىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك.

     يېڭى تارىخىي پەللىدە تۇرغان پەيتتە، ئىدىيەدە يەنىمۇ ئازاد بولۇش ئەمەلىي ۋە كونكرېتتۇر. ئۇ بىزدىن كونىلىققا ئېسىلىۋېلىش، كونا قائىدە بويىچە ئىشلەشتەك يامان ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىپ، ئۆزىنى قامداش بىلەنلا قانائەت قىلىدىغان ناتورال ئىگىلىككە ئۇيغۇن كېلىدىغان بوستانلىق قارىشىنى تۈگىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇزاق مەزگىل مابەينىدە بوستانلىق ئىگىلىكى شارائىتىدا، كىشىلەر بوستانلىق قارىشىنىڭ ئاسارىتىگە چۈشەپ قالدى، بۇنىڭ ئاساسىي ئىپادىلىرى: ھازىرقى ھالىتىگە قانائەت قىلىش، كونا قائىدە – يوسۇنلارغا ئېسىلىۋېلىش، بىر ئىزدا توختاپ قېلىش، بارىغا شۈكرى قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش ئېڭى يېتەرسىز بولۇش، بازار ئىگىلىكى شارائىتىدا دادىل ئالغا ئىلگىرىلەشتەك جاسارەت كەمچىل بولۇشتىن ئىبارەت. روشەنكى، بۇنداق بوستانلىق قارىشى كەڭ كۆلەمدە قۇرۇلۇش قىلىش، ئىشىكنى كەڭ كۆلەمدە ئېچىۋېتىش، كەڭ كۆلەمدە تەرەققىي قىلىش تەلىپىگە زىت، شۇڭا ئۇنى تەلتۆكۈس ئۆزگەرتىش كېرەك.

     شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش – دەۋر بىزگە يۈكلىگەن شەرەپلىك مەسئۇلىيەت، بۇرچ ۋە كۆلىمى زور سىستېما قۇرۇلۇشىدۇر. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سىياسەت، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى، 19 ئۆلكە، شەھەرنىڭ شىنجاڭغا ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىشى بىزنى ئىلگىرى كۆرۈلمىگەن قىممەتلىك پۇرسەتلەر بىلەن تەمىنلىدى. بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئىدىيەدە ئازاد بولۇشىمىز، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ نەزەر دائىرىمىزنى كېڭەيتىشىمىز، شۇ ئارقىلىق ئەقىل – پاراسىتىمىز ۋە جاسارىتىمىزنى ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. شۇڭا ئىدىيەدە يەنىمۇ ئازاد بولۇپ، قاراشنى ئۆزگەرتىشنى باش ۋەزىپە، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ  8- نۆۋەتلىك قۇرۇلتېيىنىڭ  روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەممە ئىشتا ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىزدىنىش ۋە ئېشىپ كېتىشكە مەدەت بېرىش مۇھىتى ۋە كەيپىياتىنى يارىتىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئوي – پىكىرلىرىگە ھۆرمەت قىلغان، يېڭىلىق يارىتىش تەدبىرلىرىگە مەدەت بەرگەندىلا، يېڭىلىق يارىتىش جارى قىلدۇرۇلۇپ، يېڭىلىق مۇۋەپپەقىيەتلىرى مۇئەييەنلىشىدۇ.

     جاڭ چۈنشيەن شۇجى ئۆتكەندەا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «يېڭى مۆجىزە يارىتىشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ غايىنى كۆڭۈلگە پۈكۈپ، ھالقىما تەرەققىيات ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش بويىچە <خىرىس تۇيغۇسى، بېسىم تۇيغۇسى، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى>نى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، پەرققە توغرا قاراپ، ئىدىيەدە يەنىمۇ ئازاد بولۇپ، شىنجاڭنىڭ زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى تېزدىن ئورنىتىش كېرەك». بۇ، يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىنىڭ ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، قاراشنى ئۆزگەرتىشكە قويغان يېڭى تەلىپى.

ئىدىيەدە يەنىمۇ ئازاد بولۇپ، قاراشنى ئۆزگەرتىش مەڭگۈلۈك تېما

     ئىدىيەدە ئازاد بولۇش ماركسىزمنىڭ جان تومۇرى، شۇنداقلا جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك نەزەرىيە سىستېمىسىنىڭ جەۋھىرى. ئىدىيەدە ئازاد بولۇش ئىلمىي ھالقىشنىڭ مۇقەررەر يولى.باش شۇجى خۇ جىنتاۋ مۇنداق دېگەن: ئىدىيەدە ئازاد بولۇش جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى كوزىر، پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار ئىدىيەدە ئازاد بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، ئىسلاھ قىلىشقا، يېڭىلىق يارىتىشقا جۈرئەت قىلىپ، قاتماللىقتىن، بىر ئىزدا توختاپ قېلىشتىن ساقلىنىشىمىز كېرەك. ئىدىيەدە ئازاد بولۇش ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ كۈچلۈك موتۇرى، بۇ، تەرەققىيات قەدىمىمىزنىڭ تېز ياكى ئاستا بولۇشىنى، ئىشلىرىمىزدا غەلىبە قىلىش ياكى مەغلۇپ بولۇشىمىزنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم نۇقتا. كىمىكى پىلانلىق ئىگىلىك تەپەككۇر ئۇسۇلىنى ئالدىن بۇزۇپ تاشلاپ، بازار ئىگىلىكى تەپەككۇر ئۇسۇلىنى قوللانسا، شۇ بازار پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، رىقابەتتە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىيەلەيدۇ.

     ئىدىيەدە ئازاد بولۇش ئىدىيەۋى لۇشيەن مەسىلىسى، سىياسىي مەسىلە، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلە. شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىشتاكىشىلەرنىڭ ئىدىيەۋى قارىشىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئاچقۇچ. ئىدىيەدە يەنىمۇ ئازاد بولۇپ، قاراشنى ئۆزگەرتىش شىنجاڭنى زامانىۋىلىشىشقا يۈزلەندۈرۈشنىڭ ئېھتىياجى.

ئىدىيەدە يەنىمۇ ئازاد بولۇپ، قاراشنى ئۆزگەرتىش مەركەزنىڭ

 شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى

ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى

     مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، بىر قاتار مۇھىم سىياسەت، تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈش، كەڭ ئېچىۋېتىش، زور تەرەققىياتقا ئېرىشتۈرۈشنى تېپىلغۇسىز تارىخىي پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى.

     يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ئومۇمىيەتنى ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى ئارقىلىق ئىگىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. لېكىن تارىخىي، تەبىئىي، ئىجتىمائىي قاتارلىق كۆپ تەرەپلىمىلىك ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، شىنجاڭ بىلەن شەرقىي قىسىمدىكى رايونلار ئوتتۇرىسىدىكى تەرەققىيات جەھەتتىكى پەرق ھېلىھەم چوڭ بولۇۋاتىدۇ، قىسمەن ئامما نامراتلىقتىن ھېلىھەم قۇتۇلالمىدى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى شەھەر،يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، پەرقنى كىچىك دېگىلى بولمايدۇ، شىنجاڭنىڭ ئوتتۇرىچە ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى بىلەن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىنى سېلىشتۇرغاندىمۇ بەلگىلىك پەرق بار. مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن %3.5 پوئىنېتتىن يۇقىرى ئىقتىسادىي ئېشىش سۈرئىتىنى ساقلاپ قالغاندىلا، 2015 – يىلى ئوتتۇرىچە GDP نى مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىگە يەتكۈزۈش نىشانىغا يېتەلەيمىز.

     بۇ نىشانغا يېتىش ئۈچۈن، ئىدىيەدە داۋاملىق ئازاد بولۇپ، قاراشنى ئۆزگەرتىشتە، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى ئارقىلىق يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى باشتىن – ئاخىر تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈدىغان قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئۇنى ياخشىلاشنى باشتىن – ئاخىر بارلىق خىزمەتنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى ۋە ئاخىرقى مەقسىتى قىلىپ، مۇقىملىقنى ساقلاشنى باشتىن – ئاخىر تەرەققىياتنىڭ ئاساسىي ئالدىنقى شەرتى قىلىپ، مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىكى مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىسىنى تەرەققىياتنى پىلانلايدىغان توغرا تەپەككۇرغا، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈدىغان سىياسەت، تەدبىرگە، تەرەققىياتقا رەھبەرلىك قىلىدىغان ئەمەلىي ئىقتىدارغا تىرىشىپ ئايلاندۇرغاندىلا شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ تېخىمۇ زور كۆلەم، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.

ئىدىيەدە يەنىمۇ ئازاد بولۇپ، قاراشنى ئۆزگەرتىش يېڭى

بۇرچنى ئادا قىلىشنىڭ مۇھىم كاپالىتى

     ھازىر، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا، شىنجاڭنى غەربىي رايوندىكى كۈچلۈك ئاپتونوم رايون، مەملىكەت بويىچە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنىڭ مۇھىم تايانچى قىلىپ قۇرۇش باسقۇچىغا، شىنجاڭدىكى كادىرلار، ئاممىنىڭ تەرەققىياتقا ئىنتىلىش، بېيىشنى كۆزلەش، مۇقىملىقنى ئويلاش، ئىناقلىققا تەلپۈنۈش ئارزۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئىشقا ئاشۇرۇدىغانيېڭى باسقۇچقا قەدەم قويدى. لېكىن شۇنىمۇ ئېنىق كۆرۈشىمىز كېرەككى، شىنجاڭدا تەرەققىياتنى چۈشەيدىغان ئالاھىدە ئامىللار خېلى كۆپ، مەسىلەن: شىنجاڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا ئارقىدا قالغاچقا، شەرقىي رايونلار بىلەن بولغان پەرق چوڭىيىپ كەتكەندىن باشقا، شىنجاڭ غەربىي رايوندىمۇ ئۈستۈنلۈككە ئېرىشەلمىگەن؛ شىنجاڭدا ئىقتىسادىي قۇرۇلما مۇۋاپىق ئەمەس، دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ كىرىم مەنبەسىمۇ بىر خىل، نېفىت، نېفىت خىمىيە كەسپى نوقۇل تەرەققىي قىلدۇرۇلغان، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ نىسبىتى تۆۋەن؛ رايون تەرەققىياتى تەڭپۇڭسىز، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاست ۋە چەت، تاغلىق رايونلاردىكى دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ تۇرمۇشى نامرات، ئۆزىنى بېيىتىش ۋە ئۆزىنى ئۆزى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارى يوق؛ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ئاجىز، تۇپراق چۆللىشىش، يايلاق چېكىنىش، قۇملىشىش ئەھۋالى ئېغىر؛ سۇ كەمچىل، ئەمما يېزا ئىگىلىكىدە سۇ ئىشلىتىش نىسبىتى يۇقىرى، لېكىن مەھسۇلات تۆۋەن؛ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ئارقىدا، ھازىر بار بولغان ئۇل ئەسلىھەلەر مەيلى ئومۇمىي سان ياكى سۈپەت جەھەتتىن بولسۇن ئېھتىياجنى پەقەتلا قاندۇرالمايدۇ، ۋەھاكازالار.

     بۇ گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، تېخىمۇ يۇقىرى قاتلام، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلام، تېخىمۇ كەڭ ساھەدە ئىدىيەدە داۋاملىق ئازاد بولۇپ، قاراشنى ئۆزگەرتكەندىلا زىددىيەتكە تېخىمۇ تەشەبۇسكارلىق ۋە ئاكتىپلىق بىلەن توغرا قاراپ، زىددىيەتنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ھەل قىلغىلى، خىزمەت تەپەككۇرىدا يەنىمۇ يېڭىلىق يارىتىپ، قاراتمىلىقى تېخىمۇ كۈچلۈك سىياسەت، تەدبىرلەرنى قوللانغىلى، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىپ، يېڭى بۇرچنى ئادا قىلغىلى بولىدۇ.

ئىدىيەدە يەنىمۇ ئازاد بولۇپ، قاراشنى ئۆزگەرتىش يېڭى

ۋەزىيەتكە ماسلىشىشنىڭ جىددىي تەلىپى

     ھازىرقى جۇڭگودا سانائەتلەشتۈرۈش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش، بازارلاشتۇرۇش، خەلقئارالاشتۇرۇشنىڭ تېز راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئىجتىمائىي قۇرۇلمىدا چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇپ، مەنپەئەت مۇناسىۋىتى ئۈزلۈكسىز تەڭشەلدى، مۈلۈكچىلىك تۈزۈمى، تەقسىمات شەكلى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىيىتى ۋە تۇرمۇش شەكلى ئۈزلۈكسىز كۆپخىللاشتى. ھەرقايسى ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر، رايونلار دۆلەت ئەھۋالىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىش ئۈچۈن، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، تەرەققىياتنى تېزلەتتى، بولۇپمۇ شەرقىي، ئوتتۇرا قىسىمدىكى ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ئارقا – ئارقىدىن يېڭى تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى تۈزۈپ، تەرەققىياتتا يېڭى سىياسەتلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تەرەققىيات يېڭى تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، ناھايىتى كۈچلۈك تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى نامايان قىلدى. بۇنداق ۋەزىيەتتە بىز پەرققە توغرا قاراپ، تەرەققىيات داۋامىدا يولۇققان زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى زور كۈچ بىلەن ھەل قىلىشىمىز، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، تەرەققىيات ئىدىيەسىدە يەنىمۇ يېڭىلىق يارىتىپ، تەرەققىيات ئىدىيەسىنى يەنىمۇ يېڭىلاپ، تەرەققىيات تەپەككۇرىنى ئۆزگەرتىپ، تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، تۈزۈلمە، مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ھالقىما تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىلمىي تەرەققىياتتىكى يېڭى ئەۋزەللىكىنى گەۋدىلەندۈرۈشىمىز لازىم.

كېيىن تەرەققىي قىلىپ، ئالدىنقىلاردىن ئۆتۈپ كېتىش ئىشەنچىسىنى

تۇرغۇزۇش، ئىلمىي ھالقىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىدىيەدە

داۋاملىق ئازاد بولۇپ، قاراشنى ئۆزگەرتىش كېرەك

     ئىلمىي ھالقىش كېيىن تەرەققىي قىلىپ، ئالدىنقىلاردىن ئۆتۈپ كېتىشتىكى بىر خىل ئوبيېكتىپ قانۇنىيەت. ئالدىن يۈرگۈچىلەر بەلگىلىك بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، يېڭى ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ؛ ئالدىنقىلاردىن ئۆتۈپ كەتكۈچىلەر يېتەرلىك تەجرىبە ۋە كۈچ توپلاپمۇ ھالقىما تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

     ئىچكىرىدىكى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، شىنجاڭنىڭ ئۇل ئەسلىھە، كەسىپ سىستېمىسى، شەھەر، يېزا ئاھالىسىنىڭ كىرىمى، بازارلاشتۇرۇش سەۋىيەسى قاتارلىق جەھەتلەردە ھەقىقەتەن بەلگىلىك پەرق مەۋجۇت. بىز پەرققە توغرا قاراشقا جۈرئەت قىلىشىمىز، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تەرەققىياتتا ئالدىغا قاراپ، پەرققە توغرا مۇئامىلە قىلىپ، مەيۈسلەنمەي، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشىمىز كېرەك. بۇنىڭدىكى ئاچقۇچ دۇچ كەلگەن زور پۇرسەتنى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنى، تەرەققىياتنىڭ زور يوشۇرۇن كۈچىنى، زىممىمىزدىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ئېنىق تونۇپ، ئىدىيەدە ئازاد بولغان، قاراشنى يېڭىلىغان، ئىستىلدا ئۆزگىرىش بولغان، كۈچلۈك رىقابەت ئېڭى، پۇرسەت ئېڭى، مەسئۇلىيەت ئېڭى، باشلامچى بولۇشقا جۈرئەت قىلىش، ئەلالاردىن بولۇشتەك روھىي ھالەت بىلەن، بېسىمنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە، ناچار ئەھۋالنى ئەۋزەللىككە، پاسسىپلىقنى تەشەببۇسكارلىققا ئايلاندۇرۇپ، تولۇپ – تاشقان جاسارەت بىلەن كۈچلۈك ئىرادە باغلاپ، جاپالىق كۈرەش قىلىپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، كېيىن تەرەققىي قىلىپ ئالدىنقىلاردىن ئۆتۈپ كېتىپ، ئىلمىي ھالقىپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش ئۈچۈن تىرىشىشىمىز لازىم.

زامانىۋى مەدەنىيەتنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشتا، مىللىي

 مەدەنىيەتنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىدىيەدە

داۋاملىق ئازاد بولۇپ، قاراشنى ئۆزگەرتىش كېرەك

     جۇڭگونىڭ زامانىۋى مەدەنىيىتى تۈپ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ زامانىۋىلىشىشىدۇر. شىنجاڭنىڭ زامانىۋى مەدەنىيەتى ھەرقايسى مىللەتلەر مەدەنىيەتىنىڭ زامانىۋىلىشىشىدۇر. زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىشتا ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، قاراشنى ئۆزگەرتىپ، كونا ئادەتلەرنى يېڭىپ، يۈكنى تاشلاپ، ئېچىۋېتىلگەن، كەڭ قورساق بولغان، يۇقىرىغا ئۆرلەيدىغان، مىننەتدار بولغان، يېڭىلىق يارىتىدىغان ئىجتىمائىي كەيپىيات يارىتىپ، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈدىغان، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ، يۇرت – ماكاننى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرىدىغان روھىي قىياپەتكە ئىگە بولۇشىمىز كېرەك. شۇجى جاڭ چۈنشيەنئىلگىرى چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ مۇنداق دېگەنىدى: ھالقىما تەرەققىياتنىڭ ئاچقۇچى ئادەمدە؛ نەزەر دائىرە كەلگۈسىنى بەلگىلەيدۇ، بىز پۇل قانچىلىك بولسا شۇنچىلىك ئىش قىلىدىغان ئىدىيە ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇپ، خەلقئارالىق نەزەر دائىرە بىلەن تەرەققىيات تەسەۋۋۇرىنى كېڭەيتىشىمىز، زامانىۋى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئىلمىي تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىشىمىز كېرەك. ئىدىيەدە ئازاد بولماي، تونۇشنى ئۆستۈرمەي، قاراشنى يېڭىلىماي، يەنە ئەسلىدىكى ئادەتلەنگەن تەپەككۇر شەكلى ۋە ھەرىكەت ئەندىزىسىنى ئىشلەتسەك، ھالقىما تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرالمايمىز؛ مۇتەئەسسىپلىك قىلىپ، بىر ئىزدا توختاپ قېلىپ، ئازراق بېيىشقا، ئىشنى كىچىك دائىرىدە قىلىشقا قانائەت قىلساق، ھالقىما تەرەققىيات قۇرۇق گەپكە ئايلىنىپ قالىدۇ.

ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىقتىسادىي ھاياتىي

كۈچنى ئاشۇرۇشتا ئىدىيەدە داۋاملىق ئازاد بولۇپ،

قاراشنى ئۆزگەرتىش كېرەك

     ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش، ئىقتىسادىي ھاياتىي كۈچنى ئاشۇرۇش، تەرەققىيات ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش شىنجاڭدا ئىلمىي ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى زور تېما.

     ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، قاراشنى ئۆزگەرتىشتە كونىنىڭ ئورنىغا يېڭىنى دەسسىتىش كېرەك. شۇجى جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: بىز يېڭى مەسىلىگە يولۇققاندا بولمايدۇ دېيىشكە ئالدىرىماستىن، قانداق قىلغاندا ھەل قىلغىلى بولىدىغانلىقى، ئىشنى قانداق قىلغاندا ياخشى قىلغىلى بولىدىغانلىقى ئۈستىدە ئويلىنىشىمىز كېرەك. يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى يېڭىشتە كونىنىڭ ئورنىغا يېڭىنى دەسسىتىشىمىز، ئىدىيەدە ئازاد بولۇش داۋامىدا چىقىش يولىنى كېڭەيتىپ، ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىش داۋامىدا تەرەققىيات ئۈستىدە ئىزدىنىشىمىز كېرەك.

     ئىدىيەدە يەنىمۇ ئازاد بولۇپ، قاراشنى يېڭىلاشتا ھالقىما تەرەققىيات تۈزۈلمە مېخانىزمىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە يېڭى بۆسۈش ھاسىلقىلىش كېرەك. شىنجاڭدا ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسى تۆۋەن بولۇشىدىكى مۇھىم سەۋەب شۇكى، بەزى ساھەلەردە تۈزۈلمە مېخانىزم توسالغۇسى يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ، بۇ تۈزۈلمە مېخانىزم توسالغۇسى ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى، پەن – تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتى، مەدەنىيەت تۈزۈلمە ئىسلاھاتى، شۇنىڭدەك سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى قاتارلىق جەھەتلەردە ئەكس ئېتىپ، ئىسلاھات سالمىقى كەمچىل بولۇش، ئېچىۋېتىش دەرىجىسى يېتەرلىك بولماسلىق قاتارلىق جەھەتلەردە گەۋدىلىك ئىپادىلىنىۋاتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، مەركەزنىڭ روھى بويىچە، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلغان ئاساستا، ئىدىيەدە يەنىمۇ ئازاد بولۇپ، قاراشنى يېڭىلاپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ساقلىنىۋاتقان قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، خىزمەتلەرنى ئىجادىي قانات يايدۇرۇپ، ئەڭ زور دەرىجىدە يېڭىلىق يارىتىش بويىچە ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتۇپ، تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغىتىش كېرەك.

     ئىدىيەدە يەنىمۇ ئازاد بولۇپ، قاراشنى يېڭىلاشتا مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى ئورنىتىشقا كۈچەش كېرەك. ھازىر دۆلەتنىڭ ئالاقىدار كەسىپ سىياسىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىرىنى تېزدىن قول سېلىپ ئىشلەپ، كۆمۈر ئېلېكتىر كەسپىنى زورايتىپ، ‹‹شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش››نى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، زامانىۋى كۆمۈر خىمىيە سانائىتى كەسپىدە بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، نېفىت كەسپىنى زورايتىپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، رەڭلىك قېزىلما بايلىق مەنبەسىنى يۇقىرى پەللىدىن ئېچىش كېرەك. مەركەزنىڭ شىنجاڭغا قاراتقان پەرقلىق كەسىپ سىياسىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر خىل سىياسەت ياردىمىدىن تولۇق ۋە ياخشى پايدىلىنىش، بولۇپمۇ قەشقەر، قورغاس ئىككى ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون ئېتىبارلىق سىياسىتىدىن ياخشى پايدىلىنىش كېرەك.

     ئىدىيەدە يەنىمۇ ئازاد بولۇپ، قاراشنى يېڭىلاشتا ئىچكىرى ئۆلكىلەر، قوشنا ئەللەر بىلەن ئالاقە ئورنىتىش جەھەتتە ئىدىيەدە يەنىمۇ ئازاد بولۇپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە تۇتىشىدىغان لىنىيە قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى نۇقتىدىن ئىلگىرى سۈرۈپ، غەربكە تۇتىشىدىغان يولنى ئېچىپ، شىنجاڭدىكى ئىقتىسادىي چوڭ لىنىيەنىڭ يەردىن – ئاسماندىن ئومۇميۈزلۈك تۇتاشتۇرۇلۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

ئىجتىمائىي ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇزاق ئەمىنلىكنى ئىشقا

ئاشۇرۇشتا ئىدىيەدە داۋاملىق ئازاد بولۇپ، قاراشنى

يېڭىلاش كېرەك

     ھازىر شىنجاڭدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىققا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار يەنىلا مەۋجۇت، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى يەنىلا كەسكىنۋە مۇرەككەپ، شۇڭا ئىناقلىق، مۇقىملىق خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشىمىز، ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك. ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇزاق ئەمىنلىكنى ئالغا سىلجىتىشتا ئىدىيەدە يەنىمۇ ئازاد بولۇپ، قاراشنى يېڭىلاپ، تەپەككۇر يولى ۋە ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئىناقلىقنى ھەقىقىي ئۈنۈملۈك قوغدىشىمىز كېرەك.

     ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، قاراشنى يېڭىلاشتا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت خەلق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشتەك ئىدىيەۋى ئاساسنى پۇختا تۇرغۇزۇشىمىز كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنىڭ مەزمۇنى، ئۇسۇل ۋاسىتىسى ۋە مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئامما ئارىسىدا ‹‹ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۆيۈپ، يۇرت – ماكاننى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرايلى››دىن ئىبارەت باش تېما تەربىيەسى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، كادىرلار، ئامما ئارىسىدىكى چوڭقۇر قاتلاملىق ئىدىيە مەسىلىسىنى نۇقتىلىق ھەل قىلىش كېرەك. تەربىيەلەش ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىنى ماركسىزملىق ‹‹بەش قاراش››، شىنجاڭنىڭ ‹‹ئۈچ تارىخى››، ‹‹تۆتنى تونۇش›› قارىشى تۇرغۇزۇش جەھەتتە پەرقلەرنى تېپىشقا يېتەكلەپ، پارتىيەنىڭ مىللىي سىياسىتى ۋە مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش، شۇنداقلا دۆلەت ئېڭى، جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئېڭى، پۇقرالىق ئېڭى ۋە قانۇن ئېڭىنى كۈچەيتىش جەھەتتە پەرقنى تېپىپ چىقىپ، تونۇشتىكى مۇجمەللىكنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئۆز ئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى بىرلىكتە قوغداش كېرەك.

     ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، قاراشنى يېڭىلاشتا مۇقىملىق خىزمىتىنى چىڭ ۋەزىپە، ئەڭ مۇھىم مەسئۇلىيەت سۈپىتىدە مەنبەدىن، مېخانىزمدىن، قوشۇندىن باشلاپ تۇتۇپ، ئىدىيەدە باشتىن – ئاخىر بوشاشماسلىق، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلماسلىق، قاتتىق ئالدىنى ئېلىپ، قاقشاتقۇچ زەربە بېرىپ، مۇقىملىقنى ساقلاش خىزمىتىنىڭ نورمال ھالىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئىجتىمائىي، سىياسىي ئومۇمىيەتكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

كادىرلار ۋە ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، ئىختىساسلىقلارنى

 قەدىرلەش، ئىختىساسلىقلارنى بايقاش، ھەر كىم ئۆز قابىلىيىتىنى جارى

قىلدۇرۇشتەك ياخشى كەيپىيات شەكىللەندۈرۈشتە ئىدىيەدە

داۋاملىق ئازاد بولۇپ، قاراشنى يېڭىلاش كېرەك

     يېڭى تارىخىي پەللىدە شىنجاڭنىڭ ئىلمىي ھالقىش، ئالدىنقىلاردىن ئېشىپ كېتىش نىشانىغا يېتىشتە تېخىمۇ ئېتىبار بېرىش سىياسىتى، تېخىمۇ جانلىق تۈزۈلمە مېخانىزمىنى قوللىنىپ، ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىشتە بىر خىل ئۇسۇل بىلەن چەكلىنىپ قالماستىن، ئىختىساسلىقلار تۈركۈم – تۈركۈملەپ يېتىشىپ چىقىش ياخشى ۋەزىيىتىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، گۈللەنگەن، باي، ئىناق، مۇقىم، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇشنى، ئۈنۈملۈك ئەقلىي ياردەم ۋە ئىختىساسلىقلار تۈۋرۈكى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

     ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، قاراشنى يېڭىلاپ، ئادەم تەربىيەلەش يولىنى كېڭەيتىپ، مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. مەركەز يولغا قويغان يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتەك تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، مەركەز ۋە ئىچكىرىدىكى ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ تەربىيەلەش بايلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ياش تايانچ ئىختىساسلىقلارنى مەركەزدىكى دۆلەت ئورگانلىرى ۋە باشقا مەركەزگە قاراشلىق ئالىي مەكتەپ، پەن – تەتقىقات ئاپپاراتى، شۇنداقلا شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە، شەھەرلەرگە ۋەزىپە بىلەن چېنىقىش ياكى ئۆگىنىشكە ئەۋەتىپ، ئۇلارنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەر، كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ كەسىپ ئورۇنلاشتۇرۇلمىلىرى ۋە تەربىيەلەش نىشانىنى تەڭشەپ، مۇنتىزىم مائارىپنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئادەم كۈچى كاپىتالىنى ئۆستۈرۈشتىكى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك.

     ئىدىيەدە يەنىمۇ ئازاد بولۇپ، قاراشنى يېڭىلاپ، ھەممە تەرەپ، كۆپ قاتلام، كەڭ ساھە بويىچە ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇش كېرەك. شىنجاڭنىڭ كەسىپ قۇرۇلمىسى ۋە كېيىنكى كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش تەلىپى بويىچە، ئۇل كەسىپ بىلەن مۇلازىمەت كەسپى، ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپ بىلەن يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپ، جەمئىيەتنى باشقۇرۇش تارماقلىرى بىلەن ۋاسىتىچىلىك ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىختىساسلىقلارغا بولغان ئېھتىياجىغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئىختىساسلىقلارنىڭ ئومۇمىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى ساپالىق پارتىيە، ھۆكۈمەت كادىرلىرى، ئىگىلىك باشقۇرۇش ئىختىساسلىقلىرى ۋە تېخنىكا ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇپ چىقىش كېرەك. بىلىم، ئەقىل – پاراسەت، تېخنىكىنى جەلپ قىلىشنى زور تۈر قۇرۇلۇشى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئىختىساسلىقلارنىڭ قابىلىيىتىنى جارى قىلدۇرغاندىلا، ئۇلارنىڭ رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ.

     ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، قاراشنى يېڭىلاپ، ئىختىساسلىقلارنى بايقاشقا ۋە ھەر خىل ئىختىساسلىقلارنى ياخشى ئىشلىتىشكە ماھىر بولۇپ، ھەم ئەخلاقلىق، ھەم قابىلىيەتلىك بولۇش، ‹‹تۆتلەشتۈرۈش›› فاڭجېنى، شۇنداقلا ‹‹يۇۋاش كىشىلەرنى زىيان تارتقۇزماسلىق، ئەمەلىي ئىش قىلىدىغانلارنى زىيان تارتقۇزماسلىق، بىرىنچى سەپتە ئۇزاققىچە باش چۆكۈرۈپ ئىشلىگەنلەرنى زىيان تارتقۇزماسلىق››تىن ئىبارەت ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. كۆڭۈل قويۇپ ئىشلەيدىغان، ئىشنى قانداق قىلىشنى بىلىدىغان، قولىدىن ئىش كېلىدىغان كادىرلارنى ۋەزىپىگە قويۇش كېرەك؛ ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كەسىپ بىلەن ئىختىساسلىقلارنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئەمەلىيەت ئىچىدە ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىپ، مېخانىزم بىلەن ئىختىساسلىقلارغا مەدەت بېرىپ، قانۇن – تۈزۈم بىلەن ئىختىساسلىقلارنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، ئىختىساسلىقلارغا كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈش، ئۇلارنى ھۆرمەتلەش ۋە ئاسراش ئارقىلىق مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنىڭ ماھارىتىنى تولۇق جارى قىلدۇرىدىغان ياخشى مۇھىت ھازىرلاپ بېرىش كېرەك.

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter