Ralph Lauren Canada ;One is to choose a plain colour of Polo,ralph lauren outlet such as Black, Navy or White - ralph lauren canadaselecting a colour of garment on which your corporate logo colours will look good when embroidered.ralph lauren canada outlet This can sometimes be preferable to buying an off-the-shelf garment in an unusual shade because fashions change and just because yourpandora canada company's shade of lime green is in vogue today this may not be the case in two years time.http://www.cefrank.com.au Manufacturers of off-the-shelf Tiffany Sale'stock' garments tend to change their ranges from time to michael kors outlet uktime and may choose to drop a colour if it is no longer considered popular.cheap burberry Ask your supplier and they should be able to tell you which colours Cheap Pandora Charmsare likely to remain available or which are in doubt.The second option,www.rvaq.ca if you have a sufficiently large requirement, is to have a Polo Shirt manufactured for your staff uniform in a bespoke colour. Manufacturing a bespoke embroidered Polo Shirt, opens up a wealth of possibilities regarding colour matching to your main corporate colour, Tiffany Saleembroidery branding, trims & detailing but this option is usually only viable from 300 to 500 pieces for a single colour garment or 1,000 Cheap Tiffany Salepieces upwards for more complex designs.
ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> ئوتتۇرا ئەسىردىكى مەشھۇر ئالىم مەھمۇد كاشىغەرىي

ئوتتۇرا ئەسىردىكى مەشھۇر ئالىم مەھمۇد كاشىغەرىي

2014-06-03 5:10     كۆرۈلۈشى: 1990 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: (‹‹مەھمۇد كاشىغەرىي›› رومانىنى ئوقۇغاندىن كېيىن) ۋۇ ليەنزېڭ      مەن تەلئەت ئىبراھىم تىلەك ئەپەندىنىڭ قولىدىن ‹‹مەھمۇد كاشىغەرىي›› ناملىق روماننىڭ خەنزۇچە تەرجىمە ئارگىنالىنى تاپشۇرۇۋالغان چېغىمدى....

(‹‹مەھمۇد كاشىغەرىي›› رومانىنى ئوقۇغاندىن كېيىن)

ۋۇ ليەنزېڭ

     مەن تەلئەت ئىبراھىم تىلەك ئەپەندىنىڭ قولىدىن ‹‹مەھمۇد كاشىغەرىي›› ناملىق روماننىڭ خەنزۇچە تەرجىمە ئارگىنالىنى تاپشۇرۇۋالغان چېغىمدىلا، ئەسەرنىڭ ۋەزنىنى ھېس قىلغانىدىم. دېمەكچىمەنكى، روماننىڭ ھەجىمى بەك چوڭ، ئۇنىڭغا مۇجەسسەملەنگەن تارىخىي ۋە ئەدەبىي قىممەت ناھايىتى مول ئىدى.

     «مەھمۇد كاشىغەرىي›› كەم ئۇچرايدىغان تارىخىي رومان بولۇپ، ئۇنىڭدا نادىر ئەسەر ‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى›› نىڭ ئاپتورى مەھمۇدتىن ئىبارەت تارىخىي شەخسنىڭ ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىدىن تاكى قېرىلىق دەۋرىگىچە بولغان ھايات مۇساپىسىدە ئىلىم – مەرىپەتنى ئۇلۇغلىغان، نام – شۆھرەتنى قوغلاشمىغان، بارلىقىنى ئىلىمگە بېغىشلىغان جاپا – مۇشەققەتلىك، ئەمما مەنىلىك كەچۈرمىشلىرى تەسۋىرلەنگەن.

     مەھمۇد كاشىغەرىي ئىلىم دۇنياسىغا تونۇلغان مەشھۇر تارىخىي شەخس. ئۇنىڭ ئالەمشۇمۇل كاتتا ئەسىرى ‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى›› مۇندىن 900 نەچچە يىل ئىلگىرىلا ۋۇجۇدقا كېلىپ، مۇتەپەككۇر شائىر يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ كاتتا داستانى ‹‹قۇتادغۇ بىلىك›› بىلەن تەڭلا دۇنيا مەدەنىيەت خەزىنىسىدىكى بىباھا گۆھەرگە ئايلانغان.

     بىر ئەسەر زاماننىڭ بوران – چاپقۇنلىرىدا توزۇپ كەتمەي، ۋاقىتنىڭ سىنىقىدىن ئۆتۈپ، زامان ئېھتىياجىغا ماسلىشىپ نۇرلىنىپ تۇرالىسا، بۇ ئاپتورنىڭ جەزمەن ئەقىل – ئىدراكلىق، پەۋقۇلئاددە كەچۈرمىشلىك دانا زات ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ! شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ھەر قېتىم ئوپالغا بارغىنىمىزدا، قويۇق ئوتتۇرا ئەسىر مېمارچىلىق – ئويمىچىلىق ئۇسلۇبىدا ياسالغان قەبرىگاھ ‹‹ھەزرىتى موللام مازىرى›› دىكى گۈللۈكنىڭ ئوتتۇرىسىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان مەھمۇد كاشىغەرىنىڭ بەستلىك ھەيكىلىگە كۆز تىككىنىمىزدە، ئىختىيارسىز ئوي – خىيالغا چۆكىمىز. بىز قەبرىگاھ قىرائەتخانىسىدا بىر ياقتىن مەسئۇل خادىمنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى دىققەت بىلەن ئاڭلىساق، يەنە بىر ياقتىن مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ ئۆتمۈشتە قالدۇرغان ئىش – ئىزلىرىنى تىرىشىپ ئىزدەيمىز. ئەپسۇس، بىزنىڭ ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد كاشىغەرىي، مۇتەپەككۇر شائىر يۈسۈپ خاس ھاجىپ ياشىغان ئوتتۇرا ئەسىر توغرىلىق ئاڭلىغانلىرىمىز بەك ئاز، بىلىدىغانلىرىمىز يېرىم – يارتا، قولىمىزدىكى ماتېرىيالمۇ يوق ھېسابى. شۇ سەۋەبلىك، كىشىلەر مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ ئوتتۇرا ئەسىر شارائىتىدىكى ھايات پائالىيىتىنى ۋە كاتتا قامۇس ‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى››نى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئۈچۈن قانچىلىك ئەمگەك سىڭدۈرگەنلىكىنى تەسۋىرلەيدىغان يىرىك بىر ئەسەرنىڭ مەيدانغا كېلىشىنى تولىمۇ ئارزۇ قىلاتتى.

     بەختىمىزگە يارىشا، زامانىمىزدىكى داڭلىق ئۇيغۇر يازغۇچى پەرھات جىلان ئەپەندى ئانا تىلىدا يازغان تارىخىي رومان ‹‹مەھمۇد كاشىغەرىي›› دۇنياغا كەلدى. بۇ رومان ئاتاقلىق ئەدەبىي تەرجىمان تەلئەت ئىبراھىم تىلەك ئەپەندى تەرىپىدىن ھازىرقى زامان خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ 2012 – يىلى ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى.

     «مەھمۇد كاشىغەرىي›› رومانى يەنە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىدە پىروفېسسور زەينۇرە ئۆز تۈرك تەرىپىدىن ھازىرقى زامان تۈرك تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ، 2006- يىلى ئىستانبولدا ئاشكارا نەشر قىلىنغان. رومان ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتىدە ئالىم ھەبىبۇللا زەينىدىن تەرىپىدىن ئۆزبېك تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ، 2008- يىلى تاشكەنتتە نەشر قىلىنغان.

     تەلئەت ئىبراھىم تىلەك ئەپەندى ‹‹مەھمۇد كاشىغەرىي›› دىن ئىبارەت بۇ تارىخىي رومانغا ھەم ئۇنىڭ ئاپتورى پەرھات جىلان ئەپەندىگە ئالاھىدە ئىخلاس قىلىدىكەن. ئىلگىرى ئۇ ماڭا بۇ روماننى بىر نەچچە قېتىم ئاغزاكى تونۇشتۇرغانىدى، يېقىندا ئەسەرنىڭ خەنزۇچە تەرجىمىسىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، مېنىڭ بىر پارچە كىرىش سۆز يېزىپ، ئۇنى خەنزۇ كىتابخانلارغا تونۇشتۇرۇشۇمنى ئۆتۈندى. مەن تەلئەت ئەپەندىنىڭ تەكلىپىنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلدىم. چۈنكى مەن بۇ ئارقىلىق تارىخىي مەلۇماتقا ئېرىشىپلا قالماي، مۇھىمى قەدىمكى ئىنسانلار جەمئىيىتىدىكى كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەتتىن ئوزۇق ۋە ئۈلگە ئالالايتتىم.

     ئۇزاققا سوزۇلغان قەدىمىي يىپەك يولىدا، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىن چىققان سودا كارۋانلىرى كاشىغەر كارۋانلىرىغا قوشۇلۇپ، بۇيەردىن ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە غەربىي ئاسىياغىچە قاتنىغان. يىپەك يولىدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن سودا كارۋانلىرىنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەي ئۆتۈشۈپ تۇرغان. كاشىغەر ئۆز زامانىسىدا قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ سودا – مەدەنىيەت مەركەزلىرىنىڭ بىرى ئىدى. ئىسلام دىنى ھەم ئەرەب مەدەنىيىتى قاراخانىيلار سۇلالىسى تەۋەسىدە تېز تەرەققىي قىلىپ، كاشىغەردە مىسلىسىز گۈللىنىش مەنزىرىسىنى شەكىللەندۈرگەن. مەيلى تۈركىي تىلىدا سۆزلەشكۈچى ۋە ياكى ئەرەب، سوغدى ھەم پارس تىلىدا سۆزلەشكۈچى خەلق بولسۇن، ئۇيغۇرلار بىلەن باشتىن – ئاخىر ناھايىتى يېقىن مۇناسىۋەتتە بولۇپ، جۇڭگونىڭ تارىخ سەھنىسىدە ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرغان. ئېيتىش كېرەككى، ئۇ دەۋر ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئالتۇن دەۋرى ئىدى. ئىدىيە مىسلىسىز جانلانغان، ئىلمى ھاۋا ئىنتايىن قويۇق بولغان. مۇنداق ۋەزىيەت مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ ‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى››نى تۈزۈپ چىقىشىغا پايدىلىق ئامىل بولغان ئىدى.

     مەھمۇد كاشىغەرىي قاراخانىيلار سۇلالىسى خان جەمەتىنىڭ ئەۋلادى بولۇپ، ئۇ كاشىغەردىكى ئاتاقلىق ‹‹ساجىيە مەدرىسى››دە سىستېمىلىق تەربىيە ئالغان. مەھمۇد كېيىنچە كاشىغەردىن بىر كارۋان ئەترىتىنى باشلاپ يولغا چىقىپ، كۆپ يىل جاپا – مۇشەققەت چېكىپ، تاكى ئىدىل (ۋولگا) دەريا ساھىلىغىچە بارغان. تۈركىي خەلقلەرنىڭ يۇرت – ماكانلىرىنى ئارىلىغان، ئۇلارنىڭ تىلى، ئۆرپ – ئادىتى، تارىخى ۋە ئېغىز ئەدەبىياتىنى ئىنچىكە تەكشۈرۈپ، بىر – بىرلەپ خاتىرىلەپ، چوڭقۇر تەتقىق قىلغان. مەھمۇدنىڭ ئاتا جەمەتى ئوردىدىكى خانلىق تەختىنى تالىشىش كۈرىشىگە قاتناشقان، مەھمۇد قەتئىي ھالدا ئۆزىنىڭ ئىلمىي تەتقىقاتى بىلەن بەند بولغان، يەنى قەيسەرلىك بىلەن ئىنتايىن مۈشكۈل، ئەمما تولىمۇ خاسىيەتلىك يول ئىلىم – مەرىپەت يولىنى تاللىغان.

     پۈتۈن كۈچى ۋە زېھنىي قۇۋۋىتىنى ئىشقا سېلىپ، كەڭ سەھرا – قىشلاقلارنى كېزىپ، بىرىنچى قول ماتېرىيال توپلاش ئۈچۈن دالا تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىۋاتقان مەھمۇد كاشىغەرىي ئاتىسى ھەم بوۋىسىنىڭ ئوردىدىكى قانلىق توقۇنۇشتا قەتلى قىلىنغانلىقىدىن قىلچە خەۋەرسىز ئىدى. مەھمۇدنىڭ ئاتا – بوۋىلىرىنى ئۆلتۈرگەن قاتىل دەل ئۇنىڭ بوۋىسى مۇھەممەد بوغراخاننىڭ توقىلى ئىدى. ھىيلە – مىكىرلىك ئۆگەي ئانا خانلىق تەختىگە ئۆز ئوغلىنى چىقىرىش ئۈچۈن زەھەرلىك قولىنى ئىشقا سالغانىدى. مەھمۇد ئاتىسىنى دەپىنە قىلىشقا ئۈلگۈرمەيلا يىراق سەپەرگە ئاتلانغان. ئالىم ئىلگىر – كېيىن بولۇپ سەمەرقەنت، بۇخارا، نىشاپۇر قاتارلىق جايلارنى ئايلىنىپ، ئاخىرىدا ئابباسىيلار خەلىپىلىكىنىڭ پايتەختى باغدادقا يېتىپ بارىدۇ. بۇ چاغدا باغداد ئاللىقاچان سالجۇق تۈركلىرىنىڭ ئىشغالىيىتىگە ئۆتكەنىدى.

     مەھمۇد كاشىغەرىي باغدادتا ساق 30 يىل تۇرۇپ قالىدۇ. ئالىم ئالىيجاناب پەزىلىتى، ئىلىم سۆيەر روھى ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك قوللىشى ۋە ماختىشىغا سازاۋەر بولىدۇ. مىلادىيەنىڭ 1074- يىلى مەھمۇد كاشىغەرىي پۈتۈن كۈچ – قۇۋۋىتىنى سەرپ قىلغان، ئۆمرىنى ئاخىرىغا يەتكۈزگەن قامۇس ‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى››نى باغدادتا يېزىپ تاماملايدۇ. لېكىن ئالىم ئالدىراپ بولدى قىلماي، يەنە ئىككى يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ لۇغەتنى تۆت قېتىم تۈزىتىپ ۋە تەھرىرلەپ ئاندىن ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ خەلىپىسى ئابدۇللا مۇقتەدى بىئەمرۇللا ھەزرەتلىرىگە تەقدىم قىلىدۇ، خەلىپە داغدۇغىلىق مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ بۇ قىممەتلىك سوۋغىنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىدۇ.

     مەھمۇد كاشىغەرىي باغدادتىكى چاغلاردا ئانا يۇرتى كاشىغەرنى دائىم ئەسلەپ، تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يېزىسى ئوپالغا تېزرەك قايتىپ كېلىشنى تەقەززالىق بىلەن كۈتىدۇ. گەرچە كىشىلەر، بولۇپمۇ ئىلىم ساھەسىدىكىلەر ھەرخىل سەۋەب ۋە ئۈمىدلەرنى كۆرسىتىپ، مەھمۇد كاشىغەرىينى باغدادتا داۋاملىق تۇرۇپ قېلىشقا دالالەت قىلسىمۇ، لېكىن ئالىم يەنىلا ھەققانىيەت يولىدىن قايتماي شەرققە ئانا يۇرتىغا قاراپ دادىل يول ئالىدۇ.

      ئالىم جەبرى – جاپالار چېكىپ يۇرتىغا قايتىپ كەلگەندە 89 ياشقا كىرىپ قالغانىدى. مەھمۇد ئاتلىق ھارۋىدىن يەرگە چۈشكەندە ئۇنىڭ ئىككى پۇتى قانداقتۇر ھاياجان ئىلكىدە تىترەيتتى. كىشىلەر ئۇنى چوڭقۇر سېغىنىش ۋە ئالىي ھۆرمەت بىلەن ئارقا – ئارقىدىن قۇچاقلايتتى. ئالىم ئۆز قولى بىلەن بىنا قىلغان ‹‹مەھمۇدىيە›› مەدرىسىدە يەنە سەككىز يىل مۇددەرىسلىك قىلىپ، بارلىق ئەقىل – پاراسىتىنى ئانا يۇرتىنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا تەقدىم قىلغاندىن كېيىن، خاتىرجەم ۋە تىنچ ھالدا باقى ئالەمگە سەپەر قىلىدۇ…

     يازغۇچى پەرھاد جىلان مەزكۇر روماندا مەھمۇد كاشىغەرىنىڭ سەرگۈزەشتىلىرىنى ماھىرلىق بىلەن تەسۋىرلىگەن. مەن بىر خەنزۇ كىتابخان بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئاپتورنىڭ مۇشۇنداق بىر زور تارىخىي تېمىنى ئەپچىللىك بىلەن يورۇتقانلىقىغا قايىللىق بىلدۈرىمەن. ئاپتور تارىخىي چىنلىققا ھۆرمەت قىلىش شەرتى ئاستىدا، ئۆزىنىڭ بەدىئىي تەسەۋۋۇر كۈچىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يىراق ۋە كەڭ دەۋر كۆرۈنۈشىدىكى ۋەقەلىكنى يورۇتۇشتا ۋە پېرسوناژلار ئوبرازىنى يارىتىشتا ھېچقانچە زورۇقمىغان، سۈنئىيلىككە ئەسلا يول قويمىغان. بولۇپمۇ پېرسوناژلار ئوبرازىنى يارىتىش جەھەتتە، ئاپتور رومانچىلىقتىكى ئەسلىمە كىرىشتۈرۈش بىلەن كونكرېت جەرياننى سۈرەتلەشكە ئارتۇقچە كۈچەيدىغان ئادەتنى تاشلاپ، نەسرىي شەكىل، ئاددىي تەسۋىر ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، كىتابخانلارغا خېلى چوڭقۇر تەسۋىر بوشلۇقىنى قالدۇرغان. دېمەك، ئاپتور ‹‹ئاددىي ئەمما راۋان يول›› ئۇسلۇبى ئارقىلىق تارىخىي رومان ئىجادىيىتىدىكى چىنلىق بىلەن ئەدەبىيلىكنىڭ بىرلىكىنى بىر قەدەر ياخشى ھەل قىلغان. روماننىڭ باش قەھرىمانى مەھمۇد كاشىغەرىنىڭ تەقدىرى باشتىن – ئاخىر كىتابخانلارنىڭ يۈرەك تارىنى چېكىپ تۇرىدۇ. مۇشۇ چوڭ تەشۋىش پۈتكۈل ئەسەرگە ئىزچىل سىڭدۈرۈلگەن. روماندا مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ ئوبرازىمۇ ناھايىتى جانلىق ۋە مۇكەممەل يارىتىلغان. ئاپتور قەلىمىنىڭ تولۇپ – تاشقان قىزغىنلىق بىلەن قەۋەتمۇ قەۋەت، قاتلاممۇ قاتلام ئىچكىرىلەپ كىرىشىگە ئەگىشىپ، كىتابخانلار پۈتۈن كۈچى ۋە ھاياتىنى ئىلىم – بىلىمگە بېغىشلىغان مەھمۇدنى كۆرىدۇ؛ كۆڭلى قارنى كەڭ، ۋەتەنپەرۋەر، يۇرت ئاشىقى مەھمۇدتىن بەكمۇ سۆيىنىدۇ.

     روماننىڭ ئۇتۇقى شۇ يەردىكى، ئاپتور مەھمۇدتىن ئىبارەت باش قەھرىماننى چۆرىدەپ، مىجەز خاراكتېر ئۆزگىچە بولغان نۇرغۇن ئوبرازنى مۇكەممەل ياراتقان، ئاپتور پېرسوناژلارنى ئىنتايىن ھۆرمەتلىگەن ئۇلارغا قاتتىق تەلەپ قويغان. پېرسوناژلارنىڭ بەزىلىرى ئاپتور تەرىپىدىن ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان بولسىمۇ، لېكىن كىتابخانلار ئۇلارنىڭ چىنلىقىدىن گۇمانلانمايدۇ. چۈنكى، تارىخىي روماندا بۇنداق تەسەۋۋۇرغا ئەلۋەتتە يول قويۇلىدۇ، يەنى تارىخىي روماننىڭ مۇۋاپپىقىيەتلىك چىقىشىدا بۇنداق بەدىئىي دىت كەم بولسا بولمايدۇ. مېنىڭ قارىشىمچە، زور تارىخىي ۋەقەلىك بىلەن مۇھىم پېرسوناژلار چىن بولسىلا، يازغۇچى ئۆزىنىڭ بارلىق تەسەۋۋۇر كۈچىنى جارى قىلىپ، ۋەقەلىك توقۇنۇشىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، پېرسوناژلار ئوبرازىنى تېخىمۇ جانلىق، تېخىمۇ قايىل قىلىشقا ھەقلىق. ئەگەر يازغۇچى يۇقىرىقى نۇقتىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرالىسىلا، روماننىڭ سېھرىي كۈچى مۆلچەرلىگۈسىز دەرىجىدە ئاشىدۇ.

     ئاخىرىدا دېمەكچى بولغىنىم: مەلۇم بىر تىلدىكى روماننىڭ ئىككىنچى بىر تىلغا مۇۋەپپەقىيەتلىك تەرجىمە قىلىنىشى، تەرجىماننىڭ ئەدەبىي ماھارىتى، تىل ئىقتىدارى ۋە تارىخى ساۋاتى قاتارلىق جەھەتلەر بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك. تەلئەت ئىبراھىم تىلەك ئەپەندى مەزكۇر ئەسەرنى تەرجىمە قىلىش ئۈچۈن ھەقىقەتەن كۆپ تەر ئاققۇزۇپتۇ. تەرجىمان ئەسەرنىڭ ئەسلىسىگە سادىق بولغان ئاساستا، تەرجىمىنى توغرا، جانلىق ۋە راۋان ئىشلەپ ‹‹گۈل ئۈستىگە گۈل كەلتۈرۈپتۇ››. ئالايلى، تەرجىمان روماننىڭ باش قەھرىمانى ياشىغان تارىخىي دەۋرىنى ئەتراپلىق تەتقىق قىلىپلا توختاپ قالماستىن، يەنە ئەينى دەۋر ئىچىدىكى ئوخشاشمىغان تارىخىي مەدەنىيەتلەرنىڭ پەرقىنى، قويۇق مىللىي ئۆرپ – ئادەت ۋە خاسلىق تەرەپلىرىنىمۇ تىرىشىپ ئىگىلىگەن. روماندا ‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى››دىن ناھايىتى كۆپ ھېكمەتلىك سۆزلەر، قاپىيەلىك نەسىرلەر، ماقال – تەمسىل ۋە بېيىت – قوشاقلار نەقىل ئېلىنغاچقا، تەرجىمىنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى ئىدى. تەلئەت ئەپەندى بۇنداق مەسىلىلەرنى ھازىرقى زامان خەنزۇ ئەدەبىي تىلىدىكى تەڭدىشى بىلەن توغرىلىغاندىن سىرىت يەنە زۆرۈر ئىزاھلارنىمۇ يانداشتۇرغان.



无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter