جياڭ جيېشىنىڭ قوغدىغۇچىسى، ئىچكى ئىشلار گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان يىڭ شۈنرېن ئىلگىركى ئىشلارنى ئەسلەپ، 1971- يىلى 26- ئۆكتەبىر ب د ت جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ب د ت غا كىرىشىنى تەستىقلىغان. بۇ خەۋەر جياڭ جيېشىغا يەتكۈزۈلگەندە ئۇ غەزەپتىن يىغلەپ كەتكەن دېگەن.
يىڭ شۈنرېن يەنە، جياڭ جيېشىغا ئەگەشكەن شۇنچە يىللاردىن بىرى ئۇنىڭ يىغلىغىنىنى تۇنجى قېتىم كۆرۈشىم دېگەن. شۇ ۋاقىتتا جياڭ جيېشى: ب د ت دىكى ئورنىمىز چوڭ قۇرۇقلۇققا بىرىلگەندىن كېيىن، ئەلۋەتتە تەن بەرگۈمىز كەلمەيدۇ دېگەن.
سابىق گومىنداڭ «دېپلوماتىيە مىنىستىرى» چيەن فۇ دېگەن كىشى جياڭ جيېشىنىڭ ئېنگىلىز تىلى تەرجىمانى بۇلۇپ، ئۇ زىيارەتنى قۇبۇل قىلغاندا: ئۇ ۋاقىتتا ئەگەر قاتتىق تۇرغان بولساق ھەر ئىككى تەرەپ تەڭ مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرار ئىكەن دېگەن.
چيەن فۇ تەيۋەنگە قايتقاندىن كېيىن جياڭ جيېشىغا دوكلات قىلغان. جياڭ جيېشى: ھەممىڭلار تىرىشچانلىق كۆرسەتتىڭلار، سىلەر ئامېرىكىغا بېرىشتىن ئىلگىرىلا بۇ ئىشنى مۆلچەرلەپ بولغان دېگەن.
جوڭگۇ تەتقىقاتخانىسى يېقىنقى زامان تارىخى تەتقىقاتخانىسىنىڭ باشلىقى خۇاڭ كېۋۇ: «زوڭتوڭ جياڭ جيېشى قوغدىغۇچىسىنى زىيارەت قىلىش خاتىرىسى» 31 نەپەر قوغدىغۇچىنى مەركەز قىلغان، لېكىن ئاساسلىق تېما جياڭ جيېشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۇلۇپ، ھۆكۈمەت دائىرلىرى، جياڭ جيېشىنىڭ شەخسىي كۆرۈنىشى، تۇرمۇشتىكى ئىشلار، قىزىقىشى، ئىتىقادى، ھەتتا قايسى ۋاقىتتا ئاغرىپ قالىدىغانلىقى تەپسىلى يېزىلغان دېگەن.
جوڭگۇ تەتقىقاتخانىسى يېقىنقى زامان تارىخى تەتقىقاتخانىسىنىڭ ئالى مۇھەررىرى ۋە ئاغزاكى تارىخ گۇرۇپپىسىنىڭ كاتىپى شېن خۇەييۈ: يېقىنقى زامان تارىخىدا بارلىققا كەلگەن ئاغزاكى تارىخ گۇرۇپپىسى يېقىندا جياڭ جيېشىنىڭ خاتىرىسىنى ئاشكارلىدى دېگەن.
1975- يىلى 5- ئاپرىل جياڭ جىڭگو چوكانتال بايرىمىنى تىلغا ئېلىپ، گۇەنيىن تېغىغا «دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى» نىڭ سابىق باشلىقى چېن داچىڭنىڭ قەبرىسىنى يوقلىغىلى بارىدىغانلىقىنى ئېيتقان ھەم جياڭ جيېشىنى يوقلىغان. جياڭ جيېشى ئۇ ۋاقىتتا ئوغلىغا: سالامەتلىكىڭگە كۆپرەك دىققەت قىلغىن دېگەن سۆزنىلا قىلالىغان. قوغدىغۇچى دۇەن ۋۇۋېي: ئۇ ۋاقىتتا جياڭ جيېشىنىڭ سالامەتلىكى ناچارلاشقان ئىدى، ئۇ كارۋاتتا يېتىپ تۇرۇپمۇ ئوغلىدىن ئەنسىرىگەن دېگەن.