ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> قۇمنى تىزگىنلەشتە ئىلمىي بولايلى

قۇمنى تىزگىنلەشتە ئىلمىي بولايلى

2013-06-14 2:40     كۆرۈلۈشى: 1302 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: فەن شاۋجۈن،    ليۇ لى      ئېلىمىزدە ئۇلانبوخ قۇملۇقى، قۇبۇچ قۇملۇقى، تېڭگېر قۇملۇقى، بادەن جاران قۇملۇقى، سەيدام ئويمانلىقى قۇملۇقى، قۇمتاغ قۇملۇقى، قۇربان توڭغۇت قۇملۇقى، تەكلىماكان قۇملۇقىدىن ....

فەن شاۋجۈن،    ليۇ لى

     ئېلىمىزدە ئۇلانبوخ قۇملۇقى، قۇبۇچ قۇملۇقى، تېڭگېر قۇملۇقى، بادەن جاران قۇملۇقى، سەيدام ئويمانلىقى قۇملۇقى، قۇمتاغ قۇملۇقى، قۇربان توڭغۇت قۇملۇقى، تەكلىماكان قۇملۇقىدىن ئىبارەت سەككىز چوڭ قۇملۇق بار، بۇ قۇملۇقلار گېئولوگىيەلىك تارىخىي دەۋرلەردە شەكىللەنگەن، قەدىمدىن بار بولغان قۇملۇقلار بولۇپ، ئادەم كۈچى بىلەن تۈزەشكە ماس كەلمەيدۇ.

     تەكلىماكان قۇملۇقىدا كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىشنى سىناپ باققان بىر مۇتەخەسسىس مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بوتۇلكا ئېسىپ دەرەخنى سۇغىرىپ، سۇغا كاپالەتلىك قىلغان تەقدىردىمۇ، يازدا قۇملۇقنىڭ تېمپېراتۇرىسى 70 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى بولغاچقا، دەرەخلەر قۇرۇپ قالىدۇ.

     قۇمنى ئىلمىي تىزگىنلەشتىكى مەقسىتىمىز قۇمنى، قۇم – بوراننى يوقىتىش بولماستىن، سۈنئىي بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان ئۆسۈملۈك يېپىنچىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئادەملەر كەلتۈرۈپ چىقارغان تۇپراقنىڭ قۇملىشىشىنى تۈزەش، ئادەم ئامىلىنىڭ تەسىرىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ئۈچۈندۇر، دېدى دۆلەت ئورمانچىلىق ئىدارىسى قۇمنى تىزگىنلەش ئىشخانىسىنىڭ ئالىي ئىنژېنېرى ۋاڭ شىنجيەن. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: قۇملۇقنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، چوقۇم قۇملۇقنىڭ ئەتراپىنى ئۆسۈملىك بىلەن توسۇش كېرەك.

     ئېلىمىزدىكى قۇملاشقان يەر كۆلىمى 150 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، بۇ يەرلەرنىڭ يىللىق ھۆل – يىغىن مىقدارى 300 – 400 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ. كۆپ قىسمىنى تۈزەشكە بولىدۇ، ئەمما پۈتۈنلەي ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇمكىن ئەمەس. ۋاڭ شىنجيەن يەنە مۇنداق دېدى: ھازىر ئېلىمىزدىكى قۇملىشىپ كەتكەن يەر كۆلىمى 1 مىليون 731 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، تەخمىنەن 500 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر يەرنى تىزگىنلىگىلى بولىدۇ ، يەنە تەخمىنەن 1 مىليون 200 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىرى تىزگىنلەش شارائىتىنى ھازىرلىمىغان يەر بولۇپ، بۇ يەرلەردىكى ھۆل – يىغىن مىقدارى 250 مىللىمېتىردىن تۆۋەن ، ئادەم كۈچى بىلەن تەستە تۈزىگىلى بولىدىغان قۇملاشقان يەرلەردۇر، ئاسراش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق ئۆسۈملۈك يېپىنچىسى ۋە قۇملۇق يۈزىنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ.

     قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەشتە ئىلمىي بولۇش زۆرۈر. بەزىلەر قۇمنى تىزگىنلەشتە ئوت – چۆپ تېرىش كېرەك، دەرەخ تىكىشكە بولمايدۇ، دەپ قارايدۇ. ۋاڭ شىنجيەن مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە ئېلىمىزنىڭ قۇمنى تىزگىنلەش ئۈنۈمىنىڭ كۆرۈنەرلىك بولۇشىدىكى مۇھىم سەۋەب شۇكى، بىز ئۆسۈملۈك يېپىنچىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش جەھەتتە مۇنداق بىر پىرىنسىپنى ئاساس قىلدۇق، يەنى چاتقالنى ئاساس قىلىش، يەرلىكنى ئاساس قىلىش، يامغۇرغا تايىنىشنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇردۇق، كۆچەت خىللىرىنى كىرگۈزۈشتە يەرلىك تۇپراققا ماسلاشتۇرۇشقا تىرىشتۇق. مەسىلەن: كۆپ مىقداردىكى كوچرىن قارىغىيى، سۆكسۆك، قامغاق، قاراغان، قۇملۇق مونچاققورىيى، ئامۇرفا ۋە يۇلغۇن قاتارلىقلارنى تېرىدۇق. بۇلار چاتقالغا تەۋە بولۇپ، ياخشى بولغان قۇم تىزگىنلەش رولى بولۇپلا قالماستىن، يەنە ياخشى بولغان يەم – خەشەكتۇر.

     قۇمنى تىزگىنلەشتە دادىل بولۇش، يېنىكلىك بىلەن پۇقرالارنى ئېكولوگىيەلىك كۆچۈرمەسلىك كېرەك. ئاساسىلىق مەسىلىلەرنى يەرلىك ئۆزى ھەل قىلىشى كېرەك. ۋاڭ شىنجيەن يەنە: ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىشىچە، ئېلىمىز يەر كۆلىمىنىڭ %42 ىنى ئىگىلەيدىغان شەرقىي رايونلاردا 1 مىلياردتىن كۆپرەك ئاھالە ياشايدۇ، بۇ پۈتۈن نوپۇسنىڭ %84 ىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ. يەر كۆلىمىنىڭ %56 ىنى ئىگىلەيدىغان غەربىي رايونلاردا 200 مىليون ئەتراپىدا ئاھالە بولۇپ، پۈتۈن نوپۇسنىڭ %16 ىگىمۇ يەتمەيدۇ، غەربىي رايونغا كۆپلەپ نوپۇس يۆتكەش بوشلۇقى بولسىمۇ، ھەقىقىي ئەھۋال بۇنىڭغا ماس كەلمەيدۇ. بولۇپمۇ گەنسۇنىڭ مىن لې ناھىيەسىنى مىسالغا ئالساق، 160 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر كىلىدىغان زېمىننىڭ كۆكەرتىلىش كۆلىمى 1000 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، %6 نى ئىگىلەيدۇ. بۇ يەردە ياشايدىغانلار307 مىڭ ئادەم بولۇپ، ھەر بىر كىۋادرات كىلومېتىر يەرگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 300 ئادەم توغرا كېلىدۇ.

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter

مىكرو بلوگىم _ سىزمۇ ئەگىشىڭ