ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> بىز نېمە ئۈچۈن ئالەم بوشلۇقىغا چىقىشقا شۇنچە قىزىقىمىز؟

بىز نېمە ئۈچۈن ئالەم بوشلۇقىغا چىقىشقا شۇنچە قىزىقىمىز؟

2013-07-03 5:46     كۆرۈلۈشى: 1512 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: يۈ جيەنبىڭ        جۇڭگونىڭ ئۈچ ئالەم ئۇچقۇچىسى ‹‹خاسىيەتلىك كېمە – 10›› غا ئولتۇرۇپ ئالەم بوشلۇقىنى كەزدى. ئىككى كۈنلۈك سەپەردىن كېيىن، ئۇلار ‹‹ئەرش ئوردىسى 1›› نومۇرلۇق نىشان ئۇچقۇسىنىڭ يېن....

يۈ جيەنبىڭ

 

     جۇڭگونىڭ ئۈچ ئالەم ئۇچقۇچىسى ‹‹خاسىيەتلىك كېمە – 10›› غا ئولتۇرۇپ ئالەم بوشلۇقىنى كەزدى. ئىككى كۈنلۈك سەپەردىن كېيىن، ئۇلار ‹‹ئەرش ئوردىسى 1›› نومۇرلۇق نىشان ئۇچقۇسىنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئون نەچچە كۈنلۈك ئالەم تۇرمۇشىنى باشلىدى. جۇڭگونىڭ ئادەملىك ئالەم قاتنىشىنىڭ ئون يىللىقىدا، ‹‹خاسىيەتلىك كېمە – 10›› ئاسمانغا ئوڭۇشلۇق كۆتۈرۈلۈپ، 6 – ئايدا، كىشىلەر قەلبىنى چوڭقۇر ھاياجانلاندۇردى.

 

 

     «خاسىيەتلىك كېمە – 10›› نىڭ قويۇپ بېرىلىشى بۇ دۆلەتتىكى كىشىلەر ئەڭ قىزىقىدىغان خەۋەرگە ئايلاندى.

     بىز نېمە ئۈچۈن ئالەم بوشلۇقىغا چىقىشقا شۇنچە قىزىقىمىز؟ يەر شارىدىن ئايرىلىپ، ئالەم بوشلۇقىنى كېزىش يەر شارىدىكى ھەر بىر كىشىنىڭ ئارزۇسى. ئەمما بۇ ئارزۇ جۇڭگولۇقلارنىڭ قەلبىدە ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ كەلدى.

     ئالەم بوشلۇقىغا چىقىش جۇڭگولۇقلارنىڭ ئىرادە باغلاپ ئېشىپ كېتىش ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. پاراۋۇز يولغا چىققاندا، جۇڭگولۇقلار ئۇيقۇدا ئىدى؛ ئايروپىلان ئاسمانغا كۆتۈرۈلگەندە، جۇڭگولۇقلار ئۆزلىرى ياسىماقچى بولغان تۇنجى تۆمۈريولدا قۇرۇلۇش باشلاندى؛ ئاپوللو ئايغا چىققاندا، بىزنىڭ تۇنجى سۈنئىي ھەمرايىمىز تېخى ناھايىتى جاپادا ياسىلىۋاتاتتى…… تەخمىنەن 3000 يىل مابەينىدە، خېلى ئۇزاق مەزگىل باشلامچىلىق بىلەن ئىلگىرىلەۋاتقان دۆلەت، ئەڭ ئاخىرىقى نەچچە ئايلانمىدا ئارقىدا قالدى. ئەگەر ئۆزىمىزنىڭ ئەمەلىي كۈچىمىزنى ئىسپاتلايدىغان يۈگۈرۈش يولىنى تاپماقچى بولساق، ئەنە شۇ ئالەم بوشلۇقى ئەڭ ماس كېلىدۇ. تىرىشىپ ئېشىپ كېتىش ئىزناسىنى ئىنسانلارنىڭ ئەڭ بۈيۈك مۇسابىقە يولىدا قالدۇرۇشتىنمۇ كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان ئىش بولمىسا كېرەك؟

     ئالەم بوشلۇقىغا چىقىش جۇڭگولۇقلارنىڭ ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش جەڭگىۋارلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. غەربنىڭ ئالەم پىلانى مۇتەخەسسىسلىرى: جۇڭگونىڭ ئالەم بوشلۇقى پىلانى گەرچە بىۋاسىتە ئىقتىسادىي كىرىم ھاسىل قىلالمىسىمۇ، ئۇ جۇڭگونىڭ خەلقئارادىكى ئىناۋىتىنى تىكلىدى، كىشىلەرنىڭ ئىلىم – پەن قۇرۇلۇشى تېخنىكىسىغا بولغان قىزىقىشىنى قوزغىدى، بۇ راكېتا ۋە يىراق مۇساپىلىك كونتىرول قىلىش سىستېمىسىنىڭ تەتقىق قىلىنىپ چىقىشىغا پايدىلىق بولدى، جۇڭگونىڭ ‹‹خەلقئارادىكى داڭلىق ماركىلارنى تەقلىد قىلىپ ياساشقا ماھىر بولۇش›› تەك ئوبرازىنى ياخشىلىدى، دەپ قارىدى. بۇ گەپ ئاڭلىماققا كىشىنى بىئارام قىلسىمۇ، بىز مەلۇم دەرىجىدە ھەقىقەتەن شۇنداق ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشىمىز كېرەك. ھەممەيلەن خەۋەردار سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، 16 دۆلەت قاتناشقان خەلقئارا ئالەم بوشلۇقى پونكىتى قۇرۇلۇشىدا جۇڭگو يوق، لېكىن شۇ يىللاردىكى تېخنىكىنى قامال قىلىشقا ئوخشاش، بۇمۇ جۇڭگولۇقلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ئادەملىك ئالەمگە چىقىشنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىرادىسىنى كۈچەيتتى. يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ئەمەلىي كۈچىنى ئىسپاتلاپ، بىر تەرەپلىمىلىك قاراشلارنى بىتچىت قىلىپ، ‹‹كەلگۈسىدە يەر شارى بوشلۇقىنى ئېچىش، ھەمكارلىشىش ئىشلىرى بارغانسېرى جۇڭگونىڭ قاتنىشىشىدىن ئايرىلالمايدۇ›› دېگەننى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ئالەم بوشلۇقى ساھەسىدىكى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشتىمۇ، باشقا ساھەلەردىكى ئىزدىنىشتىمۇ ئوخشاشلا شۇنداق بولىشى كېرەك.

     «جۇڭگونىڭ كونا رەقىبى ئامېرىكا رىقابەتلىشىشنى خالىماي، تەرەققىي قىلدۇرۇش مەركىزىنى ئۆزگەرتىۋەتتى››، شۇنىڭ بىلەن تىرىشىپ قوغلىشىپ كېلىۋاتقانلارنى سەل پەرىشان قىلغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە، جۇڭگونىڭ ئادەملىك ئالەم قاتنىشى پىلانى نام – شۆھرەتنى ساقلاشتىنمۇ بەك روشەن ۋە ئەمەلىي نىشانغا ئىگىدۇر. ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشى باشلانغانلىقىغا 20 يىل بولغان پەيتتە، بېيجىڭ ئاۋىياتسىيە – ئالەم قاتنىشى ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلىنىڭ مۇخبىرى جۇڭگو ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشىنىڭ تۇنجى باش لايىھەلىگۈچىسى ۋاڭ يۇڭجىنى زىيارەت قىلدى. ئادەملىك ئالەم قاتنىشىنىڭ ئۈچ قەدەملىك ئىلگىرىلەش ئىستراتېگىيەلىك يىرىك پىلانى ھەققىدە توختالغاندا، ئۇ ئالەم بوشلۇقى پونكىتىنىڭ ئەھمىيىتىنى تەسۋىرلەپ: ئالەم بوشلۇقى پونكىتى دۆلەت دەرىجىلىك ئالەم تەجرىبىخانىسى ۋە ئالەم بوشلۇقىنىڭ ئۆزگىچە مۇھىتىدىكى پەن – تېخنىكا تەجرىبە سەھنىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، قۇرۇلغاندىن كېيىن جۇڭگولۇقلار ئالەم بوشلۇقىغا چىقىپ بىر نەچچە كۈندىن كېيىنلا قايتىپ كەلمەي، بەلكى ئالەم بوشلۇقىغا ماكانلىشىدۇ. بۇ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە، بىزنىڭ ئالەم بوشلۇقى بايلىقلىرىنى ئېچىش، پايدىلىنىشتا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشىمىزغا پايدىلىق. ئالەم بوشلۇقى پونكىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە يۈرۈشىشى دۆلىتىمىزنىڭ يېڭىلىق يارىتىشچان دۆلەت قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم بەلگە، دېدى. رومانتىك ئارزۇ، قەيسەر ئىرادە، ئەمەلىي قەدەمنى بىرىكتۈرۈشتە ئادەملىك ئالەم قاتنىشى ئەڭ ياخشى تاللاشلارنىڭ بىرى.

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter

مىكرو بلوگىم _ سىزمۇ ئەگىشىڭ