ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتكە باھا

ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتكە باھا

2013-08-22 7:08     كۆرۈلۈشى: 1464 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى بۆسۈشتىن ئىسلاھاتقا نەزەر ـ ھازىرقى  ئىقتىسادىي ۋەزىيەتكە باھا  (شىنجاڭ گېزىتى ماقالىسى)      2- پەسىلدىكى جۇڭگو ئىقتىسادىغا دائىر ئاساسىي سانلىق مەلۇماتلار 15- ئىيۇل ئېلان ....

ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى بۆسۈشتىن ئىسلاھاتقا نەزەر ـ ھازىرقى

 ئىقتىسادىي ۋەزىيەتكە باھا

 (شىنجاڭ گېزىتى ماقالىسى)

     2- پەسىلدىكى جۇڭگو ئىقتىسادىغا دائىر ئاساسىي سانلىق مەلۇماتلار 15- ئىيۇل ئېلان قىلىندى، كىشىلەر ئومۇميۈزلۈك ھالدا ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى تەدرىجىي ئاستىلاۋاتىدۇ، دەپ قارىدى. ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىكى داۋالغۇش ۋە ئۇنىڭغا ماكرولۇق تەڭشەش سىياسىتىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق تاقابىل تۇرۇشقا كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك، ئەلۋەتتە. لېكىن ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىلدىن قارىغاندا، جۇڭگو ئىقتىسادىنى مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ئىسلاھاتتا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا، يېڭى ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتۇشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ، نۆۋەتتىكى ھەممىگە ئايدىڭ ئورتاق تونۇش.

     ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىشىغا تاقابىل تۇرۇشتا نوقۇل ماكرولۇق تەڭشەش سىياسەت – تەدبىرلىرى بىلەنلا چەكلىنىپ قېلىشقا بولمايدۇ.

     جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئۆتكەن 30 نەچچە يىللىق تەرەققىياتىدا ئېرىشكەن تەجرىبىلەردىن قارىغاندا، كىشىلەر ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى بىر مەزگىل سۇسلاشقاندىن كېيىن، ماكرولۇق تەڭشەش سىياسىتى ئارقىلىق پائال تاقابىل تۇرغاندا، ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ناھايىتى تېزلا ئاشىدىغانلىقىدىن ئۈمىد كۈتەتتى.

     بۇلتۇرنىڭ 4 – پەسلىدە جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن، مۇشۇنداق قاراشتىكىلەر بۇ يىل ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە قارىتا بىر مەھەل زور ئۈمىدلەردە بولغانىدى. لېكىن بۇ يىلنىڭ 1 – پەسلىدە ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدە سىجىل ئېشىش كۆرۈلمەي، ئەكسىچە مۇۋاپىق دائىرىدە سەل سۇسلاشتى.

     مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق قارىدى: ھازىر بىر تەرەپتىن، قاراتمىلىقى بولغان مۇقىم ئاشۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ »تۆۋەنلەش چېكى«دىن چۈشۈپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىدا كۆرۈلگەن زىددىيەتلەرنىڭ كەسكىنلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، زور كۆلەمدە غىدىقلاش سىياسىتىنى قوللانماسلىق كېرەك.

     ئۇزاقتىن بۇيان ساقلىنىپ كەلگەن مەسىلىلەرنى ئىسلاھات ئارقىلىق ھەل قىلىش كېرەك

     ھازىرقى ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ تۆۋەنلەش ۋە كارخانىلار تىجارىتىنىڭ تەس بولۇش مەسىلىلىرىنى ماكرولۇق تەڭشەش ئارقىلىق ھەل قىلىشتىن چوڭ ئۈمىد كۈتۈپ كەتكىلى بولمايدۇ. نوپۇس، بايلىق، دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىش قاتارلىقلار ئېلىپ كەلگەن پايدىلاردا ئۆزگىرىش بولغاندىن كېيىن، ئىسلاھات جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىدا يېڭى پايدا يارىتىشتەك ئېغىر ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالدى.

     ھازىر پولات – تۆمۈر قاتارلىق كەسىپلەردە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى زىيادە ئېشىپ قېلىش مەسىلىسى بارغانسېرى گەۋدىلىنىۋاتقانلىقىدىن، ئەنئەنىۋى مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئەندىزىسىنىڭ چىقىش يولى قالمىغانلىقى، ئىستېمالغا تۈرتكە بولۇشتا كىرىم تەقسىماتى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلمىسا بولمايدىغانلىقى مەلۇم بولدى. تۇمان قاتارلىق مۇھىت مەسىلىلىرىنىڭ كۆپلەپ يۈز بېرىشى ئېنېرگىيە تېجەپ، بولغىما چىقىرىشنى ئازايتىشقا پايدىلىق باھا ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش، ئېكولوگىيە تولۇقلىمىسى بېرىش ۋە نەتىجە ئۈنۈمىنى باھالاش مېخانىزمى ئورنىتىش ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى بولۇپ قالدى. »پۇل قەھەتچىلىكى«نىڭ كۆرۈلۈشى بانكا سىستېمىسىدا ساقلىنىۋاتقان بايلىقنى خاتا سەپلەش مەسىلىسىنى ئاشكارىلاپ بەردى، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، پۇل – مۇئامىلە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك.

     تاشقى ئېھتىياجنى كونترول قىلغىلى بولمايدۇ، لېكىن، جۇڭگودىكى زور ئىچكى ئېھتىياجنى يەنىمۇ ئاشۇرۇشقا بولىدۇ. ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇشتا نوقۇل ھالدا سىياسەت جەھەتتىن رىغبەتلەندۈرۈش، مالىيە سېلىنمىسىگە تايىنىشتىن ئىبارەت كونا يولدا مېڭىشقا بولمايدۇ، بەلكى ئىسلاھات ئارقىلىق ئەلئارا كاپىتالنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە ئاھالە ئىستېمالىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىش كېرەك. تىرىليون يۈەندىن ئاشىدىغان خەلق پۇلى ئامانەت قالدۇقىغا زور ھاياتىي كۈچ يوشۇرۇنغان.

     يېقىندا ئېلان قىلىنغان بەزى سىياسەتلەردە ماكرولۇق تەڭشەش بىلەن ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ بىرلەشتۈرۈلگەنلىكى يورۇتۇپ بېرىلدى. 21- ئىيۇل ئېچىلغان گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىدا: ئىسلاھات ئارقىلىق كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ھۆكۈمەت يېتەكلەش بىلەن بازار يېتەكلەشنى بىرلەشتۈرۈپ، بازار مېخانىزمىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك، دەپ كۆرسىتىلدى.

     مەمۇرىي تەستىق تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ قەدىمى تېزلىتىلدى

     گوۋۇيۈەن بۇ يىل مايدا «2013- يىلى ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەر توغرىسىدىكى پىكىر»گە تەستىق سېلىپ، بۇ يىل مەمۇرىي تۈزۈلمە، مالىيە – باج، پۇل مۇئامىلە، مەبلەغ سېلىش ۋە يۈرۈشتۈرۈش، باھا، خەلق تۇرمۇشى، شەھەر ۋە يېزىلارنى بىرتۇتاش پىلانلاش قاتارلىق ساھەلەرنىڭ ئىسلاھات سالمىقىنى ئاشۇرۇشنى بېكىتتى.

     ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئۆز ھوقۇقىنى «ئوپېراتسىيە قىلىش» ئىسلاھاتلىرى يېقىندا باشلاندى، يەنى ئاپرېلدىن ئىيۇلغىچە، گوۋۇيۈەننىڭ ئۈچ قېتىملىق دائىمىي يىغىنىدا كۆپلىگەن مەمۇرىي تەستىق تۈرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى ۋە تۆۋەنگە چۈشۈرۈلدى.

     شۇنىڭ بىلەن بىللە، تۈرلۈك ئىسلاھات ماس قەدەمدە ئىلگىرى سۈرۈلدى. 15- ئىيۇندىن باشلاپ، مەملىكەت بويىچە تۆمۈر يول يۈك تىرانسپورتى ئومۇميۈزلۈك بازارغا يۈزلەندۈرۈلدى؛ 28- ئىيۇل، دۆلەت ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشىدىن باشقا ساھەگە ئىشلىتىلىدىغان تەبىئىي گازنىڭ باھاسىنى تەڭشىدى؛ 1 – ئاۋغۇستتىن باشلاپ، قاتناش – تىرانسپورت كەسپى ۋە قىسمەن زامانىۋى مۇلازىمەت كەسىپلىرىنىڭ تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە يولغا قويۇلدى؛ دۆلەت نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرگە يېزا نوپۇسىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈردى.

 

 

     (شىنخۇا ئاگېنتلىقى)

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter