ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن سۈرىيە نىمىشقا پېتىشالمايدۇ

سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن سۈرىيە نىمىشقا پېتىشالمايدۇ

2013-09-29 12:35     كۆرۈلۈشى: 11,402 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن:      چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 19- سىنتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك دېپلوماتى يېقىندا بەسىرنىڭ ئۇرۇش جىنايەتچىسى ئىكەنلىكىگە ئائىت ماتىرىيال توپلاشنى باشلىغانلىقىنى جاكارلى....

     چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 19- سىنتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك دېپلوماتى يېقىندا بەسىرنىڭ ئۇرۇش جىنايەتچىسى ئىكەنلىكىگە ئائىت ماتىرىيال توپلاشنى باشلىغانلىقىنى جاكارلىغان.

     ئامېرىكىنىڭ ئۇرۇش جىنايىتى مەسىلىلىرىدىكى پەۋقۇلئاددە ئەلچىسى ستېفىن راف: ئامېرىكا بىر تۈركۈم سۈرىيە پۇقرالىرىنى تەربىيلەۋاتىدۇ، ئۇلار ئۇچۇر ۋە شۇ جايدىكى ەئھۋاللارنىڭ تەپسىلاتىنى ئىگىلەشكە مەسئۇل بۇلىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، 200 مىڭ بەتتىن ئارتۇق ھۆججەتكە ئىگە بولدۇق. نۆۋەتتە بۇ ماتىرىياللار مەخسۇس تەھلىل قىلىنىۋاتىدۇ. ئامېرىكا سۈرىيەلىكلەر، شۇ جايدىكى پۇقرالار ۋە خەلقئارا بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۇنىۋېرسال سوت قۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ دىگەن.

     خىمىيەلىك قۇرال ئىشىلتىش مەسىلىسىدە سۈرىيە ئۆتىچىلىرى بىلەن سۈرىيە ھۆكۈمىتى ئارىسىدىكى دەتالاش تېخى تۈگىمىدى. ئامېرىكىدىكى «ئىنفوۋارس» تورى ئاۋغۇستتا ئېلان قىلغان ماقالىدا: سۈرىيە ئۆتىچىلىرى ئامېرىكا ئاگېنىتلىقىنىڭ مۇخبىرىغا خىمىيىلىك قۇرال ۋەقەسىنىڭ ئۆتىچىلەرنىڭ بىر ئەزاسىنىڭ خىمىيىلىك قۇرالنى نامۇۋاپىق كونتۇرۇل قىلىشىدىنكىلىپ چىققانلىقىنى، بۇ خىمىيىلىك قۇرالنى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ تەمىنلىگەنلىكىنى، دەسلەپتە بۇ قۇراللارنىڭ «بازا» تەشكىلاتىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان «قوللىغۇچى فرونت» قا يەتكۈزۈلمەكچى بولغانلىقىنى، لىكىن قۇراللارنىڭ سۈرىيە ئۆكتىچىلىرىنىڭ قۇلىغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى ئېيتقان دىيىلگەن.

     ئۇنداقتا سەئۇدى ئەرەبىستان نىمە ئۈچۈن سۈرىيە ئۆتىچىلىرىنى خىمىيىلىك قۇرال بىلەن تەمىنلەيدۇ؟ سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن سۈرىيە ئارىسىدا يەنە قانداق ئۆچ – ئاداۋەتلەر مەۋجۇت؟

     سۈرىيە ھاكىمىيىتى شىئەلەرنىڭ قولىدا؛ سەئۇدى ئەرەبىستان ھاكىمىيىتى سۈننىيلەرنىڭ قۇلىدا، مۇشۇ تەرەپتىن ئېيتقاندا ئىككى تەرەپتە چوڭقۇر زىدىيەت مەۋجۇت.

     ئىككى تەرەپ زىدىيىتىنىڭ مەركىزى لىۋان. ئىككى تەرەپ لىۋاندا كۈچىنى كېڭەيتىشنى ئويلايدۇ. 2005- يىلى سەئۇدى ئەرەبىستانپەرەس لىۋان زوڭلىسى رەفىق ھەرىرى قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن، پەردە ئارقىسىدىكى قاتىل دەل بەسىرنىڭ ئىنىسى ماھىر بىلەن بەسىرنىڭ يەزنىسى شەۋكەت بۇلۇپ چىققان. شۇنىڭ بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن سۈرىيە مۇناسىۋىتى تېخىمۇ ناچارلاشقان. سۈرىيە «لىۋان ئاللا پارتىيىسى» نى، سەئۇدى ئەرەبىستان سۈننىيلەرنى قوللاپ، ئىككى تەرەپ تېخىمۇ پېتىشالمىغان.

     بەسىر ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇش ئۈچۈن شاھزادە بەندار رەھبەرلىك قىلغان سەئۇدى ئەرەبىستان ئاخبارات ئورگىنى غەرىب ئەللىرىنى سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىمىيىلىك قۇرال ئىشلەتكەنلىكىگە ئىشەندۈرۈشنى پىلانلىغان. سەئۇدى ئەرەبىستان ئاخبارات ئورگىنى تەمىنلىگەن ئىسپاتلار ئامېرىكىلىقلارنى بۇ يىل ئىيۇندا سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇرۇش مەيدانىدا كىچىك كۆلەمدە خىمىيىلىك قۇرال ئىشلەتكەنلىكىگە ئىشەندۈرگەن.

     شاھزادە بەندار بارلىق كۈچى بىلەن ئامېرىكا پارلامىنت ئەزالىرىنى قايىل قىلىپ، سۈرىيەگە قۇراللىق ئارلاشقاندا مەغلۇب بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter