ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> ئىدىيە – تەشۋىقات خىزمىتىنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويايلى

ئىدىيە – تەشۋىقات خىزمىتىنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويايلى

2013-10-01 2:26     كۆرۈلۈشى: 1221 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەزنىڭ ئىدىيە–تەشۋىقات خىزمىتى يىغىنىدا سۆزلىگەن مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا      باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك ئىدىيە – تەشۋىقات خىزمىتى يىغى....

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەزنىڭ ئىدىيە–تەشۋىقات خىزمىتى

يىغىنىدا سۆزلىگەن مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش،

ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

     باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك ئىدىيە – تەشۋىقات خىزمىتى يىغىنىدا: ‹‹ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش پارتىيەنىڭ مەركىزىي خىزمىتى، ئىدىئولوگىيە خىزمىتى پارتىيەنىڭ ئىنتايىن مۇھىم خىزمىتى››، ‹‹ئىدىيە – تەشۋىقات خىزمىتىدە جەزمەن مەركەزنى چۆرىدەش، ئومۇمىيەت ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشنى ئاساسىي مەسئۇلىيەت قىلىش كېرەك››، دېدى. بۇ ئىدىيە – تەشۋىقات خىزمىتىدىكى ئاساسىي مەسئۇلىيەتنىڭ دەۋر ئورنىنىڭ بېكىتىلىشىدۇر.

     ئىدىئولوگىيە ساھەسىدىكى خىزمەتلەرنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تولۇق تونۇشتا، ‹‹ئۈچ مۇناسىۋەتلىك ئىش››نى چوڭقۇر چۈشىنىش كېرەك:

     پارتىيەنىڭ ئىقبال – تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئىش. ئىدىيە – تەشۋىقات خىزمىتى پارتىيەمىزنىڭ ھاكىمىيەتنى مۇستەھكەملەشتىكى مۇھىم سىياسىي ئەۋزەللىكى ۋە ئاساسى تەجرىبىسى. نەچچە ئون يىلدىن بۇيانقى ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، مەيلى ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش ياكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يىللىرىدا بولسۇن، ئۇلۇغ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىدىيە – تەشۋىقات خىزمىتىدىن ئايرىلالمىدى؛ پارتىيەمىزنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشى ئىدىيە – تەشۋىقات خىزمىتىدىن ئايرىلالمىدى.

     دۆلەتنىڭ ئۇزاق ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئىش. يولداش ماۋزېدۇڭ: ‹‹ئىدىيەۋى رەھبەرلىكنى ئىگىلەش بارلىق رەھبەرلىكنى ئىگىلەشتە 1 – ئورۇندا تۇرىدۇ››، دېگەن. دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى تەجرىبىلەر شۇنى ئىسپاتلىدىكى، دۈشمەن كۈچلەر بىر جەمئىيەتنى قالايمىقانلاشتۇرۇش، بىر ھاكمىيەتنى ئاغدۇرۇش ئۈچۈن ھەمىشە ئىدىئولوگىيە ساھەسىدە بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، ئىشنى ئالدى بىلەن كىشىلەرنىڭ ئىدىيەسىنى قالايمىقانلاشتۇرۇشتىن باشلايدۇ. شىنجاڭدا قىلمىغان ئەسكىلىكى قالمىغان ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› دەل مۇشۇ خىل ۋاسىتىدىن پايدىلانغان. ئىقتىسادىي خىزمەتلەر ياخشى ئىشلەنمىسە، چوڭ چاتاق چىقىدۇ. ئىدىئولوگىيە ساھەسىدىكى خىزمەتلەر ياخشى ئىشلەنمىسە، تېخىمۇ چوڭ چاتاق چىقىدۇ. ماددىي مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى بىلەن مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى ياخشى ئىشلىنىپ، دۆلەتنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى كۈچى ئېشىپ، مەملىكەت بويىچە ھەر مىللەت خەلقنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى تۇرمۇشى ياخشىلانسىلا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرى ئاندىن ئوڭۇشلۇق ئالغا سىلجىيدۇ.

     مىللەتنىڭ ئويۇشۇش كۈچى ۋە مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچىگە مۇناسىۋەتلىك ئىش. ئىدىيە – تەشۋىقات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، روھنى ئۇرغۇتۇش، كۈچلەرنى مۇجەسسەملەشنىڭ مۇھىم كاپالىتى، كادىرلار ۋە ئاممىنى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا پائال ئاتلىنىشقا يېتەكلەيدىغان ۋە رىغبەتلەندۈردىغان مەنىۋى كۈچ، كۈچلۈك تايانچ. پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش ئاساسىنى مۇستەھكەملەيدىغان كۈچلۈك قورال.

     يېڭى ۋەزىيەتتە ئىدىيە – تەشۋىقات خىزمىتىنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئۇنىڭغا پارتىيەنىڭ مەركىزىي خىزمىتى قاتارىدا ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك. شىنجاڭدا ئىدىئولوگىيە ساھەسىدىكى كۈرەش ۋە كۈچ سىنىشىش تارىختىن بۇيان ناھايىتى كەسكىن بولۇپ كەلدى. ئىدىيە – تەشۋىقات خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇش دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىققا، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنىڭ گۈللىنىشى ياكى زاۋاللىققا يۈزلىنىشىگە، يېڭىش – يېڭىلىشىگە مۇناسىۋەتلىك ئىش جەزمەن تەشكىلىي كاپالەت، قوشۇن قۇرۇلۇشى، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەھەتتىن ئىدىيە – تەشۋىقات خىزمىتىنى تېگىشلىك يۈكسەك ئورۇنغا قويۇشىمىز كېرەك، مۇشۇنداق قىلغاندىلا، يېڭى دەۋردىكى ئىدىيە – تەشۋىقات خىزمىتىنىڭ مۇھىم مەسئۇلىيىتىنى زېممىمىزگە ئېلىپ، ھالقىما تەرەققىيات ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكنىڭ يېڭى غەلبەسىنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز.

     مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter

مىكرو بلوگىم _ سىزمۇ ئەگىشىڭ