ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> دادىل بولۇش، قەدەمنى پۇختا بېسىش كېرەك

دادىل بولۇش، قەدەمنى پۇختا بېسىش كېرەك

2013-11-08 9:37     كۆرۈلۈشى: 1154 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم  مۇناسىۋىتىنى ئىگىلەش توغرىسىدا («خەلق گېزىتى›› ئوبزورچىسى)      مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، ئىسلاھاتمۇ بىر مەيدان ئىنقىلاب. ئىسلاھات قىلغاندا ياقسام ....

ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم

 مۇناسىۋىتىنى ئىگىلەش توغرىسىدا

(«خەلق گېزىتى›› ئوبزورچىسى)

     مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، ئىسلاھاتمۇ بىر مەيدان ئىنقىلاب. ئىسلاھات قىلغاندا ياقسام پىشارمۇ، كۆمسەم پىشارمۇ، دەپ ئارىسالدى بولغاندا، مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىش ئىنتايىن قىيىن؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىنقىلاب يەنە بىر ‹‹چوڭ سىناق››، مۇرەككەپ دۆلەت ئەھۋالى توغرىسىدا ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەپ، ئىسلاھاتنى مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. دەل مۇشۇ سەۋەبتىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى شەرھلىگەندە، ‹‹دادىل بولۇش بىلەن قەدەمنى پۇختا بېسىشنىڭ مۇناسىۋىتى››نى ياخشى ئىگىلەشنى تەكىتلىدى.

     جۇڭگونىڭ ئىسلاھاتى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش مەزگىلى ۋە چوڭقۇرلىشىش باسقۇچىغا قەدەم قويدى. ئىسلاھاتتا جاسارەت بولۇشى كېرەك. مۇشۇنداق شارائىتتا، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش ئىشەنچىمىزنى تېخىمۇ چىڭىتىشىمىز كېرەك. تەجرىبىلەر شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئەگەر قىيىنچىلىقلاردىن قورقۇپ، دەريادىن ئۆتۈشكە جۈرئەت قىلالمىغان بولساق، ئەينى چاغدىكى مەھسۇلاتقا بىرلەشتۈرۈپ ھۆددىگە بېرىش، قويۇۋېتىش ۋە جانلاندۇرۇش بولمىغان بولاتتى. ئەگەر قىيىن ئۆتكەلگە، خەۋپ – خەتەرگە يۈزلىنىشكە جۈرئەت قىلمىغان بولساق، ھازىرقى ئىسلاھاتنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرەلمىگەن، يېڭى نەتىجە، يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلالمىغان بولاتتۇق.

     مەيلى ئىقتىسادنىڭ تىپ ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ياكى ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىش بولسۇن، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا ئىدىيەۋى قاراشتىكى توسالغۇلاردىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، تۈزۈلمە – مېخانىزملاردىكى نۇقسانلارنى تۈگىتىپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى مەنپەئەت مۇناسىۋىتىنى تەڭشەشكە يۈزلىنىپ، مەنپەئەتنىڭ قاتماللىشىپ كەتكەن ئىرماش – چىرماش مۇناسىۋىتىنى بۇزۇپ تاشلاش كېرەك. مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈشتە، پايدا – زىيان بىلەن ھېسابلىشىپ، ساناپ دەسسەپ، ئارىسالدى بولۇپ قالغاندا، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىدا يىغىلىپ قالغان بەزى چوڭقۇر قاتلامدىكى زىددىيەت ۋە مەسىلىلەر ھەل قىلىنمايلا قالماستىن، يەنە كونا ئىللەتلەر ئۇلغىيىپ، پۈتكۈل ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇمىيلىقىغا تەسىر يېتىدۇ.

     ئىسلاھات قارشى ئېقىنغا ئۇچرىسا، بىر ئىزدا توختاپ قالىدۇ. ھازىر تەكىتلىنىۋاتقاندەك دادىل بولۇش ئۈچۈن، ئىككىلىنىش، ئازراق نەتىجىگىلا قانائەت قىلىشتەك پاسسىپ ئىدىيەنى تۈگىتىش؛ شەخسىيەتسىز، قورقماس، دادىل زىممىسىگە ئالالايدىغان ئىرادە ۋە جاسارەت بولۇش كېرەك. دۆلەتنىڭ بېيىشى ۋە قۇدرەت تېپىشىغا، مىللەتنىڭ گۈللىنىشىگە، خەلقنىڭ بەختلىك بولۇشىغا پايدىلىقلا بولىدىغان ئىشلارنى دادىل سىناپ كۆرۈش كېرەك. ئىلمىي تەرەققىيات، ئىجتىمائىي ئىناقلىققا دەخلى قىلغان ئىدىيەۋى قاراشتىكى توسالغۇلار ۋە تۈزۈلمە – مېخانىزمدىكى نۇقسانلارنى قەتئىيلىك بىلەن تۈگىتىش كېرەك.

     دادىل ئىسلاھ قىلىش دېگەنلىك ھەرگىزمۇ قارىسىغا ئىش قىلىش دېگەنلىكتىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە، بىز ئىسلاھاتنى باشلىغاندا ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ تەدرىجىي ئىلگىرىلەش يولىنى تۇتقان. ئەنخۇي ئۆلكىسىدىكى شياۋگاڭ كەنتىدە مەھسۇلاتقا بىرلەشتۈرۈپ ھۆددىگە بېرىش ئۈستىدە ئىزدىنىش، گۇاڭدۇڭ شياۋيۈ كەنتىدە ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونىنى سىناق تەرىقىسىدە قۇرۇشتىن پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيە ئارقىلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئەمەلىيىتىگىچە…جۇڭگو ئىسلاھاتىنىڭ دائىرىسى تەدرىجىي كېڭەيتىلدى ھەم چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى. ئىسلاھاتتا ھەرگىزمۇ قۇرۇق شوئار توۋلاش، ئىشنى قايتىدىن باشلاش ئەمەس، بەلكى ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش مەقسەت قىلىنغان. ‹‹مۈڭگۈزىگە ئۇرسا تۇيىقى سىقىرايدىغان›› مۇرەككەپ ۋەزىيەتتە، ئىسلاھاتنى ئاسان چاغلاپ قاراملىق قىلىشقا بولمايدۇ.

     مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، مەيلى دادىل بولايلى ياكى تەۋەككۈل قىلايلى، جەزمەن توغرا نىشاننى بويلاپ، ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ، ئىلمىيلىككە ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك. ئىسلاھاتنىڭ ھەر بىر مۇھىم قارارى ۋە سىنىقى كەڭ دائىرىدە ۋە چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئاساسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، قەتئىي، ئىلمىي، تولۇق ئىسپاتلىنىشى كېرەك. مۇھىم ئىسلاھاتلاردا بەش قولنى ئېغىزغا بىراقلا سالغىلى بولمايدۇ، ئومۇمىي ئىدىيە ۋە لايىھەنى تۈزۈپ چىقىپ، پۇختا ھەم ئەستايىدىل يولغا قويۇپ، ئۈزلۈكسىز تىرىشىش ئارقىلىق نىشانغا تەدرىجىي يېتىش، كىچىك غەلىبىلەر ئارقىلىق چوڭ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. بۇ ‹‹قىيىن ئىشلارنى ئاسىنىدىن باشلاپ قىلىش، چوڭ ئىشلارنى ئىنچىكە قىلىش››، دېگەنلىكتۇر.

     ئىسلاھاتتا جاسارەتلىك بولغاندا، دۆلەت ھاياتىي كۈچكە تولىدۇ؛ ئىسلاھاتتا مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالالىغاندا، مىللەتنىڭ ئىستىقبالىدىن ئۈمىد كۈتكىلى بولىدۇ. ھەم جاسارەتلىك بولۇش بىلەن بۇرچنى زىممىگە ئېلىشنى، ھەم ئۇسۇل بىلەن بىر تۇتاش پىلانلاشقا ئەھمىيەت بېرىشنى تەكىتلىگەندە، ئىسلاھاتنى قەدەممۇ قەدەم ئىلگىرى سۈرۈپ، تەدرىجىي بۆسۈش ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ.

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter

مىكرو بلوگىم _ سىزمۇ ئەگىشىڭ