سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىنغان
سەككىز تىپىك مەسىلە ئومۇمىي
ئۇقتۇرۇش قىلىندى
(شىنجاڭ گېزىتى ماقالىسى) شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ خەۋىرى. يېقىندا مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىنغان سەككىز تىپىك مەسىلىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى ھەم مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيەلىك كادىرلار ‹‹تۆت خىل ناچار ئىستىل››نى تۈزىتىشتە چىڭ تۇرمىغاندا، بۇ ھەرىكەتنى چوڭقۇرلاشتۇرغىلى بولمايدىغانلىقىنى تولۇق تونۇپ يېتىشى كېرەك؛ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ئاڭلىقلىق، قەتئىيلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيە ئىستىلى ۋە پاكلىق قۇرۇلۇشىدىكى سۇبيېكتىپلىق مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىپ، سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىنىڭ روھىنى ھەقىقىي ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىدە كۆرسىتىشى كېرەك؛ ئىجتىمائىي كەيپىياتنى ياخشى پارتىيە ئىستىلى ۋە ھۆكۈمەت ئىستىلى بىلەن يېتەكلەپ، پارتىيەنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ ۋە جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئېسىل مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنى ئەۋج ئالدۇرۇشى كېرەك.
ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پۈتۈن پارتىيە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن ھەققىدىكى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، خىزمەت ئىستىلىنى ھەقىقىي ياخشىلاپ، خەلقنىڭ چىن قەلبىدىن ھىمايە قىلىشىغا ئېرىشتى. ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، ئىنتىزامنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتتى، 8 – ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىنغان 12 مىڭ 99 مەسىلە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى، 13 مىڭ 999 كىشى بىر تەرەپ قىلىنىپ، 2814 كىشىگە پارتىيە ئىنتىزامى، مەمۇرىي ئىنتىزام بويىچە چارە كۆرۈلدى. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىنغان 14 تىپىك مەسىلىنى ئىككى قېتىم ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى، ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرىمۇ يەرلىكتە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان تىپىك مەسىلىلەرنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ، ئاگاھلاندۇرۇش ۋە چۆچۈتۈش رولىنى ئوينىدى. ئەمما، ئاز ساندىكى كىشىلەر شامالغا قارشى ئىش كۆرۈپ، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىپ، ئىنتايىن يامان تەسىر پەيدا قىلدى. يېقىندا جايلار تۆۋەندىكى سەككىز تىپىك مەسىلىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى:
سەنشى ئۆلكىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن باش تەپتىش قاتارلىق كىشىلەر بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئەيش – ئىشرەتكە بېرىلىپ كۆڭۈل ئاچقان، سەنشى ئۆلكىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن باش تەپتىشكە پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش چارىسى كۆرۈلدى ھەم ئۆلكىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش تەپتىشىلىك ۋەزىپىسىدىن قانۇن بويىچە قالدۇرۇلدى، باشقىلىرىغا پارتىيە ئىنتىزامى بويىچە چارە كۆرۈلدى ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش جازاسى بېرىلدى؛
سىچۇەن ئۆلكىسى لياڭشەن ئوبلاستلىق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئوبلاستلىق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى قاتارلىقلار ھۆكۈمەت پۇلىغا چوڭ يەپ، چوڭ ئىچكەنلىكى ئۈچۈن، ئوبلاستلىق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ شۇجىسىغا پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش چارىسى كۆرۈلدى، باشقىلىرىغا پارتىيە ئىنتىزامى بويىچە چارە كۆرۈلدى ۋە تەشكىلىي جەھەتتىن بىر تەرەپ قىلىش جازاسى بېرىلدى؛
گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى لۇڭشېڭ ناھىيەلىك پارتكوم بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ھۆكۈمەت پۇلىغا زىياپەت بەرگەنلىكى ئۈچۈن، ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسىغا پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش چارىسى كۆرۈلدى ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش جازاسى بېرىلدى، باشقىلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلۈپ، زىياپەت ھەققىنى ئۈستىگە ئېلىشقا بۇيرۇلدى؛
ئەنخۇي ئۆلكىسى ليۇئەن شەھەرلىك تاشيول ئىدارىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى قاتارلىقلارغا ھۆكۈمەت پۇلىغا يىغىلىپ تاماق يېگەنلىكى ئۈچۈن، پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش چارىسى كۆرۈلدى ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش جازاسى بېرىلدى؛
خېنەن ئۆلكىسى شىنشياڭ شەھەرلىك مىللەت – دىن ئىشلىرى ئىدارىسى ھۆكۈمەت پۇلىغا ساياھەتكە ئۇيۇشتۇرغانلىقى ئۈچۈن، ئىدارە باشلىقى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقىغا پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش چارىسى كۆرۈلدى، باشقىلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلدى، دىنىي زاتلاردىن باشقا، مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر تۆلەشكە تېگىشلىك خىراجەتنى ئۈستىگە ئېلىشقا بۇيرۇلدى؛
خۇنەن ئۆلكىلىك شەھەر قۇرۇلۇشى كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلى سېتىۋېلىپ ئىشلەتكەنلىكى ئۈچۈن، پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش چارىسى كۆرۈلدى، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ سېتىۋالغان ئاپتوموبىل مۇسادىرە قىلىنىپ، كىمئارتۇق قىلىپ سېتىلدى؛
خۇنەن ئۆلكىلىك تېببىي مەكتەپ ھۆكۈمەت پۇلىغا ئايتوقاچ سېتىۋالغانلىقى ئۈچۈن، مەكتەپ مۇدىرىغا مەمۇرىي جەھەتتىن ئاگاھلاندۇرۇش چارىسى كۆرۈلدى، پارتكوم شۇجىسىغا پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش چارىسى كۆرۈلدى؛
جياڭسۇ ئۆلكىسى جېنجياڭ رايونلۇق مۇھىت ئاسراش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ھۆكۈمەت پۇلىغا قىممەت باھالىق ھاراق سېتىۋالغانلىقى ئۈچۈن، پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش ۋە مەمۇرىي ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش چارىسى كۆرۈلدى.
ئۇقتۇرۇشتا يەنە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى ئىنتىزامنى داۋاملىق ياخشى ئىجرا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈپ، ئۆتكەلنى چىڭ تۇتۇپ، ھۆكۈمەت پۇلىغا سوۋغا بېرىش، يەپ – ئىچىش، ساياھەت قىلىش ۋە ھەشەمەتچىلىك قىلىش قاتارلىق ناتوغرا ئىستىللارنى قەتئىي توسۇشى كېرەك.