ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> گىتلېر، موللېر، روھلاندۇرۇش ئوكۇلى

گىتلېر، موللېر، روھلاندۇرۇش ئوكۇلى

2013-11-05 1:13     كۆرۈلۈشى: 1786 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: ئۇزاق مەزگىل ئىشلىتىلگەن روھلاندۇرۇش ئوكۇلى گىتلېرنى تەرسا قىلىپ قويغان      1935- يىللىرى گىتلېر روھلاندۇرۇش ئوكۇلىغا خۇمار بۇلۇپ قالغان. ئۇ مىيۇنخېندا نۇتۇق سۆزلەشكە ئامراق بۇلۇپ، ھەر قېتىم نۇتۇ....

ئۇزاق مەزگىل ئىشلىتىلگەن روھلاندۇرۇش ئوكۇلى

گىتلېرنى تەرسا قىلىپ قويغان

     1935- يىللىرى گىتلېر روھلاندۇرۇش ئوكۇلىغا خۇمار بۇلۇپ قالغان. ئۇ مىيۇنخېندا نۇتۇق سۆزلەشكە ئامراق بۇلۇپ، ھەر قېتىم نۇتۇق ئاخىرلاشقاندا يۈزى قىزىرىپ، بەدىنى ماغدۇرسىزلىنىپ كىتەتتى. مۇھاپىزەتچىلىرى ئۇنى يۇيۇندۇرغاندىن كېيىن يەنە روھلاندۇرۇش ئوكۇلى سېلىپ قوياتتى.

     گىتلېر 1937- يىلى تىرە كىسەللىكلەر دوختۇرى موللېر بىلەن تونۇشۇپ ئۇنى يېنىدا ئېلىپ قالدى. موللېر كۈندە گىتلېرغا روھلاندۇرۇش ئوكۇلى سېلىپ قوياتتى. گىتلېر 1941- يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھۇجۇم قىلىش تەييارلىقىغا تۇتۇش قىلدى. ئۇ نۇتۇق سۆزلەش ئارقىلىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا تەھدىت سالماقچى بولدى. كاتىپلىرى كىچىچە ئۇخلىماي نۇتۇق تېكىستى تەييارلىدى. گىتلېر ئىككى سائەت ئۇخلاپلا نوتۇق سۆزلەشكە تەييارلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئەھۋالى بەكلا ناچار بولغاچقا موللېر ئۇنىڭغا روھلاندۇرۇش ئوكۇلى سېلىپ قويدى. ئارقىدىنلا پۈتكۈل دۇنيا خەلقى گېرمانىيەنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھۇجۇم قىلغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىدى. سىتالىنگرادتىكى گېرمانىيە ئارمىيەسىنىڭ ئەھۋالى بارغانچە ناچارلىشىپ كىتىۋاتاتتى. بۇ كۈنلەردە گىتلېر كېچە – كۈندۈز ئۇخلىماي سىتالىنگراد خەرىتىسىگە قاراپ چوڭقۇر خىيالغا پېتىپ كىتەتتى. موللېر روھلاندۇرۇش ئوكۇلىنىڭ مىقدارىنى كۆپەيتتى. گېرمانىيە ئارمىيەسى مەغلۇپ بولدى. بۇ گېتلىرغا زور زەربە بولدى. موللېر گىتلېرنىڭ كەيپىيەتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئەپيۇن قۇشۇلغان تېنچلاندۇرۇش ئوكۇلى ئىشلەتتى. ئۇرۇشنىڭ تەسىرى ھەمدە روھلاندۇرۇش ئوكۇلىنىڭ كۈچىدە گىتلېرنىڭ كەيپىياتى بارغانسىرى ناچارلىشىشقا باشلىدى. ئۇ دائىم كىچىك ئىشلار ئۈچۈن چېچىلاتتى ھەم كەيپىياتىنى تەڭشەش ئۈچۈن دورا يەيتتى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كۈچلۈك قارشىلىق كۆرسىتىشى بىلەن گېرمانىيە ئارمىيەسى پاسسىپ ھالەتكە چۈشۈپ قالدى.

     1944- يىلى فېۋرالدا سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيەسى قىرىمنى ئىگەللەپ، گېرمانىيە ئارمىيەسى پۈتۈن سەپ بۇيىچە چىكىندى. گىتلېر خەۋەرنى ئاڭلاپ ۋارقىرىغىنىچە يىغىن مەيدانىدىن چىقىپ كەتتى. قول ئاستىدىكىكلەر موللېرغا تېلىفۇن بەردى. موللېر يەنە ئۇنىڭغا روھلاندۇرۇش ئوكۇلى سېلىپ قويدى. لېكىن گىتلېرنىڭ سالامەتلىكى بارغانسىرى ناچارلىشىپ كەتتى. 1945- يىلى گىتلېر ئاۋاز پەردىسىنى ئاپراتسىيە قىلدۇردى. ئۇ گەپ قىلالمايدىغان بۇلۇپ قالدى. سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيەسى بېرلىننىڭ شىمالىغا 30 كىلومىتىر كىلىدىغان رايۇنغا باستۇرۇپ كەلگەن ئىدى. گىتلېر ئاچچىقىدا دەرھال موللېرنى چاقىرتىپ روھلاندۇرۇش ئوكۇلى سېلىپ قۇيۇشنى ئېيتتى. موللېر تىترەپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا روھلاندۇرۇش ئوكۇلى سالدى. شۇنداق قىلىپ گىتلېرنىڭ ئەتراپىدىكىلەر بارغانسىرى ئازىيىشقا باشلىدى. موللېرمۇ بىر كۈنى كىچىدە گىتلېرغا نۇرغۇن روھلاندۇرۇش ئوكۇل ئەسۋاپلىرىنى قالدۇرۇپ قويۇپ قېچىپ كەتتى. لېكىن ئۇ ئۇزاق ئۆتمەي ئامېرىكا ئارمىيەسىگە ئەسىرگە چۈشتى. موللېر 1948- يىلى يۈرەك كىسىلى بىلەن ئۆلدى.

(ھەمراگۇل كېرەم تەرجىمىسى)

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter