ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى (CIA) نىڭ باشلىقى پېتروئۇس 2012- يىلى 9- نويابىر ئاشنا ئوينىغانلىقى سەۋەپلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بىرىشكە مەجبۇر بولدى. شۇنداق قىلىپ زوڭتوڭ سايلىمىغا قاتنىشىش مۈمكىنچىلىكى يۇقۇرى بولغا بۇ ئەرباپ سەتچىلىك تۈپەيلى ئاۋامنىڭ نەزەرىدىن چۈشتى. پېتروئۇسنىڭ بۇ سەتچىلىكىنى دەل مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ رىقابەتچىسى ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) پاش قىلغان ئىدى. تاراتقۇلار: پېتروئۇس مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى بىلەن فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ كۆپ يىللىق ئاداۋىتىنىڭ قۇربانى بولدى دەپ قارىدى. ئەمەلىيەتتە مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى بىلەن فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ ئاداۋىتىگە ئۇزاق بولغان ئىدى.
مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى قۇرۇلغاندسىن باشلاپ، فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى بىلەن ئوخشىمايدىغان يول تۇتتى. مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى ئەنگىلىيە مەخپى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ئەنئەنىسى بۇيىچە ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ئىختىساسلىقلارنى ئىشلىتىشنى تەشەببۇس قىلدى. فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى بولسا ئىختىساسلىقلارغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەرسىمۇ، ئادەتتىكى پۇقرا سالاھىيىتىدە بۇلۇشنى تەكىتلىدى.
ئۇنىڭدىن باشقا، مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى چەتئەلدىكى جاسۇسلۇقنى ئاساس قىلىدۇ. بارلىق ئاماللارنى ئىشلىتىپ دۈشمىنىنى يۇقىتىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەرقانداق ھەركىتى ئامېرىكا قانۇنىنىڭ باشقۇرۇش دائىرىسىنىڭ سىرتىدا بۇلىدۇ. چەتئەلدىكى ھەرقانداق بىر رەزىل قىلمىشى سەۋەپلىك ئەيىبلىنىشكە ئۇچرىمايدۇ. فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى بۇنىڭ ئەكىسچە، بۇ قانۇن ئىجرا قىلىش ئورگىنى بۇلۇپ، ئامېرىكا ئەدىلىيە تۈزۈلمىسىنىڭ قاتتىق ئۆلچىمىگە بويسۇنىدۇ. ناۋادا بەلگۈلىمىگە خىلاپلىق قىلسا، ئەيبلەشكە ئۇچرايدۇ. ھوقۇق دەتالىشى بىلەن مەدىنىيەت پەرقى بۇ ئىككى ئورۇننىڭ سۈركىلىشىنىڭ مۇھىم ئامىلى ھىسابلىنىۇ.
مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى دونوۋان ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئىزچىل ئالدىنقى سەپتە تۇرغان. خۇف بۇ جەرياندا ئامېرىكىدا ناھايىتى چوڭ فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى ئارخىپى تىكلىگەن. دونوۋان ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 20- يىللىرى خۇف رەھبەرلىكىدىكى فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ قارمىقىدىكى باش ئاخبارات شىتابىنىڭ ھەركەتلىرىگە قارشى تۇرغان. ئامېرىكىنىڭ ئەينى چاغدىكى زوڭتوڭى روزۋېلىت ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە خۇفنىڭ قارشى تۇرۇشىغا پىسەنت قىلماي، ئىستىراتىگىيىلىك ئاخبارات ئىدارىسى قۇرۇپ، دونوۋاننى بۇ ئىدارىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلىگەن. ئەينى چاغدا ئىستىراتىگىيىلىك ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئامېرىكا رەھبەرلىرىنىڭ: فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ خاتالىقى سەۋەپلىك پىيورىل خاربور ۋەقەسى يۈز بەردى، شۇنىڭ ئۈچۈن يېڭىدىن بىر ئاخبارات ئورگىنى قۇرۇش زۆرۈر دەپ قارىغانلىقى سەۋەپ بولغان. كۆپ جەھەتتىكى پەرق ۋە بىۋاستە ھوقۇق تالىشىش زىدىيىتى بۇ ئىككى جاسوسلۇق ئاپراتى ئارىسىدا تا ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلگەن.