ئەنگلىيە تارىختا دۇنيادىكى %90 دۆلەتكە
تاجاۋۇز قىلغان ئىكەن
ئەنگلىيە تارىخشۇناسى سىتۇئارىت لەيكوكنىڭ بىر تۈرلۈك تىتقىقاتىدىن بايقىلىشىچە، ئوخشىمىغان مەزگىلدە ئەنگلىيە دۇنيادىكى %90 دۆلەتكە تاجاۋۇز قىلغان. لەيكوك دۇنيادىكى 200 گە يېقىن دۆلەتنىڭ تارىخىنى تەھلىل قىلغان ھەمدە تارىخى ماتىرىياللارغا ئاساسەن قايسى دۆلەتنىڭ ئىلگىرى ئەنگلىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا ئۇچرىغانلىقىنى دەلىللىگەن. ئۇ پەقەت 22 دۆلەتنىڭلا ئەنگلىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا ئۇچرىمىغانلىقىنى بايقىغان. بۈيۈڭ ئەنگلىيە ئىمپىرىيىسى كۈچىنىڭ بېرىچە زىمىن كېڭەيتىش جەريانىدا ئامان قالغان دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى ئەنگلىيەنىڭ ئۆز زىمىنىدىن يىراق. مەسىلەن: تېنچ ئوكياندىكى مارشال تاقىم ئاراللىرىغا ئوخشاش دۆلەتلەر ئىكەن. لېكىن ليۇكسىمبۇرگدەك «ئۇۋا ئالدىدىكى ئوت» قا ئوخشاش دۆلەتلەرمۇ بار ئىكەن. لەيكوكنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرى ئۇنىڭ يېڭى نەشىر قىلغان كىتابى «ئەنگلىيە تاجاۋۇز قىلغان دۆلەتلەر» دە كۆرسىتىلگەن. كىتابتا مۇنداق دىيىلگەن: كۈن پاتماس ئىمپىرىيە دەۋرىدە ئەنگىلىيە تاجاۋۇز قىلمىغان 22 دۆلەت: ياۋروپادىكى ئاندوررا، بلوروسىيە، لىختىنشىتين، ليۇكسىمبۇرگ، مۇناكو، شىۋىتسىيە، ۋاتىكان، لاتىن ئامېرىكىسىدىكى بولۋىيە، گۋاتېمالا، پاراگۋاي، ئافرىقىدىكى بۇرندى، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى، چاد، كونگۇ جۇمھۇرىيىتى، كوتودىۋا، مالى، ساۋ تومى ۋە پىرىنسىپى دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى، ئاسىيادىكى قىرغىزىستان، تاجىكىستان، ئۆزبىكىستان، موڭغۇلىيە، تېنچ ئوكياندىكى مارشال تاقىم ئاراللىرىدىن ئىبارەت.
ئەنگلىيە ئەڭ دەسلەپتە تاجاۋۇز قىلغان گاللو رايۇنى ھازىرقى فرانسىيەنىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان بۇلۇپ، مىلادى 2- ئەسىردە رىم ئىمپىرىىسىنىڭ بېرتانىيە ۋالىسى گىلودىيۇس ئالبىنۇس قۇشۇن باشلاپ ئېنگىلىز بوغۇزىدىن ئۆتۈپ، گاللو رايۇنىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن. ئەمما 197- يىلى لىئوندا مەغلۇپ بولغان. ئەنگلىيە تاجاۋۇز قىلغان دۆلەتلەر ئىچىدە پەقەت ئاز بىر قىسمىلا كېيىن ئەنگلىيە فېدراتىپىغا ئەزا بولغانلىقى ئۈچۈنلا كىشىلەرگە تۇنۇش. ئەمەلىيەتتە ئەنگلىيە ئىلگىرى ھەربىي ئىشلار جەھەتتە تەھدىت سېلىش، سۆھبەتلىشىش ياكى سودىلىشىش ۋاستىسى بىلەن تېخىمۇ كەڭ رايۇنلاردا گەرچە ۋاقتى ئىنتايىن قىسقا بولسىمۇ ئەسكەرلىرىنى تۇرغۇزغان. ئۇنىڭدىن باشقا ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى تەستىقلىغان دېڭىز قاراقچىلىرى، كېمە بۇلاڭچىلىرى ۋە قۇراللىق ئېكىسپىدىتسىيەچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرىمۇ ئۇنىڭ تاجاۋۇزچىلىق قىلمىشلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلغان. شۇڭا ئىلگىرى ئىسپانىيەنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان. مەسىلەن: كوستارىكا، ئېكۋاتور ۋە سالۋادور قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتلەر گەرچە قارىماققا ئەنگلىيە بىلەن مۇناسىۋىتى يوقتەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما ئىلگىرى كۆپ قېتىم ئەنگلىيەلىك ماتروسلارنىڭ تاجاۋۇز قىلىشىغا ئۇچرىغان.
ئەنگلىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا ئۇچرىغان بىر قىسىم دۆلەتلەرنى كىشىلەر خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمىغان. 1941- يىلى ئەنگلىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ گېنرال پولكوۋنىكى ئادىمىرال ئىدۋارد ۋىرنون كۇبادىكى گۇانتانامۇ قولتۇقىغا ھۇجۇم قىلغان. ھەمدە بۇ جايغا قايتىدىن كامبىرلان قولتۇقى دەپ ئىسىم قويغان. ئۇزۇن ئۆتمەي يەرلىك خەلىقنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىشى ۋە قىسىمدا ۋابا تارقاپ كىتىش سەۋەپلىك ئادمىرال ئىدۋارد ۋىرنون چىكىنىشكە مەجبۇر بولغان. 1940- يىلى ئىسلاندىيە بىتەرەپلىكتە چىڭ تۇرۇپ، ئىتپاقداش ئارمىيەگە كىرىشنى رەت قىلغانلىقتىن ئەنگلىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا ئۇچرىغان. ۋېيتنام 17- ئەسىردىن بۇيان ئۈزلىكسىز ئەنگلىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا ئۇچراپ كەلگەن بۇلۇپ، ئەڭ يېقىنقىسى 1945- يىلىدىن 1946- يىلىغىچە بۇلۇپ، ئەنگىلىيە بۇ دۆلەتتىكى كومۇنىستىك كۈچلەرگە زەربە بىرىشنى مەقسەت قىلغان. ئەمما كېيىن فرانسىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىلگىر – كېيىن بۇلۇپ ۋېيتنامغا تاجاۋۇز قىلىش تارىخى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقاچقا، ئەنگلىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ھەركىتى يۇشۇرۇلۇپ قالغان.
لەيكوك مۇنداق قارىدى: ئەنگلىيە تاجاۋۇز قىلغان دۆلەتلەر ئىھتىمال تېخىمۇ كۆپ بۇلىشى مۈمكىن. ئەمما ھازىر بۇنى ئىسپاتلايدىغان ماتىرىياللار كەمچىل. مەسىلەن: ئاپتور ئەنگلىيەنىڭ ئىلگىرى موڭغۇلىيەگە ھەربىي ھەركەت قوللانغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. لەيكوك ئىگەللىگەن ماتىرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، روسىيە ئۆكتەبىر ئىنقىلاۋىدىن كېيىن، ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئارلىشىشىغا ئۇچرىغان بۇلۇپ، ئەينى چاغدا موڭغۇلىيە روسىيە چېگراسىغا تەخمىنەن 50 مىل كېلەتتى. ئەنگلىيە بۇ يەرگە بىر قېتىم ھەربىي ھەركەت قوللانغان. شۇڭا كېيىن ئەنگلىيەنىڭ موڭغۇلىيەگە بىۋاستە تاجاۋۇز قىلغان – قىلمىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلماق قىيىن. قىزىقارلىق يىرى شۇكى، ئەنگلىيەلىكلەر بۇ تەتقىقات نەتىجىسىدىن ھەيران قېلىپ، تارىختا ئەنگلىيە تەسىر دائىرىسىنىڭ شۇنچە كەڭلىكىگە ئىشەنمەي قالغان.