ئايال قوغدىغۇچى كازافېينىڭ ئۆلىمىدىن گۇمانلاندى
ئەنگىلىيە «ئەرەب ئېرۇسالىم گېزىتى» نىڭ 23- ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، كازافىينىڭ ئايال قوغدىغۇچىسى جەمىلە تاراتقۇلاردا بىرىلگەن كازافىينىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىك توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئىنكار قىلغان. ئۇ ش ئا ئە ت پارتىلىتىشتىن بۇرۇن كازافىينىڭ يۆتكەپ كىتىلگەنلىكىنى، قولىدا تاراتقۇلار كۆرسەتكەن ئەھۋاللارنىڭ يالغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بىرەلەيدىغان پاكىتلارنىڭ بارلىقىنى ئېيتقان.
جەمىلە ئەسلەپ مۇنداق دىگەن: ئۇنىڭ بىلەن جەڭ ئەھۋالى توغرىسىدا بەكلا ئاز سۆزلىشەتتىم، ئۇ غەلىبە قازىنىدىغانلىقىغا بەكلا ئىشىنەتتى، ئۇ شىھىد بۇلۇشنى تاللىدى. ئۇ تولىمۇ قەيسەر ئىدى، تەقدىرگە ئىشىنەتتى.
ئۇ يەنە پارتىلاشتا كازافىينىڭ ئاپتوموبىل ئەترىتىدىكى ئىككى ئادەمنىڭ قېچىپ كەتكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ بىرىنىڭ مىسىردا، يەنە بىرىنىڭ لىۋىيەدىكى تۈرمىدە ئىكەنلىكى، ھەركەتتە كازافىينىڭ ئاپتوموبىل ئەترىتى ئىككى بۆلەككە بۆلەنگەن بۇلۇپ، كازافىينىڭ ئوغلى ئالدىنقى ئەترەتتە، كازافىينىڭ ئارقىدىكى ئەترەتتە ئىكەنلىكى، كازافىي ئولتۇرغان ئاپتوموبىلنىڭ ئارقىسىدىكى ئاپتوموبىل پارتىلاپ، پارچىلىرى ئۇ ئولتۇرغان ئاپتوموبىلنىڭ ئۈستىگە چۈشكەنلىكى، بۇ ۋاقىتتا كازافىي ئاپتوموبىلدىن چۈشۈپ يەنە بىر ئاپتوموبىلغا ئالماشقانلىقىنى ئېيتقان.
جەمىلە: سىزنىڭ ھۇشسىزلانمىغان شىرنى تۇتالىشىڭىز مۈمكىن ئەمەس. كازافېي ئەينى ۋاقىتتا تولىمۇ ئېغىر بېسىق، ھېچنەرسىدىن قورقۇپ باقمىغان، ئۇ خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بۇلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. پارتىلىتىش قارىغۇلارچە بولمايدۇ. كازافىيغا باشقىلار ساتقىنلىق قىلغان. ئۇ ئاپتوموبىلدا كىتىۋاتقاندا ئۆيىدىكىلەرگە تېلىفۇن بەرگەن، بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ تېلىفۈن سېگىنالى نازارەت قىلىنغان دىدى.
ئۇ يەنە لىۋىيە تۈرمىسىدىكى يەنە بىر گۇۋاھچىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ئاپتومۇبىل يەنە بىر قېتىم پارتىلىغاندا ھەممىمىز پىيادە ماڭدۇق. بۇ ۋاقىتتا ش ئا ئە ت ئەسكەرلىرى كازافېينى تۇتىۋالدى. ئۇلار ئۇنى ئاۋال بىر ئۆيگە سولاپ قۇيۇپ، ئۈچ سائەتتىن كېيىن ئاپتوبۇسقا چىقىرىپ ئېلىپ كەتتى. ئۇلارنىڭ قايەرگە ئېلىپ كەتكەنلىكىنى بىلگىلى بولمىدى.كازافېينىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەر چۈش ۋاقتىدا بىرىلدى. ش ئا ئە ت كازافېينىڭ ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى قانداق سىنغا ئالغان؟ ئەگەر كازافېي تىرىك قولغا چۈشكەن بولسا، ئۇنى نىمە ئۈچۈن تۈرمىگە تاشلىمايدۇ؟ ئەڭ مۇھىمى يېرىم ئارال تېلىۋىزىيىسىدە كۆرسىتىلگەن سىن لېنتىسىنىڭ بىرىنچىسىدە ئۇنىڭ بېشىنىو سول تەرىپىدە قان دېغى بار، ئىككىنچى قېتىم كۆرسەتكەندە بېشىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە قان دېغى بار. بۇ بىر گۇمانلىق مەسىلە. كازافېي بومبىدىن قورقۇپ قالمايدۇ، ئۇنىڭ باتۇرلۇقىنى مەن بىلىمەن. مەن شۇنداق دىيەلەيمەنكى، ئىكراندا كۆرسىتىلگەن كىشى كازافېي ئەمەس، ئەگەر ئۇ كازافېي بولسا ئۇنىڭ جەسىتى قەيەردە؟ كىم بۇلىشىدىن قەتئىنەزەر، كازافېينى ئۆلتۈردۈم دەپ ئورنىدىن تۇرالىغاننىڭ ھەممىسى بىلەن يۈزلىشەلەيمەن دىدى.