مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە شىنجاڭدىكى مىللىي مەسىلىنى
ھەل قىلىشنىڭ تۈزۈم كاپالىتى
ما جياڭشيا
«ئۈچ خىل كۈچ›› ھەدېسىلا ‹‹شەرقىي تۈركىستان›› مەسىلىسىنى داۋراڭ سېلىپ، ئۇنى ‹‹مىللىي مەسىلە››گە ئايلاندۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە سىياسىتىگە كۈچەپ بوھتان چاپلىدى ھەم زوراۋانلىق ۋاسىتىسىنى قوللىنىپ مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، جەمئىيەتتە پاراكەندىچىلىك پەيدا قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى بۇزۇپ، مىللىي قارشىلىشىش، مىللىي ئارازىلىق پەيدا قىلىش ئارقىلىق ۋەتەننى پارچىلاش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولدى.
دۆلىتىمىز 5000 يىللىق تارىخقا ئىگە مەدەنىيەتلىك دۆلەت، تارىخىي مۇساپە مەيلى قانچىلىك ئەگرى – توقاي، ئىچكى نىزا قانچىلىك ئېغىر، تاشقى خەۋپ قانچىلىك خەتەرلىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، شىنجاڭ باشتىن – ئاخىر ۋەتەن قوينىدىن ئايرىلىپ باقمىدى. چىڭ سۇلالىسى شىنجاڭنى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىنكى چوڭ – كىچىك خوجىلارنىڭ توپىلىڭى ۋە جاھانگىر خوجىنىڭ بۆلۈنمىچىلىك ھەرىكىتىنى تىنچىتىش، ياقۇپبەگنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا تاقابىل تۇرۇش شۇنداقلا مىنگو دەۋرىدە ‹‹شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى››نى يوقىتىشتىن تارتىپ 40 – يىللىرى ‹‹شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى››نىڭ پارچىلىنىشىغىچە ھەممىسى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مۇقەددەس بۇرچى.
تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىدىكى بىپايان زېمىنغا قەدىمدىن بۇيان نۇرغۇن قەۋم ۋە مىللەتلەر ماكانلاشقان. ئۇلار ئۆزىنىڭ ئەقىل – پاراسىتى ۋە قان – تەرىنى بۇ سىرلىق زېمىنغا بېغىشلاپ، ئۇزاق تارىخىي جەرياندا نۇرغۇن ئىجتىمائىي ئۆزگىرىش ۋە مىللەتلەرنىڭ پارچىلىنىشى، قۇشۇلۇشى، ئالمىشىشىدەك نۇرغۇن ۋەقەلەرنى بېشىدىن كەچۈرگەن، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، 13 مىللەت بۇ جايدا ئورتاق ياشاپ كەلدى. شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ نوپۇسىنىڭ ئاز – كۆپلۈكى ئوخشىمايدۇ، تارىخىي تەرەققىيات ئەھۋالى تېخىمۇ شۇنداق، ئىجتىمائىي تەرەققىيات سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى – تۆۋەنلىكى پەرقلىنىدۇ، بىراق ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشتا، ھەممەيلەن ساپ قېنى ۋە ھاياتى بىلەن ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى بېسىپ شانلىق سەھىپە ياراتتى.
يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، جۇڭگو كومپارتىيەسى ھەر مىللەت خەلقكە رەھبەرلىك قىلىپ، مىللىي مەسىلىنى ھەل قىلىپ، خەلقنى ھەقىقىي خوجايىنغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشتى. ئەينى چاغدىلا شىنجاڭنى قانداق ئىدارە قىلىش مەسىلىسىدە ھەر خىل قاراش بولغان. پارتىيە ۋە دۆلەت ‹‹ئورتاق پروگرامما››نىڭ مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيەنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسىدە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭدا مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيەنى پائال، پۇختا يولغا قويدى. مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە پارتىيەنىڭ ماركىسىزمنى جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرگەنلىكىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك مىسالى، بۇ دۆلىتىمىزنىڭ تۈپ تۈزۈمىگە ئايلاندى، بۇ تۈزۈمدە تەۋرىنىشكە بولمايدۇ، چىڭ تۇرۇش ھەم ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، 1949 – يىل 10 – ئاينىڭ 12 – كۈنى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ شۆبە بىيۇروسى قۇرۇلدى، 1951 – يىلى 3 – ئايدا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ‹‹مىللىي تېرىتورىيەلىك ئاپتونومىيەنى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇش توغرىسىدىكى نىزامى (دەسلەپكى لايىھەسى)›› ئېلان قىلىندى، شىنجاڭ شۆبە بىيۇروسى ھەر تەرەپلەرنىڭ پىكرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەش ئۈچۈن، مەخسۇس گۇرۇپپا قۇرۇپ ھەر مىللەت، ھەر ساھەلەرنى سۆھبەت ۋە مۇھاكىمىگە ئۇيۇشتۇرۇپ، ھەر ساھە زاتلىرىنىڭ مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيەنى يولغا قۇيۇشقا بولغان پىكرى ۋە تەكلىپىنى ئاڭلىدى ھەم ئۈزلۈكسىز كېڭىشىپ، ھەر ساھە زاتلىرىنىڭ ئىدىيەدە ئورتاقلىق ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شۇ يىلى 3 – ئايدا شىنجاڭ شۆبە بىيۇروسىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىنى ئېچىش توغرىسىدىكى يوليورۇق سوراش دوكلاتىغا قايتۇرغان جاۋاب تېلېگراممىسىدا مۇنداق تەكىتلەنگەن: ‹‹(1) شىنجاڭ ئۆلكىسى كۆپ مىللەتلىك رايون……. شۇڭا ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى مىللەتلەر دېموكراتىك بىرلەشمە ھۆكۈمىتى….. بۇ پىرىنسىپتا ئاشكارا چىڭ تۇرۇش ۋە چۈشەنچە بېرىش كېرەك؛ (2) ئۆلكىدىكى ھەر مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە يولغا قويۇلۇشى كېرەك…. بۇ نۇقتىنى تەكىتلەپ كۆرسىتىپ، تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك›› (چى نوشيۇڭ: تارىختا يېڭى سەھىپە يارىتىلدى شىنجاڭدا ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئاپتونومىيەلىك جايلىرى قۇرۇلدى. ‹‹جۇڭگو كومپارتىيەسى ھەم مىللىي تېرىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىنىڭ ئورنىتىلىشى ۋە ئۇنىڭ تەرەققىياتى›› (2 – قىسمى)، بېيجىڭ ج ك پ تارىخى نەشرىياتى 2000 – يىل نەشرى 795 – بەت). 1952 – يىلى 9 – ئايدا ‹‹شىنجاڭ ئۆلكىلىك مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيەنى يولغا قويۇشقا تەييارلىق كۆرۈش كومىتېتى›› قۇرۇلدى، 1953 – يىلى 10 – ئايدا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى ج ك پ شىنجاڭ شۆبە بىيۇروسى تۈزگەن ‹‹شىنجاڭدا مىللىي تېرىتورىيەلىك ئاپتونومىيەنى يولغا قويۇش چارىسى (دەسلەپكى لايىھەسى)››نى تەستىقلىدى. 1954 – يىلىغىچە، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن 27 ئاپتونومىيەلىك ئورۇن كەينى – كەينىدىن قۇرۇلدى، كېيىن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن بەش ئاپتونوم ئوبلاست، ئالتە ئاپتونوم ناھىيەگە تەڭشەلدى. 1955 – يىل 10 – ئاينىڭ 1 – كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقى جاكارلىنىپ، شىنجاڭدا مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونوم رايون قۇرۇشنىڭ تۈرلۈك ۋەزىپىلىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇندىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بەش ئوبلاست، ئالتە ئاپتونوم ناھىيە، 43 مىللىي يېزا ۋە باشقا ۋىلايەت، شەھەر، يېزىلارنىڭ مەمۇرىي قۇرۇلمىسى شەكىللەندى. 1953 – يىلى 2 – ئايدىن 3 – ئايغىچە دىڭ شياۋپىڭ، شى جۇڭشۈن، لى ۋېيخەن ماۋجۇشى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا يوللىغان ‹‹شىنجاڭدا مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيەنى يولغا قويۇشنىڭ پىلان لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلات››تا ئوتتۇرىغا قويۇلغان نام بېرىش مەسىلىسىدە، مەركەز ئاپتونوم رايونغا ئۇيغۇر نامىنى بېرىشكە قوشۇلدى، جۇ ئېنلەي مۇنداق دېدى: ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغاندا، ئۇيغۇرىستاننى نام قىلىشنى قوللىمىدۇق، شىنجاڭدا ئۇيغۇردىن باشقا يەنە 12 مىللەت بار، 13 مىللەت ئۈچۈن 13 ئىستان قۇرۇپ بېرىشكە تېخىمۇ بولمايدۇ. (جۇ ئېنلەي: ‹‹جۇ ئېنلەينىڭ بىرلىك سەپ ئەسەرلىرىدىن تاللانما›› خەلق نەشرىياتى 1984 – يىلى نەشرى 139 –، 140 – بەت). جۇ ئېنلەينىڭ سۆزى شىنجاڭغا ‹‹ئۇيغۇر›› ئاپتونوم رايون دەپ نام بېرىشنىڭ، بۇ يەردە ئاتا – بۇۋىلىرىدىن تارتىپ ئولتۇراقلىشىپ كەلگەن 13 مىللەتنى ئورتاق ئىدارە قىلىشنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى. مىللىي ئاپتونومىيە بىلەن رايوننى بىرلەشتۈرۈشتە، مىللىي ھەمكارلىق، ئورتاق تەرەققىيات مەقسەت قىلىنغان، شۇڭلاشقا ئۇيغۇرلار توپلاشقان جەنۇبىي شىنجاڭدىلا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون قۇرماي بەلكى ئەنئەنىۋى جەھەتتە ئاساسلىق مۇڭغۇل، قازاق، خۇيزۇ، شىبە، خەنزۇ ۋە مانجۇ قاتارلىق مىللەتلەر ئولتۇراقلاشقان شىمالىي شىنجاڭ بىلەن ئەنئەنىۋى مەنىدىكى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان جەنۇبىي شىنجاڭنى بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇشتەك ئىستىراتېگىيەلىك تەسەۋۋۇر ئوتتۇرىغا قويۇلغان. جۇ ئېنلەي زۇڭلى ئەينى چاغدا مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: بۇنداق بولغاندا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، ئارتۇقچىلىقلار ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىلغار مىللەت، ئىلغار رايونلارنىڭ تەسىرى ئارقىلىق ئارقىدا قالغان مىللەت، ئارقىدا قالغان رايونلارنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ ۋە ئۇنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللىي رايوننىڭ تىنچلىقىنى كۈچەيتىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى مۇستەھكەملىگىلى بولىدۇ. (جۇ ئېنلەي: ‹‹جۇ ئېنلەينىڭ بىرلىك سەپ ئەسەرلىرىدىن تاللانما››. خەلق نەشرىياتى 1984 – يىل نەشرى 139 –، 140 – بەت). يېڭى جۇڭگو قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى، شىنجاڭدا ئۇلتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلار تارقاق ھالەتتە بولۇپ، قەشقەرلىق، خوتەنلىك، غۇلجىلىق، تارانچى، تۇرپانلىق، قۇمۇللۇق دەپ ئاتىلاتتى، يېڭى جۇڭگونىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى قۇرۇشى شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلغان، بۇ ھەم ئوبيېكتىپ جەھەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ تەرەققىياتىغا زور دەرىجىدە تۈرتكە بولدى.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇرۇلۇش تارىخىنى ئەسلىسەك، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە سىياسىي، ئىدىيە جەھەتتە جۇڭگو كومپارتىيەسى ئوتتۇرىغا قويغان تەشەببۇس، تۈزۈم جەھەتتە ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق تونۇشى بولۇپ، ھەر مىللەت ئورتاق ئىشتراك قىلغان ۋە يولغا قويغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، ھەر مىللەت ئورتاق كۈرەش قىلىش، ئورتاق گۈللەپ تەرەققىي قىلىشنىڭ ئېھتىياجى، شۇنداقلا دۆلىتىمىزنىڭ مىللىي مەسىلىنى ھەل قىلىشتىكى تۈزۈم كاپالىتى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمى شىنجاڭدىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ قۇرۇلمىسىغا ماس كەلگەن بولۇپ، تۈزۈم جەھەتتە مىللەتلەرنىڭ ئورتاق كۈرەش قىلىشى، ئورتاق گۈللەپ تەرەققىي قىلىشىنى كاپالەتلەندۈردى. 60 نەچچە يىلدىن بۇيان، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش بىلەن مىللىي تېرىتورىيەلىك ئاپتونومىيەنى يولغا قويۇش يۆنىلىشىنى توغرا ئىگىلەشتە باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ‹‹مىللىي تېرىتۇرىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنى››نى ئەستايىدىل ئىزچىل ئىجرا قىلىپ، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە ئۈزلۈكسىز چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇردۇق. پارتىيە ۋە دۆلەت ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى ۋە كەسىپ – تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەربىيەلىدى، تاللاپ ئۆستۈردى ۋە ئىشقا قويدى، ھازىر شىنجاڭدا ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى ئاپتونوم رايوندىكى كادىرلار ئومۇمىي سانىنىڭ %51.25نى، ئاز سانلىق مىللەت كەسىپ – تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى ئاپتونوم رايوندىكى ئىختىساسلىقلار ئومۇمىي سانىنىڭ %56 ىنى ئىگىلىدى. ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز تىل – يېزىقىنى ئىشلىتىش ئەركىنلىكى ۋە ھوقۇقى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈلدى، شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىدا ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، قازاقچە، قىرغىزچە، مۇڭغۇلچە، قىرغىزچە بەش خىل تىلدا پىروگرامما ئاڭلىتىلدى، ‹‹شىنجاڭ گېزىتى›› ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، قازاقچە، مۇڭغۇلچە تۆت خىل يېزىقتا تارقىتىلدى. ئۇيغۇر، خەنزۇ، قازاق، قىرغىز، مۇڭغۇل، شىبەلەرنىڭ ئۆز يېزىقىدىكى گېزىت ۋە كىتاپ – ژۇرناللىرى بارلىققا كەلدى. بەش ئاپتونوم ئوبلاست، ئالتە ئاپتونوم ناھىيە رادىيو، تېلېۋىزىيە، گېزىت – ژۇرنال، نەشىر قاتارلىق جەھەتلەردە ئاپتونوم مىللەتنىڭ تىل – يېزىقىنى ئىشلەتتى. بىر قاتار سىياسەت – نىزاملارنى تۈزۈپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ يېمەك – ئىچمەك، توي – تۆكۈن، نەزىر – چىراغ، ھېيت – بايرام قاتارلىق ئۆرپ – ئادەتلىرىگە تولۇق ھۆرمەت قىلىندى ۋە ئېتىبار بېرىلدى. پۇقرالارنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىش ئەركىنلىكى قانۇن بويىچە قوغدالدى.
60 نەچچە يىلدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىدە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش بولدى، ئونىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى زورايدى، بولۇپمۇ مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز تارىختىكى ئىقتىساد ئەڭ ياخشى، ئەڭ تېز تەرەققىي قىلغان مەزگىلگە قەدەم قويدى. سىياسەت جەھەتتىكى ئەۋزەللىك ۋە 19 ئۆلكە، شەھەرنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش پائالىيىتى بارغانسېرى گەۋدىلەندى، مىللىي ئىگىلىك ئۇدا ئۈچ يىل يۇقىرى سۈرئەت بىلەن ئاشتى، تۈرلۈك كۆرسەتكۈچلەردە شىنجاڭ مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتتى، ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى يېڭى بالداققا كۆتۈرۈلدى، قۇرۇلمىنى تەڭشەشتە يېڭى قەدەم ئېلىندى، ئايلىنىش سۈپىتى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈلدى، 2012 – يىلىلا ئاپتونوم رايوننىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى (GDP 750 مىليارد 531 مىليون يۈەنگە يەتتى ھەم ئۇدا ئۈچ يىل 300 مىليارد يۈەنلىك ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ، كىشى بېشى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 5000 دوللاردىن ئاشتى. 2010 – يىلىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايون ئۇدا ئۈچ يىل ‹‹خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى يىلى›› پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى سېلىنمىسىنى 484 مىليارد 3 مىليون يۈەنگە يەتكۈزدى، يىللىق ئېشىش نىسبىتى %29.7كە، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى چىقىمى بىلەن جامائەت مالىيە خامچوت چىقىمىنىڭ نىسبىتى %70 تىن كۆپرەككە يەتتى.
بۇ مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىنىڭ شىنجاڭنىڭ كۆپ مىللەتلىك ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، شىنجاڭدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق تەرەققىياتنىڭ تۈپ كاپالىتى، ئىتتىپاقلىق بولمىسا، ھەر قانداق ئىشنى قىلىش ھەم ياخشى قىلىش مۇمكىن ئەمەس. مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمى ئارقىلىق مىللەتلەرنىڭ ھەقىقىي خوجايىن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، مىللىي باراۋەرلىك، ئورتاق تەرەققىيات ۋە گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرغاندىلا، دۆلەتنىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە مەملىكەت خەلقىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشى، شىنجاڭنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، ئىتتىپاقلىق، ئىناقلىقنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، مىللەتلەرنىڭ ئىناق ئۆتۈشىگە تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ. مىللەتلەر تار مەنىدىكى مىللەتچىلىك ئىدىيەسىنى تىرىشىپ يېڭىپ، ئۆزئارا ئەپۇچان بولۇپ، ئۆزئارا چۈشىنىپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، ئۆزئارا غەمخورلۇق قىلىپ، ئۆز ئارا قايىل بولۇپ، ئۆزئارا مەدەت بېرىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ بۆلگۈنچلىك، بۇزغۇنچلىق ھەرىكەتلىرىگە قەتئىي قارشى تۇرۇپ ۋە زەربە بېرىپ، ئىتتىپاقلىق، بىرلىكنى قوغداپ، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك دېموكراتىيەنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، ئورتاق گۈللەپ تەرەققىي قىلىش يولىدا مېڭىپ، ئۇلۇغ جۇڭگو ئارزۇسىنى بالدۇرراق روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن يېڭى تارىخىي سەھىپە يارىتىشى كېرەك.