Ralph Lauren Canada ;One is to choose a plain colour of Polo,ralph lauren outlet such as Black, Navy or White - ralph lauren canadaselecting a colour of garment on which your corporate logo colours will look good when embroidered.ralph lauren canada outlet This can sometimes be preferable to buying an off-the-shelf garment in an unusual shade because fashions change and just because yourpandora canada company's shade of lime green is in vogue today this may not be the case in two years time.http://www.cefrank.com.au Manufacturers of off-the-shelf Tiffany Sale'stock' garments tend to change their ranges from time to michael kors outlet uktime and may choose to drop a colour if it is no longer considered popular.cheap burberry Ask your supplier and they should be able to tell you which colours Cheap Pandora Charmsare likely to remain available or which are in doubt.The second option,www.rvaq.ca if you have a sufficiently large requirement, is to have a Polo Shirt manufactured for your staff uniform in a bespoke colour. Manufacturing a bespoke embroidered Polo Shirt, opens up a wealth of possibilities regarding colour matching to your main corporate colour, Tiffany Saleembroidery branding, trims & detailing but this option is usually only viable from 300 to 500 pieces for a single colour garment or 1,000 Cheap Tiffany Salepieces upwards for more complex designs.
ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش – شىنجاڭدىكى ئەڭ زور ۋەتەنپەرۋەرلىك

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش – شىنجاڭدىكى ئەڭ زور ۋەتەنپەرۋەرلىك

2014-05-20 6:49     كۆرۈلۈشى: 11,359 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: ئىلھام ئاتاۋۇللا      ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋەتەنگە بولغان مۇھەببەت ۋە ساداقەتنى، خەلق ئاممىسىنىڭ ئۇزاق يىللار مابەيىنىدە شەكىللەندۈگەن ۋەتەنگە بولغان چوڭقۇر ھېسىياتىنى كۆرسىتىدۇ.ئۇ مەركەزلىك ھالدا ۋەتە....

ئىلھام ئاتاۋۇللا

     ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋەتەنگە بولغان مۇھەببەت ۋە ساداقەتنى، خەلق ئاممىسىنىڭ ئۇزاق يىللار مابەيىنىدە شەكىللەندۈگەن ۋەتەنگە بولغان چوڭقۇر ھېسىياتىنى كۆرسىتىدۇ.ئۇ مەركەزلىك ھالدا ۋەتەننىڭ تاغ-دەريالىرى، بىپايان زېمىنىغا ۋە ئەنئەنىۋى ئەخلاقىغا بولغان چوڭقۇر مۇھەببەتتە، ۋەتەننىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈش، ھالقىلىق پەيتتە ۋەتەن بىلەن ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلىبداش بولۇش ئىرادىسى، ۋەتەننىڭ بىر ئەزاسى بولۇش ئىپتىخارى قاتارلىق جەھەتلەردە گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدۇ.

     ۋەتەنپەرۋەرلىك خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئالغا ئىنتىلدۈرىدىغان بايراق، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق مەنىۋى تۈۋرۈكى.

     تەرەققىيات نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ۋەتەننى سۆيۈش – ۋەتىنىمىزنى گۈللەنگەن، تەرەققىي قىلغان، قۇدرەتلىك قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى كۆرسىتىدۇ.جەمئىيەت مۇقىم بولغاندىلا، ياخشى ئىجتىمائىي شارائىت بولىدۇ. ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى جارى قىلدۇرغاندىلا، مىللەتلەر ئىتتىپاقىنى ياخشىلىغاندا، ھەر مىللەت خەلقى بىلەن دۆلەت مەنپەئىتىنى بىرلەشتۈرگىلى بولىدۇ، شۇندىلا كۆپچىلىك ئورتاق بىر مەقسەت، ئورتاق نىشان ئۈچۈن ئاتلىنالايدۇ.شۇڭا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھىمايە قىلىش ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ ئىپادىسى، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى.

     مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ھاياتلىق جان تومۇرى، شۇنداقلا بارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىمىزنىڭ ئالدىنقى شەرتى ۋە كاپالىتى.

     شىنجاڭدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ياخشىلاش ھەم كۈچەيتىش مۇھىم رېئال ئەھمىيەتكە ۋە چوڭقۇر ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.شىنجاڭدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشنى، ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، خەلقنىڭ ئارزۇسى دېيىشكە بولىدۇ.بۈگۈنكى دەۋردە، بىز دۇچ كېلىۋاتقان خەلقئارالىق مۇھىت ئىنتايىن مۇرەككەپ مەسىلىلەرمۇ ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتكەن.بۇنىڭ تەسىردە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان مەسىلىلەر يەنىلا ساقلانماقتا.

      دۆلەت ئىچىدە، چېگرا ئىچى-سىرتىدىكى«ئۈچ خىل كۈچ» دۆلەتنى پارچىلاش، بۇزغۇنچىلىق قىلىش ھەرىكىتىنى ئازراقمۇ توختاتقىنى يوق. 2008- يىلى 3- ئاينىڭ 7- كۈنى شەرقىي تۈركىستان مىللىي بۆلگۈنچىلىرى ئايروپىلان پارتلىتىشنى پىلانلىدى، شۇ يىلى 3- ئاينىڭ 23- كۈنى «ئىزبوت» تەشكىلاتى خوتەندە لاسادىكى «14-مارت» ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش، كۆيدۈرۈش قىرغىنچلىقىغا ماسلىشىنى پىلانلىدى.

     ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان 30 يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىدا زور نەتىجىلەرنىڭ قولغا كېلىشىدىكى ئاساسىي تەجرىبىلەرنى يىغىنچاقلىساق، مۇھىمى، «مۇقىملىق ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ» دىن ئىبارەت مۇھىم نۇقتىدا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات ئۈچۈن ياخشى ئىجتىمائىي مۇھىت ھازىرلىيالىغىنىمىزدا.

     مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم ئامىل يەنىلا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى

     شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، شىنجاڭدا مىللەتلەر ئىتتىپاقى بولسا جەمئىيەت مۇقىم بولىدۇ، مىللەتلەر ئارا بۆلگۈنچىلىك بولسا مۇقىملىق بولمايدۇ. ئاپتونوم رايونىمىزدا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەركەزنىڭ شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى ھىمايە قىلىشقا دائىر مۇھىم سىياسەت ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرگەنلىككە قارشى تۇرۇپ، مىللەت خەلقىنىڭ بايرىقى روشەن ھالدا مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھىمايە قىلغانلىقىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. يەنە تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىمىز دەيدىكەنمىز، چوقۇم ئالدى بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدىشىمىز ۋە ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىز كېرەك.

     ئۇزاق مەزگىللىك، ئەستايىدىل خىزمەت ئىشلىنىشى ۋە كۆرۈنەرلىك، ئۈنۈملۈك بولغان تەشۋىقات تەربىيەسى ئارقىلىق تېخمۇ كۆپ كادىر-ئەمما ماركسىزملىق دۆلەت قارىشىنى، مىللەت قارىشىنى، دىن قارىشىنى مۇپەسسەل ئىگىلىدى.خەنزۇلار ئاز سانلىق مىللەتلەردىن ئايرىلالمايدىغان، ئاز سانلىق مىللەتلەر خەنزۇلاردىن ئايرىلالمايدىغان، ھەر قايسى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۆز ئارا بىر-بىرىدىن ئايرىلالمايدىغان ئىدىيە كۈنسېرى كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر ئورنىدى.پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلىشىپ، ھەر مىللەت خەلقى ئۆز ئارا ئىشىنىدىغان، ئۆز ئارا ھۆرمەتلىشىدىغان، ئۆز ئارا ئۆگىنىدىغان، ئۆز ئارا يۆلەيدىغان، ئۆز ئارا ئەپۇ قىلالايدىغان ھالەت شەكىللىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈردى.ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قەدىمىنى تېزلىتىش ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، ئورتاق گۈزەل كېلەچەك، بەختلىك تۇرمۇشىنى يارىتىشتەك ئورتاق ئارزۇسىنى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈپ بەردى. بۇ ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە تولۇق ماس كەلگەچكە، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىناق بىللە ياشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قىيىنچىلىقلارنى ئورتاق يېڭىپ، ئىناق تەرەققىي قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش قەدىمىنى تېزلىتىشتە ئاكتىپ ھەم چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ.

     شىنجاڭ قەدىمدىن تارتىپ كۆپ مىللەت ئورتاق تۇرمۇش كەچۈرۈپ كەلگەن رايون، شىنجاڭدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدا تۆۋەندىكى مەسىلىنى توغرا ھەل قىلىشىمىز ئىنتايىن مۇھىم:

     بىرىنچى، تارىخقا ھۆرمەت قىلىپ، شىنجاڭ بىلەن ۋەتىنىمىزنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا تونۇشىمىز كېرەك. مىللىي بۆلگۈنچىلەر:« چىڭ سۇلالىسى شىنجاڭدا ئۆلكە تەسىس قىلغاندىن كېيىن، شىنجاڭ ئاندىن جوڭگۇغا تەۋە بولغان»دەپ جۆيلىدى. بۇ پاكىتتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، تارىخنى بۇرمىغانلىق.

     2000  نەچچە يىل ئىلگىرى غەربىي رايون بىلەن ئېلىمىزنىڭ باشقا رايونلىرى قويۇق ئالاقىدە بولغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 60 –يىللىرى غەربىي خەن مەركىزىي ھۆكۈمىتى غەربىي رايوندا قورۇقچى بەگ تەسىس قىلىپ، غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ غەربىي رايونغا بولغان ھۆكۈمرالىقىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ئەڭ ئالىي ھەربىي، سىياسىي ئورنى سۈپىتىدە غەربىي رايوننى باشقۇرغان. شۇنىڭدىن كېيىن غەربىي رايون جۇڭگونىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى بولغان. بۇ ھەر قانداق كىشى ئىنكار قىلالمايدىغان تارىخىي پاكىت.

     تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە، غەربىي رايون بىلەن ئىچكى رايونلارنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئالاقىسى قويۇقلاشقان. شائىر بەي جۈيى شېئىرلىرىدا غەربىي رايون نەغمىلىرىنى مەدھىيىلەپ: «دۇنيادا سېلىشتۇرىدىغان ئىككىنچى بىرى يوق» دېگەن. ئىلىم ساھەسىدىكىلەر تاڭ سۇلالىسى شائىرى لى بەينى شۇ ۋاقىتتىكى غەربىي رايونىدا تۇغۇلغان دەپ قارايدۇ.يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە غەربىي رايوندىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار دۆلەتنىڭ سىياسى پائالىيەتلىرىگە پائال قاتناشقان.ئۇلارنىڭ ئىچىدە كۆپۈنچىلىرى ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە ئىقتىساد، مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشقان. مەسىلەن: ليەن شىشىيەن كۇڭزىچىلار ئىدىيىسىگە پىششىق، ئۆتكۈر، زېرەك بولۇپ، تارىخققا مۇناسىۋەتلىك كىتابلارنى كۆپ كۆپ كۆرگەن.ئۇيغۇر، تىبەت، خەنزۇ، مۇڭغۇل تىلىنى پىششىق بىلەتتى. ئۇ 19 يېشىدا ئەمەل تۇتقان. ئۇ يۈەن سۇلالىسىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىپ، «خەن قانۇنى بىلەن خەن زېمىننى باشقۇرۇش»نى تەشەببۇس قىلغان.

     چىڭ سۇلالىسى ياقۇپبەگ توپىلىڭىنى تىنجىتقاندىن كېيىن، 1884- يىلى غەربىي رايوننى «شىنجاڭ»دەپ ئاتىغان ۋە شىنجاڭدا ئۆلكە تەسىس قىلغان.«شەرقىي تۈركىستان»بولسا، ئەسلىدە غەربتىكى مۇستەملىكىچىلەر ئاتىۋالغان جۇغراپىيىلىك ئاتالغۇ بولۇپ، ھەرگىزمۇ سىياسىي ئۇقۇم ئەمەس.20–ئەسىرنىڭ 30–يىللىرىنىڭ باشلىرىدا، فاشىشلارنىڭ قۇتراتقۇلۇق قىلىشى بىلەن سابىت داموللا باشچىلىقىدىكى ئاز ساندىكى كىشىلەر قۇرغان «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى»پەقەتلا ئۆمرى قىسقا «دۆلەت»بولۇپ، ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر مىللەت خەلقىنىڭ قەتئىي قارشى تۇرۇشى بىلەن نەچچە ئايدىلا گۇمران بولدى.

     ئىككىنچى، پاكىتقا ھۆرمەت قىلىپ، ئاز سانلىق مىللەتلىك رايون. ئۇزاقتىن بۇيان، خەنزۇلار شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە شىنجاڭنى ئاچتى، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن مىللەتلەر ئارىسىدىكى تىل، ئۆرپە-ئادەت، مەدەنىيەت، ئىقتىسات قاتارلىق نۇرغۇن تەرەپلەردە پەرق بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ.ھەممىسىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بولىدۇ.ئەگەر ھەر بىر مىللەت ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئوخشىمايدىغان تەرىپىنى باھانە قىلىپ، مۇستەقىللىق تەلەپ قىلسا، بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت قانداقمۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرالىسۇن؟ دۇنيادا 2000 دىن ئارتۇق مىللەت بار، لېكىن دۆلەتتىن 194ىلا بار، شۇڭا مىللىي ئالاھىدىلىكنى مۇستەقىل بولۇشىنىڭ سەۋەبى قىلىش چېكىدىن ئاشقان سەپسەتە پاكىت. بەزىلەر«خەنزۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ مەنپەئىتىگە تاجاۋۇز قىدى»دەپ قۇتراتقۇلۇق قىلىۋاتىدۇ، بۇ مەيلى نەزەرىيە جەھەتتىن بولسۈن ۋە ياكى ئەمەلىيەت جەھەتتىن بولسۈن پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ. شىنجاڭدىن قېزىۋېلىنغان سىپتا تاش قوراللار شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، تارىختا غەربىي رايون بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ قويۇق ئالاقىسى بولغان. بۇ شۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، غەربىي رايوننىڭ سىپتا تاش قوراللار مەدەنىيتىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى.

      خەنزۇلارنىڭ شىنجاڭدا تۇرمۇش كەچۈرگەنلىكنى 2000 نەچچە يىلنىڭ ئالدىدىكى تارىخىدىن بىلگىلى بولىدۇ. خەنزۇلار ۋە ئۇيغۇرلار جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئورتاق ئەزاسى، دۆلەتنىڭ خوجايىنى. بىر مىللەت يەنە بىر مىللەتنىڭ زېمىنىنى ۋە مەنپەئىتىنى ئىگىلىۋالىدىغان مەسىلە مەۋجۇت ئەمەس. بىرلىككە كەلگەن بىر دۆلەتتە ، كىشىلەرنىڭ بېرىش-كېلىشى، ئىقتىسادىي ئالاقىسى ۋە ئورتاق قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا قاتنىشىشى نورمال ئەھۋال.

     ئۈچىنچى، مىللەتكە ئائىت بىلىملەرنى ئۆگىنىپ، مىللىي ئالاھىدىلىكنى توغرا تونۇش. مىللىي بۆلگۈچىلەر بەزىدە مىللىي تىل ۋە دىنىي ئالاھىدىلىكىنى مۇستەقىللىققا ئېرىشىشىنىڭ باھانىسى قىلىۋالىدۇ.ئوخشىمىغان مىللەتلەر ئارىسىدىكى پەرق، ئۆزىنىڭ خاس ئالاھىدىلىكىنى ئالدىنقى شەرت قىلىش ئاساسىدىكى ئوخشىمىغان كىشىلەر توپىنىڭ ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنى بەلگىلەيدۇ.

     تۆتىنچى، بۆلگۈنچىلەر ئەكسىيەتچىل تەشكىلات قۇرۇپ، قورال يىغىپ ۋە ياساپ، ھەرىكەت پىلانى تۈزۈپ، پارتلىتىش قاتارلىق تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، كۆپلىگەن بىگۇناھ كىشىلەرگە زىيانكەشلىك قىلدى.ئۇلار خەلقنىڭ دۈشمىنى، مىللەتتىن چىققان مۇناپىقلار، تارىخنىڭ جىنايەتكارلىرى. ئۇلارنىڭ قىلمىشى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنغا، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە خىلاپ، بىزنىڭ چوڭ ھەق، چوڭ ناھەق مەسىلىلىرى ئالدىدا، چوقۇم مەيدانىمىز مۇستەھكەم، بايرىقىمىز روشەن بولۇشى كېرەك.

     بەشىنچى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك. پارتىيىمىز 92 يىللىق پارلاق تارىخنى بېسىپ ئۆتتى، پاكىت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىلا ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلالايدۇ، ھەر مىللەت خەلقىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، يورۇقلۇققا ۋە ئىگىرىلەشكە ئېرىشىىشكە چاقىرىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى بولمىغان بولسا، سوتسىيالىستىك يېڭى جۇڭگو بولمىغان بولاتتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى بولمىغان بولسا، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ باراۋەرلىكى، ئىتتىپاقلىقى ۋە تەرەققىياتى بولمىغان بولاتتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەھپەرلىكى بولغانلىقى ئۈچۈنلا، ھەر مىللەت خەلقى بىرلىككە كەلگەن سوتسىيالىستىك چوڭ ئائىلىدە ئورتاق ياشاۋاتىدۇ، شۇڭا چوقۇم جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ رەھبەرلىكىنى ھىمايە قىلىپ، سوتسىيالىزىم يولىدا چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدىشىمىز كېرەك.

     شىنجاڭنىڭ تارىخى شىنجاڭدىكى 47 مىللەت ئورتاق ياراتقان تارىخ. شىنجاڭ ئازاد بولغاندىن بۇيان، بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ۋە ھەر تۈرلۈك ساھەلەردە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر ھەر مىللەت خەلقى ئاممىسىنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى.

     ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى ئىشلىرىمىزنىڭ چوقۇم غەلىبە قىلىدىغانلىقنىڭ تۈپ كاپالىتى. ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئۆز ئارا ئۆگىنىش، ئۆز ئارا ئالاقىنى كۈچەيتىش، ئورتاق ئالغا ئىلگىرىلىشى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى، شۇنداقلا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشنىڭ كوللىكتىپ ئاساسىي. بىز تىرىشىپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى سىياسى، ئىقتىساد، مەدەنىيەت ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىگە سىڭدۇرۇپ، ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلىبداش بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئومۇميۈلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش تارىخىي تەرەققىياتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرەيلى!



无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter