Ralph Lauren Canada ;One is to choose a plain colour of Polo,ralph lauren outlet such as Black, Navy or White - ralph lauren canadaselecting a colour of garment on which your corporate logo colours will look good when embroidered.ralph lauren canada outlet This can sometimes be preferable to buying an off-the-shelf garment in an unusual shade because fashions change and just because yourpandora canada company's shade of lime green is in vogue today this may not be the case in two years time.http://www.cefrank.com.au Manufacturers of off-the-shelf Tiffany Sale'stock' garments tend to change their ranges from time to michael kors outlet uktime and may choose to drop a colour if it is no longer considered popular.cheap burberry Ask your supplier and they should be able to tell you which colours Cheap Pandora Charmsare likely to remain available or which are in doubt.The second option,www.rvaq.ca if you have a sufficiently large requirement, is to have a Polo Shirt manufactured for your staff uniform in a bespoke colour. Manufacturing a bespoke embroidered Polo Shirt, opens up a wealth of possibilities regarding colour matching to your main corporate colour, Tiffany Saleembroidery branding, trims & detailing but this option is usually only viable from 300 to 500 pieces for a single colour garment or 1,000 Cheap Tiffany Salepieces upwards for more complex designs.
ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> 32- قېتىملىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئېيى توغرىسىدا

32- قېتىملىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئېيى توغرىسىدا

2014-05-08 10:42     كۆرۈلۈشى: 12,616 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بەنگۇڭتىڭى ئاپتونوم رايوننىڭ 32 – قېتىملىق  مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى ئېيى پائالىيىتىنى  ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدا ھۆججەت  ئېلان قىلدى      ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم....

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بەنگۇڭتىڭى ئاپتونوم رايوننىڭ 32 – قېتىملىق

 مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى ئېيى پائالىيىتىنى

 ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدا ھۆججەت

 ئېلان قىلدى

     ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بەنگۇڭتىڭى ‹‹ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ 32 – قېتىملىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى ئېيى پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇش پىكرى›› (ش ئۇ ئا ر پارتكوم ئىشخانىسى تارقاتتى [2014] 14 – نومۇر) نى تارقاتتى. تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

     بۇ يىل 5- ئاي ئاپتونوم رايوننىڭ 32- قېتىملىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى ئېيى. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىق – تەربىيەسىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ھەر مىللەت خەلقنىڭ بىرلىكتە ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، ئورتاق گۈللىنىش، تەرەققىي قىلىش ئاساسىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەش، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى ئىشلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، تۆۋەندىكى ئورۇنلاشتۇرۇش پىكرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

بىرىنچى، يېتەكچى ئىدىيەسى

     مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 18- قۇرۇلتىيى، ج ك پ 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 2-، 3- ئومۇمىي يىغىنى، ‹‹19- دېكابىر›› ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىنىڭ روھى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى، ئاپتونوم رايونلۇق 8- قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىدىيە – تەشۋىقات خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، ‹‹ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىشنى تېزلىتىش، كۈچنى ئەبەدىي ئەمىنلىككە مەركەزلەشتۈرۈش›› ئاساسىي مېلودىيەسىنى چۆرىدەپ، ‹‹ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۆيۈپ، گۈزەل يۇرت – ماكان قۇرايلى!›› باش تېما تەربىيە پائالىيىتىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە بېيىتىش، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئۆزىمىزدىن باشلايلى›› دېگەن تېمىغا بىرلەشتۈرگەن ئاساستا پارتىيەنىڭ 2- تۈركۈمدىكى ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش، ئاممىنى ئاكتىپ قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، مىللەتلەر مۇناسىۋىتى، پارتىيە بىلەن ئاممىنىڭ، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ يېقىنلاشتۇرۇپ، ئەلنى مايىل قىلىش، ئەلرايىنى مۇجەسسەملەش جەھەتتە يېڭى ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈش، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئۆز ئارا ئالاقىلىشىشى، ئۆز ئارا ئىشىنىشى، ئۆز ئارا چۈشىنىشى، ئۆز ئارا كەڭ قورساق بولۇشى، ئۆز ئارا بەھرە ئېلىشى جەھەتتە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىپ، دىنىي ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ‹‹ئەسەبىيلىكنى يوقىتىش››تا يېڭى بۆسۈش قىلىش، ھەر مىللەت كادىر، ئاممىنى ماركسىزملىق ‹‹بەش قاراش››، ‹‹تۆت تونۇش›› ۋە ‹‹ئۈچتىن ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئېجىل – ئىناق ئۆتۈشى، بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، ئىناق تەرەققىي قىلىشىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈش، شىنجاڭنىڭ ئىلمىي تەرەققىياتى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقى، ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پۇختا ئىدىيەۋى ئاساس سېلىش كېرەك.

ئىككىنچى، ئاساسىي مەزمۇنى

     1. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش ۋە چوڭقۇر ئىگىلەش، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ‹‹- دېكابىر›› ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىدا قىلغان ‹‹شىنجاڭدىكى ئەڭ قىيىن، ئەڭ ئۇزاققا سوزۇلىدىغان مەسىلە يەنىلا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مەسىلىسىدۇر››، ‹‹شىنجاڭدىكى ئەڭ زور ئاممىۋى خىزمەت مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دىنىي ئىناقلىق خىزمىتىدۇر›› دېگەن مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر چۈشىنىش، ئاممىۋى خىزمەتلەرنىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتە مىللەت، دىن ئىشلىرى خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەش، ھەر مىللەت كادىر – ئاممىنى ‹‹مالىمانچىلىق خاتىرجەمسىزلىك پەيدا قىلىدۇ، مۇقىملىق خاتىرجەملىك ئېلىپ كېلىدۇ›› دېگەن قائىدىنى ئەستە چىڭ ساقلاشقا يېتەكلەش، مىللىي بۆلگۈنچى ئۇنسۇرلار مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا قانچىكى بۇزغۇنچىلىق قىلسا، بىز مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى شۇنچە ئېگىز كۆتۈرۈشىمىز كېرەك، دېگەن قاراشنى تۇرغۇزۇپ، ھەر مىللەت خەلق ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى بىرلىكتە قوغدايدىغان مۇستەھكەم پولات قورغان بەرپا قىلىش كېرەك.

     2. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ۋە جۇڭگو ئارزۇسى تەربىيەسىنى كەڭ قانات يايدۇرۇش كېرەك. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تەشۋىق – تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش، ئىلمىي نەزەرىيە ۋە ئۇلۇغ ئەمەلىيەتنىڭ كۈچىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، كۆپ خىل تەشۋىق – تەربىيە ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەن، جۇڭخۇا مىللەتلىرى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى توغرىسىدىكى تونۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. جۇڭگو ئارزۇسى توغرىسىدىكى تەشۋىق – تەربىيەنى چىڭ تۇتۇپ، جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ دۆلەت، مىللەت، شەخس قاتارلىق ئۈچ قاتلاملىق چوڭقۇر مەنىسىنى ئېنىق تونۇش، ئۇلۇغ ئارزۇنىڭ رېئال يولىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇش، كىشىلەرنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىشقا، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ۋە بوشاشماي ئىزدىنىشكە، جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ياخشى يارىتىشقا يېتەكلەش كېرەك.

     3. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ۋە شىنجاڭ روھى تەربىيەسىنى كەڭ قانات يايدۇرۇش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش كېرەك. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىدىكى ‹‹ئۈچ تەشەببۇس›› نىڭ چوڭقۇر مەنىسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىش ۋە شەرھلەش، بارلىق كادىر – ئاممىنى ئۇلۇغ ۋەتەنگە بولغان چوڭقۇر مۇھەببەت، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى توغرىسىدىكى ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىشنى شىنجاڭنى قۇرۇش، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇشتىكى ئاڭلىق ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇشقا يېتەكلەش كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى توغرىسىدىكى تەشۋىق – تەربىيەنى سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى سىستېما قۇرۇلۇشىغا كىرگۈزۈپ، ئۇنى ئىچكى جەھەتتە ئاڭغا، تاشقى جەھەتتە ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ۋەتەننى – شىنجاڭنى سۆيۈش، ئىتتىپاق ئۆتۈش – تۆھپە قوشۇش، تىرىشىپ ئىشلەش – ئۆزئارا ياردەملىشىش، ئېچىۋېتىش – ئىلگىرىلەشتىن ئىبارەت شىنجاڭ روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇش، ‹‹قىلالايمەن›› ۋە ‹‹تىرىشقاندىلا ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ، تىرىشساقلا ئۆزگەرتەلەيمىز›› دېگەن قاراشنى شىنجاڭنىڭ دەۋر چاقىرىقىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. ئەخلاق تەربىيەسى ئەمەلىيىتىنى كۈچەيتىش، لېي فېڭدىن ئۆگىنىش پىدائىيلار مۇلازىمەت پائالىيىتى، ھۆرمەت قىلىش، سەمىمىي بولۇش، تىرىشىپ ئىشلەش، تېجەشلىك بولۇش تەربىيەسىنى كۈچەيتىش، جەمئىيەتتە شەرەپ – نومۇسنى بىلىش، توغرا كەيپىياتقا ئەھمىيەت بېرىش، تۆھپە قوشۇش، ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتەك ياخشى ئىجتىمائىي كەيپىيات يارىتىش كېرەك.

     4. زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلغان تەربىيەنى كەڭ قانات يايدۇرۇش كېرەك. پەرققە ھۆرمەت قىلىش، كۆپ خىللىققا يول قويۇش، ئۆز ئارا ھۆرمەتلەش، زامانىۋى بىلىم، زامانىۋى قاراش، زامانىۋى تۈزۈمنى پائال تارقىتىش، بىر گەۋدە كۆپ مەنبەلىك بولغان، سىڭىشكەن، ئېچىۋېتىلگەن، شىنجاڭچە ئالاھىدىلىككە ئىگە زامانىۋى مەدەنىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. ‹‹زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇش، قانۇن – تۈزۈم ۋە تەرتىپكە ئەھمىيەت بېرىش››تە چىڭ تۇرۇش، پۈتۈن جەمئىيەتتە مىللىي روھ، دەۋر روھى، ئىلمىي روھ ۋە قانۇن – تۈزۈم روھىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇش، ھەر مىللەت خەلقنىڭ دۆلەت ئېڭى، قانۇن ئېڭى، پۇقرالىق ئېڭى، زامانىۋىلىق ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش، پەن – تېخنىكىغا ئەھمىيەت بېرىدىغان، ھەقىقەتنى سۆيىدىغان، خۇراپىيلىققا قارشى تۇرىدىغان، نادانلىقنى چەكلەيدىغان ياخشى كەيپىيات شەكىللەندۈرۈش كېرەك. زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، دىننىڭ ئىجابىي جەلپ قىلىش كۈچىنى كۈچەيتىش، دىنغا ئىشىنىدىغان ئاممىنى توغرا ئېتىقاد تۇرغۇزۇش، ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش، كۈچنى ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا مەركەزلەشتۈرۈشكە يېتەكلەش كېرەك.

     5. پارتىيەنىڭ مىللەت، دىنغا ئائىت نەزەرىيەسى ۋە مىللەت، دىن سىياسىتىگە ئائىت تەربىيەسىنى كەڭ قانات يايدۇرۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ مىللەت، دىنغا ئائىت نەزەرىيەلىرى ۋە مىللەت، دىنغا ئائىت سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش، پارتىيەنىڭ مىللەت، دىن نەزەرىيەسىنىڭ ئىلمىي مەنىسى، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ جان تومۇرى ئىكەنلىكى، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيەنىڭ ئېلىمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقى ھەم خەلقنىڭ بەخت تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇشنىڭ تۈزۈم كاپالىتى ئىكەنلىكىنى ئېنىق شەرھلەپ، بارلىق كادىر، ئاممىنى پارتىيەمىزنىڭ مىللەت، دىنغا ئائىت ئاساسىي قاراشلىرىنى چۈشىنىشى ۋە ئىگىلىشى، پارتىيەنىڭ مىللەت، دىن سىياسىتى ۋە مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنى چۈشىنىشى ۋە ئىگىلىشىگە ياردەم بېرىپ، پارتىيەنىڭ مىللەت، دىنغا ئائىت نەزەرىيەلىرى، سىياسىتى ۋە مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ئاڭلىقلىقى ۋە قەتئىيلىكىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك.

     6. ماركسىزملىق ‹‹بەش قاراش››، شىنجاڭنىڭ ‹‹ئۈچ تارىخ›› تەربىيەسىنى كەڭ قانات يايدۇرۇش كېرەك. ماركسىزملىق دۆلەت قارىشى، مىللەت قارىشى، دىن قارىشى، تارىخ قارىشى، مەدەنىيەت قارىشىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىش، پارتىيە تارىخى، دۆلەت تارىخى، سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىش، شىنجاڭ تارىخى، مىللەتلەرنىڭ تەرەققىيات تارىخى، دىننىڭ ئۆزگىرىش تارىخىنى تەشۋىق قىلىپ، جەمئىيەتتىكى قىزىق نۇقتا، ئىدىيە مەسىلىلىرىگە قاراتمىلىققا ئىگە ھالدا جاۋاب بېرىش، خاتا تونۇشنى ۋاقتىدا تۈزىتىش، خاتا قاراشنى چەكلەش، پارتىيەنىڭ مىللەت، دىنغا ئائىت نەزەرىيەسى، مىللەت، دىن سىياسىتى توغرىسىدا قىلىنغان خاتا گەپ – سۆزلەرگە رەددىيە بېرىش، بارلىق كادىر – ئاممىنىڭ تارىخىي مەسىلە ۋە مىللەت، دىن مەسىلىسىنى ماركسىزمنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى بويىچە توغرا ئانالىز قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىشىغا ياردەم بېرىش كېرەك.

     7. «ئەسەبىيلىكنى يوقىتىش›› تەربىيەسىنى كەڭ قانات يايدۇرۇش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ 11- نومۇرلۇق ھۆججىتىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى مۇھىم ۋەزىپە دەپ بىلىش، ‹‹ئۈچ قانۇنسىز››نى مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇش، پۈتۈن كۈچ بىلەن ‹‹ئەسەبىيلىكنى يوقىتىش››، دىننى باشقۇرۇشتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى تىرىشىپ ھەل قىلىش كېرەك. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› نىڭ ئەكسىيەتچىل ماھىيىتىنى پاش قىلىش ۋە تەنقىدلەش، ‹‹غازات قىلىپ دىن ئۈچۈن شىھىت بولغانلار جەننەتكە كىرىدۇ›› دېگەن بىمەنە سەپسەتىنى يوققا چىقىرىش، دىنغا ئىشىنىدىغان ئاممىنى مىللىي ئۆرپ – ئادەت، نورمال دىنىي پائالىيەت بىلەن قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت، دىنىي ئەسەبىي ھەرىكەتلەرنىڭ چەك – چىگراسىنى ئېنىق ئايرىش ۋە ئىگىلەشكە يېتەكلەش كېرەك. ۋەزىيەت تەربىيەسى ۋە قانۇن – تۈزۈم تەربىيەسىنى كەڭ قانات يايدۇرۇش، ھەر مىللەت ئاممىنى سوتسىيالىستىك قانۇن – تۈزۈمنىڭ بىرلىكى، قانۇننىڭ ئىززەت – ھۆرمىتىنى بىرلىكتە قوغداشقا سەپەرۋەر قىلىش كېرەك. ھەر ساھە، ھەر كەسىپ ۋە ھەر مىللەت ئاممىنى ھەققانىيەت بايرىقى ئاستىدا، دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ ئىنسانىيەتكە، جەمئىيەتكە، مەدەنىيەتكە قارشى رەزىل ئەپت – بەشىرىسىنى ۋە يامان نىيىتىنى ئېچىپ تاشلاشقا تەشكىللەش كېرەك.

     8. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى ئىشلىرىنىڭ نەتىجە ۋە كېلەچەك تەربىيەسىنى كەڭ قانات يايدۇرۇش كېرەك. مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، شىنجاڭدا يۈز بەرگەن تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىش، شىنجاڭنى باشقۇرۇش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىدىكى يېڭى ئۆسۈش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى يېڭى ئۇتۇق، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ۋە ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىشتىكى يېڭى ئىلگىرىلەش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاش ئىقتىدارىدىكى يېڭى ئۆسۈش، ئىسلاھات، ئىشىكنى ئېچىۋېتىشتىكى يېڭى بۆسۈش، مىللەت، دىن خىزمىتىدىكى يېڭى نەتىجە، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى خىزمەتلەردە قولغا كەلگەن يېڭى نەتىجە، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدىكى يېڭى نەتىجە، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىك ھەمكارلىقىدىكى يېڭى ۋەزىيەت، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى يېڭى كۈچىيىشلەرنى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىپ، بارلىق كادىر – ئاممىنى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىنى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرۇش، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇش مۇھىم پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە گۈزەل كېلەچىكىنى تولۇق كۆرۈپ يېتىشكە، روھنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇپ، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىش، تۈرلۈك ئىشلاردا ئۈزلۈكسىز يېڭى ئىلگىرىلەشكە ئېرىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىلمىي تەرەققىيات، شىنجاڭنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە گۈللەندۈرۈش، خەلقنى بېيىتىپ، چېگرا رايوننى مۇستەھكەملەشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى بىرلىكتە ئېچىش كېرەك.

ئۈچىنچى. نۇقتىلىق خىزمەتلەر

     مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى ئېيى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشتا، ئاي ئارقىلىق يىلغا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەر دائىم يېڭىلىق يارىتىپ، بوشاشماي ئۇزاققىچە تۇتۇش كېرەك. بۇ يىلقى مەركەزلىك تەربىيە پائالىيىتىدە تۆۋەندىكىدەك ئالتە تۈرلۈك خىزمەت نۇقتىلىق ياخشى ئىشلىنىدۇ:

     (1) تېما تەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش. بىرىنچىدىن، ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى مېنىڭ ئەتراپىمدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېكايىسى›› دېگەن تېمىدا ماقالە قوبۇل قىلىش، لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېكايىسى بايان قىلىنىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مېھىر – مۇھەببىتىنى يەتكۈزۈشكە شارائىت ھازىرلاپ بېرىلىدۇ. ئاپتونوم رايون بويىچە كەسىپ، ساھەلەردىن زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلغان، شىنجاڭ روھىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشكە ئائىت ماقالىلەر قوبۇل قىلىنىپ، بەزى نادىر ئەسەرلەر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاساسلىق تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىنىدۇ. ئىككىنچىدىن، جايلارنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى بويىچە ‹‹سەككىز بىر›› پائالىيىتى تەشكىللىك قانات يايدۇرۇلىدۇ. يەنى: بىر قېتىم مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى دوكلات يىغىنى ئۆتكۈزۈش، بىر قېتىم مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى توغرىسىدا سۆھبەت يىغىنى ياكى مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىش، يېنىدىكى بىر نەپەر مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئىلغار تىپىدىن ئۆگىنىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئاساسىي تېما قىلغان ماقالە (تەسىرات) دىن بىرنى يېزىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىگە ئائىت قارا تاختاي گېزىتى ياكى تام گېزىتى ئىشلەش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تېمىسىدىكى ياخشى كىتابتىن بىرنى ئوقۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ئائىت ناخشىدىن بىرنى ئېيتىش، بىر قېتىم ‹‹مەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى توغرىسىدا مۇنۇلارنى دېمەكچى›› دېگەن تېمىدا مۇھاكىمە پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشتىن ئىبارەت. ئۈچىنچىدىن، شىنجاڭنىڭ ‹‹ئۈچ تارىخى›› تەشۋىقات تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش. شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ۋە تەڭرىتاغ تورىدا ‹‹چوڭ تىپتىكى تەڭرىتاغ لېكسىيەسى››نى ئۆتكۈزۈپ، ھەر مىللەتتىن بولغان مۇتەخەسسىس، ئالىملارنى شىنجاڭنىڭ ‹‹ئۈچ تارىخى››، ‹‹زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇش، قانۇن – تۈزۈم ۋە تەرتىپكە ئەھمىيەت بېرىش››، پەن – مەدەنىيەت بىلىملىرى قاتارلىقلارنى چۆرىدىگەن مەخسۇس تېمىدىكى لېكسىيە سۆزلەشكە تەشكىللىنىدۇ، بۇ پىروگراممىلار ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، قازاقچە تىللاردا تەڭ تارقىتىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە گېزىت، ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنىدۇ. شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ‹‹زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇش، قانۇن – تۈزۈم ۋە تەرتىپكە ئەھمىيەت بېرىش››، ‹‹ئەسەبىيلىكنى يوقىتىش›› دېگەن تېمىدا مىكرو كىنو ئىشلەيدۇ، شۇنداقلا ‹‹شىنجاڭنىڭ ئۈچ تارىخى›› ناملىق چاتما ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەيدۇ. شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى ‹‹شىنجاڭنىڭ ئۈچ تارىخى›› ناملىق چاتما پىروگرامما ئىشلەيدۇ. تۆتىنچىدىن، ‹‹تۈمەن كىشىلىك لېكسىيە سۆزلەش ئۆمىكى›› تەشكىللەپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ۋىلايەت، ناھىيە، يېزا، كوچا، كەنت، مەھەللە، شۇنداقلا نازارەت، ئىدارە، ئالىي مەكتەپلەردە، يۈزتۈرا تەشۋىقات پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك قاپلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى مىننەتدار بولۇشقا يېتەكلەپ، ‹‹تۆت تونۇش›› كۈچەيتىلىدۇ. بەشىنچىدىن، مەكتەپلەردە ۋەزىيەت، سىياسەتتىن دوكلات بېرىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى ۋە ئالاقىدار نازارەت، ئىدارىنىڭ مەسئۇللىرىنى ئالىي مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارغا ۋەزىيەتتىن دوكلات بېرىشكە تەكلىپ قىلىنىدۇ. ئالىي مەكتەپ مۇدىرلىرى ۋە مۇتەخەسسىس، ئالىملارنى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپلەر ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي تېخنىكوملارغا بېرىپ، ‹‹دىننى توغرا تونۇپ ۋە دىنغا توغرا مۇئامىلە قىلىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ مەكتەپلەرگە سىڭىپ كىرىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش›› تەشۋىقات لېكسىيەسى سۆزلەشكە ئۇيۇشتۇرۇلىدۇ. ئالىي مەكتەپ، تېخنىكومنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىگىلىك تىكلەپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىش ئىزلىرىدىن دوكلات بېرىش پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈپ، ياشلار، ئوقۇغۇچىلارنىڭ توغرا كىشىلىك قاراش، قىممەت قارىشى، ئىشقا ئورۇنلىشىش قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، ئالىي مەكتەپ، تېخنىكومنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىشەنچى ئاشۇرۇلىدۇ.

     (2) تېما بويىچە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش. بىرىنچىدىن، پارتىيەنىڭ 2- تۈركۈمدىكى ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىگە بىرلەشتۈرگەن ھالدا، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ‹‹ئۈچ باشلامچىلىق›› ئېڭى، يەنى: ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيەسىنى باشلامچىلىق بىلەن كۈچەيتىش، ‹‹تۆت ئۆز ئارا›› (ئۆز ئارا ئىشىنىش، ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆز ئارا ئۆگىنىش، ئۆز ئارا ياردەم بېرىش)نى باشلامچىلىق بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىسىز سۆز – ھەرىكەتلەرنى باشلامچىلىق بىلەن تەنقىدلەش كۈچەيتىلىدۇ. ئىككىنچىدىن، ئاپتونوم رايوننىڭ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› پائالىيىتىگە بىرلەشتۈرگەن ھالدا، كەنتلەرگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەرنىڭ ‹‹بىر نىيەتتە، قولنى قولغا تۇتۇشۇش›› پائالىيىتىنى چىڭ تۇتۇپ، مىللەتلەر سىياسىتى ۋە مىللەتلەرگە دائىر بىلىملەرنى ئومۇملاشتۇرۇش تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق››، ‹‹تۆتنى تونۇش›› ئىدىيەسى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىنىدۇ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە ئەمەلىي ۋە ياخشى ئىش قىلىشنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا تەسىر كۆرسىتىش مۇمكىنچىلىكى بولغان قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى تەكشۈرۈپ ھەل قىلىپ، ‹‹خىتابچى، تەشۋىقاتچى، تارقاتقۇچى››لىق رولى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇلىدۇ. ئۈچىنچىدىن، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ‹‹يەتتە بىر›› ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتى چىڭ تۇتۇلىدۇ. يەنى بىر قېتىم مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى تېمىسى بويىچە سىنىپ ۋە ئەترەت يىغىنى ئېچىش، بىر قېتىم مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى پائالىيىتىنى ئۆگىنىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نەمۇنىچىسىدىن بىرنى چۈشىنىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ئائىت ھېكايىدىن بىرنى ئېيتىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ئائىت ناخشىدىن بىرنى ئېيتىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ئائىت ماقالىدىن بىرنى يېزىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بازىسىدىن بىرنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشتىن ئىبارەت. تۆتىنچىدىن، ئاساسىي قاتلامدىكى ئامما ئارىسىدا ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە ياخشى قوشنىلار›› پائالىيىتىنى ياخشى تۇتۇش. قوشنا ۋە كەسىپداشلار ئارا ھەر مىللەتتىن ئۆز ئارا دوست بولۇپ، چوڭقۇر قاتلاملىق پىكىرلىشىپ، ئائىلىۋى كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، مىللەتلەر ئارا پىكىرلىشىش، ئالاقىلىشىش، ئارىلىشىش كۈچەيتىلىدۇ. بەشىنچىدىن، ‹‹ئارمىيە بىلەن خەلق بىرلىكتە مەنىۋى گۈزەل ماكان بەرپا قىلىش›› پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئارمىيە ئارىسىدا قانات يايدۇرۇلغان ‹‹بىرگە بىر›› مەدەنىيەت بازىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىش پائالىيىتى قاتارلىق ياخشى شەكىل، ياخشى تەجرىبىلەر يەكۈنلىنىپ، ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىلىدۇ ھەم ئارمىيە ۋە خەلق ئىتتىپاقلىقى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. ئالتىنچىدىن، جايلار، ئورۇنلار، ساھەلەرنىڭ مۇلازىمەت كۆزنىكىدە ‹‹قوش تىل ئۆگىنىش، قوش تىل ئىشلىتىش›› پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارى ئۆستۈرۈلىدۇ.

     (3) تېما مەدەنىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش. بىرىنچىدىن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تېمىسى بويىچە كىنو – فىلىم قويۇش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلىدۇ. ھەنىپە ئانا تەسۋىرلەنگەن ‹‹مېھىر – مۇھەببەت›› دېگەن كىنو ئۇيغۇرچە ۋە قازاقچىغا تەرجىمە قىلىنىپ، ئاپتونوم رايون ۋە مەملىكەت بويىچە قويۇلىدۇ. شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ۋە جايلاردىكى تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا دائىر نادىر فىلىملەرنى مەركەزلىك قويىدۇ. ئىككىنچىدىن، ‹‹جۇاڭ شىخۇا دوختۇر›› ناملىق ئوپېرا ئاپتونوم رايونىمىزدا قويۇلۇپ، ‹‹زامانىمىزدىكى لېي فېڭ›› جۇاڭ شىخۇا روھى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇلىدۇ. ئۈچىنچىدىن، ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى. شىنجاڭ سەھىپىسى›› ناملىق بىر قاتار تەشۋىقات بۇيۇملىرىنى ئىشلەش، تەشۋىق قىلىش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، بىر تۈركۈم تېلېۋىزىيە فىلىمى، چاتما رەسىملەر، ھېكايىلەر توپلىمى ۋە ئەدەبىيات – سەنئەت ئەسەرلىرى ئىجاد قىلىنىدۇ. تۆتىنچىدىن، يېزىلاردا ئويۇن قويۇش، يېزا، كەنتلەردە مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى ئارقىلىق دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش پائالىيەتلىرى داۋاملاشتۇرۇلۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستقا بېرىپ، دېھقانلارغا ئويۇن قويۇپ بېرىدىغان مەدەنىيەت كىچىك شۆبە ئەترىتى تەشكىللىنىدۇ. بەشىنچىدىن، جايلاردا ‹‹100 كۈنلۈك مەدەنىيەت مەيدان پائالىيىتى››، ‹‹يېزا، كەنتلەردە 100 كۈنلۈك كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ۋە تەنتەربىيە مۇسابىقىسى››، ‹‹بىر يېزىدا بىر ئەترەت تەشۋىقات – مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى›› قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىلىملىرىنى زور كۈچ بىلەن ئومۇملاشتۇرۇپ، ئىجابىي ساغلام مەدەنىيەت – تەنتەربىيە پائالىيىتى بىلەن كىشىلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئەلرايىنى مۇجەسسەملەش ئارقىلىق ئاممىنىڭ پائالىيەتكە قاتنىشىش جەريانىدا، تەربىيە ئېلىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىلىدۇ. ئالتىنچىدىن، جايلارنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە، شەھەرلەر بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە بىرلەشمە دوستلۇق ئالاقە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ھەر مىللەت خەلقى بىلەن كۆپ ساھە، كۆپ قاتلام بويىچە ئالاقىلىشىدىغان، دوستلۇق ئورنىتىدىغان چۈشىنىش ۋە ئالاقىلىشىش سۇپىسى تەسىس قىلىنىدۇ. يەتتىنچىدىن، ھەر دەرىجىلىك ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىسى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى بازىسىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ‹‹كۆچمە مۇزېي››لارنى يېزا، مەھەللە، كەنت، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىغا كۆچۈرۈپ ئېكسكۇرسىيە قىلدۇرۇش، تەشۋىق قىلىش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلىدۇ. سەككىزىنچىدىن، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مەدھىيەلەنگەن ناخشىلارنى ئېيتىش›› پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ناخشا – كۈيلىرىنى كەڭ دائىرىدە توپلاپ، نادىر ناخشا – كۈيلەرنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىپ، جايلار، ئورۇنلار داۋاملاشتۇرۇپ ئېيتىشقا ئۇيۇشتۇرۇلىدۇ.

     (4) مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش. بىرىنچىدىن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىچى كەنت، نەمۇنىچى مەھەللە، نەمۇنىچى ئورۇنلارنى بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى كەڭ دائىرىدە قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىشقا ئائىت تەقدىرلەش پائالىيىتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىسى بەرپا قىلىش ئەمەلىيىتىدە ئۆز ئارا ئىشىنىش، قان – قېرىنداشلىق مۇھەببىتىنى كۈچەيتىشكە يېتەكلىنىدۇ. ئىككىنچىدىن، ‹‹بەشتە ياخشى دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرى›› ۋە ‹‹بەشتە ياخشى دىنىي زاتلار›› بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق دىنىي سورۇنلار مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى تەشۋىقات – تەربىيە بازىسىغا ئايلاندۇرۇلىدۇ، شۇنداقلا دىنىي زاتلار مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تەشۋىق قىلغۇچىلار ۋە نەمۇنىلىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىلەردىن بولۇپ قالىدۇ. ئۈچىنچىدىن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى بويىچە مەدەت بېرىش مېخانىزمى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتىغا ئائىت تەقدىرلەش پائالىيىتىنى تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۈرۈش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

     (5) ئىلغار تىپلارنى تەشۋىق قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش. بىرىنچى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى بىر تۈركۈم ئىلغار ئورۇن ۋە نەمۇنىلىك شەخسلەرنى قېزىپ چىقىرىش ۋە تەشۋىق قىلىش، ‹‹ئەتراپىمىزدىكى ياخشى كىشىلەر››، ‹‹ئەڭ گۈزەل شىنجاڭلىق›› ۋە ‹‹زامانىمىز ئۈلگىلىرى›› ئارقىلىق مەركەزلىك تەشۋىق قىلىش. ئىلى، سانجى قاتارلىق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ تەجرىبە نەتىجىلىرىنى نۇقتىلىق تەشۋىق قىلىش، جۇاڭ شىخۇا، لى يۈەنمىڭ، ۋاڭ گۈيجىن، تاۋ خۇي قاتارلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى نەمۇنىچىلارنىڭ ئىش – پائالىيەتلىرىنى تەشۋىق قىلىپ، زور تەسىر پەيدا قىلىش. ئىككىنچى، شەھەر – يېزا ئاساسىي قاتلامدىكى ۋە مەھەللە، كەنت، كارخانا، مەكتەپ ۋە كۆزنەكلىك ئىدارىلەرنىڭ ساخاۋەتلىك ئىشلىرى، ياخشى كىشىلەر، ياخشى ئىشلارنى تەشۋىق قىلىش، بولۇپمۇ ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئىلغار تىپلارنى تەشۋىق قىلىش، ئۇلارنىڭ ساخاۋەتلىك ئىشلىرىنى نامايان قىلىش. ئۈچىنچى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىدىكى ياخشى تەجرىبە، ياخشى چارىلەرنى ئومۇملاشتۇرۇپ كېڭەيتىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئۈلگىلىك ئورۇن ۋە ئۈلگىلىك شەخس ۋەكىللىرىنىڭ سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاساسلىق تاراتقۇلار ئارقىلىق تەشۋىق قىلىشقا تەشكىللەش. تۆتىنچى، 3 – نۆۋەتلىك ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ياخشى ئۆسمۈر››نى سايلاش پائالىيىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ ئادەتلەندۈرۈش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئىدىيەسىنى ياش – ئۆسمۈرلەر قەلبىنىڭ چوڭقۇر قېتىدا يىلتىز تارتقۇزۇش.

     (6) جامائەت پىكرى تەشۋىقات خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلەش. ئاپتونوم رايون ۋە جايلاردىكى ئاخبارات تاراتقۇلىرى كۆڭۈل قويۇپ تېما تاللاش، ۋاقىت، بەت، نومۇرلارنى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇش، مەخسۇس تېما، مەخسۇس سەھىپە، مەخسۇس سانلارنى تەسىس قىلىپ، تەشۋىقات سالمىقىنى ئاشۇرۇش، تەربىيە ئېيى پائالىيىتىنىڭ ئىلگىرىلىشى ۋە نەتىجىلىرىنى ئۆز ۋاقتىدا ئىنكاس قىلىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئىشلاردا ئوتتۇرىغا چىققان ئىلغار تىپ ۋە ئىلغار تەجرىبىلەرنى كەڭ تەشۋىق قىلىش. نۇرغۇن مۇخبىرنى ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈرۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش، مەركەزنىڭ شىنجاڭغا بولغان غەمخورلۇقلىرى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى كەڭ تەشۋىق قىلىش، پارتىيەنىڭ 2- تۈركۈمدىكى ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› پائالىيىتىنىڭ نەتىجىلىرى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى تەشۋىق قىلىش، ھەر مىللەت كادىر، ئاممىسىنىڭ مەنىۋى قىياپىتىنى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىش. ئاپتونوم رايوننىڭ ئاساسلىق تور پونكىتلىرى ھەر خىل تىللاردىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مەخسۇس ئىستونى ئاجرىتىشى كېرەك، بىر تۈركۈم ئاساسىي تېمىسى روشەن، تۇرمۇشقا يېقىن، ئامما ياقتۇرىدىغان تور تېمىلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى تىپىك تور سايلىمى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى جامائەت پاراۋانلىقى ئېلانى ۋە نادىر بالىلار قوشىقى توپلاش تەشۋىقات پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان بىر تۈركۈم تۈر تەشۋىقاتى ئەسەرلىرىنى يېزىپ چىقىش، يان تېلېفون گېزىتى، ئۈندىدار، بىلوگ، مىكروسىن، مىكرو كىنو قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، تارقىتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش. جايلاردىكى تەشۋىقات، سودا – سانائەت، قاتناش ۋە شەھەر باشقۇرۇش تارماقلىرى تەشۋىقات تاختاي گېزىتى، ئېلان تاختىسى، گېزىت ئوقۇش سەھنىسى، ئېلېكتىرونلۇق چوڭ ئېكران، ئاپتوموبىل ئېكرانى TV، تاكسى LED  چىرىغى قاتارلىق تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق تەشۋىقات شوئارىنى چىقىرىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىقات  تەربىيەسىنىڭ قويۇق كەيپىياتىنى بەرپا قىلىش.

4. ئالاقىدار تەلەپلەر

     1. تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىش. جايلار، تارماقلار، ئورۇنلار مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيە ئېيى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ روھى، شىنجاڭنىڭ ئىلمىي تەرەققىياتى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئاساسىي قۇرۇلۇش قىلىپ، ئۇنى ئاساسىي ئورۇنغا قويۇشى، مۇھىم كۈنتەرتىپكە كىرگۈزۈشى، ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئەستايىدىل ئورۇنلاشتۇرۇشى، چىڭ ۋە ياخشى تۇتۇشى كېرەك. قاتلاممۇ قاتلام يىغىن ئېچىپ، سەپەرۋەرلىك قىلىپ، كەڭ تەشۋىق قىلىشقا قوزغاش كېرەك. ئاپتونوم رايون 5 – ئاينىڭ باشلىرىدا 32 – نۆۋەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيە ئېيى پائالىيىتىنىڭ سەپەرۋەرلىك يىغىنى چاقىرىشى كېرەك.

     ھەر دەرىجىلىك تەشۋىقات، بىرلىك سەپ، مائارىپ، مىللەت – دىن تارماقلىرى زىچ ماسلىشىپ، بىرىكمە كۈچ ھاسىل قىلىپ، تەربىيە ئېيى پائالىيىتىنىڭ تۈرلۈك ۋەزىپىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى بىرلىكتە ياخشى تۇتۇشى كېرەك. ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئۆز ئەۋزەللىكلىرىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەر قايسىسى ئۆز ساھەسىدىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، زور تەشۋىقات – تەربىيە خىزمىتى ۋەزىيىتىنى تىرىشىپ شەكىللەندۈرۈشى كېرەك.

     2. خىزمەت ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىش. جايلار، تارماقلار، ئورۇنلار ئاپتونوم رايوننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش پىكرىگە ئاساسەن، شۇ جاي، شۇ تارماق، شۇ ئورۇننىڭ خىزمەت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئۆز ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى تەشۋىقات – تەربىيە خىزمىتىنى يېڭىلىق ياراتقان ھالدا قانات يايدۇرۇشى كېرەك. كەڭ كادىر، ئاممىنىڭ ئاكتىپچانلىقى، ئىجادچانلىقىنى قوزغاش، ئاساسىي قاتلامغا، ئاممىغا داۋاملىق يۈزلىنىش، پائالىيەت ۋاسىتىسىدە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىش، پائالىيەت مەزمۇنىنى موللاشتۇرۇش، ئامما خۇشاللىق بىلەن ئاسان قاتنىشالايدىغان سۇپا ھازىرلاش، قاپلاش يۈزىنى كېڭەيتىش، ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك. يېڭى ۋەزىيەتتىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيە پائالىيىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە قانۇنىيىتى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىش، مەزمۇنىدا، شەكلىدە، ۋاسىتىدە يېڭىلىق يارىتىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيە ئېيى پائالىيىتىنى داغدۇغىلىق قانات يايدۇرۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىقات – تەربىيە خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى تىرىشىپ يارىتىش كېرەك.

     3. خىزمەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش. جايلار، تارماقلار، ئورۇنلار ھەممىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، يىراق كەلگۈسىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئەمەلىيەتكە ئەھمىيەت بېرىپ، تەربىيە ئېيى پائالىيىتىنىڭ تۈرلۈك خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى كونكرېت تارماق ۋە خادىملارغا ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش، بۇنىڭدا لايىھە، تەلەپ، ۋاسىتە ۋە قاتتىق تەلەپ بولۇشى كېرەك. مەسئۇلىيەتنى ئادەمگە ئېنىق ئايرىپ بېرىپ، ۋەزىپىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بەلگىلىگەن ئىشنى قىلىش، قىلغان ئىشتىن نەتىجە چىقىرىش، تۈرلۈك خىزمەتلەردىن ئەمەلىي نەتىجىنى چوقۇم تەلەپ قىلىش، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئەمەلىيىتى ۋە ئىدىيە ئەمەلىيىتى بىلەن زىچ باغلاپ، كونكرېت مەسىلە، كونكرېت ساھە، كونكرېت ئەمەلىيەتتىن تۇتۇش قىلىپ، ئۇنى تەشۋىقات – تەربىيە بىلەن ئامما مەنپەئىتىنىڭ بىرىكىش نۇقتىسىغا توغرىلاپ، تۈرلۈك خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىستىلنى ھەقىقىي ئۆزگەرتىپ، شەكىلۋازلىقنى توسۇپ، رەسمىيەتچىلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

     مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى، تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى



无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter