Ralph Lauren Canada ;One is to choose a plain colour of Polo,ralph lauren outlet such as Black, Navy or White - ralph lauren canadaselecting a colour of garment on which your corporate logo colours will look good when embroidered.ralph lauren canada outlet This can sometimes be preferable to buying an off-the-shelf garment in an unusual shade because fashions change and just because yourpandora canada company's shade of lime green is in vogue today this may not be the case in two years time.http://www.cefrank.com.au Manufacturers of off-the-shelf Tiffany Sale'stock' garments tend to change their ranges from time to michael kors outlet uktime and may choose to drop a colour if it is no longer considered popular.cheap burberry Ask your supplier and they should be able to tell you which colours Cheap Pandora Charmsare likely to remain available or which are in doubt.The second option,www.rvaq.ca if you have a sufficiently large requirement, is to have a Polo Shirt manufactured for your staff uniform in a bespoke colour. Manufacturing a bespoke embroidered Polo Shirt, opens up a wealth of possibilities regarding colour matching to your main corporate colour, Tiffany Saleembroidery branding, trims & detailing but this option is usually only viable from 300 to 500 pieces for a single colour garment or 1,000 Cheap Tiffany Salepieces upwards for more complex designs.
ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت سىستېمىسى

ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت سىستېمىسى

2014-05-10 10:59     كۆرۈلۈشى: 1280 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت سىستېمىسى بەرپا قىلىش  توغرىسىدىكى كونكرېت تەلەپلەر ئەھەد مۇھەممىدۇللا      ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت سىستېمىسى دېگىنىمىز، خەلقنىڭ ئاساسىي مەدەنىيەت ھوقۇقىغا كاپالە....

ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت سىستېمىسى بەرپا قىلىش

 توغرىسىدىكى كونكرېت تەلەپلەر

ئەھەد مۇھەممىدۇللا

     ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت سىستېمىسى دېگىنىمىز، خەلقنىڭ ئاساسىي مەدەنىيەت ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە خەلقنىڭ ئاساسىي مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتا، ھۆكۈمەتنى يېتەكچى، جامائەت مالىيەسىنى تىرەك، پاراۋانلىق تىپىدىكى مەدەنىيەت ئورۇنلىرىنى تايانچ قىلغان، جەمئىيەت ئۈچۈن ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرى، مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى، مەدەنىيەت مۇلازىمىتى ۋە تۈزۈم بىلەن تەمىنلەشنى مەقسەت قىلغان بىر سىستېما. ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت بۇ ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىنىڭ بېكىتىلىشى زامانىۋى ھاكىمىيەتنىڭ ئۆز فۇنكسىيەسىگە بولغان ئورنىنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى. شۇنداقلا يەنە پۇقرالارنىڭ مەدەنىيەت ھوقۇقىغا بولغان ھۆرمىتىنى ۋە پۇقرالارنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىغا بولغان مەسئۇلىيەتنى نامايان قىلىپ بەردى. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ‹‹قارار››دىمۇ ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش توغرىسىدا كونكرېت تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

     1. مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك قاپلىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك. دۆلەت، ئۆلكە، شەھەر، ناھىيە، يېزا – كەنت دەرىجىلىك ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرى تۈرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تىرىشىپ، ئاساسىي قاتلام ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى بىر تۇتاش پىلانلاش ۋە قۇرۇپ چىقىش لازىم. نۆۋەتتىكى ئاساسىي قاتلام مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىدا، پەقەت تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈۋېلىش ئۈچۈنلا مەدەنىيەت ئورنى بولۇش، خادىمى، مەبلىغى بولماسلىق، بولسىمۇ ئىنتايىن ئاز بولۇش، خادىمى بولسىمۇ مۇقىم، ئىشتاتلىق بولماسلىقتەك مەسىلىلەر مەۋجۇت. بۇ ھەرگىزمۇ پارتىيەمىز ئوتتۇرىغا قويغان ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت سىستېمىسى بەرپا قىلىشتىكى ئاخىرقى نىشان ئەمەس، پارتىيەمىزنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت سىستېمىسى بەرپا قىلىشتىكى تۈپ مەقسىتى بولسا خەلقنىڭ ئاساسىي مەدەنىيەت ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە خەلقنىڭ ئاساسىي مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتىن ئىبارەت. شۇڭا، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت بۇ ئىشقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا تىرىشىپ، خەلقنىڭ مەدەنىيەت ساپاسىنى پائال ئۆستۈرۈش لازىم. بولۇپمۇ ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، چەت – چېگرا رايونلارغا ۋە نامرات رايونلارنىڭ مەدەنىيەت مۇلازىمەت قۇرۇلۇشىغا بولغان قوللاش ۋە يۆلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇش لازىم. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئاياللار، قۇرامىغا يەتمىگەنلەر، ياشانغانلار ۋە مېيىپلەرگە يۈزلەنگەن ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى سەپلەپ بېرىشكىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش لازىم.

     2. ئاساسىي ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، تەڭپۇڭلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. مەدەنىيەت بايلىقلىرىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈشكە كۆڭۈل بۆلۈپ، يېزىلارغا قارىتىلغان مەدەنىيەت مۇلازىمەت ئومۇمىي مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، شەھەر بىلەن يېزىلارنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتى جەھەتتىكى پەرقنى كىچىكلىتىشكە كۈچەش لازىم. دېھقانلار، شەھەرگە كىرىپ ئىشلەۋاتقانلار، ياشانغانلار، قۇرامىغا يەتمىگەنلەر، ئىش ئورنىدىن قالغانلار، تۆۋەن كىرىملىكلەر ۋە مېيىپلەرنى ئوبيېكتىپ قىلىپ، ھۆكۈمەت ياردەم بېرىش، مەدەنىيەت ئىستېمال كارتىسى تارقىتىش، ئېتىبار بېرىش قاتارلىق تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئاممىۋى مەدەنىيەتنىڭ تەمىنلەش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش لازىم.

     3. مەدەنىيەتتە خەلققە نەپ يەتكۈزۈش تۈرى بىلەن ئاممىنىڭ مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى ئۈنۈملۈك بىرلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرىنى ئاممىغا ھەقسىز ئېچىۋېتىشنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقنى ھەقسىز بولغان ياكى ئېتىبار قىلىنغان ئاساسى ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەتلىرىدىن بەھرىلەندۈرۈش لازىم. ئاساسىي قاتلاملاردا مەدەنىيەتنى تەشۋىق قىلىش، پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەش، پەن – تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش، تەنتەربىيە، ساغلاملىق ئەسلىھەلىرىنى بىرىكتۈرۈپ، ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇش كېرەك. ئاممىۋى كۇتۇپخانا، مەدەنىيەت يۇرتى، مەدەنىيەت سارايلىرىنى جەمئىيەتكە ھەقسىز ئېچىۋېتىش سالمىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن مەدەنىيەت مۇلازىمەتلىرى بىلەن تەمىنلەپ، مۇلازىمەت ئۆلچىمىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مۇلازىمەت تۈرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇلازىمەت ئۈنۈمىنى ياخشىلاپ، يېزا – بازار ئاھالىلىرى ئۈچۈن ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، ئومۇمەن باراۋەر بولغان ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش لازىم.

     4. ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەتلىرىنى ئىجتىمائىيلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە خەلق ئارىسىدىكى كۈچلەرنىڭ رولىنى ئىلمىي يېتەكلەش ۋە تولۇق جارى قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت سىستېمىسىنىڭ كۆپ مەنبەدىن شەكىللەنگەن مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش لازىم. ھازىر ئېلىمىزنىڭ بەزى جايلىرىدا كۆپ ساندىكى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە خەلق ئارىسىدىكى كۈچلەرنىڭ قاتنىشىشى ھەمدە قوللاپ قۇۋۋەتلىشى خەلقنى ئاممىۋى مەدەنىيەت مەھسۇلاتى ۋە مۇلازىمىتى بىلەن ئۈنۈملۈك تەمىنلەشتە ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىماقتا. شۇڭا، ئاپتونوم رايونىمىزدىمۇ ھۆكۈمەت ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە خەلق ئارىسىدىكى كۈچلەرنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مۇناسىۋەتلىك قانۇن، نىزاملارنى بېكىتىپ، ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت قۇرۇلۇشى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ھۆكۈمەت نازارەت قىلىپ باشقۇرىدىغان، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار قاتنىشىدىغان، بىر – بىرىنى تولۇقلايدىغان ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت تەشكىلاتى تۈزۈلمىسى ۋە مەسئۇلىيىتى ئېنىق، ھەرىكىتى قېلىپلاشقان، ئۈنۈمدارلىققا ئىگە بولغان ئايلىنىش مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈشى لازىم.

     5. ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت كۆرسەتكۈچ سىستېمىسى ۋە نەتىجە – ئۈنۈمنى باھالاش چارىسىنى بېكىتىپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرىنى باھالاش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. بۇ ئارقىلىق بىر قەدەر مۇكەممەل بولغان يېتەكچىلىك قىلىش ۋە باھالاش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، خەلقنىڭ ئاساسى مەدەنىيەت ھوقۇقىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش لازىم. ئامما باھالاش ۋە ئامما ئىنكاس قىلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، مەدەنىيەتتە خەلققە نەپ يەتكۈزۈش تۈرى بىلەن ئاممىنىڭ مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى ئۈنۈملۈك بىرلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشتە، بۇرۇنقىدەك ئاممىنىڭ ئېھتىياجى بارمۇ – يوق، قارىغۇلارچە مۇلازىمەت قىلىدىغان، ھېچقانداق ئىجتىمائىي ئۈنۈم ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈممۇ يارىتالمايدىغان، كونا مۇلازىمەت ئەندىزىسىنى چۆرۈپ تاشلاپ، خەلقنىڭ ئېھتىياجى، ئارزۇسى، دەۋر تەلىپىگە ئاساسەن مۇلازىمەت قىلىدىغان زامانىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈش لازىم. بۇلاردىن باشقا يەنە، ئاممىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى رەھبىرىي كادىرلارنى باھالاشتىكى مۇھىم كۆرسەتكۈچ قىلىپ، ئىنچىكە، كونكرېت بولغان ئاممىۋى مەدەنىيەت خىزمىتىنى باھالاش ئۆلچىمىنى بېكىتىپ، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مەدەنىيەت خىزمىتىگە بولغان باھالاشنى كۈچەيتىشى لازىم.

     6. ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىگە بولغان سېلىنما ۋە كاپالەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنى كۈچلۈك بولغان مالىيە ياردىمى بىلەن تەمىنلەش لازىم. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى ئۈچۈن سالىدىغان سېلىنمىسىنى يىلدىن – يىلغا ئاشۇرۇش لازىم. ھازىر ئاساسىي قاتلامدا، بولۇپمۇ كەنتلەردە ۋە مەھەللىلەردە ئاساسەن دېگۈدەك دېھقانلار مەدەنىيەت ئۆيى، دېھقانلار قىرائەتخانىسى قاتارلىقلار بار. بۇ ئورۇنلار بەزى جايلاردا دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىگە تەسىس قىلىنغان. مەخسۇس باشقۇرغۇچى خادىم بولمىغانلىقتىن دېھقان ئۆزى باشقۇرىدۇ، ئۇنىڭغا مەبلەغمۇ بېرىلمەيدۇ، بەزى جايلاردا ئۆي بىلەن تەمىنلىگەن دېھقاننىڭ ھاشاسى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ ۋە ياكى يىلىغا ئازراق ھەق بېرىلىدۇ. دېھقاننىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى بولماسلىقى، مەبلەغنىڭ سېلىنماسلىقى ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنىڭ تازا كۆڭۈلدىكىدەك بولماسلىقى سەۋەبلىك، بۇ مەدەنىيەت سورۇنلىرى ئاممىنى ئۆزىگە جەلپ قىلالمايۋاتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن قىشىچە قىلىدىغانغا ئىش تاپالمايۋاتقان دېھقان ياشلىرىدا بىر خىل زېرىكىش، شەھەرلەرگە، مەدەنىيەتكە ئىنتىلىشتەك ئەھۋاللار بارلىققا كەلمەكتە. شۇڭا، ھۆكۈمەت ئۆز فۇنكسىيەسىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، سېلىنمىنى كۆپەيتىشى، ھەر بىر كەنت، مەھەللىلەرگىچە ئايرىم مەدەنىيەت ئۆيلىرىنى قۇرۇپ چىقىش، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ ئىش كۈتۈپ تۇرغان ئىستۇدېنتلارنى مەدەنىيەت مۇلازىمەت خادىمى قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن ئامما ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلغىلى بولىدۇ.



无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter