Ralph Lauren Canada ;One is to choose a plain colour of Polo,ralph lauren outlet such as Black, Navy or White - ralph lauren canadaselecting a colour of garment on which your corporate logo colours will look good when embroidered.ralph lauren canada outlet This can sometimes be preferable to buying an off-the-shelf garment in an unusual shade because fashions change and just because yourpandora canada company's shade of lime green is in vogue today this may not be the case in two years time.http://www.cefrank.com.au Manufacturers of off-the-shelf Tiffany Sale'stock' garments tend to change their ranges from time to michael kors outlet uktime and may choose to drop a colour if it is no longer considered popular.cheap burberry Ask your supplier and they should be able to tell you which colours Cheap Pandora Charmsare likely to remain available or which are in doubt.The second option,www.rvaq.ca if you have a sufficiently large requirement, is to have a Polo Shirt manufactured for your staff uniform in a bespoke colour. Manufacturing a bespoke embroidered Polo Shirt, opens up a wealth of possibilities regarding colour matching to your main corporate colour, Tiffany Saleembroidery branding, trims & detailing but this option is usually only viable from 300 to 500 pieces for a single colour garment or 1,000 Cheap Tiffany Salepieces upwards for more complex designs.
ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> كىيىم – كېچەك بىر مىللەت مەدەنىيىتىنىڭ ئەسلىمىسى

كىيىم – كېچەك بىر مىللەت مەدەنىيىتىنىڭ ئەسلىمىسى

2014-02-15 1:04     كۆرۈلۈشى: 11,681 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: ئېركەش قۇرمانبەك      بۇ ئىككى يىلدا ئەتراپىمدىكى نۇرغۇن ئۇيغۇر خانىم – قىزلىرىنىڭ ھىجابلىنىۋالغانلىقىنى ھېس قىلدىم. يېقىندا ئىچكىرىدىكى كاماندىروپكىدىن قايتىشىمدا، ھىجابلىنىۋالغان بىر ئايال بىلە....

ئېركەش قۇرمانبەك

     بۇ ئىككى يىلدا ئەتراپىمدىكى نۇرغۇن ئۇيغۇر خانىم – قىزلىرىنىڭ ھىجابلىنىۋالغانلىقىنى ھېس قىلدىم. يېقىندا ئىچكىرىدىكى كاماندىروپكىدىن قايتىشىمدا، ھىجابلىنىۋالغان بىر ئايال بىلەن بىر ئايروپىلانغا چىقىپ قاپتىمەن، ئايرودۇرۇمنىڭ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەندە، ھېلىقى ئايال كۆپ ئاۋارە بولدى، بۇ ماڭا 2010 – يىلى شاڭخەي دۇنيا كۆرگەزمىسىنى كۆرۈشكە بارغان چاغدىكى بىر ئىشنى ئەسلەتتى.

     تارىختا ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە غەربىي ئاسىيادىكى بەزى دۆلەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى شىنجاڭ مەدەنىيىتىگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەن، شۇڭا مەن بۇ دۆلەتلەرنىڭ دۇنيا كۆرمەزمىسى سارىيىغا قويۇلغان بۇيۇملىرىغا ئالاھىدە دىققەت قىلدىم. قايسى كۆرگەزمە سارىيى ئىكەنلىكى ئېسىمدە يوق، ئېسىل ئايالچە ئاياغ كىيىمگە كۆزۈم چۈشتى. بۇ ئاياغ كىيىم قەدىمچە قونجىسىغا خىرۇستال قويۇلغان ئاياغ ئىدى. يېنىمدىكى بىرەيلەن خۇرسىنغان ھالدا مۇنداق دېدى: بۇ ئەرەب دۆلەتلىرىدە ئاياللار يۈزىنى يېپىپ يۈرىدىغان بولغاچقا، ئۇلار گۈزەللىككە بولغان ئىنتىلىشىنى ئاياغ كىيىمى بىلەن نامايان قىلىشقا مەجبۇر بولغان گەپ. 2012 – يىل 12 – ئاينىڭ 3 – كۈنى نەشر قىلىنغان ‹‹سۇمۇرغ پاسونى›› ژۇرنىلىدا مۇنداق بىر ماقالىنى كۆردۈم: ئەرەب تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئاياللار ھەر يىلى ‹‹پۇتىنى بېزەش››كە نۇرغۇن پۇل خەجلەيدىكەن. شۇڭا ‹‹پۇت بېزەش›› دۇكانلىرى كۆپىيىپ كەتكەن. ئەرەب جەمئىيىتىدە يالاڭئاياغ يۈرۈش چەكلەنمەيدۇ، بۇ ئوتتۇرا شەرقنىڭ جۇغراپىيە، ھاۋارايى ئالاھىدىلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئەرەبلەر قۇملۇق ياكى دېڭىز بويىدا ياشايدۇ، ئەگەر پۇتىنى يۆگىۋالسا، ئىسسىق ھاۋادا پۇت تېرىسى ئاسانلا ياللۇغلىنىپ قالىدۇ. ئوتتۇرا شەرق سوتسىيالوگلىرىنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، ئەرەب ئاياللىرى يۈزىنى ئورىۋالغاچقا، ئۇلار كىشىلەر دىققەت قىلمايدىغان پۇتى بىلەن گۈزەللىكىنى نامايان قىلىشقا مەجبۇر بولغان.

     مەن بۇ دۆلەتلەرگە بېرىپ باقمىغان بولساممۇ، نۆۋەتتىكى يەتكۈزۈلگەن ئۇچۇرلاردىن ئۇلارنىڭ پەن – تېخنىكىلىشىش سەۋىيەسىنىڭ توغرىلىقىغا قاراپ، بۇ يازما بايانلارنىڭ چىن ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەي تۇرالمايمەن؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە كاللامدا بىر دۆلەت نېمە ئۈچۈن بىر ئايالچە ئاياغ كىيىمنى دۇنيا كۆرگەزمىسىگە قويغاندۇ؟ دېگەن سوئال تۇغۇلدى.

     بىر رايون، بىر مىللەتنىڭ كىيىم – كېچىكىنىڭ شەكىللىنىشى بىر مىللەتنىڭ ياشاش شارائىتى، تەبىئىي مۇھىتى، ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. قانداق ماتېرىيال ئىشلىتىش، قانداق كېسىش – تىكىش مەسىلىسىدە ھەر قانداق مىللەت ئۆز يېرىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش تۇتقان. ئسسىق بەلباغ ئورمانلىقىدا ياشايدىغان كىشىگە ئېكسموسلارنىڭ تيۇلېن تېرىسىدىن تىكىلگەن كىيىمنى كىيگۈزۈپ قويساق قانداق بولار؟. ئىنسانىيەت جەمئىيىتى ئۇزاق تەرەققىيات مۇساپىسى جەريانىدىن كېيىن، كىيىم – كېچەك بىر رايون، بىر مىللەت مەدەنىيىتىنىڭ بەلگىسىگە ئايلاندى، ئەرەب يەكتىكى، شوتلاندىيە يوپكىسى، ھىندىستان سارىسى، ياپونىيە كىمونوسى، زاڭزۇلارنىڭ ئورىما كىيىمى، دەيزۇلارنىڭ تار يوپكىسى، قازاقلارنىڭ پەيلىك بۆكى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەتلىسى ئېسىل مەدەنىيەت مىراسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەيلى قايسى مىللەت بولۇشىدىن قەتئىينەزەر مەدەنىيەت مىراسى ھەمىشە ئاياللارنىڭ كىيىم – كېچەكلىرىدە ئەڭ تولۇق، ئەڭ گۈزەل، ئەڭ نادىر ئەكس ئېتىدۇ. رېئال تۇرمۇشىمىزدا ئەنئەنىۋى كىيىنگەن ئاياللارنى كۆپ ئۇچراتمىساقمۇ، بىراق ئايالچە كىيىم – كېچەكلەر بىر مىللەت كىيىم – كېچەك مەدەنىيىتىنىڭ گۈزەل بەلگىسى ھېسابلىنىدۇ. ئىشىنىمەنكى، دۇنيادا ھەر قانداق بىر مىللەت بۇ گۈزەل ئەسلىمىلەردىن ئاسانلىقچە ۋاز كەچمەيدۇ ياكى ئىنكار قىلمايدۇ. بايرام ۋە كاتتا يىغىلىشلار بۇ ئەسلىمىلەرنى نامايان قىلىدىغان ئەڭ ياخشى ۋاسىتە. شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ كىيىم – كېچىكى شىنجاڭنىڭ تاغ، قۇملۇق، چۆللۈك، بوستانلىق ۋە شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكى، مىللەت گېنىدىن ئايرىلالمايدۇ.

     مەقسەتكە كەلسەم، مەن مۇنداق ئۈچ مەزمۇندىن ئۇچۇر بەرمەكچىمەن: بىرىنچى، كىيىم – كېچەك تەبىئىي شەكىللەنگەن. كونىلاردا ‹‹يەكچەشمىنىڭ شەھىرىگە بارساڭ، بىر كۆزۈڭنى قىسىۋال›› دېگەن گەپ بار؛ ئىككىنچى، ئاياللارنىڭ كىيىم – كېچەكلىرى بىر مىللەتنىڭ ئېستېتىك خاھىشىنى نامايان قىلىدىغان ئەڭ ياخشى كۆزنەك؛ ئۈچىنچى، ئاياللار تۇغۇلۇشىدىن گۈزەللىككە ئىنتىلىدۇ، بۇنى يوشۇرۇش مۇمكىن ئەمەس. چۈمپەردە شىنجاڭدىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىمى ئەمەس، بەلكى پۈتۈنلەي چەت ئەلدىن كىرگەن.

     نۆۋەتتە ‹‹تىنچلىق›› ۋە ‹‹تەرەققىيات›› زامانىمىزدىكى باش تېما بولۇپ قالدى. مۇشۇ دەۋردە ياشاۋاتقان كىشىلەر ‹‹تىنچلىق››نىڭ تولىمۇ قەدىرلىك ئىكەنلىكى، شۇنداقلا ‹‹تەرەققىيات›› بولسا ‹‹تىنچلىق››تا كەم بولسا بولمايدىغان تايانچ ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتى. ‹‹تەرەققىيات›› سۆزىنى ھازىرقى تېمىغا باغلاپ ماكرو جەھەتتىن ئېيتقاندا، تەرەققىيات ئىقتىسادىي تەرەققىيات، مەدەنىيەت تەرەققىياتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ مىكرو جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئاياللارنىڭ ئورنىنىڭ كۆتۈرۈلۈشى، ئاياللار ۋە بالىلار ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى كۆرسىتىدۇ. ماركىسنىڭ ‹‹لۇدۋىڭ كۇگېلمانغا خەت››تە مۇنداق بىر مەزمۇن بار: ‹‹تارىختىن ئاز – تولا خەۋىرى بار كىشى ئاياللارنىڭ فېرمېنتى بولمىغان بولسا ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئۆزگىرىش بولمايدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ. جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئاياللارنىڭ ئىجتىمائىي ئورنى ئارقىلىق توغرا ئۆلچىگىلى بولىدۇ…….›› بۇ مەزمۇندا ‹‹فېرمېنت›› سۆزى جانلىق ئىشلىتىلگەن. ‹‹فېرمېنت›› ئەمەلىيەتتە ئېچىتىلغان ئوزۇقلۇق ماددىسى. ھازىرقى زامان ئاياللىرىنىڭ كىيىم – كېچەكلىرى بازار ئىگىلىكىنىڭ فېرمېنتى بولماي، يەنە جەمئىيەت تەرەققىياتى، ئاياللار تەرەققىياتىنىڭ فېرمېنتى. ئەنئەنىۋى كىيىملەرنى كىيىپ ئەمگەك قىلىش مۇمكىن ئەمەس، تارىخ چاقىنىڭ ئايلىنىشىنى توسۇۋالغىلى بولمايدۇ. بۇ سانائەتلەشكەن جەمئىيەت، شەھەرلىشىشكە يۈزلەنگەن جەمئىيەت، بارغانسېرى قانۇن – تۈزۈمنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشنى تەشەببۇس قىلىۋاتقان جەمئىيەت. ئىشقا ئورۇنلىشىش، خىزمەت ياكى كېيىنكى ئەۋلادلارنى تەربىيەلەش بولسۇن، ئاممىۋى قاتناش ئاپتوبۇسىغا، ئايروپىلاندا ئولتۇرۇش، قانۇن بويىچە قوغدىلىش، ساغلاملىق ئۈچۈن، ئاياللاردىن بەلگىلىك بىلىمى بولۇش، ئۆزىگە ئىشىنىش، گۈزەل ۋە يارىشىملىق كىيىنىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ ئاۋامنىڭ ئاياللارنى ئېتىراپ قىلىشى ۋە ھۆرمەت قىلىشى، شۇنداقلا مۇشۇ دەۋردە ياشاۋاتقان ئاياللارنىڭ ‹‹يوشۇرۇن گۈزەللىكى››نىڭ ئۆزىگە خاس ئىپادىسى. ئەستايىدىل ئويلىساق، ھازىر ھەر قايسى دۆلەتلەردە مەيلى خىزمەت كىيىمى، ئىش كىيىمى ياكى ئاممىباب كىيىم، راھەت كىيىم، مودا كىيىم بولسۇن، بۇ كىيىملەرنىڭ زادى غەربكە ياكى شەرققە، قايسى رايون، قايسى مىللەتكە تەۋە ئىكەنلىكىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈش مۇمكىن ئەمەس. بۇ مۇشۇ دۇنيادا ياشاۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئورتاق تاللىشى، دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشى، تۇرمۇش ئۆزگىرىشى زامانىۋى مەدەنىيەت ئۆزگىرىشىدۇر. يۈزى ۋە بېشىنى چىڭ ئورىۋالغان ئايال ھەر قانداق دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەندە، چىرايىنى كۆرسىتىشنى رەت قىلىشىنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس.

     دەۋرىمىز ئاياللىرى تەرەققىياتقا، قانۇننىڭ قوغدىشىغا ۋە ئىززەت – ھۆرمەتكە موھتاج، ئاياللار ئائىلە ۋە جەمئىيەتنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىش بىلەن بىللە يەنە روھىي ساغلاملىققا موھتاج. بىز سوتسىيالىستىك جۇڭگودا، زامانىۋىلىققا ئىنتىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە شىنجاڭدىكى خانىم – قىزلارنىڭ يۈزىنى ئورىۋېلىشىنى، گۈزەللىكىنى پۇتى ئارقىلىق نامايان قىلىشىنى ئۈمىد قىلمايمىز.



无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter