ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> دېموكراتىيە تۇرمۇش يىغىنىنى يۇقىرى سەۋىيەلىك ئاچايلى

دېموكراتىيە تۇرمۇش يىغىنىنى يۇقىرى سەۋىيەلىك ئاچايلى

2014-02-13 12:56     كۆرۈلۈشى: 1272 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: دېموكراتىيە تۇرمۇش يىغىنىنى يۇقىرى سۈپەتلىك  يۇقىرى سەۋىيەلىك ئاچايلى      ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىق قىلىش ئارقىلىق، يۇقىرى سۈپەتلىك مەخسۇس تېمىدىكى دېموكرا....

دېموكراتىيە تۇرمۇش يىغىنىنى يۇقىرى سۈپەتلىك

 يۇقىرى سەۋىيەلىك ئاچايلى

     ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىق قىلىش ئارقىلىق، يۇقىرى سۈپەتلىك مەخسۇس تېمىدىكى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئاچتى. يىغىندا دېموكراتىك كەيپىيات قويۇق بولدى، مەسىلىلەر ئەستايىدىل مۇزاكىرە قىلىندى، يوشۇرۇلمىدى، چوڭقۇر ئانالىز قىلىنىپ، كېيىنكى قەدەمدىكى ئۆگىنىش، ئومۇميۈزلۈك تۈزىتىشكە نىسبەتەن تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى، تىرىشىش نىشانى ئېنىق بېكىتىلىپ، مۇھىم نۇقتا ۋە تۈزىتىش تەدبىرلىرى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە پارتىيەلىك كادىرلارغا ئۈلگە كۆرسىتىلدى.

     دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى ياخشى ئېچىش، تەنقىد ۋە ئۆز – ئۆزىنى تەنقىدلەشنى قانات يايدۇرۇش، مەسىلىلەرنى ئىزدەپ، يېتەرسىزلىكلەرنى تەكشۈرۈش بىر ياخشى باشلىنىش. ياخشى باشلىنىش بىلەن ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىشتىكى مۇھىم ھالقا راستچىل – ئەمەلىيەتچىل بولۇش، مەسىلىلەرگە توغرا يۈزلىنىش، ھەقىقىي تۈزىتىشتۇر، بۇ قېتىمقى مەخسۇس تېمىدىكى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنىڭ نەتىجىسىنى تۆۋەندىكى تارماقلار ۋە جايلارنىڭ تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىدە قوللىنىپ، پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇش بىلەن ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش كېرەك.

     راستچىل – ئەمەلىيەتچىل بولغان تەرەپ ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆرەلەيدۇ. پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن ھەققىدىكى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتى مەسىلىلەرنى تېپىش، تەنقىدلەشنى قانات يايدۇرۇشتىن ئىبارەت يۇقىرى بىلەن تۆۋەننى بىر – بىرىگە باغلايدىغان مۇھىم ھالقىدا تۇرماقتا. سىياسىدا مۇستەھكەم بولۇشنى ھەقىقىي ئورۇنداش ياكى ئورۇندىيالماسلىق، ‹‹تۆت خىل ناچار ئىستىل›› غا قارشى تۇرۇش، تەكشۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چوڭقۇر ئانالىز قىلىپ، ئەستايىدىل تۈزىتىشتىكى ناھايىتى مۇھىم نۇقتا راستچىل – ئەمەلىيەتچىل بولۇش، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىشتىن ئىبارەت. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى جەزمەن ھەقىقىي، ئەمەلىي ئېچىلىشى، شەكىلۋازلىق، رەسمىيەتچىلىكنى تۈگىتىشى، مەدھىيەلەپلا تەنقىدلىمەسلىككە خاتىمە بېرىشى كېرەك. دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى ھەقىقىي يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىش كېرەك.

     بىۋاسىتە مەسىلىلەردە تەنقىد ۋە ئۆز – ئۆزىنى تەنقىدلەشكە جۈرئەت قىلىش كېرەك. ‹‹ئۆز – ئۆزىنى تەنقىدلەش تەس، باشقىلارنى تەنقىدلەش تېخىمۇ تەس، يۇقىرى دەرىجىدىكىلەرنى تەنقىدلەش تېخىمۇ مۈشكۈل››، بۇ ھازىر بىر قىسىم تارماقلار ۋە ئورۇنلاردا ساقلىنىۋاتقان ‹‹جاھىل كېسەل››. تەنقىدلەشتە جەزمەن ئىتتىپاقلىشىش ئارزۇسىنى چىقىش قىلىپ، تەنقىدلەش ئارقىلىق ئىتتىپاقلىشىش ۋە ئىلھام بېرىش مەقسىتىگە يېتىش كېرەك. ئىتتىپاقلىشىشنى مەۋقە ۋە مەقسەت قىلغاندىلا، تەنقىدلەش سەۋەبىدىن ئىتتىپاقلىققا تەسىر يېتىشتىن قورۇقمىسىمۇ بولىدۇ. بىرىنچى قول باشلىق باشلامچىلىق بىلەن ئۆز – ئۆزىنى تەنقىدلەپ، تۈرلۈك ئىستىل مەسىلىلىرىنىڭ ھەل قىلىنىشىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

     يۇقىرى سۈپەتلىك مەخسۇس تېمىدىكى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى ياخشى ئېچىش ياخشى باشلىنىش. بىز ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە بولۇشى ۋە ھەر دەرىجىلىك پارتكوم بەنزىسىنىڭ پائال تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا، چوقۇم ياخشى باشلىنىش ۋە ياخشى نەتىجىگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمىز.

     (شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى)

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter