ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرەيلى

ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرەيلى

2014-02-19 11:47     كۆرۈلۈشى: 1283 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: (شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى)      ج ك پ 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدا ‹‹ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش›› لىنىيە خەرىتىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق....

(شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى)

     ج ك پ 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدا ‹‹ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش›› لىنىيە خەرىتىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك كومىتېتى 6- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى بەرپا قىلىشنى ئاچقۇچ قىلىپ، شىنجاڭنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىلىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

     ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 30 نەچچە يىلدىن بۇيان، شىنجاڭدا چېگرا سىزىقى، ئاسىيا – ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكى ۋە قاتناش غول لىنىيەسىنى بويلىغان ئومۇميۈزلۈك، كۆپ قاتلاملىق، كەڭ ساھەلىك ئېچىۋېتىش ئەندىزىسى شەكىللەندۈرۈلدى. بۇ چوڭ جەھەتتىن ئېيتقاندا ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىشنىڭ نەتىجىسى. شۇڭا، مەيلى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تەلىپى ياكى شىنجاڭنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىنى چىقىش قىلغاندا بولسۇن، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئىسلاھاتنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش دۆلىتىمىزنىڭ، تېخىمۇ مۇھىمى شىنجاڭنىڭ كەلگۈسىدىكى خېلى ئۇزاق بىر مەزگىلدىكى مۇھىم ۋەزىپىسى ۋە ئىستراتېگىيەلىك تاللىشىدۇر.

     شىنجاڭ ئېلىمىزنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم دەرۋازىسى، دۆلىتىمىزنىڭ ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشىدىكى مۇھىم تايانچ نۇقتىسى. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنى بەرپا قىلىش ۋە دۆلەتنىڭ ئېچىۋېتىشنى زورايتىش ئىستراتېگىيەلىك تەسەۋۋۇرى شىنجاڭغا نىسبەتەن تېپىلغۇسىز مۇھىم تارىخىي پۇرسەت. بىز بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، سىياسەتلەردىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆپ تەرەپلىك ئېچىۋېتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنى تىرىشىپ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ مۇھىم قاتناش تۈگۈنى مەركىزى، ئەشيا ئوبوروتى مەركىزى، پۇل مۇئامىلە مەركىزى، مەدەنىيەت، پەن – تېخنىكا مەركىزى، دۆلىتىمىزدىكى گۈللەنمە پىششىقلاش – ياسىمىچىلىق بازىسى، ئېنېرگىيە بايلىقىنىڭ راۋان يولى ۋە ئىستراتېگىيەلىك بازىسى، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنى بەرپا قىلىشنىڭ ھەقىقىي كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنىڭ ئاساسىي قوشۇنى ۋە باشلامچىسى بولۇشىمىز كېرەك.

     ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك، چۈنكى ئېچىۋېتىشنىڭ ئۆزىمۇ ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تېخىمۇ ياخشى ئازاد قىلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن بولۇپ، بۇ ئىككىسى ئۆز ئارا تۈرتكە بولىدۇ، ئۆز ئارا بىرلىشىدۇ. ئىسلاھات بولمىسا، ئېچىۋېتىش مەنبەسىز سۇغا ئايلىنىپ، ئۇنى يولغا قويغىلى؛ ئىسلاھاتتا يىراققا بارغىلى بولمايدۇ. ھازىر ئىسلاھات مۇھىم باسقۇچقا كىردى، ئىسلاھات ئېچىۋېتىش ئىشلىرىنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدىكى مەسىلىلەر، زىددىيەتلەر شۇنداقلا ئورۇنداشقا تېگىشلىك ۋەزىپىلەرمۇ گىرەلەشمەكتە، مۇرەككەپلەشمەكتە. ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرگەندە ئېچىۋېتىش ئېلىپ كەلگەن بېسىمنى ئىسلاھات ۋە تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرغىلى، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى بەزى قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرى ۋە چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى يېڭى باسقۇچقا يۈزلەندۈرۈپ، يېڭى سەھىپە ئاچقىلى بولىدۇ.

     ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، ئېچىۋېتىش سالمىقىنى زورايتىش ئارقىلىق ئىسلاھات، تەرەققىياتنى چەكلەۋاتقان تۈزۈلمە، مېخانىزم توسالغۇلىرىنى تۈگىتىپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. شىنجاڭنىڭ ئېچىۋېتىش ئىشلىرىدا زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، لېكىن، ئىدىيەۋى قاراش ئارقىدا، تەرەققىيات مۇھىتى كەمچىل، تەرەققىيات شەكلى قوپال، ئېچىۋېتىش دەرىجىسى يېتەرسىز بولۇشتەك مەسىلىلەرمۇ مەۋجۇت. شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىدىن قارىغاندا، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش قەدىمى مەملىكىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش قەدىمىدىن ئارقىدا، شەرقىي قىسىم رايونلارنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش قەدىمىدىن تېخىمۇ ئارقىدا. بۇ بىر تەرەپتىن شىنجاڭ بىلەن شەرقىي قىسىمنىڭ تەرەققىيات پەرقىنىڭ زورىيىپ كېتىش سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ بەرسە؛ يەنە بىر تەرەپتىن ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا ھەسسە قوشۇشتىكى غايەت زور بوشلۇقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

     شۇڭا، مەيلى مىكرو قاتلام ياكى ماكرو قاتلامدىن بولسۇن، بىز كېيىن تەرەققىي قىلىش ئەۋزەللىكىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ‹‹كىرگۈزۈش››، ‹‹چىقىرىش›› سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، باشقا رايونلارنىڭ ئېچىۋېتىش جەريانىدىكى ئىلغار تەجرىبىلىرى ۋە ئۇسۇلىنى ئۆرنەك قىلىشىمىز كېرەك، بۇ ئىجابىي ۋە سەلبىي تەجرىبىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھەم كەمتەرلىك بىلەن ئىلغارلاردىن ئۆگىنىپ، ھەم ئۆزىمىزنى كەمسىتمەي، قارىغۇلارچە دورىماي، خىزمەتلەرنى ئىجادچانلىق بىلەن ئىشلەپ، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەۋاتقان قاراش، تۈزۈلمە، ئۇسۇللارنى بۇزۇپ تاشلاپ، شىنجاڭنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان ئىسلاھات يولىنى يارىتىشىمىز كېرەك.

     ئېچىۋېتىش ئارقىلىق، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە نۇقتىلىق ساھە، نۇقتىلىق تۈرلەرنىڭ چوڭقۇر ئىسلاھ قىلىنىشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىق بوشلۇقىنى كېڭەيتىش كېرەك. مەيلى ئىسلاھات ياكى ئېچىۋېتىش بولسۇن ھەممىسى كونكرېت ئىش سۇپىسىغا ئېھتىياجلىق. بىز شىنجاڭنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش جۇغراپىيەلىك ۋە رايون ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن كونكرېت ئىشلاردىكى ھەمكارلىقىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈشىمىز؛ ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشىمىز؛ ئەتراپتىكى دۆلەتلەر ۋە دۆلەت ئىچىدىكى قاتناش يولى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك تېزلىتىشىمىز؛ پۇل مۇئامىلىنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، رايون پۇل مۇئامىلە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك. جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسى قاتارلىق سۇپا مېخانىزمىنى كېڭەيتىشىمىز؛ جۇڭگو – قازاقىستان قورغاس خەلقئارالىق چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى ۋە قەشقەر، قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنى ئېچىش، قۇرۇش يېڭى ئەندىزىسى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىشىمىز؛ جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئەركىن سودا رايونى سۆھبىتىگە پائال قاتنىشىپ، شىنجاڭدا جۇڭگو ئوتتۇرا ئاسىيا ئەركىن سودا رايونى قۇرۇشنى قولغا كەلتۈرۈپ، شۇ ئارقىلىق ھەر تەرەپلىمە ئېچىۋېتىش يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، تېخىمۇ يۇقىرى، تېخىمۇ كەڭ قاتلام بويىچە يېڭى تەرەققىيات سۇپىسى قۇرۇپ، يېڭى ئىسلاھات ئەۋزەللىكى شەكىللەندۈرۈپ، غەربكە ئېچىۋېتىشتە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشىمىز كېرەك.

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter