ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى قورال – ياراغلارنى
قانۇن بويىچە ئىشلىتىش مەخسۇس مەشىق پائالىيىتى
توغرىسىدا چۈشەنچە بەردى
بۇ يىل 4- ئايدىن باشلاپ مەملىكەت بويىچە ج خ ئورگانلىرىدا قورال -ياراغلارنى قانۇن بويىچە ئىشلىتىشنى مەزمۇن قىلغان ئۈچ ئايلىق مەخسۇس مەشىق پائالىيىتى باشلاندى.
ساقچىلارغا قورال سەپلەش ساقچى تەرەپنىڭ تۈرلۈك زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايەتلىرىگە ۋاقتىدا زەربە بېرىشىگە، جەمئىيەتنىڭ ئاممىۋى بىخەتەرلىكىنى كۈچلۈك قوغداشقا، خەلقنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق. بۇنىڭغا قارىتا جامائەتچىلىك باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ساقچىلارنىڭ قورال ئىشلىتىشنى قانۇن بويىچە قېلىپلاشتۇرۇپ، قورال ئىشلىتىش ۋەقەلىرى ۋە قورالنى قالايمىقان ئىشلىتىش ئەھۋالىنى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈرۈشىگە كۆڭۈل بۆلمەكتە.
نۆۋەتتە، ھەر جەھەتتىكى ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، بەزى قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزگۈچىلەرنىڭ خورىكى ئىنتايىن ئۆسۈپ كەتتى. بۇ، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە ۋە جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزدى. بولۇپمۇ، بۇلتۇردىن بۇيان يۈز بەرگەن بىر قاتار زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىدىن قارىغاندا، ج خ ئورگانلىرى قورال – ياراغلارنى قانۇن بويىچە ئۈنۈملۈك ئىشقا سالمىسا، قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرنى ۋاقتىدا توسۇش ۋە چۆچۈتۈش قېيىن بولماقتا.
ئۇزاقتىن بۇيان تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلى بەزى ئاساسىي قاتلامدىكى ساقچىلاردا ‹‹ئىشلەتكۈزمەسلىك، ئىشلىتىشنى خالىماسلىق، ئىشلىتىشكە جۈرئەت قىلالماسلىق، ئىشلىتىشكە ماھىر بولماسلىق، ئىشلىتىشنى بىلمەسلىك›› قاتارلىق ئەھۋاللار ساقلاندى. بەزى يەرلىك ج خ ئورگانلىرىدا دائىملىق مەشىق ئازلاپ كەتتى. شۇڭا بۇ قېتىمقى مەخسۇس مەشىق پائالىيىتى ج خ ساقچىلىرىنىڭ دۈشمەننى بويسۇندۇرۇش ئىقىتىدارىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى بولۇپلا قالماستىن، ج خ ساقچىلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىگە نىسبەتەنمۇ ئەڭ زور غەمخورلۇق ھېسابلىنىدۇ.
بۇ قېتىمقى مەخسۇس مەشىق پائالىيىتىدە قانۇن ئۆگىنىش، قورال ئىشلىتىش، جەڭ ۋاقتىدا ماسلىشىش، جىددىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش، بىخەتەرلىك مۇداپىئەسى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەمەلىي ماھارەت تەربىيەسى ئارقىلىق قانۇن – نىزاملارنى ئېسىدە چىڭ ساقلاش، مەشغۇلات قائىدىسىنى ئېىسىدە چىڭ ساقلاش، ماھارەتنى پۇختا ئىگىلەش، خەۋپ – خەتەر كۆرۈلگەن پەيتتە بىر پاي ئوق بىلەن دۈشمەننى بويسۇندۇرۇش نىشانىغا يېتىش ئۈمىد قىلىنىدۇ. ئالدىنقى مەزگىللىك مەشىق ئارقىلىق دەسلەپكى قەدەمدە ئۈچ جەھەتتە ئۈنۈمى كۆرۈلگەن: بىرىنچى، 1- سەپتىكى ساقچىلارنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئېڭى ۋە جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئۆسكەن؛ ئىككىنچى، بۇ مەشىق ئاممىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن؛ ئۈچىنچى، جىنايەتچىلەرگە كۈچلۈك تەھدىت شەكىللەندۈرۈلۈپ، زوراۋان – تېررورچىلارغا قاتتىق زەربە بېرىلگەن.
ج خ ئورگانلىرى جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش، ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيەتنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقنىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشىنى كاپالەتلەندۈرۈشتەك مۇھىم مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان. بۇ ج خ ئورگانلىرى، شۇنىڭدەك خەلق ساقچىلىرىنىڭ قانۇن بويىچە قورال – ياراغ ئىشلىتىشىنى بەلگىلىگەن.
بىر قىسىم ئاممىنىڭ ساراسىمگە چۈشۈشىنى چۈشىنىشكە بولىدۇ. لېكىن شۇنىڭغا تولۇق ئىشىنىش كېرەككى، ج خ ئورگانلىرى ۋە خەلق ساقچىلىرى باشتىن – ئاخىر ئاممىنىڭ ھاياتىي ۋە مال – مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى ئۆز مەسئۇلىيىتى قىلىدۇ. قورال – ياراغ قانۇن – بەلگىلىمە بويىچە ئىشلىتىدۇ، ھەرگىز بىگۇناھ ئاممىنى يارىلاندۇرمايدۇ.