Ralph Lauren Canada ;One is to choose a plain colour of Polo,ralph lauren outlet such as Black, Navy or White - ralph lauren canadaselecting a colour of garment on which your corporate logo colours will look good when embroidered.ralph lauren canada outlet This can sometimes be preferable to buying an off-the-shelf garment in an unusual shade because fashions change and just because yourpandora canada company's shade of lime green is in vogue today this may not be the case in two years time.http://www.cefrank.com.au Manufacturers of off-the-shelf Tiffany Sale'stock' garments tend to change their ranges from time to michael kors outlet uktime and may choose to drop a colour if it is no longer considered popular.cheap burberry Ask your supplier and they should be able to tell you which colours Cheap Pandora Charmsare likely to remain available or which are in doubt.The second option,www.rvaq.ca if you have a sufficiently large requirement, is to have a Polo Shirt manufactured for your staff uniform in a bespoke colour. Manufacturing a bespoke embroidered Polo Shirt, opens up a wealth of possibilities regarding colour matching to your main corporate colour, Tiffany Saleembroidery branding, trims & detailing but this option is usually only viable from 300 to 500 pieces for a single colour garment or 1,000 Cheap Tiffany Salepieces upwards for more complex designs.
ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> قانۇن – تۈزۈم ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغدايلى

قانۇن – تۈزۈم ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغدايلى

2014-05-01 10:49     كۆرۈلۈشى: 11,115 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: ئىلھام ئاتاۋۇللا      دۆلىتىمىز قانۇنچىلىق دۆلىتى. ئاساسى قانۇن دۆلىتىمىزنىڭ ئەڭ چوڭ تۈپ قانۇنى، يەنى ئانا قانۇن. قالغان بارلىق قانۇنلار بالا قانۇن. قانۇن تۈزۈشتە بارلىق قانۇنلار ئاساسىي قانۇنغا ....

ئىلھام ئاتاۋۇللا

     دۆلىتىمىز قانۇنچىلىق دۆلىتى. ئاساسى قانۇن دۆلىتىمىزنىڭ ئەڭ چوڭ تۈپ قانۇنى، يەنى ئانا قانۇن. قالغان بارلىق قانۇنلار بالا قانۇن. قانۇن تۈزۈشتە بارلىق قانۇنلار ئاساسىي قانۇنغا ماسلاشقان ھالەتتە تۈزىلىدۇ كونكىرىت ئېيىتقاندا بارلىق قانۇنلار ئاساسى قانۇنغا زىت كەلمەسلىكى كېرەك.

     دۆلەت ھەر يىلى 12- ئاينىڭ 4- كۈنىنى ئاساسى قانۇن تەشۋىقات كۈنى قىلىپ بېكىتكەن.  ئاساسىي قانۇن دۆلىتىمىزنىڭ قانۇن سېستىمىسىدا يادىرولۇق، ئاساسلىق رولغا ئىگە. قانۇن تۈزۈم ئىنسانىيەتنىڭ مەنىۋى مەدەنىيىتى ۋە تەرەققىياتىدىكى مۇھىم بەلگە. ۋە ئىجتىمائىي زىدىيەتلەرنى ھەل قىلىشتىكى ئەڭ ياخشى چارە. دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش. ئىجتىمائىي ئىشلانى قانۇن بويىچە باشقۇرۇشتا چوقۇم ئاساسى قانۇنغا رىئايە قىلىشىمىز. ئاساسى قانۇننى قوغدىشىمىز. ئاساسى قانۇننىڭ روھىنى ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ھەربىر ھالقىسىغا سىڭدۈرۈشىمىز لازىم. شۇنداق قىلغاندىلا ئىجتىمائىي زىددىيەتلەرنى پەسەيتىپ ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغدىغىلى بولىدۇ.

     ئاساسى قانۇننىڭ 5- ماددىسىدا بارلىق دۆلەت ئورگانلىرى، قوراللىق كۈچلەر پارتىيە ھۆكۈمەت ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار كارخانا كەسپىي ئورۇنلار ئاساسى قانۇن ۋە قانۇنلارغا رىئايە قىلىشى كېرەك. ئاساسى قانۇن ۋە قانۇنغا خىلاپ بارلىق قىلمىشلار سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخىسنىڭ ئاساسى قانۇن ۋە قانۇنلاردىن ھالقىغان ئالاھىدە ھوقۇقى يوق دەپ بەلگىلەنگەن.

     بىر مىليارد 300 مىليۇن نۇپۇسقا ئىگە كۆپ مىللەتلىك بىرلىككە كەلگەن دۆلىتىمىزدە ئاساسى قانۇن ۋە قانۇنلارغا ھۆرمەت قىلمىساق، بويسۇنمىساق دۆلەتتە مالىمانچىلىق يۈز بېرىدۇ.

     ئاساسى قانۇندا يەنە پۇقرالارنىڭ ھوقۇقى بەلگىلەنگەن يەنى پۇقرالارنىڭ جىسمانىي ھوقۇقى، مال-مۈلۈك ھوقۇقى، سىياسى ھوقۇقى، ئىقتىسادى ھوقۇقى، ئەمگەك ھوقۇقى قاتارلىقلار. دېمەك ئاساسى قانۇن پۇقرالارنىڭ ھوقۇق كاپالەتنامىسى.

1. كىشىلىك ھوقۇقتىن ئىبارەت ئاساسى قانۇن روھىغا ھۆرمەت قىلىپ،

مەيدانىمىز مۇستەھكەم ھالدا بۆلگۈنچىلىك، تىرورلۇق

ھەرىكەتلىرىگە قارشى تۇرايلى

     2004- يىلى – ئايدا مەملىكەتلىك 10- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2- يىغىنىدا كىشىلىك ھوقۇق ئاساسى قانۇنغا كىرگۈزۈلدى.

     كىشىلەرنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىك ھوقۇقى، ياشاش ھوقۇقى، روھىي ھوقۇقى، ئىقتىسادى ھوقۇقىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئەركىنلىك ھوقۇقى دۆلەتنىڭ كاپالىتى ۋە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىشگە ئېرىشتى.

     كىشىلىك ھوقۇق مەزمۇنىدا ياشاش ھوقۇقى ئەڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. چۈنكى ھاياتتىن ئايرىلغاندا باشقا ھوقۇقلار قۇرۇق گەپكە ئايلىنىدۇ. كىشىلىك ھوقۇق مۇقىم، ئىناق ئىجتىمائىي سىياسى مۇھىتتىن ئايرىلالمايدۇ. جەمئىيەت مۇقىم ئىناق تەرتىپلىك بولغاندىلا خەلق ئاممىسى بەخىتلىك خاتىرجەم ياشاپ، ئىقتىسادى قۇرۇلۇشقا قاتنىشىپ، ھالقىما تەرەققىيات ۋە ئەبەدى ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ. تىرورلۇق ۋە بۆلگۈنچىلىك خەلقنىڭ ئەڭ چوڭ ئاپىتى. ئىنسانىيەت تەرەققىيات تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ پاجىئە. ئىران ئىراق ئۇرۇشى بۇنىڭ ئەڭ ياخشى مىسالى. ئىككى قېتىمىلق ئىراق ئىران ئۇرۇشىدا قەدىمىي مەدەنىيەتلىك باي دۆلەت خەلقنىڭ گۈزەل باياشات تۇرمۇشى بۇزۇلۇپ ئىجتىمائىي تەرتىپ قالايمىقانلاشتى. شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىدىكى ئاساسى خەۋىپ مىللى بۆلگۈنچىلىكتىن كېلىدۇ. مىللى بۆلگۈنچىلىك پائالىيىتىنىڭ ئاساسى شەكلى ئىدولوگىيە ساھەسىدە بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەسىنى تەشۋىق قىلىش ۋە تىرورلۇق ھەركىتى ئېلىپ بېرىش.

     1930- يىللارنىڭ باشلىرىدا فاشستىلارنىڭ قۇترىتىشى بىلەن سابىت داموللا باشچىلىقىدىكى ئاز ساندىكى كىشىلەر قەشقەردە قۇرغان«شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى» پەقەتلا ئۆمرى قىسقا دۆلەت بولۇپ ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر مىللەت خەلقىنىڭ قەتئىي قارشى تۇرۇشى بىلەن 3 ئايدىلا گۇمران بولدى.

     20- ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدىن كېيىن خەلقئارا ۋەزىيەتتە ئۆزگىرىش بولدى. دۆلەت ئىچىدىمۇ ئىسلاھات ئېچىۋېتىش ئىلگىرى سۈرۈلدى. خەلقئارالىق مۇھىت مۇرەككەپ بولۇپ شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان ئامىللار ھەر ۋاقىت مەۋجۇت. دۆلەت ئىچى ۋە چېگرا سىرتىدىكى«ئۈچ خىل كۈچ» بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىنى ھەر ۋاقىت توختاتقىنى يوق.

     ئۇلار ئۇرۇش، چېقىش، ئوت قويۇش، پارتىلىتىش ئادەم ئۆلتۇرۇش قاتارلىق قىلمىشلار بىلەن ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى بۇزدى.

     مەسىلەن: 1980 –يىلى ئاقسۇدا يۈز بەرگەن «4.9 » ۋەقەسى، 1981- يىلى قەشقەردە يۈز بەرگەن «10.30» ۋەقەسى، 1989- يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن«5.19 » ۋەقەسى قاتارلىقلارئۇلار «4.9» ۋەقەسىدە 1 نەپەر خەلق ئاممىسىنى ئۆلتۈردى، 549 ئادەمنى يارىلاندۇردى. 93 ئادەمنى ئېغىر يارىلاندۇردى؛ «10.30» ۋەقەسىدە 2 نەپەر خەلق ئاممىسىنى ئۆلتۈردى. 631 نەپەر ئادەمنى ئۇردى. 262 ئادەمنى يارىلاندۇردى، 34 ئادەمنى مىيىپ قىلىپ قويدى.

     1990- يىلغا كەلگەندە بۆلگۈنچىلەر ئاقتۇ ناھىيىسىنىڭ بارىن يېزىسىدا توپىلاڭ كۆتۈرۈپ قوراللىق ساقچى، خەلق ئەسكىرىدىن 8 ئادەمنى ئۆلتۈردى. 7 ئادەمنى ئېغىر يارىلاندۇردى. بارىن يېزىسى توپىلىڭىدىن كېيىن يەنى 1990- يىلدىن 1995- يىلغىچە ج خ ئورگانلىرىمىز بۆلگۈنچىلەر شايكىسىدىن 109 ئادەمنى بىر تەرەپ قىلغان. دېلوغا چېتىشلىق ئادەم 1831 ئادەم.

     1996- يىلدىن 1997- يىلغىچە مىللى بۆلگۈنچىلەر ۋەزىيەتنى خاتا مۆلچەرلەپ شاڭگاڭنى قايتۇرۇۋېلىش ئالدى-كەينىدە نۇرغۇن پىلانلارنى تۈزدى. 1992- يىلى ئۈرۈمچىدە كوچا ئاپتوبۇسىنى پارتىلاتتى. 1996- يىلى قەشقەردە ۋەتەنپەرۋەر دىننى زات ھارۇنخان ھاجىنى قەستلەش دىلوسىنى سادىر قىلدى ۋە 1997- يىلى غۇلجىدا «2.5» ۋەقەسىنى سادىر قىلدى.

     1999- يىلى10- ئاينىڭ 29- كۈنى پوسكامدا ساقچىغانىغا ھۇجۇم قىلىش دىلوسى يۈز بەردى. 2000- يىلى كىرىيەدە « 8.27» ئۇرۇش چېقىش ئادەم ئۆلتۈرۈش دىلوسى يۈز بەردى. 1990- يىلدىن 2001- يىلغىچە 200 قېتىمدەك بۆلگۈنچىلىك تىرورلۇق دىلوسى يۈز بېرىپ ھەر مىللەت خەلق ئاممىسى ۋە ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتتىن 162 ئادەم قازا قىلدى. 440 ئادەم يارىلاندى.

     1996- يىلى ج ك پ مەركىزى كومىتېتى شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا قارىتا 7- نومۇرلۇق ھۆججەتنى چۈشۈردى.

     خەلقئارادا «9.11 » ۋەقەسى يۈز بېرىپ خەلقئارالىق تىرورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋەزىيىتىدە ئۆزگىرىش بولدى.

     2005- يىلدىن كېيىن خەلقئارادىكى ئۈچ خىل كۈچ غالجىرلىشىپ جانلىنىش ھالىتىگە ئۆتتى. ب د ت شىنجاڭدىكى بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىنى تىرورلۇق تەشكىلاتى دەپ قارىدى.

     2007- يىلى«شەرقىي تۈركستان ئسلام پارتىيىسى» پامىر تاغلىرىدا مەشىق بازىسى قۇرۇپ نۇرغۇن پارتىلاتقۇچ، ئوق دورا، مەبلەغ تەييارلاپ تىرورلۇق ھەركەتلىرىگە تەييارلىق قىلدى.

     2008- يىلى «3.7» ئايروپىلان پارتىلىتىش دىلوسى، خوتەن «3.23» نامايىش قىلىش ۋەقەسى، قەشقەردە « 8.4» چىگرا مۇداپىئە ئەتىرىتىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى، كۇچادا «8.10» ۋەقەسى يۈز بەردى.

     2009- يىلى ئۈرۈمچىدە 5-ئىيۇل تىرورلۇق جىنايى ۋەقەسى يۈز بېرىپ 197 ئادەم ئۆلدى. 1700 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلاندى.

     2009- يىلى ج خ ئورگانلىرىمىز پاش قىلغان جىنايەت شايكىسى 131 قېتىم بولۇپ 122 قېتىملىقى «7.5» دىن كېيىن يۈز بەرگەن.

     2010- يىلى پاش قىلغان دېلو 134 قېتىم بولۇپ، ئېغىرراقى ئاقسۇدا « 8.19» ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى، قۇمۇلدا «9.29 »، «11.3» قوراللىق ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى، خوتەن « 11.2 » ۋەقەسى، « 7.18» ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى، قەشقەردە « 7.30 » «7.31» خەلق ئاممىسنى ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى، خوتەن« 6.29» ئايروپىلان بۇلاش ۋەقەسى قاتارلىقلار.

     بۇلۇپمۇ 2013- يىلى 6- ئايدا پىچاندا يۈز بەرگەن ساقچىخانىغا، يېزىلىق ھۆكۈمەتكە ھۇجۇم قىلىپ، ساقچى ماشىنىسىنى كۆيدۈرۈش قۇرۇلۇش ئورۇنلىرى ۋە دوكانلارنى ساتىراچخانىلارنى كۆيدۈرۈپ ئادەم ئولتۇرۇش ۋەقەسىدە بىگۇناھ خەلق ئاممىسىدىن 24 ئادەم ئۆلگەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر 16 ئادەم خەنزۇ ئاممىسى 8 ئادەم، ئايال ئىككى ئادەم، 21 ئادەم يارىلانغان. 2013- يىلى 6- ئاينىڭ 28- كۈنى خوتەندە 400 كىشىلىك يىغىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ خوتەن شەھىرى ۋە قارىقاش ناھىيىسىگە ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىغان.

     2013- يىلى 10- ئاينىڭ 28- كۈنى بۆلگۈنچىلەر بېيجىڭ جىنشۈيچاۋدا تىرورلۇق ۋەقەسى سادىر قىلىپ 2 نەپەر ساياھەتچى ئۆلگەن (بىر نەپەر فىلىپىنلىق ئايال ساياھەتچى، بىر نەپەر گۇاڭدۇڭلۇق ئەر ساياھەتچى)، 38 ساياھەتچى يارىلانغان. ئارىسىدا ئۈچ نەپەر فىلىپىنلىق ساياھەتچى بىر نەپەر ياپونلۇق ساياھەتچى.

     2014- يىلى 3- ئاينىڭ 1- كۈنى يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ كۇنمىڭ شەھىرى پويىز ئىستانسىسىدىكى ئېغىر زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەسىدە 29 كىشى ئۆلۈپ، 143 كىشى يارىلانغان.

     بۇ قىلمىشلارنىڭ ئاقىۋىتى ئىنتايىن يامان بولۇپ ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئېغىر زىيان سىلىپ ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى بۈزدى. كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى تەرۇز قىلدى. قانۇننى ئاياق ئاستى قىلدى. ئىجتىمائىي مەنىۋى تەرتىپنى قالايمىقانلاشتۇردى.  مۇقىملىق بولمىسا ئىقتىسادى تەرەققىيات بولمايدۇ، ئىلمىي تەرەققىياتمۇ بولمايدۇ. شۇڭا بىز تىرورلۇق بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىشىمىز لازىم.

2. قانۇنلۇق دىننى پائالىيەتنى قوغداپ، دىننى ئەسەبىي

ھەرىكەتلەرگە قارشى تۇرايلى

     دۆلىتىمىز كۆپ دىنلىق دۆلەت. دۆلەت ئەزەلدىن دىننى قانۇنىيەتكە ھۆرمەت قىلىپ، دىننى ئېتىقات ئەركىنلىكىدە داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ كەلدى. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسى قانۇنى 36- ماددىسىدا ئېنىق قىلىپ بارلىق دۆلەت ئورگانلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، شەخىسلەرنىڭ پۇقرالارنىڭ دىنغا ئېتىقات قىلىشىغا ۋە ئېتىقات قىلماسلىقىغا دەخلى تەرۇز قىلىشغا يول قۇيۇلمايدۇ. دۆلەت نورمال دىننى پائالىيەتنى قوغدايدۇ. ھەرقانداق كىشىنىڭ دىندىن پايدىلىنىپ ئىجتىمائىي تەرتىپنى بۇزۇشىغا، پۇقرالارنىڭ جىسمانى ساغلاملىقىغا دۆلەتنىڭ مائارىپ تۈزۈمىگە دەخلى قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ.

     دىننى تەشكىلاتلار ۋە دىننى ئىشلارغا چەتئەل كۈچلىرىنىڭ ئارىلىشىشىغا بولمايدۇ دەپ بەلگىلەنگەن. پۇقرالارنىڭ دىننى ئەركىنلىكى ئاساسى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ. ئىسلام دىنى دۇنيادىكى 3 چوڭ دىننىڭ بىرى. شىنجاڭدىكى 13 ئاساسلىق ئاز سانلىق مىللەتنىڭ 10 ى ئىسلام دىنىغا ئېتىقات قىلىدۇ. بىراق دۆلەتنىڭ قوغدايدىغىنى نورمال دىننى پائالىيەت، قارشى تۇرىدىغىنى قانۇنسىز دىننى پائالىيەت، شىنجاڭدا ھازىر 23 مىڭ مەسچىت، 29 مىڭدىن ئارتۇق دىننى زات بار، دىننى تەشكىلات 91 ، دىننى مەكتەپ 2 .   1980 –يىلدىن بۇيان سەئۇدىدا ھەج قىلغان ئادەم 50 مىڭدىن ئارتۇق. ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى. سىياسى كېڭەشتە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان دىننى زات 1800 دىن ئاشىدۇ.

     بىز دىننى ئەسەبى كۈچلەرنىڭ دىندىن پايدىلىنىپ خەلقنى ، دۆلەتنى پارچىلىشىغا، مىللەتلەر ئىتتىپاقىنى بۇزۇشىغا، قانۇنسىز دىننى ھەركەت ۋە تىرورلۇق ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بېرىشىغا قارشى تۇرىمىز. نورمال دىننى پائالىيەتنى قوغداش بىلەن بىللە ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاققىنى قوغدايمىز، جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى قوغدايمىز. دىننى ئەسەبىي كۈچلەر 2012- يىلى6- ئاينىڭ 6- كۈنى خوتەن شەھىرىنىڭ شىزىخۇا گۈللۈكى ئولتۇراق رايونى 2- بىنا 1- ئىشىك 502- ئۆيدە 54 نەپەر ئۆسمۈرنى دىندا ۋە «غازات»تا تەربىيەلىگەن. ئۇلار بايقىلىپ قالغاندىن كېيىن، ئالدىن تەييارلاپ قويغان پارتىلاتقۇچ دورىلىرىنى پارتىلاتقان، ھاياتى خەۋىپ ئىچىدە قالغان 53 نەپەر ئۆسمۈرنى ساقچىلار ئوت دېڭىز ئىچىدىن زور كۈچ سەرىپ قىلىپ قۇتقۇزۇپ چىققان. ئىسلامنىڭ مەنىسى«تىنىچلىق»، قۇرئاندا خاتىرلىنىشچە ئاللاھنىڭ 99 گۈزەل نامىلىرى ئىچىدە بىرى«تىنىچلىق» مەككىدىكى ئاسمان ئۆيىنىڭ بىر ئىشىگىنىڭ نامى: تېنىچلىق ئىشىگى.

     مۇسۇلمانلار ئاۋامغا تىنىچلىق ئاتا قىلىشى باشقىلارغا ياردەم بېرىپ قىيىنچىلىقتا قالغانلارنى قۇتقۇزىشى، چىن دىلىدىن تىنىچلىق ۋە گۈزەل تۇرمۇشقا ئىنتىلىشى لازىم. بىراق دىننى ئەسەبىي كۈچلەر نورمال دىننى ئەقىدىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، دىننى ئەسەبىي ئىدىيەنى تەشۋىق قىلىپ دىننى تونغا ئورۇنۇۋېلىپ «غازات»نى تەرغىپ قىلىپ قانۇنسىز ھالدا نىكاھقا، مائارىپقا، مەمۇرىيەتكە دەخلى تەرۇز قىلىۋاتىدۇ. «غازات»نى تەرغىپ قىلىپ ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى بۇزۇۋاتىدۇ. دىننى ئەسەبىي كۈچلەر دىننىڭ تەسىر كۈچىدىن پايدىلىنىپ، دىن بايرىقىنى كۆتۈرۇۋېلىپ، دىننى تونغا ئورۇنۇپ دىننى ئىسلاھ قىلىپ ساددا خەلقنى ئالداپ سوتسىيالىستىك تۈزۈمگە، دۆلەتكە ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىغا قارشى تۇرۇۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ بەلگىلىمىسى، ھۆكۈمەتكە بويسۇنماسلىق توي خېتى ئىشلەتمەسلىك، كىملىك ۋە خىزمەت كىنىشكىسى ئىشلەتمەسلىك، پارتىيەنىڭ ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشمەسلىك، باردى كەلدى قىلماسلىق. مەسچىتتىكى ۋەتەنپەرۋەر دىننى زاتلارنىڭ لىكسىيەسىنى ئاڭلىماسلىق. ۋەتەنپەرۋەر دىننى زاتلارنى پارتىيەنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ ئادىمى دەپ ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاشىنى ئېلىشنى ھارام دەپ قاراش.خەلقنى ناخشا ئېيتقۇزماسلىق، ئۇسسۇل ئوينىغۇزماسلىق، ھەتتا توي تۆكۈندىمۇ ناخشا ئېيتىپ ئۇسۇل ئويناشقا قارشى تۇرۇش، ئۆلۈم يېتىمدە يىغلىماسلىق. يىمەك-ئىچمەك، دورا، گىرىم بۇيۇملىرىدا مۇسۇلمان ماركىسى بولمىسا ئىشلەتمەسلىك قاتارلىقلارنى تەشۋىق قىلىپ ھۆكۈمەت بىلەن قارىشىلىشىۋاتىدۇ. ياش ئۆسمۈرلەرنى بىزدىن تالىشىۋاتىدۇ. بىز ئۇلارغا ھەرگىز بازار بەرمەسلىكىمىز لازىم.

     «قۇرئان كەرىم» دە مۇنداق دىيىلگەن: «دىندا ئۇنىڭغا كىرىشتە زورلاش يوقتۇر»، «سۈرە بەقەرە» 256- ئايەت جابىر رەزھەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدىكى، رەسۇللاھ سەللەلھاھۇ ئەلەيىھى ۋە سەللام «ۋىدالىشىش ھەجى» قىلغان چاغدا سۆزلىگەن مەشھۇر نۇتقىدا مۇنداق دىگەن: «ئى خالايىق! سىلەرنىڭ رەببىڭلار بىر ئاتاڭلار بىر، ھەممىڭلار ئادەم ئاتىنىڭ ئەۋلاتلىرى ھەممىڭلار بىر ئاتىدىن بولغان. كىم ئاللاھقا تەقۋادار بولسا ۋە ئەمەللەرنى قىلسا شۇ ئەۋزەل». بۇ ھەدىس «شەرىف» تە ئىسلام دىنىنىڭ ئوخشاش بولمىغان مىللەت، ئوخشاش بولمىغان ئىرىقلارغا باراۋەر كەڭ قورساق بۇلۇشتەك ئىدىيىۋى تەشەببۇسى تولۇق نامايەن قىلىنغان.  «ئوتتۇرا يول تۇتۇش»تەشەببۇسىغا ئاساسەن ھەر بىر مۇسۇلمان ئەلۋەتتە دىنني ئەسەبىيلىككە قەتئىي قارشى تۇرۇشى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىسلام دىنىدىن پايدىلىنىپ ئەسەبىيلىك ۋە تىرورلۇقنى تەشۋىق قىلىشقا قارشى تۇرۇشى كېرەك.

     «قۇرئان كەرىم» دە مۇنداق دىيىلىدۇ: سىلەرنى بىز ھەقىقەتەن بىر ئەر بىر ئايالدىن (يەنى ئادەم بىلەن ھاۋادىن ئىبارەت بىر ئاتا بىر ئانىدىن) ياراتتۇق. ئۆز ئارا تونۇشىشڭلار ئۈچۈن سىلەرنى نۇرغۇن مىللەت ۋە ئۇرۇق قىلدۇق (سۇرە «ھۇجۇرات» 13–ئايەت) ئىنسانلارنىڭ مەنبەسى بىر بولغاچقا بىر ئائىلە كىشىلىرى بولغاچقا ئۆز ئارا باغلىنىشلىق بولىدۇ. شۇڭا باشقىلارغا كەڭ قورساق بۇلۇش ئىسلام دىننىڭ تەشەببۇسىدۇر.

     قانۇنسىز دىننى ھەرىكەت دېگىنىمىز قانۇن سىياسەت بەلگىلىمىلەردىن ھالقىغان ئورۇن، مەزمۇن ۋە شەكىلدىكى دىننى پائالىيەتلەرنى كۆرسىتىدۇ. يەنى قانۇنسىز دىننى پائالىيەت ئېلىپ بېرىش قانۇنسىز دىننى نەشىر بۇيۇملىرىنى نەشىر قىلىش، قانۇنسىز دىننى تور ئارقىلىق خاتا ئىدىيەلەرنى تارقىتىش، دىننى زاتلارنىڭ قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن دىننى سورۇنلاردا خاتا ئىدىيەلەرنى تەرغىپ قىلىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

     بىز ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ دۆلەت ئىڭىنى، پۇقرالىق ئېڭىنى قانۇن ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ دىننى ئەسەبىي ئىدىيەلەرگە قارشى تۇرايلى.  دىننى ئەسەبىي كۈچلەرنىڭ مەقسىتى پارتىيىگە ھۆكۈمەتكە قارشى تۈرۈپ«غازات» ئۇرۇشى ئارقىلىق سىياسى بىلەن دىن بىرلەشكەن دۆلەت قۇرۇش، ئۇلار دىنغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. ئالاھىدە تەكىتلەيدىغىنىمىز پارتىيە ئەزالىرى، ئىتتىپاق ئەزالىرىنىڭ دىنغا ئېتىقات قىلىشىنى چەكلىشىمىز لازىم.

     چۈنكى پارتىيىمىز ماركىسزىمنى يېتەكچى ئىدىيە قىلغان سىياسى پارتىيە. ماركىسىزىمغا ئېتىقات قىلىشنى تاللىغان ئىكەنمىز ئۇنىڭغا مۇخالىپ ئېتىقاتنى تاللاش ھاجەتسىز.

3. جوڭخۇا مىللىتى نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىي ئۆزگىرىش مۇساپىسىدە

شەكىللەنگەن، 56 مىللەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىرلىككە كەلگەن مىللى

گەۋدە دىگەن قاراشتا چىڭ تۇرۇپ، مىللىي بۆلگۈچىلىككە قارشى

تۇرۇپ ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغدايلى

     مىللەت –مۇئەييەن تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا شەكىللەنگەن مۇقىم كىشىلەر ئورتاق گەۋدىسى، ئۇ يەنە تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا مۇقەرەر يوقىلىدۇ.جۇڭخۇا مىللىتى جۇڭگودىكى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئاتىلىشى بولۇپ، نەچچە مىڭ يىللىق كۆپىيىش، تەرەققىي قىلىش ۋە بىرىكىش داۋامىدا شەكىللەنگەن، شۇنداقلا نۇرغۇن مىللەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىرلىككە كەلگەن مىللى گەۋدە.

     بىرىنچىدىن. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ شەكىللىنىشى دۆلىتىمىزنىڭ ئۆزگىچە تەبىئىي جۇغراپىيەلىك مۇھىتىنى مەنبە قىلغانلىقىدىندۇر.

     جۇڭگونىڭ زىمىنى تەبىئىي ھالدا ئەتراپ بىلەن ئايرىلىپ تۇرىدىغان نىسبىي مۇكەممەل بىرلىك بولۇپ شەكىللەنگەن. شىمالدا ئادىمىزات شالاڭ، يەرلىرى قۇملۇق، چوللۈك بولۇپ غەربىي جەنۇبىدا پامىر ئىگىزلىكى، ھىمالايا تېغى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتكەن تاغ تىزمىلىرى شەرقىدە دېڭىز بۇلۇپ ئوتتۇرىسىدىكى كەڭ كەتكەن بوشلۇقتا ئۆزلۈكىدىن بىر گەۋدە بولغان جۇغراپىيەلىك بىرلىك شەكىللەنگەن.

     قۇملۇق دېڭىز-ئوكيان ۋە ئىگىز تاغلار تەبىئىي توساقنى ھاسىل قىلىپ، رايون سىرتىدىكى كۈچلەرنىڭ كەڭ كۆلەملىك تاجاۋۇزىنى توسۇپ تۇرغان. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە رايون ئىچىدىكىلەرنىڭ قويۇق ئالاقىسىغا پايدىلىق. رايون ئىچىدە ماددى مەھسۇلاتلارنىڭ موللىقى، يەر شەكلىنىڭ كۆپ خىللىقى ئەجداتلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشقا قولايلىق شارائىتلارنى يارىتىپ بەردى. جۇڭخۇا زىمىنىدىكى كىشىلەر مۇشۇ زىمىندا مۇشۇ رايون ۋە مۇھىتتا ئەۋلاتمۇ ئەۋلات ياشاپ كەلگەن. ئۇلارنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئالاقە ئالماشتۇرۇش داۋامىدا مىللەتلەرنىڭ بىرىىكىشى چوڭقۇرلۇشۇپ ئارىلىشىپ ئولتۇراقلىشىش، بىرلىكتە ياشاش، بىر-بىرىنى تۇلۇقلاش ۋەزىيىتى تەدرىجىي شەكىللەندى. ئورتاق تەرەققىي قىلىش ۋەزىيىتى كۈنسىرى مۇستەھكەملەندى.

     ئورتاق تارىخىي ئەسلىمە، ئورتاق رېئال مەنپەئەت، ئورتاق كەلگۈسى تەقدىر جۇڭخۇا مىللىتىنى ئىچكى ئۇيۇشقاقلىققا ئىگە مىللى گەۋدىگە ئايلاندۇردى. بۇ ھال نەچچە مىڭ يىللىق تارىخ جەريانىدا شەكىللەنگەن. شۇنداقلا ئۇزاققىچە مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرىدۇ، ھېچكىممۇ ئۆزگەرتەلمەيدۇ.

     ھازىرقى زاماندىكى مىللەتلەرنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىش جەريانى ئۈزلۈكسىز ئاسىسمىلياسىيەلىشىش پارچىلىنىش قوشۇلۇش جەريانىدۇر. قانداشلىق ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە ھېچقانداق ساپ مىللەت يوق دىيەرلىك. خەنزۇلار بىلەن ئاز سانلىق مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ۋە ھەر قايسى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى بىرىكىش ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ئىزچىل داۋاملىشىپ قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋەت شەكىللەنگەن. مىللەتلەر ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۆرەش قىلغاندىلا ئاندىن ئورتاق گۈللۈنۈپ راۋاجلىنالايدۇ. ۋەتىنىمىز چوڭ ئائىلىسىدە خەنزۇلار ئاز سانلىق مىللەتلەردىن ئايرىلالمايدۇ. ئاز سانلىق مىللەتلەرمۇ خەنزۇلاردىن ئايرىلانمايدۇ. ھەر قايسى ئاز سانلىق مىللەتلەرمۇ ئۆز-ئارا ئارىلالمايدۇ. شىنجاڭ ئەزەلدىن كۆپ مىللەت توپلۇشۇپ ئولتۇراقلاشقان رايون. ھەر مىللەت شىنجاڭ خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىقى چوڭقۇر تارىخىي مەنبەگە، ۋە كەڭ رېئال ئاساسقا ئىگە. شىنجاڭنىڭ تارىخىي ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىش، كۆرەش قىلىش تارىخىي، ئورتاق ئېچىش، گۈللەندۈرۈش تارىخىي. مىللەتلەر ئىتتىپاق ئۆتمىسە تېرىقتەك چېپىلىپ كەتسە ئىناقلىق مۇقىملىق، گۈللىنىش تەرەققى قىلىشنىڭ ھەممىسى قۇرۇق گەپ بولۇپ قالىدۇ.

     ماۋزىدۇڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: «دۆلەتنىڭ بىرلىكى، خەلىقنىڭ ئىتتىپاقلىقى دۆلەت ئىچىدىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى ئىشلىرىمىزنىڭ جەزمەن غەلىبە قىلىشنىڭ تۈپ كاپالىتى».

     دۆلەتنىڭ بىرلىكى تەرەققىياتنىڭ ئالدىنقى شەرتى. دۆلەتنىڭ بىرلىكى تەرەققىياتى گۈللۈنىشى بولمىسا ھەرقانداق پۇقرا ۋە شەخسنىڭ ھوقۇقى ئەركىنلىكى ئىستىقبالى ئاساسىنى يوقىتىدۇ. ئاساسىي قانۇندا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى ئورتاق قۇرغان بىرلىككە كەلگەن. كۆپ مىللەتلىك دۆلەت دەپ كۆرسەتكەن. يەنە ئاساسى قانۇننىڭ 4- ماددىسىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىدىكى ھەر مىللەت بىردەك باراۋەر. دۆلەت ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقى ۋە مەنپەئەتىنى قوغدايدۇ. ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ تەرەققىياتىنى باراۋەر، ئىتتىپاق ئۆز-ئارا ياردەم بېرىش مۇناسىۋېتىنى قوغدايدۇ. ھەرقانداق مىللەتنىڭ ئېزىلىشىنى چەكلەيدۇ.

     مىلللەتلەر ئىتتىپاقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ۋە مىللى بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىنى چەكلەيدۇ. ھەر قايسى ئاز سانلىق مىللەت تۇرغان رايۇندا ئاپتونومىيە ۋە ئاپتونومىيەلىك ئورگان تەسىس قىلىپ ئاپتونومىيە ھوقۇقى يۈرگۈزىدۇ. ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئاپتونومىيەلىك رايونلىرى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى دەپ كۆرسەتكەن. دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە بىخەتەرلىكى ئۈچۈن بايرىقىمىز روشەن ھالدا مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۈرۇشىمىز لازىم. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەبىر بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەر دۆلەتنى پارچىلاش مەقسىتىدە خەلقئارالىق سىياسى رامكا ئىچىدىكى بۆلگۈنچىلىك ۋە بۆلگۈنچىلىك پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان گۇرۇھ ۋە تەشكىلاتنى كۆرسىتىدۇ. مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەر ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا ۋە ئىنسانىيەت تەرەققىياتىغا قارشى سىياسىي كۈچ.

     بۆلگۈنچىلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى سىياسىي مەخسىتى شىنجاڭنى ۋەتەننىڭ قوينىدىن ئايرىپ چىقىش. ھەرقانداق ھۆكۈمەت ۋە قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىدىغان دۆلەت بۇ خىل قىلمىشقا يول قويمايدۇ. شۇڭا ئاساسى قانۇنغا ئاساسەن دۆلىتىمىزنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 103- ماددىسىدا ئېنىق قىلىپ مۇنداق دېيىلگەن. دۆلەتنى پارچىلاش، دۆلەتنىڭ بىرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغان ئاساسلىق باشلامچى جىنايەتچىگە مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، ئاكتىپ قاتناشقانلارغا 3 يىلدىن يۇقىرى 10 يىلدىن تۆۋەن قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. ئاساسى قانۇننىڭ 52 ماددىسىدا مۇنداق دىيىلگەن: «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرىنىڭ دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغداش، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى بىلەن ئىتتىپاقلىشىىش مەجبۇرىيىتى بار».

4. شىنجاڭ قەدىمدىن ۋەتىنىمىز مۇقەددەس زىمىننىڭ

ئايرىلماس بىر قىسمى

     شىنجاڭ ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي شىمال چېگىرىسىغا ئاسىيا ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلىقىنىڭ كىندىكىگە جايلاشقان. ئارخولوگىيەلىك بايقاشلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، يىراق قەدىمكى زاماندىن تارتىپلا، شىنجاڭ بىلەن ۋەتىنىمىزنىڭ ئىچكى جايلىرى ئوتتۇرىسىدا قويۇق ئىقتىسات مەدەنىيەت ئالاقىسى بولغان. يېغىلىق دەۋرىدىكى«تاغ ئېزىملار قۇرئى» «مۇتيەنزى تەزكىرىسى» «جۇ سالنامىسى» قاتارلىقلاردا غەربىي يۇرۇتنىڭ جۇغراپىيە، تارىخ رىۋايەتلىرىگە دائىر خاتىرىلەر خېلى كۆپ. مەسىلەن: «غەربىي جۇ سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى جۇمۇۋاڭ سەككىز تۇلپارلىق پەيتوندا غەرپكە سەپەر قىلغان لاۋزى كۆك ئۆكۈزگە مىنىپ غەربىي يۇرۇتتا پېنھان ياشىغان» ۋاكازالار.  كېيىنكى چاغلاردىكى«تارىخىي خاتىرىلەر» «خەتنامە»دە غەربىي يۇرۇتقا دائىر خاتىرىلەر تېخىمۇ مول، تەپسىلىي ۋە ئېنىق قالدۇرۇلغان. مانا بۇ قەدىمكى كىتاپلاردا غەربىي يۇرت تەبىئىي يوسۇندا جۇڭخۇا مەدەنىيىتى دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار بىلەن ئورگانىك بىر پۈتۈن گەۋدە سۈپپىتىدە خاتىرىلەنگەن.

     «خەننامە، جېڭ جى تەرجىمالى» دە خاتىرلىنىشچە «خەن سۇلالىسىنىڭ ئەمىر پەرمانلىرىنىڭ غەربىي يۇرۇتتا يۈرگۈزۈلۇشى جاڭچىئيەندىن باشلىنىپ جېڭ جىدا ئەمەلگە ئاشقان» مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 138- يىلى ۋە مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 119- يىلى جاڭ چىيەن ئىككى قېتىم غەربىي يۇرۇتقا ئەلچىلىككە كېلىپ، شىنجاڭ بىلەن ئىچكىرى جايلارنىڭ سىياسى، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت، ئالاقىسىنىڭ تېخىمۇ قويۇقلىشىشىغا تۈرىتكە بولغان.

     مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 60- يىلى غەربىي خەن سۇلالىسى غەربىي يۇرۇت قۇرۇقچىبەگ مەھكىمىسى تەسىس قىلىپ ئىگىلىك ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈپ، ھەربىي مەمۇرىي ئىشلارنى باشقۇرغان، جېڭ جى تۇنجى قورۇقچىبەگ بولغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن شىنجاڭ ھەقىقىي يوسۇندا ۋەتىنىمىز زىمىنىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغان. كېيىن تارىختا ئۆتكەن مەركىزىي سۇلالىلەرنىڭ ھەممىسى ئەمەلدار قويۇپ، قائىدە تۈزۈم ئورنىتىپ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ چېگرانى قوغداپ تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى رايونلارنى ھەربىي مەمۇرىي جەھەتتىن باشقۇرۇشنى ئىزچىل داۋاملاشتۈرۈپ كەلگەن. ۋېي، جىن، جەنۇبىي سۇلالىلەر دەۋرىدە دۆلەت بۆلۈنمە ھالەتتە تۇرغان بولسىمۇ، لېكىن غەربىي يۇرۇتنى باشقۇرۇش ئىزچىل ئۈزۈلۈپ قالمىغان، ۋېي سۇلالىسى شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ غەربىي يۇرۇتتا يولغا قويغان تۈزۈملىرىگە ۋارىسلىق قىلىپ، غەربىي يۇرۇت قورۇقچىبەگ تەسىس قىلغان ھەمدە غەربىي يۇرۇت دورغىينى ئەۋەتىپ، غەربىي يۇرۇتتا ھۆكۈمرانلىق قىلغان ۋە ھاكىمىيەتنى قوغدىغان.

     غەربىي جىن سۇلالىسى ۋېي سۇلالىسىنىڭ غەربىي يۇرۇتتا يولغا قويغان باشقۇرۇش تۈزۈملىرى ۋە ئۇسۇللىرىنى شۇ پېتى داۋاملاشتۇرغان.ئالدىنقى لىياڭ سۇلالىسى غەربىي يۇرۇتتا قۇچۇ ۋىلايىتى تەسىس قىلغان ھەمدە ۋىلايەت ناھىيە تۈزۈمىنى يولغا قويغان.كېيىن شىمالىي لىياڭ سۇلالىسى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ۋىلايەت ناھىيە، يېزا، كەنىت ھاكىمىيەت تەشكىلاتلىرىنى قۇرۇپ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ ۋىلايەت، ناھىيە تۈزۈمى بىلەن بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك بىلەن غەربىي يۇرۇت ئوتتۇرىسىدىكى سىياسى ئىقتىسات مەدەنىيەت ئالاقىسىنىڭ كۈچىيىشىدە مۇھىم رول ئوينىغان. سۈي سۇلالىسى مەزگىلىدە ئىلگىرى كېيىن بولۇپ، پىشامشان، چەرچەن، ئېۋىرغولدىن ئىبارەت ئۈچ جايدا ۋىلايەت تەسىس قىلغان. مىلادىيە 640- يىلى تاڭ سۇلالىسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا غەربىي ئايماق ۋە بېشبالىق ئايمىقى تەسىس قىلغان.ئايماق قارمىقىدا ناھىيە يېزا قاتارلىق ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىنى تەسىس قىلغان ھەمدە شۇ يىلى يەنە ئەنشى قۇرۇقچىبەگ مەھكىمىسىنى تەسىس قىلغان. 702- يىلى تاڭ سۇلالىسى يەنە بېشبالىق قۇرۇقچىبەك مەھكىمىسى تەسىس قىلغان.(709- يىلى دەرىجىسى باش قۇرۇقچىبەگ مەھكىمىسىگە ئۆستۈرۈلگەن)

     تاڭ دەۋرىدە ئەنشى باش قۇرۇقچىبەگ مەھكىمىسى بىلەن بېشبالىق باش قۇرۇقچىبەگ مەھكىمىسى غەربىي يۇرۇتتىكى ئەڭ ئالىي ھەربىي مەمۇرىي ئورگان بولغان. تاڭ سۇلالىسى غەربىي يۇرۇتنىڭ شەرقىي قسمىدىكى خەنزۇلار بىر قەدەر مەركەزلەشكەن جايلاردا ئايماق ناھىيە دەرىجىلىك مەمۇرىي باشقۇرۇشنى يولغا قويغان بولۇپ، ئېۋىرغول ئايمىقى، بېشبالىق ئايمىقى، غەربىي ئايماق بولغان. ئايماق قارمىقىدا ناھىيە ناھىيە قارمىقىدا يېزا، كەنت بولغان. غەربىي تۈرىكلەر بىلەن باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلاردا قەبىلە ياكى رايوننىڭ چوڭ كىچىكلىكىگە قاراپ مەھكىمە، ئايماق ناھىيە تەسىس قىلىپ، ھەر قايسى مىللەتنىڭ چوڭ كىچىك سەردارلىرىنى قۇرۇقچىبەگ ياكى تۇتۇقبەگ، ئايماق بېگى، ئامبال قاتارلىق مەنسەپلەرگە تەيىنلەپ، ئوردا ۋەزىپىسىنى يۈكلىگەن. تاڭ سۇلالىسى غەربىي يۇرۇتتىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ھاكىمىيەتنى ئىدارە قىلىشقا كۆپلەپ قوبۇل قىلىپ، غەربىي يۇرۇتقا بولغان ھۆكۈمرانلىقىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەنگەن. بۇنىڭدىن باشقا، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ يەرنى تەڭشەش تۈزۈمى ۋە ئىجارە ھاشار، سېلىق تۈزۈملىرىنى غەربىي يۇرۇتتىمۇ يولغا قويغان.

     يۈەن سۇلالىسى مەزگىلىدە 1251 –يىلى بېشبالىق ‹بەش شەھەر دېگەن مەنىدە بۈگۈنكى جىمىسار›دا بەشىبالىق ۋاقىتلىق دىۋان ۋازارىتى تەسىس قىلىنغان بۇ ۋاقىتلىق ۋازارەت تۈزۈمىنىڭ غەربىي يۇرۇتتا تۇنجى بولۇپ يولغا قويۇلۇشى. مىڭ سۇلالىسى مەزگىلىدە غەربىي يۇرۇت شەرقىي چاغاتاي خانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان. مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا شەرقىي چاغاتاي خانلىقى يەكەن خانلىقىغا ئۆزگەرگەن بولۇپ يۈەن، مىڭ سۇلالىرى مەزگىلىدە غەربىي يۇرۇتتىكى ھەر مىللەت خەلقى ۋەتەننىڭ چېگرا رايونىنى قوغداش ۋە ئېچىش غەربىي يۇرۇتنىڭ ئىقتىسادىنى گۈللەندۈرۈش ئىلىم پەن مەدەنىيەت تېخنىكىسىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئاجايىپ تۆھپىلەرنى قوشقان.

     چىڭ سۇلالىسى شىنجاڭنى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن 1762- يىلى (چيەنلوڭنىڭ 27- يىلى) «ئىلى قاتارلىق جايلارنى بىر تۇتاش ئىدارە قىلىدىغان جىياڭجۇن» تەسىس قىلىپ جىياڭجۇن مەھكىمىسىنى كورە (بۈگۈنكى قورغاس ناھىيەسى دائىرىسىدە)دە قۇرغان ئىلى جىياڭجۇنى چىڭ سۇلالىسىنىڭ شىنجاڭ رايونىدا قۇرغان ئەڭ ئالىي ھەربىي مەمۇرىي ئەمەلدارى بۇلۇپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئەسكەرلەرگە بىر تۇتاش قوماندانلىق قىلىش بىلەن بىرگە يەرلىكنىڭ مەمۇرىي ئىشلىرىنىمۇ قوشۇمچە باشقۇرغان.

     چىڭ سۇلالىسى شىنجاڭنىڭ زېمىنى كەڭ، مىللەتلەر كۆپ بۇلۇشتەك ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن «شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش» «ئۆرۈپ ئادىتىگە قاراپ ئىدارە قىلىش پىرىنسىپى» بويىچە شىنجاڭنى باشقۇرۇشقا دائىر مەمۇرىي تۈزۈملەرنى تۈزۈپ چىققان. يەنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئايماق، ناھىيە تۈزۈمى بەگلىك تۈزۈمى ۋە جاساق تۈزۈمىدىن ئىبارەت ئۇچ خىل مەمۇرىي تۈزۈلمىنى يولغا قويغان. ئايماق ناھىيە تۈزۈمى، ئاساسلىقى شىنجاڭنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى بارىكۆل ئۈرۈمچى ئۇنىڭ شەرقىدىكى رايونلاردا يولغا قويۇلغان؛ بەگلىك تۈزۈلمە ئاساسلىقى تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبى ئېتىدىكى ئۇيغۇلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا يولغا قويۇلغان.

     جاساق تۈزۈمى قومۇل ۋە تۇرپان ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا شۇنىڭدەك پۈتۈن شىنجاڭدىكى قازاقلار، مۇڭغۇللار ئارىسىدا يولغا قويۇلغان.  1912- يىلى يەنى شىنخەي ئىنقىلابى پارتىلاپ 2- يىلى ئىنقىلابىي پارتىيە ئەزالىرى ئىلىدا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ غەلىبە قىلىپ، شىنجاڭ ئىلى چوڭ تۇتۇق مەھكىمىسى قۇرۇپ، چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئىلى رايونىدىكى سىياسي ھاكىمىيىتىگە خاتىمە بەرگەن. مىنگو (گومىنداڭ) ھۆكۈمىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن شىنجاڭدىكى مۇداپىئە ئىشلىرى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلگەن.  9- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى ئۇيغۇرلار قۇرغان قارىخانىيلار خاندانلىقىنىڭ خاقانى «ئۆزىنى تابغاچ خان» («جۇڭگونىڭ خاقانى»مەنىسىدە) دەپ ئاتىغان.  قاراخانىيلار خانىدانلىقىدا ئۆتكەن كاتتا ئالىم مەھمۇد قەشقىرى«تۈركىي تىللار دىۋانى»دا «تابغاچ» دېگەن سۆزگە ئىزاھ بەرگەندە سۇڭ سۇلالىسى، قىتانلار قۇرغان خانىدانلىق. شۇنىڭدەك قاراخانىلار خاندانلىقى ھۆكۈمرانلىقىدىكى قەشقەر جۇڭگونىڭ ئۈچ تەركىبىي قىسمى، دەپ قارىغان. بۇمۇ ئۇنىڭ جۇڭگونىڭ بۇيۇك بىرلىكىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

     ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە مىللەتلەر زىچ بىرلىشىپ، چەتنىڭ تاجاۋۇزىغا بىرلىكتە تاقابىل تۇردى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى پۈتۈن كۈچى بىلەن ۋەتەننى قۇتقۇزۇشقا ئاتلاندى.

     بەزىلەر بارلىق ئامانەت پۇلى، زىبۇ زىننىتىنى ئالتۇن-كۆمۈشلىرىنى ھەربىي خىراجەت قىلىشقا، بەزىلەر ئازغىنە تۇرمۇش پۇلىنىمۇ ئىئانە قىلدى. بەزىلەر پەرزەنتلىرىنى مەرىتلىك بىلەن ئالدىنقى سەپكە ئەۋەتتى. يېڭى جوڭگو قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلىدە ئامىرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشىدا چۆچەكلىك ۋەتەنپەرۋەر زات باشباي چاۋلىق باپىن چارۋىچىلىقتىن ئەجىر قىلىپ تاپقان پۇللىرىنى بىر كۆرەشچى ئايروپىلان سېتىۋېلىشقا ئىئانە قىلدى ۋە دۆلەتكە نۇرغۇن ئات، قوي، كاللىرىنى ئىنانە قىلدى. 1949- يىلى 9- ئاينىڭ 25- كۈنى شىنجاڭ تېنىچ يول بىلەن ئازاد بولدى. 1955- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى شىنجاڭ ئاپتونوم رايونى قۇرۇلدى. شۇنىڭ بىلەن شىنجاڭنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىدا يېڭى سەھىپە ئېچىلدى.

     قىسقىسى شىنجاڭ ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى. بۇ تارىخىي پاكىت. بۇنى ھېچقانداق ئادەم يوققا چىقىرىۋىتەلمەيدۇ. شىنجاڭ ۋەتىنىمىز قوينىدىلا تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلالايدۇ.  تارىخ ۋە رېئاللىق شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى دۆلەت بىرلىككە كەلسە، مىللەتلەر ئىتتىپاق ئۆتسە پۇقرالار خاتىرجەم ياشايدۇ. بارلىق ئىشلار گۈللەپ ياشنايدۇ. دۆلەت پارچىلانسا مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدا ئارازلىق كۆرۈلسە ئىگىلىك ھوقۇقى قولدىن كېتىپ دۆلەت ئاھانەتتە قالىدۇ. خەلق بالائىي ئاپەتكە ئۇچرايدۇ. ۋەتەننىڭ بىرلىكى بولغاندىلا خەلق ئۇيۇشۇپ سىرىتنىڭ تاجاۋۇزىغا تاقابىل تۇرىدىغان توساقنى بىرلىكتە بەرپا قىلغىلى بولىدۇ. بۇ ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئەتى ۋە ئورتاق ئارزۇسىغا ئۇيغۇن. شۇڭا دۆلەتنىڭ بىرلىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئەڭ ئالىي ئاساسىي مەنپەئەتى. ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش ھەر مىللەت خەلقىنىڭ مۇقەددەس مەسئۇلىيىتى.

     بىز خەلق تۇرمۇشى يادىرولىقىدىكى ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى ئەمەلگە ئاشۇرساقلا ئىجتىمائىي مۇقىملىققا ئاساس سالالايمىز. مىللەتلەر ئىتتىپاق جەمئىيەت ئىناق مۇقىم بولسىلا مىللى بۆلگۈنچىلەرگە قارشى كۆرەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرالايمىز.



无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter