Ralph Lauren Canada ;One is to choose a plain colour of Polo,ralph lauren outlet such as Black, Navy or White - ralph lauren canadaselecting a colour of garment on which your corporate logo colours will look good when embroidered.ralph lauren canada outlet This can sometimes be preferable to buying an off-the-shelf garment in an unusual shade because fashions change and just because yourpandora canada company's shade of lime green is in vogue today this may not be the case in two years time.http://www.cefrank.com.au Manufacturers of off-the-shelf Tiffany Sale'stock' garments tend to change their ranges from time to michael kors outlet uktime and may choose to drop a colour if it is no longer considered popular.cheap burberry Ask your supplier and they should be able to tell you which colours Cheap Pandora Charmsare likely to remain available or which are in doubt.The second option,www.rvaq.ca if you have a sufficiently large requirement, is to have a Polo Shirt manufactured for your staff uniform in a bespoke colour. Manufacturing a bespoke embroidered Polo Shirt, opens up a wealth of possibilities regarding colour matching to your main corporate colour, Tiffany Saleembroidery branding, trims & detailing but this option is usually only viable from 300 to 500 pieces for a single colour garment or 1,000 Cheap Tiffany Salepieces upwards for more complex designs.
ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> توردا ئىغۋا تارقاتقانلارنى جازالاش

توردا ئىغۋا تارقاتقانلارنى جازالاش

2013-08-02 1:35     كۆرۈلۈشى: 1784 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: توردا ئىغۋا تارقاتقانلارنى جازالاش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تاللىشى      يېڭى ئاخبارات تارقىتىش سۇپىسىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى بىلەن ئىغۋا تارقىتىش، تۆھمەت چاپلاش، ن....

توردا ئىغۋا تارقاتقانلارنى جازالاش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش

خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تاللىشى

     يېڭى ئاخبارات تارقىتىش سۇپىسىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى بىلەن ئىغۋا تارقىتىش، تۆھمەت چاپلاش، نام ھوقۇقىغا دەخلى – تەرۇز يەتكۈزۈش قاتارلىق تور قىلمىشلىرى دۇنيادا ئورتاق مەسىلىگە ئايلاندى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلەت ئىدارە قىلىش قاتلىمى جەھەتتە، مەيلى سۆز ئەركىنلىكىنى پەش قىلىدىغان ئامېرىكا، ئەنگلىيە، ياپونىيە بولسۇن ياكى ھۆكۈمەت باش بولۇپ نازارەت قىلىپ باشقۇرىدىغان گېرمانىيە، سىنگاپور، ئاۋسترالىيە بولسۇن ۋە ياكى ھۆكۈمەت ھەم جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنى تەڭ ئېلىپ ماڭىدىغان فىرانسىيە، كورېيە قاتارلىق دۆلەتلەر بولسۇن، جازالاش ۋە ئالدىنى ئېلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، قانۇنلاشقان ۋە تۈزۈملەشكەن، تېخنىكا ئارقىلىق كۆزىتىدىغان، جەمئىيەت ئورتاق ئىدارە قىلىدىغان، قاتتىق زەربە بېرىدىغان، توردا ئىغۋا تارقىتىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالىدىغان دۇنياۋى مۇھىتنى شەكىللەندۈردى.

 

     دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت توردا ئىغۋا تارقىتىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئالاقىدار قانۇن – تۈزۈملەرنى تۈزدى ۋە مۇكەممەللەشتۈردى.

     گېرمانىيە دۇنيا بويىچە تۇنجى بولۇپ تور قانۇنىنى ئېلان قىلغان دۆلەت گېرمانىيە توردا قانۇنسىز مەزمۇنلارنى تارقىتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، 1997 – يىلى ‹‹ئۇچۇر ۋە خەۋەرلىشىش مۇلازىمىتى قانۇنى››نى تۈزگەن. 21 – ئەسىر كىرگەندىن بۇيان، گېرمانىيە ئون نەچچە تۈرلۈك قانۇن مەزمۇنىغا ئىگە تور باشقۇرۇش سىستېمىسىنى تەدرىجىي مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىغۋا تارقىتىشنى تۈزەشتە ‹‹جىنايى ئىشلار قانۇنى››، ‹‹ھەق تەلەپ قانۇن كودېكسى››، ‹‹ئۇچۇر ئەركىنلىكى قانۇنى››، ‹‹تېلېگراف مۇلازىمىتى قانۇنى›› قاتارلىق بىر نەچچە قانۇننى تەتبىقلىغان. ‹‹جىنايى ئىشلار كودېكسى››غا ئاساسەن، گېرمانىيەدە كىشىلەر ئارىسىدا ئىغۋا تارقىتىپ جەمئىيەتتە ئەنسىزلىك پەيدا قىلغانلار، جامائەت تەرتىپىگە زىيان سالغانلارغا كۆپ بولغاندا ئالتە ئايلىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ ياكى ئىشتىراپ قويۇلىدۇ. ئۆلۈم ۋەقەسى پەيدا قىلغان بولسا، قانۇنسىزلىق قىلغانلارغا كۆپ بولغاندا بەش يىللىق قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.

     ئامېرىكا ھازىرغىچە ‹‹تېلېگراف قانۇنى››، ‹‹رەقەملىك مىڭ يىل رەقەم نەشر ھوقۇقى قانۇنى››، ‹‹خەۋەرلىشىش ئورۇنلۇق ھەرىكەت قانۇنى››، ‹‹بالىلار تور قوغداش قانۇنى››، ‹‹فېدىراتسىيە كومپيۇتېردىن پايدىلىنىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈشنى چەكلەش قانۇنى›› قاتارلىق 130 تۈرلۈك توردا تارقىتىلىدىغان مەزمۇنغا چەك قويىدىغان قانۇن، نىزام، تۈزۈملەرنى ئېلان قىلغان. ئامېرىكىدا توردا ئىغۋا تارقىتىپ دۆلەت تۈپ مەنپەئىتىگە زىيان سالغان، جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە كۈشكۈرتۈش، ئازدۇرۇش، باشقىلارنىڭ نام ھوقۇقىغا زىيان يەتكۈزۈش، مەخپىيەتلىكىگە دەخلى – تەرۇز قىلىش، شەھۋانىي دەخلى – تەرۇز قىلىش، پاراكەندىچىلىك سېلىش قاتارلىق قىلمىشلارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ، قاتتىق جازالىنىدۇ.

     ئامېرىكا 2010 – يىلىدىن باشلاپ ‹‹ئىجتىمائىي ئالاقىلىشىش ئاخبارات ئىقتىدارى›› تۈرىنى يولغا قويۇپ، ‹‹facebook››، ‹‹Twitter›› قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە تور بېكىتى ۋە مەشھۇر بىلوگ، جامائەت پىكىرچىلىرىنى ھۆكۈمەتنىڭ نورمال نازارىتىگە ئالغان. يېقىندا ئامېرىكا ‹‹تور سالاھىيىتى بەلگىسى ئىستراتېگىيەسى››نى يولغا قويۇپ، كېيىنكى ئەۋلاد تورى ئارقىلىق تورنىڭ ئاشكارىلىق دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، مەۋھۇم جەمئىيەتتىكى ئاغدۇرمىچىلىق قىلىش، قاقتى – سوقتى قىلىش، ھوقۇققا دەخلى – تەرۇز قىلىش قاتارلىق قانۇنسىز قىلمىشلارنىڭ ئالدىنى ئالدى.

     سىنگاپور، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەر تور مۇلازىمىتى كارخانىلىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، ئەسلىدىكى قانۇن ماددىلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئاساسىدا، مەخسۇس قانۇن ياكى ئالاقىدار ماددىلارنى تەسىس قىلىپ، ساھە بويىچە چەكلەشنى ئىشقا ئاشۇردى. ياپونىيە ‹‹خۇسۇسىي ئۇچۇرلارنى قوغداش قانۇنى››، ‹‹ئۇچۇرلارنى قانۇنسىز ئوقۇشنى چەكلەش قانۇنى›› ۋە ‹‹ئېلېكتىرونلۇق پۈتۈم قانۇنى›› قاتارلىق قانۇن، نىزاملار بىلەن تور بېكىتى، تور بېتى ئارقىلىق تارقىتىش، ئېلېكتىرۇنلۇق ئۇقتۇرۇش مۇلازىمىتىنى قانۇن – تۈزۈم بىلەن باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزدى؛ سىنگاپور ‹‹رادىيو قانۇنى››دا تور مۇلازىمىتى قىلغۇچى كارخانىسى ISP ۋە ICP سىنىڭ ‹‹تور مەشغۇلات قائىدىسى››گە رىئايە قىلىشى تەلەپ قىلىندى. يەنە ئىغۋا بايقالغان ھامان قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن، ئالاھىدە بەلگىلەنگەن تور بېكىتى ۋە ئۇچۇر، سۆز ئەركىنلىكىنى توسۇش مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى، ئېغىر پىتنە – ئىغۋا پەيدا قىلغانلارنى تۆھمەت قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەش تەلەپ قىلىندى.

     كورېيە يېڭى ‹‹تېلېگراف ئىشلىرى قانۇنى›› ئاساسىدا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ‹‹ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش نېگىزلىك قانۇنى››، ‹‹ئۇچۇر ئالاقىسىنى قوغداش قانۇنى››، ‹‹ئۇچۇر ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىش ۋە ئۇچۇر قوغداش قانۇنى›› قاتارلىق قانۇنلارنى ئېلان قىلدى. ‹‹تېلېگراف ئالاقىسى نېگىزلىك قانۇنى››دا مۇنداق بەلگىلەنگەن: جامائەت مەنپەئىتىگە زىيان سېلىشنى مەقسەت قىلغان، يېڭى ئاخبارات ۋاسىتىسى ئارقىلىق پىتنە – ئىغۋا تارقاتقانلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، 50 مىليون ۋون(25 مىڭ يۈەن) ئىشتىراپ قويۇلىدۇ.

     تېخنىكىلىق تەدبىر قوللىنىپ تور ئەھلىنىڭ تۈرلۈك ھەرىكەتلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، توردا ئىغۋا تارقاتقانلارنى ئۈنۈملۈك زەربە بېرىپ توسۇش ھەر قايسى دۆلەتلەر ئومۇميۈزلۈك قوللىنىدىغان تەدبىر

     تېخنىكا جەھەتتە تور بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مۇنداق ئۈچ مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: بىرىنچى، مەزمۇننى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تېخنىكىسى، بۇنىڭ ئىچىدە مەزمۇننى تاسقاش، ئەخلەت ئېلخەتكە قارشى تۇرۇش تېخنىكىسى قاتارلىقلار بار؛ ئىككىنچى، قىلىمشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تېخنىكىسى، مەسىلەن، سالاھىيەتنى پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسى، تور مۇپەتتىشلىكى تېخنىكىسى، ھۇجۇمنى تەكشۈرۈش تېخنىكىسى قاتارلىقلار؛ ئۈچىنچى، تور ھالىتىنى نازارەت قىلىپ تىزگىنلەش تېخنىكىسى، تور سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئاڭلاش، كېسىپ ئېلىش، تەھلىل قىلىش تېخنىكىسى قاتارلىقلار.

      تورنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تېخنىكىسى پات – پات ‹‹شەخسىيەت ھوقۇقىغا دەخلى – تەرۇز يەتكۈزدى›› ۋە ‹‹سۆز ئەركىنلىكىگە خىلاپ›› دېگەندەك تالاش – تارتىشلارنى پەيدا قىلىدۇ، ئەمما، توردىكى ناچار ئۇچۇرلارنىڭ دۆلەت ۋە شەخسكە كەلتۈرىدىغان زور تەھدىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، ياپونىيە، كورېيە، سىنگاپور قاتارلىق دۆلەتلەر سۈزۈش تېخنىكىسىنى تېز ئومۇملاشتۇرۇپ، سۈزۈش يۇمشاق دېتالىدىن ئومۇميۈزلۈك پايدىلاندى ھەم مەمۇرىي جەھەتتە ئارىلىشىپ، توردا ئىغۋا تارقىتىشنىڭ ئالدىنى ئالدى.

     ئامېرىكا دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ سۈزۈش تېخنىكىسى ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك تور نازارەت قىلىپ تىزگىنلەش سىستېمسىغا ئىگە، شۇنداقلا ناچار ئۇچۇرلار ۋە تېرمىنالنى ھەر ۋاقىت نازارەت قىلىپ تىزگىنلىيەلەيدۇ. ئامېرىكا قوشما ئىشتات تەكشۈرۈش ئىدارىسى ئىستراتېگىيەلىك ئۇچۇر ۋە ھەرىكەت مەركىزى ئاشكارا تەشكىللىگەن يۇمشاق دېتال تەرەققىيات شىركەتلىرى نازارەت قىلىپ تىزگىنلەش يۇمشاق دېتالىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ، ‹‹facebook››، ‹‹Twitter›› قاتارلىق ئىجتىمائى ئالاقە تور بېكەتلىرى ۋە بەزى خەۋەر تور بېكەتلىرىنىڭ توردا ئاشكارا ئېلان قىلغان ئۇچۇرلارنى ئاپتوماتىك تەسۋىر قىلىپ كۆچۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، ساقچىلارنىڭ تېررورلۇق، تاسادىپىي ۋەقەلەر، زور ۋەقەلەر، تور جىنايىتى قاتارلىق ئالاقىدار ئۇچۇرلارغا ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولىدۇ. ئامېرىكىنىڭ داڭلىق ‹‹گۆشخور ھايۋان›› ۋە ‹‹شوتا ئەترەت›› سىستېمىسى بەلگىلەنگەن ئابۇنىچىنىڭ تور پائالىيىتىنى نازارەت قىلىپ تىزگىنلىيەلەيدۇ، يەنە ئېلخەتلەر بىلەنمۇ ئۇچرىشالايدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئامېرىكا ‹‹ئىغۋا ماشىنا ئادىمى›› ئارقىلىق بىر نەچچە نۇسخىدىكى يۇمشاق دېتالنى ياساپ، پىتنە – ئىغۋا مەنبەسى ۋە يۆنىلىشىنى ئىز قوغلاپ تېپىش، تەھلىل قىلىش ئارقىلىق دەل ۋاقتىدا خەۋەرلىشىش، تور سانلىق مەلۇماتلار ئامبىرى ئارقىلىق نازارەت قىلىپ تىزگىنلەش، خەتەرلىك سۆز – ھەرىكەتلەرنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.

     ياۋروپادىكى بەزى مۇتەخەسسىسلەر تور بېكەت كۈندىلىك خاتىرىسىنىڭ تورنى باشقۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى خېلى بۇرۇنلا ئوتتۇرىغا قويغان. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئالاقىدار قانۇن ھۆججەتلىرىدە كۈندىلىك خاتىرىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەر مەخسۇس شەرھلەنگەن. ياۋروپا ئىتتىپاقى سانلىق مەلۇمات ساقلاش پەرمانى 2006 – يىلى كۈچكە ئىگە بولغان، بۇ توردا يالغان ئۇچۇر، ئىغۋا تارقىتىپ ئىش تېرىغانلارنى بەلگىلىك ۋاقىتتا ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈپ، مەقسەتلىك ئىغۋا تارقاتقان قانۇنسىز تور ئەھلىگە ھەيۋە كۆرسىتىش رولىنى ئوينىغان.

     گېرمانىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەخسۇس خادىملار ۋە تېخنىكلارنى توپلاپ، ئۇچۇر ۋە خەۋەرلىشىش تېخنىكىسى مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇپ، ساقچىلارنىڭ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇشى ۋە تەدبىر قوللىنىشىغا تېخنىكا جەھەتتىن مەدەت بەرگەن، بۇ مەركەز قارىمىقىدا ئوخشىشىپ كېتىدىغان چارلىغۇچى ساقچى تەكشۈرۈش ئاپپاراتى قۇرغان ھەم ئۇلارغا پەۋقۇلئاددە تەكشۈرۈش ھوقۇقى بەرگەن.

     ئاۋامنىڭ تاراتقۇ ساپاسىنى يېتىلدۈرۈش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش، جەمئىيەت ئورتاق تۈزەشنى كۈچەيتىشمۇ توردا ئىغۋا تارقىتىشنى تۈزەشنىڭ ئۈنۈملۈك ۋاسىتىسى.

     تاراتقۇلار ساپا يېتىلدۈرۈش تەربىيەسىنى مىللىي مائارىپ سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ، تور ئەھلىنىڭ تاراتقۇلار ئۇچۇرىنى تەھلىل قىلىش ۋە ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىنى تەدرىجىي يېتىلدۈرۈپ، تور ئەھلىنىڭ ئېغۋاغا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش توردا ئىغۋا تارقىتىشنى چەكلەشنىڭ ئاساسى.

     ئەنگلىيە دۇنيادا تاراتقۇلار تەربىيەسىنى ئەڭ بۇرۇن يولغا قويغان دۆلەت. 1997 – يىلى ئەنگلىيە ئۈچتىن ئىككى قىسىم مەكتەپتە تاراتقۇلارنى تەتقىق قىلىش دەرسلىكىنى تەسىس قىلغان، ھازىر كۆپلىگەن ئىنستىتۇت ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلار تاراتقۇلار ساپا يېتىلدۈرۈش تەربىيەسى بېرىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنى يېتىشتۈرۈش تۈرىنى تەسىس قىلدى.

     ئاۋسترالىيەدە يەسلىدىن 12 – يىللىقىچە تاراتقۇلار ساپا يېتىلدۈرۈش تەربىيەسى دەرسلىكى ۋە ماتېرىيالى تەسىس قىلىنغان، ئاۋسترالىيە دۇنيا بويىچە تاراتقۇلار ساپا يېتىلدۈرۈش تەربىيەسىنى دائىملىق تەربىيەگە ئايلاندۇرغان تۇنجى دۆلەت.

     ياپونىيە ئاسىيادا ئەڭ بۇرۇن تاراتقۇلار ساپا يېتىلدۈرۈش تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگەن دۆلەت، ياپونىيە تەربىيەنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت تەشكىلاتى، غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتى، مەكتەپ، كارخانا ساھەسى قاتارلىق ئاساسىي گەۋدىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشقا قارىتىپ، توردا ئىغۋا تارقىتىشنى پۈتۈن جەمئىيەت قورشاپ يوقىتىدىغان بىرىكمە كۈچنى شەكىللەندۈرگەن.

     ئامېرىكا ‹‹كومپيۇتېر ئېتىكا جەمئىيىتى›› ‹‹ئون ئاگاھ تۈزۈمى››نى تۈزگەن، بۇ ‹‹باشقىلارغا دەخلى قىلماسلىق››، ‹‹باشقىلارغا زىيان يەتكۈزمەسلىك››، ‹‹كومپيۇتېردىن پايدىلىنىپ يالغان ئىسپات بەرمەسلىك›› قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ‹‹ئىنتېرنېت تورى ساقلىقىنى ساقلاش فوندى جەمئىيىتى›› مۇنبەر ۋە چايخانا قاتارلىق تارقىتىش شەكلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سەككىز تۈرلۈك مۇلازىمەت ئۆلچىمىنى تۈزگەن. ئامېرىكا يەنە خەلق تەشكىلاتلىرى ۋە شەخسلەرنى نازارەت قىلىش رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا قاتنىشىشىغا ئىلھام بەرگەن. ‹‹بالىلارنى قوغداشنى تەشەببۇس قىلىش تور پونكىتى جەمئىيىتى›› تۈرلۈك شەھۋانىي تور پونكىتىنى پاش قىلىش ۋە تەكشۈرۈپ ئىسپاتلاشقا كۈچەپ، مۇلازىمەت سودىگىرىنىڭ تور ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرغان.

     ئەنگلىيە ئىنتېرنېت تورى كەسپىي تەشكىلاتى ‹‹تور كۆزىتىش فوندى جەمئىيىتى›› بىلەن تور مۇلازىمىتى قىلىدىغان 50 سودىگەرلەر ئىتتىپاقى تەشكىلاتى، شەھەرلىك ساقچى مەھكىمىسى ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى قاتارلىقلار ‹‹بىخەتەر تور: دەرىجىگە ئايرىش، پاش قىلىش، جاۋابكارلىق> كېلىشىمى››نى تۈزدى. بۇ تەشكىلات قۇرۇلغان 17 يىلدىن بۇيان، زىيانلىق ئۇچۇرلارنى تاپشۇرۇۋېلىش رەتلەپ مەلۇم قىلىش، مەلۇم قىلىش قائىدىسىنى مەخسۇس كىشى باھالاشقا كاپالەتلىك قىلدى ھەم ساقچىلار بىلەن ماسلىشىپ،IP ئادرېسى ۋە ئۇچۇرنىڭ كېلىش مەنبەسىنى ئىز قوغلاپ بېكىتىپ، قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر تارقاتقۇچىلارنى قاتتىق جازالىدى. ئەنگلىيەدە مەھەللىدىكى بەزى ئەل رايى ئاپپاراتلىرىمۇ ‹‹تەكلىپ ئۆچۈرۈش›› تور پونكىتىدا سۆز ھوقۇقىغا ئىگە.

     كورېيەدە ھەر قانداق كىشى توردىكى ناچار مەزمۇنلارنى بايقىغاندا ‹‹قانۇنغا خىلاپ ۋە زىيانلىق ئۇچۇرلارنى مەلۇم قىلىش مەركىزى››گە تېلېفون قىلسا ياكى تور ئارقىلىق مەلۇم قىلسا بولىدۇ. ئاۋسترالىيەدە ھۆكۈمەتنىڭ يېتەكچى ئورۇندىكى نازارەت قىلىش تورىغا تېخىمۇ چوڭ ھوقۇق بېرىلگەن بولۇپ، ھەر بىر ئائىلىگە سۈزگۈچ يۇمشاق دېتالى تارقىتىپ بېرىلىپ، ئاممىنىڭ پاش قىلىش، ئەھۋال مەلۇم قىلىشىغا ئىلھام بېرىلگەن.

     «ئىغۋا تارقاتماسلىق›› تىن ئىبارەت بۇ ‹‹كەسىپ نىزامنامىسى›› نىڭ چەكلىمىسىگە بويسۇنۇش ئاساسىدا، فىرانسىيەدە مۇخبىرلار ۋە تور ئەھلى بىردەك ماسلىشىپ ‹‹ئىغۋانى توختىتىش›› قاتارلىق ئىغىۋالارغا رەددىيە بېرىش تور پونكىتى قۇرغان. سىنگاپور ھۆكۈمىتى ‹‹ئۇچۇر خەرىتىسى تور پونكىتى›› ئارقىلىق ئىغۋا ۋە خاتا ئۇچۇرغا رەددىيە بېرىپ، ھۆكۈمەتنىڭ جامائەت پىكرىنى يېتەكلەش ئۈنۈمىنى كۈچەيتكەن.

     مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى



无觅相关文章插件,快速提升流量

خەتكۈچ:
تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter