ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> ئاممىۋى مەدەنىيەت خىزمىتىنى كۈچەيتىش دەۋرنىڭ تەلىپى

ئاممىۋى مەدەنىيەت خىزمىتىنى كۈچەيتىش دەۋرنىڭ تەلىپى

2013-08-03 5:53     كۆرۈلۈشى: 1295 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: ئانىقىز راخمان      ئاممىۋى مەدەنىيەت – سەنئەتنىڭ شەكىللىرى ئالدى بىلەن ئاۋام ئارىسىدا پەيدا بولۇپ، مۇكەممەللىشىپ ۋە تەرەققىي قىلىپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت شەكلىدە ئوتتۇرىغا چىققان. ئاممىۋى مەدەنىيەت ....

ئانىقىز راخمان

     ئاممىۋى مەدەنىيەت – سەنئەتنىڭ شەكىللىرى ئالدى بىلەن ئاۋام ئارىسىدا پەيدا بولۇپ، مۇكەممەللىشىپ ۋە تەرەققىي قىلىپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت شەكلىدە ئوتتۇرىغا چىققان. ئاممىۋى مەدەنىيەت ئىنسانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكى جەريانىدا كۈندىلىك تۇرمۇشنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىغا چوڭقۇر سىڭگەن بولىدۇ.

     ئاممىۋى مەدەنىيەت خىزمىتى ئاممىنى پائالىيەتنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى، ئىختىيارلىق ۋە غەيرىي كەسىپ ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولۇپ، تەدرىجىي تەرەققىيات جەريانىنى بېشىدىن كەچۈرۈپ، ئامما ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، كىشىلەرنىڭ كۈندىن – كۈنگە ئېشىۋاتقان مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان، كىشىلەر چىن كۆڭلىدىن ھىمايە قىلىدىغان ۋە ياقتۇرىدىغان، ئاممىۋى خاراكتېرلىك ئۇنىۋېرسال خىزمەتلەرنىڭ بىرى. جايلاردا ئاممىۋى خاراكتېرلىك مەدەنىيەت – سەنئەت پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ، ئۇيۇشتۇرىدىغان مەدەنىيەت – تەنتەربىيە ئىدارىلىرى، مەدەنىيەت يۇرتلىرى، مەدەنىيەت پونكىتلىرى ۋە مەدەنىيەت ئۆيلىرى بولۇپ، بۇ ئورۇنلارنىڭ ئاساسلىق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش – قىلدۇرماسلىق ئاممىۋى مەدەنىيەت خىزمىتىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىش – راۋاجلانماسلىقىغا باغلىق. شۇڭا، ئاممىۋى مەدەنىيەت ئورۇنلىرى ئاممىۋى مەدەنىيەت خىزمىتى پىلانىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر ساھە، ھەر قايسى كەسىپتىكىلەرنى پائال ھەرىكەتلەندۈرۈپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشى ئۈچۈن ياخشى شارائىت ھازىرلاپ بېرىشى كېرەك.

     ئاممىۋى مەدەنىيەت خىزمىتى مەزمۇن، شەكىل جەھەتتە كەڭ دائىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھەر دەرىجىلىك مەدەنىيەت تارماقلىرى ياخشى پىلانلاپ قەرەللىك ياكى دائىملىق ئۇيۇشتۇرىدىغان ئاممىۋى مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنىڭ ئاساسلىق شەكلى، مەزمۇنىكىتاب، گېزىت – ژۇرنال ئارىيەتكە بېرىش مۇلازىمىتى، سىياسەت – قانۇن ۋە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەربىيەسى، ئويۇن قويۇش مۇلازىمىتى، سېپىرلاشقان مەدەنىيەت ئۇچۇر مۇلازىمىتى، ئاممىۋى مەدەنىيەت بايلىقلىرىنى يەتكۈزۈش ۋە ئاقما شەكىلدە مۇلازىمەت قىلىش، تەنتەربىيە پائالىيىتى ۋە ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە پائالىيىتى ۋە ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ئىشتىن سىرتقى پائالىيەتلىرى ۋە تۈرلۈك شەكىلدىكى كۆرگەزمىلەرنى ئۇيۇشتۇرۇش، ئىلىم – پەن، مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش، ئۇچۇر تارقىتىش، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى يىغىش، رەتلەش، ئومۇملاشتۇرۇپ تەكشۈرۈش، ئامما ئىچىدىكى كۆپ ئىقتىدارلىق مەدەنىيەت، سەنئەت تايانچلىرىنى تەربىيەلەش ئۆز ئورنىنىڭ مەدەنىيەت بازارلىرىنى ياخشى باشقۇرۇش، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ئاغزاكى مەدەنىيەت مىراسلىرىنى يىغىش، رەتلەش، قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك. مېنىڭچە، ئاممىۋى مەدەنىيەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن:

     بىرىنچىدىن، ئاممىۋى مەدەنىيەت خىزمىتىنىڭ قوشۇن قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. چۈنكى، ئاممىۋى مەدەنىيەت قوشۇنى ساپاسىنىڭ قانداق بولۇشى ئاممىۋى مەدەنىيەت خىزمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى بەلگىلەيدۇ. شۇڭا، ئاممىۋى مەدەنىيەت خىزمەتچىلىرى چوقۇم ئاممىۋى مەدەنىيەت نەزەرىيەسى ۋە بىلىملىرىنى پۇختا ئىگىلىگەن، يۇقىرى كەسپىي ساپاغا، مۇئەييەن تەشكىللەش ۋە ئۇيۇشتۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشى كېرەك.

     ئىككىنچىدىن، ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىشى يەنى ئاساسىي قاتلام مەدەنىيەت پونكىتلىرىدا ئۆلچەملىك، كۆپ ئىقتىدارلىق پائالىيەت زالى، كۇتۇپخانا، قىرائەتخانا ۋە تەربىيەلەش ئورنى ۋە ئۇچۇر بايلىقلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش نۇقتىسى، مەدەنىيەت – سەنئەت تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈشكە باپ كېلىدىغان پائالىيەت مەيدانلىرى، تەشۋىقات كۆزنەكلىرى بولۇشى كېرەك.

     ئۈچىنچىدىن، مەبلەغقە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يېتەرلىك مەبلەغ بولمىغاندا، ئاساسىي قاتلام ئاممىۋى مەدەنىيەت – سەنئەت، تەنتەربىيە، پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەشتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. شۇڭا، تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق مەبلەغ توپلاش ۋە ساھەلەرنىڭ مەبلەغ جەھەتتىن قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

     تۆتىنچىدىن، مول مەزمۇنلۇق ئاممىۋى مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ، ئاممىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى جانلاندۇرۇشى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغدىشى كېرەك.

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter

مىكرو بلوگىم _ سىزمۇ ئەگىشىڭ