ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> بىز ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىدىن نېمىلەرنى ئۆگىنىمىز؟

بىز ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىدىن نېمىلەرنى ئۆگىنىمىز؟

2013-09-14 10:47     كۆرۈلۈشى: 1516 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: «شىنجاڭ گېزىتى›› ئوبزورچىسى      ئاپتونوم رايونلۇق 3- نۆۋەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنى باھالاش نەتىجىسى يېقىندا ئېلان قىلىندى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ياخشى كۆرۈشى ۋە ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغا....

«شىنجاڭ گېزىتى›› ئوبزورچىسى

     ئاپتونوم رايونلۇق 3- نۆۋەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنى باھالاش نەتىجىسى يېقىندا ئېلان قىلىندى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ياخشى كۆرۈشى ۋە ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان 26 ئەخلاق نەمۇنىچىسى 50 نامزات ئارىسىدىن تاللاپ چىقىلدى. جۇماتاي ئاۋباكىر، ئەنۋەر مەنسۇر، چېن جۈنگۈي … كىشىلەرگە تونۇش بۇ ئىسىملار بىزگە ئەخلاقنىڭ كۈچ – قۇدرىتىنى يەنە بىر قېتىم تونۇتتى.

     كەسىپىنى سۆيۈش، سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇش، باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق بىلىش، ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش، ئىتتىپاق ھەم دوستانە ئۆتۈش، ياشانغانلارغا ۋاپادار بولۇش، ئۇرۇق – تۇغقانلىرىغا كۆيۈمچان بولۇش، ۋەھاكازا. ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنىڭ ئىش – پائالىيىتى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، ھەممىسى ئەمەلىي ھەرىكىتىدە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقىنى نامايان قىلىپ، جەمئىيەتتە ئىجابىي تەسىر پەيدا قىلدى، بىز ئۇلارنىڭ ئىش – ھەرىكىتىدىن كىشىلەر ئارىسىدىكى ئىللىقلىق، گۈزەللىك، جاسارەت، سەمىمىيەت ۋە مېھىر – مۇھەببەتنى ھېس قىلدۇق، ئۇلار شىنجاڭچە روھنى، ئەخلاقنىڭ كۈچىنى نامايان قىلدى.

     بىز ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىدىن نېمىلەرنى ئۆگىنىشىمىز كېرەك؟

     بىز ئۇلارنىڭ ئىزچىللىقنى ساقلاش روھىنى ئۆگىنىشىمىز كېرەك. ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنىڭ تىپىك ئىش – پائالىيەتلىرىگە قارىساق، ئۇلاردا شۇنداق بىر ئورتاقلىق بار، ئۇ بولسىمۇ ئۇلار نەچچە يىل، نەچچە ئون يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ، ئوخشاش ياكى ئوخشاپ كېتىدىغان ئىشلارنى قىلغان. بۇ ئىشلار قارىماققا ناھايىتى كىچىك، ناھايىتى ئاددىي كۆرۈنسىمۇ، ئۇلار ئىزچىللىقى ئارقىلىق ئاددىي كىشىدىن ئەخلاق نەمۇنىچىسىگە ئايلاندى.

     بىز ئۇلارنىڭ ياخشى ئىشلارنى كۆپ قىلىشتىن خۇشاللىق تاپىدىغان ھاياتلىق مىزانىنى ئۆگىنىشىمىز كېرەك. ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنىڭ ھەممىسى ئاددىي كىشىلەر، ئۇلارنىڭ ئۈلگىگە ئايلىنىشىدىكى سەۋەب، ئۇلارنىڭ قەلبى مېھىر – مۇھەببەتكە تولغان، ئۇلار ياخشى ئىشلارنى كۆپ قىلىشتىن خۇشاللىق تېپىشنى ھاياتلىق مىزانىغا ئايلاندۇرغان. ئۇلار ھەر قېتىملىق باشقىلارغا ياردەم بېرىشتىن خۇشاللىق تاپقان.

     بىز ئۇلارنىڭ ئۈن – تىنسىز تۆھپە قوشۇشتەك ئېسىل ئەخلاقىنى ئۆگىنىشىمىز كېرەك. چىگرا رايوندىكى قوغدىغۇچى، چارۋىچىلىق رايونىدىكى يېزا – قىشلاق دوختۇرى، ئوت ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ ئىشىك باققۇچىسى… ئۇلار ئاساسىي قاتلامدا ئىشلىسىمۇ، ئەزەلدىن ئاغرىنىپ باقمىغان ھەم ۋاز كەچمىگەن، باشقىلار بىلەن ئىناق – دوستانە ئۆتۈش، باشقىلارغا ياردەم بېرىشتە ئۇلار ئەزەلدىن مىننەت قىلىپ باقمىغان.

     بىز ئۇلارنىڭ ئۆزىنى ئۇنتۇپ باشقىلارنى ئويلايدىغان ئالىيجاناب ئەخلاق – پەزىلىتىنى ئۆگىنىشىمىز كېرەك. ياخشى ئىش قىلىش تەس ئەمەس، لېكىن ھايات – ماماتلىق پەيتتە ئۆزىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە باشقىلارنى ھاياتلىققا ئېرىشتۈرۈشنى قانچىلىك كىشى ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ؟ بۇ نۇقتىنى 24 ياشقا كىرگەن ليۇ بو، 47 ياشقا كىرگەن نىياز موسا ئەمەلگە ئاشۇردى. ئۇلارنىڭ خەتەرلىك پەيتتىكى ئۆزىنى ئۇنتۇش روھى، ئادالەت يولىدا جېنىنى پىدا قىلىش روھى بەكمۇ قىممەتلىك.

     ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنىڭ ئىش – پائالىيەتلىرى بىزگە شۇنى ئېيتىپ بەردىكى، ھەرقانداق ئىشنى كۆڭۈل قويۇپ قىلغاندىلا، ھەممە كىشى باشقىلارنى تەسىرلەندۈرەلەيدىغان كىشىگە ئايلىنالايدۇ. بىز تەسىرلىنىش بىلەن بىللە، ھەممە ئىشنى ئۆزىمىزدىن، كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ قىلىشىمىز، مېھىر – مۇھەببىتىمىز ۋە ياخشى ئىشلىرىمىز بىلەن جەمئىيەتتە ئەخلاق مەدەنىيىتىنىڭ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter