ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> ئامېرىكىغا كۆچمەن بولغان ئائىلە باشلىقىنىڭ بايانى

ئامېرىكىغا كۆچمەن بولغان ئائىلە باشلىقىنىڭ بايانى

2013-09-15 10:54     كۆرۈلۈشى: 1380 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن:      ئامېرىكىغا كۆچمەن بولغاندىن كېيىن، توققۇز ياشلىق ئوغلۇمنى ئۆيگە ئانچە يىراق بولمىغان بىر باشلانغۇچ مەكتەپكە ئەكىرىپ بەرگىنىمدە، خۇددى ئەڭ قىممەتلىك نەرسەمنى ئىشەنچسىز بىر ئادەمنىڭ ساقلىشىغا ت....

     ئامېرىكىغا كۆچمەن بولغاندىن كېيىن، توققۇز ياشلىق ئوغلۇمنى ئۆيگە ئانچە يىراق بولمىغان بىر باشلانغۇچ مەكتەپكە ئەكىرىپ بەرگىنىمدە، خۇددى ئەڭ قىممەتلىك نەرسەمنى ئىشەنچسىز بىر ئادەمنىڭ ساقلىشىغا تاپشۇرغاندەك، كۈندە دەككە – دۈككىدە يۈردۈم. بۇ قانداق مەكتەپ؟ ئوقۇغۇچىلار دەرس ۋاقتىدا ئۈنلۈك ئاۋازادا كۈلۈشىدىكەن، ھەر كۈنى ئوقۇغۇچىلار ئاز دېگەندىمۇ ئىككى سائەت ئويۇن ئوينايدىكەن، چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچ بولمايلا مەكتەپتىن قويۇۋېتىدىكەن، مېنى ئەڭ ھەيران قالدۇرغىنى دەرسلىك كىتابىمۇ يوق ئىكەن.

     ھېلىقى سېرىق چاچ، كۆك كۆز ئايال ئوقۇتقۇچى ئوغلۇم ئېلىپ بارغان جۇڭگودىكى باشلانغۇچ تۆتىنچى يىللىقنىڭ دەرسلىك كىتابىنى كۆرۈپ، ئەدەب بىلەن: ‹‹ئالتىنچى يىللىقتىن ئىلگىرى ئۇ ماتېماتىكىنى ئۆگەنمىسىمۇ بولىدۇ›› دېدى، ئۇنىڭ ئىللىق كۈلۈمسىرىشىدىن قاتتىق توقماق يېگەندەك، ئۈنۈمنى چىقىرالماي قالدىم، تۇيۇقسىزلا ئوغلۇمنى ئامېرىكىغا ئەكەلگىنىم ھاياتىمدىكى ئەڭ ئەخمىقانە ئىشتەك تۇيۇلۇپ كەتتى.

     كۈنلەر ئۆتمەكتە، ئوغلۇمنىڭ قۇپقۇرۇق سومكىنى ئېسىپ، شاد – خۇرام مەكتەپكە كېتىۋاتقىنىنى كۆرگىنىمدە، قەلبىم بىر خىل ئېيتقۇسىز ئازاب ئىچىدە قالاتتى. جۇڭگودا بولسا ئۇنىڭ سومكىسى بىرىنچى يىللىقتىن باشلاپلا لېق تولغانىدى، بىرىنچى يىللىقتىن تۆتىنچى يىللىققىچە بىر – بىرىدىن چوڭ ئۈچ سومكىنى ئالماشتۇرۇپ بولغان، سومكىلىرى بارغانسىېرى يوغىناپ، ئېغىرلاپ، ئۇنىڭ ھەقىقىي بىلىم ئىگىلەۋاتقانلىقىنى، بىلىمىنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى مانا مەن دەپ كۆرسىتىپ تۇراتتى. ھالبۇكى ئامېرىكىدا ئۇنىڭ سومكىسى قۇپقۇرۇق، بۇنى قانداقمۇ ئوقۇۋاتىدۇ دېگىلى بولسۇن؟ بىر مەۋسۇم ئۆتۈپ كەتتى، مەن ئوغلۇمدىن ئامېرىكىدىكى مەكتەپنىڭ ئۇنىڭغا قالدۇرغان ئەڭ چوڭ تەسىرىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى سورىغىنىمدا، ئۇ ‹‹ئەركىنلىك›› دېدى، بۇ گەپ خۇددى بىر پارچە تاشتەك ئۇدۇل مېڭەمگىلا تەگدى.

     بىلىپ – بىلمەي بىر يىلمۇ ئۆتۈپ كەتتى، ئوغلۇمنىڭ ئىنگلىزچە سەۋىيەسى ھەقىقەتەن ئۆسۈپ كەتتى. مەكتەپتىن قايتقاندا ئۇدۇل ئۆيگە كەلمەي، كۇتۇپخانىغا بارىدىغان، ئارىلاپ – ئارىلاپ بىر دۆۋە كىتابلارنى كۆتۈرۈپ كېلىدىغان بولۇپ قالدى. بىر قېتىم ئۇنىڭدىن بۇنچە كۆپ كىتاب ئارىيەت ئېلىپ نېمە قىلىسەن دەپ سورىسام، ئۇ بىرياقتىن كىتابلىرىنى كۆرگەچ، بىر ياقتىن كومپيۇتېرغا قارىغاچ: ‹‹تاپشۇرۇق›› دەپلا جاۋاب بەردى. بۇ تاپشۇرۇقمىكەن؟ بالامنىڭ كومپيۇتېردا ئۇرۇۋاتقان خەتلىرىگە قاراپ نېمە قىلارىمنى بىلمەي، قېتىپلا قالدىم، ‹‹جۇڭگونىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى››، بۇنداق چوڭ تېمىنى ھەتتا دوكتورلارمۇ ئالدىراپ يېزىشقا پېتىنالمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن مەن جىددىي ھالدا ‹‹بۇ كىمنىڭ تاپقان ئەقلى›› دەپ سورىدىم. ئوغلۇم ئىنتايىن تەمكىنلىك بىلەن: ‹‹مۇئەللىم بىزگە، ئامېرىكا كۆچمەنلەر دۆلىتى، شۇڭا ھەر بىرىڭلار ئاتا – بوۋاڭلار ياشىغان دۆلەتنى تونۇشتۇرۇپ بىر پارچىدىن ماقالە يېزىڭلار، دەپ تاپشۇردى، ماقالىدە شۇ دۆلەتنىڭ تارىخى، جۇغراپىيەسى، مەدەنىيىتى، ئامېرىكا بىلەن بولغان پەرقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، ئۆز قارىشىمىزنى چۈشەندۈرۈشىمىز كېرەك ئىكەن››، بۇنى ئاڭلاپ، دېمىم ئىچىمگە چۈشۈپلا كەتتى. مەن ئون ياشلىق بىر بالىنىڭ چوڭ ئادەممۇ يازالمايدىغان بۇنداق ماقالىگە تۇتۇش قىلسا، نەتىجىسى قانداق بولىدىغانلىقىنى ھەقىقەتەنمۇ بىلەلمىدىم، پەقەت ئون ياشلىق بىر بالىنى بۇنداق ئۆزىنى چاغلىمايدىغان قىلىپ تەربىيەلىسە، كېيىنلىكتە نېنىنى تېپىپ يېيەلمەي قېلىشىدىن ئەنسىرىدىم.

     نەچچە كۈندىن كېيىن، ئوغلۇم بۇ ماقالىنى پۈتكۈزدى، بېسىپ چىققاندىن كېيىن قارىسام، يىگىرمە نەچچە بەتلىك بىر كىچىك كىتابچە بوپتۇ، خۇاڭخې دەرياسىدىن تەسۋىرىي يېزىققىچە، يىپەك يولىدىن بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراققىچە… ناھايىتى قىزغىن تەسۋىرلەپتۇ. يەنە كېلىپ بۇ ماقالىنى باب – بۆلەكلەرگە ئىنتايىن مۇۋاپىق بۆلۈپتۇ ۋە ئاخىرىدا پايدىلانغان كىتاب – ماتېرىياللارنى بىرمۇ بىر تىزىپتۇ. بۇ مەن ئوتتۇز يېشىمدا دوكتورلۇقتا ئوقۇغاندىن كېيىن ئاندىن قوللىنىشنى بىلگەن يېزىقچىلىق ئۇسۇلى ئىدى. شۇڭا ماختاشقىمۇ، تەنقىدلەشكىمۇ تىلىم بارماي، ھاڭۋېقىپ قالدىم.

     ئۇزاق ئۆتمەي، ئۇغلۇم ‹‹مەن ئىنسانلار مەدەنىيىتىگە قانداق قارايمەن›› دېگەن تېمىدا يەنە بىر ماقالىنى پۈتكۈزدى. ئەگەردە ئالدىنقى ماقالىنى يېزىش دائىرىسى بار، كونكرېت ماقالە دېسەك، بۇ قېتىمقىنىڭ ھېچقانداق دائىرە، چەك – چېگراسى بولۇشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئوغلۇم مەندىن ئەستايىدىللىق بىلەن ‹‹تۈگرە مەدەنىيەتكە كىرەمدۇ؟›› دەپ سورىدى، كېيىنكى ئەۋلادلارغا دەخلى قىلماسلىق ئۈچۈن، مەن ئوغلۇم بىلەن بىللە نوپۇزلۇق پايدىلىنىش كىتابلىرىدىن ماتېرىيال ئاختۇرۇشقا مەجبۇر بولدۇم. ئوغلۇم يەنە كومپيۇتېر ئالدىدا نەچچە ئاخشام ئولتۇرۇپ، باش چۆكۈرۈپ ماقالە يازدى. ئۇنىڭ بۇنداق قېتىرقىنىپ ئولتۇرغان ھالىتىنى كۆرۈپ، ئىچىمدە كۈلگۈم كەلدى. بىر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى قانداقمۇ ‹‹مەدەنىيەت›› دېگەن بۇنداق بىر مەنىسى چوڭقۇر، ئېنىق چەك – چېگراسى يوق، ئابستراكىت ئۇقۇمنى چۈشىنىپ يەتسۇن؟ ئامېرىكىچە مائارىپ تەربىيەسىدە ئەركىن پىكىر قىلىشقا يۈزلەنگەن ئوغلۇم بۇ ماقالىنىمۇ يېزىپ تۈگەتتى. كېيىن بالام مۇئەللىمى تەكشۈرۈپ بولغان تاپشۇرۇقلارنى قايتۇرۇپ ئەكەلدى، ئۈستىگە مۇئەللىمى باھاسىنى يېزىپ قويغانىدى: ‹‹مېنىڭ بۇ قېتىمقى تاپشۇرۇقنى ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى مەقسىتىم، ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىش، تەپەككۇرىنى جانلاندۇرۇش. ئەكسىچە ئۇلارنىڭ تاپشۇرۇقى مېنى مەن بالىلارنىڭ كىرىشىنى ئۈمىد قىلغان دۇنياغا باشلاپ كىردى››. مەن ئوغلۇمدىن بۇ باھانىڭ مەنىسى نېمە دەپ سورىسام، ئۇ مۇئەللىم بىزدىن پەخىرلەنگىنى يوق، ئەمما ئۇ بىزدىن ھەيران قالدى، شۇنداقمۇ؟ دەپ قايتۇرۇپ مەندىن سورىدى.

      مەن بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلالمىدىم، بالام نېمىشقا تۇيۇقسىزلا بۇنداق ئىش ئۇقىدىغان بولۇپ قالغاندۇ؟ ئويلاپ باقسام، ھەيران قالغۇدەك يېرىمۇ يوقكەن.

     مەكتەپ ۋە مۇئەللىم ئوقۇغۇچىلارغا ئىنسانپەرۋەرلىك قارىشىنى سىڭدۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئىنسانىيەتنىڭ تەقدىرىگە ئەھمىيەت بېرىشكە يېتەكلەپ، بالىلارغا چوڭ مەسىلىلەرنى تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇلىنى ئۆگىتىدىكەن، بۇنداق سوئاللارنىڭ دەرسخانىدا ئۆلچەملىك جاۋابى يوق بولۇپ، بەزى ئوقۇغۇچىلار بۇنىڭ جاۋابى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر ئىزدىنىشى مۇمكىن ئىكەن.

     ئوغلۇم باشلانغۇچنى پۈتكۈزگەن ۋاقتىدا، كۇتۇپخانىدىكى كومپيۇتېر ۋە مىكرو ئېكراندىن بىمالال پايدىلىنىپ، ئۆزىگە كېرەكلىك ماتېرىيال ۋە سۈرەتلەرنى تاپالايدىغان بولدى. بىر كۈنى ئىككىمىز شىر بىلەن قاپلاننىڭ يېمەكلىك ئىزدەش ئادىتى توغرىلىق تالىشىپ قالدۇق، ئىككىنچى كۈنى ئۇ كۇتۇپخانىدىن ئامېرىكا دۆلەتلىك جۇغراپىيە ئىلمىي جەمئىيىتى تارتقان، ھايۋاناتلارنى تونۇشتۇرغان سىنئالغۇ لىنتىسىنى ئارىيەت ئېلىپ كېلىپ، ماڭا كۆرسەتكەچ، مۇنازىرلىشىپ كەتتى. بالام ئۆزى بىلمىگەن سوئاللارنىڭ جاۋابىنى نەدىن تېپىشنى ئۆگىنىۋالغانىدى.

     ئوغلۇمدىكى بۇ ئۆزگىرىشلەر مېنى ئامېرىكىنىڭ باشلانغۇچ مائارىپىغا قايتىدىن باھا بېرىشكە مەجبۇر قىلدى. مەن، ئامېرىكىنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپلىرى ئەزەلدىن دەرسخانىدا بالىلارنىڭ كاللىسىغا زور مىقداردا بىلىم ۋە فورمۇلا قۇيمايدىغانلىقىنى، ئامالنىڭ بارىچە بالىلارنىڭ تەپەككۇرىنى دەرسخانىنىڭ سىرتىدىكى چەكسىز بىلىم دۇنياسىغا باشلايدىغانلىقىنى، بالىلارغا تۇرمۇشتىكى بارلىق ماكان ۋە زاماننىڭ بىلىم ئالىدىغان دەرسخانا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى، نۇرغۇن ئەجىر سىڭدۈرۈش ئارقىلىق بالىلارغا مەسىلىلەر ئۈستىدە قانداق پىكىر يۈرگۈزۈشنى، ناتونۇش مۇھىتتا قانداق قىلىش ۋە جاۋاب ئىزدەش ئۇسۇلىنى ئۆگىتىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم، ئۇلار ھېچقاچان ئىمتىھان ئېلىپ، ئوقۇغۇچىلارنى دەرىجىگە بۆلمەيدىكەن، ئەكسىچە پۈتۈن كۈچى بىلەن بالىلارنىڭ بارلىق تىرىشچانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، بالىلار ئۆزلىرى پىكىر يۈرگۈزۈش ئارقىلىق چىقارغان بارلىق خۇلاسە – نەتىجىلەرنى ئالقىشلاپ، بالىلارنىڭ ھەرقانداق ئىجادىيەت ۋە ئىنتىلىشىنى قوغدايدىكەن ۋە ئۇنىڭغا مەدەت بېرىدىكەن.

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter

مىكرو بلوگىم _ سىزمۇ ئەگىشىڭ