ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> چەت ئەللىكلەر نەزەرىدىكى شىنجاڭ

چەت ئەللىكلەر نەزەرىدىكى شىنجاڭ

2013-09-24 10:20     كۆرۈلۈشى: 1528 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: «جۇڭگو شىنجاڭدىكى تەرەققىيات، ئۆزگىرىشلەر كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ» چەت ئەللىكلەر نەزەرىدىكى شىنجاڭ      «مەن قۇرۇلۇش ماتېرىيالى ۋە تاشقى سودا تىجارىتى قىلىمەن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو بىلە....

«جۇڭگو شىنجاڭدىكى تەرەققىيات، ئۆزگىرىشلەر كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ»

چەت ئەللىكلەر نەزەرىدىكى شىنجاڭ

     «مەن قۇرۇلۇش ماتېرىيالى ۋە تاشقى سودا تىجارىتى قىلىمەن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن كۆپرەك سودا ئالاقىسى قىلدىم، بۇ جەرياندا شىنجاڭغا نەچچە قېتىم كەلدىم. ئۈرۈمچىنىڭ يوللىرى پاكىز، مۇھىتى گۈزەل، ئاھالىلىرى دوستانە بولۇپ، مەندە چوڭقۇر تەسىرات قالدۇردى. شىنجاڭغا ھەر كەلگىنىمدە يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى، ئۈرۈمچىنىڭ ناھايىتى تېز تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىمەن››، دېدى ئاففانىستانلىق سودىگەر جەيىن ئاجا.

     شىنجاڭ 3 – نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسىنى ئويۇشتۇرغان جاي ھەم جۇڭگونىڭ غەربكە ئېچىۋەتكەن مۇھىم دەرۋازىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەممىنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتتى.

     شىنجاڭدىكى تەرەققىيات، ئۆزگىرىشلەر شىنجاڭغا كەلگەن چەت ئەللىكلەردە چوڭقۇر تەسىرات قالدۇردى. قىرغىزىستاندىن شىنجاڭغا ئوقۇشقا كەلگەن ئالىيە: مەن بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئۈرۈمچىگە تۇنجى قېتىم كەلدىم. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭغا ئوقۇشقا كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئۈرۈمچىدە ئۆزگىرىشلەرنىڭ كۆپلۈكىنى ئېيتىشىدۇ. جۇڭگو ھۆكۈمىتى شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇ، يەرلىكنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى يىلدىن – يىلغا ياخشىلىنىۋاتىدۇ، مەسىلەن: ئۈرۈمچىنىڭ BRT تېز سۈرئەتلىك ئاممىۋى قاتنىشى بەك قولايلىق ئىكەن، دېدى.

     رۇسىيەلىك داڭلىق ئوزۇقشۇناس شۇتكىن ۋە ئۇنىڭ خوتۇنى يېقىندا شىنجاڭدىكى مەنزىرىلىك جايلارنى ئايلىنىپ چىقتى. ئۇلار يەرلىكنىڭ تائاملىرىنى تەرىپلەش بىلەن بىللە شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا قولغا كەلگەن ئالەمشۇمول نەتىجىلەرگە ھەيران قالدى. شۇتكىن مۇنداق دېدى: ئۈرۈمچىدىن تۇرپانغا بارىدىغان تاشيولنىڭ ئىككى تەرىپىدە زاۋۇت، كارخانىلار ناھايىتى كۆپ ئىكەن، ھەر 20 كىلومېتىر جايدا كۆلەم جەھەتتە رۇسىيەدىكى بايراقدار زاۋۇتلار بىلەن تەڭ ئورۇندا تۇرغۇدەك كارخانىلار بار ئىكەن. بىز يولبويى شامال كۈچىدىن پايدىلىنىپ توك تارقىتىدىغان نۇرغۇن توك ئىستانسىسىنى كۆردۇق، بۇلارنىڭ ھەممىسى شىنجاڭنىڭ زامانىۋى سانائەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپتۇ.

     ئالمائاتا كارخانىچىلار جەمئىيىتىنىڭ نۇرغۇن ئەزاسى خېلى بۇرۇنلا شىنجاڭ بىلەن سودا ھەمكارلىق – ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى قانات يايدۇرغان بولۇپ، مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ رەئىسى يانبايېۋ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90 – يىللىرىنىڭ بېشىدا، شىنجاڭدىن قازاقىستانغا ئېكسپورت قىلىنغان ماللارنىڭ سۈپىتى ناچار ئىدى، ھازىر ماللارنىڭ تۈرى كۈندىن – كۈنگە كۆپىيىپ، سۈپىتى بارغانسېرى ياخشى بولۇۋاتىدۇ. قازاقىستان ھەم پۈتۈن دۇنيادىكى سودىگەرلەر شىنجاڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جۇڭگولۇق ھەمراھلىرى بىلەن سودا قىلىشقا تېخىمۇ قىزىقىۋاتىدۇ، سەۋەبى جۇڭگو تاۋارلىرىنىڭ سۈپىتى ياخشى بولۇپلا قالماي، باھاسى ئەرزان، رىقابەت كۈچىگە ئىگە، دېدى.

     ئىلگىرى شىنجاڭدا ئوقۇپ، ھازىر ئالمائاتادىكى جۇڭگو مەدەنىيەت ئالاقە شىركىتىدە خىزمەت قىلىۋاتقان قازاقىستانلىق قىز باقىتگۈل مۇنداق دېدى: مەن شىنجاڭدا ئوقۇغان چېغىمدا، خەنزۇلار بىلەن يەرلىكتىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىجىل – ئىناق ئۆتىدىغان، بىر – بىرىدىن ياردىمىنى ئايىمايدىغان تەسىرلىك ئىش – ئىزلىرىنى ئاڭلىدىم ۋە كۆردۈم. شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلق بىر ئائىلە كىشىلىرىگە ئوخشايدۇ. مەن قازاقىستانلىقلارنىڭ شىنجاڭ بىلەن جۇڭگونىڭ باشقا جايلىرىغا بېرىپ، جۇڭگودىكى ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

     جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ تەسىر كۈچى ۋە شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ئۆزئارا بىر – بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۆزبېكىستانلىق سودىگەر كەرىمە مۇنداق دېدى: يېقىنقى ئۈچ يىلدىن – بەش يىلغىچە بولغان ۋاقىتتا، شىنجاڭ ئۈرۈمچىنىڭ تەرەققىياتى ناھايىتى تېز بولدى، ئۈرۈمچىنىڭ يول قۇرۇلۇشى، شەھەر پىلانى شۇنىڭدەك مۇلازىمەت كەسپى جۇڭگونىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىكى تەرەققىي قىلغان شەھەرلەر بىلەن پەرقلەنمەيدىغان ھالەتكە ئۆتتى. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئۈرۈمچىنىڭ جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسىنى ئۆتكۈزۈش يوشۇرۇن كۈچى زورايدى. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر شىنجاڭ بىلەن مىللەت، مەدەنىيەت، تارىخ قاتارلىق ساھەلەردە زىچ ئالاقە ئورناتقان. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتى شىنجاڭ بىلەن ھەمكارلىشىشتىن ئايرىلالمايدۇ.

      (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 – سېنتەبىر تېلېگراممىسى)

     مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter

مىكرو بلوگىم _ سىزمۇ ئەگىشىڭ