ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> ساناتورىيەدە تۇرۇش نومۇسمۇ؟

ساناتورىيەدە تۇرۇش نومۇسمۇ؟

2013-12-17 3:00     كۆرۈلۈشى: 1394 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: ماھىرە ئەركىن      تاكسىدا كېتىۋېتىپ، ساناتورىيە توغرىسىدا شوپۇر بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم. شوپۇرنىڭ دېيىشىچە، ئاپىسى مېڭە يېگىلەش كېسىلى بىلەن بالدۇرلا قازا قىپتۇ. شۇ چاغلاردا بالىلار خىزمەتتە بول....

ماھىرە ئەركىن

     تاكسىدا كېتىۋېتىپ، ساناتورىيە توغرىسىدا شوپۇر بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم. شوپۇرنىڭ دېيىشىچە، ئاپىسى مېڭە يېگىلەش كېسىلى بىلەن بالدۇرلا قازا قىپتۇ. شۇ چاغلاردا بالىلار خىزمەتتە بولغاچقا، ئاپىسى تولاراق ئۆيدە يالغۇز قالىدىكەن. يالغۇز قالغاندا، بەزىدە پىچاق بىلەن ئۆزىنى زەخىملەندۈرۈۋالىدىكەن، بەزىدە سىرتقا چىقىپ كەتسە، ئۆينى تاپالمايدىكەن. شوپۇر ئەگەر ئاپامنى ساناتورىيەگە ئاپىرىپ بەرگەن بولساق، بەلكىم ئۇزاقراق ئۆمۈر كۆرەر ئىدى، دېگەن ئارماندا ئىكەن.

     ئاتا – ئانىغا مېھرىبان بولۇش، ياشانغاندا ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش پەرزەنتلەرنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچى. ھازىرقى تۇرمۇش رىتىمىنىڭ تېزلىشىشى، خىزمەت بېسىمىنىڭ ھەلەكچىلىكىدە پەرزەنتلەر ئالدىراشچىلىق ئىچىدە بۇرچىنى ئادا قىلىشتا ‹‹بويۇن قىسىپ›› قالماقتا. بەزى ئاتا – ئانىلار پەرزەنتلىرى يىراقتا بولۇشتەك سەۋەبلەر تۈپەيلى غېرىبسىنىپ قالماقتا. مانا مۇشۇنداق ئەھۋالدا ساناتورىيە بىر قىسىم پەرزەنتلەرنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشتىكى ياخشى ماكانغا ئايلاندى. يەنە بىر قىسىم پەرزەنتلەر ‹‹ئاتا – ئانامنى ساناتورىيەگە ئاپىرىپ قويسام، باشقىلار نېمە دەيدۇ؟ بۇنداق قىلسام پەرزەنتلىك بۇرچۇمنى ئادا قىلمىغان بولمامدىم›› دېگەن قاراشتا بولماقتا. ئۇنداقتا، ساناتورىيەدە تۇرۇش ھەقىقەتەن نومۇسمۇ؟ بۇ ھەقتە ياشانغانلار غەمگۈزارى تۇقىز ھەمدۇل مۇنداق دېدى: مېنىڭ ساناتورىيەدە خىزمەت قىلىۋاتقىنىمغا ئۇزاق بولدى. دەسلەپتە شەخسىيلەر باشقۇرۇشىدىكى ساناتورىيەلەرنى كىشىلەر قوبۇل قىلمىدى. يىلسېرى بۇ يەرگە كېلىدىغانلار كۆپەيدى. چۈنكى پەرزەنتلەر ئالدىراشچىلىقتا كۆپ ۋاقىتلاردا ئاتا – ئانىسىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ بولالمايدۇ. مېنىڭچە ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشى ئاتا – ئانىغا بولغان ۋاپاسىزلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.

     شارائىتىمىز يار بەرگەن ئەھۋالدا ئاتا – ئانىمىزنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالماي، ئۆزىمىزنى قاچۇرساق، بۇ ئادىمىيلىك نۇقتىسىدىن بولسۇن ياكى ئەخلاق نۇقتىسىدىن بولسۇن ئاقىلانىلىك ئەمەس. ئەگەر راستىنلا ئوبيېكتىپ سەۋەبلەر تۈپەيلى پەرزەنتلەر ئاتا – ئانىنى بېقىشتا ئىلاجسىز قالغاندا، ئۇلارنى بۇ ‹‹باغچا›› غا ئەكىلىشى بىخەتەر ھەم ئىشەنچلىك دەپ قارايمەن.

     شەھەر ئاھالىسى گۈلشەن ئابدۇللا مۇنداق دېدى: تۇغقىنىم يەتتە يىلدىن بۇيان ساناتورىيەدە تۇرۇۋاتىدۇ. تۇغقىنىمنىڭ كۆزى كۆرمەس بولغاچقا، ئۆزىنىڭ ھاجىتىدىن چىقالمايدۇ. دەسلەپكى يىللىرى ئۆزۈم ھالىدىن خەۋەر ئالغان. يېشىمنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ سالامەتلىكىم تازا ياخشى بولماي ساناتورىيەگە ئاپىرىپ قويدۇم. دەسلەپتە كۆڭلۈم يېرىم بولغان، يوقلاپ بېرىپ پاراڭلىشىش جەريانىدا ئۆزىنىڭ بۇ يەردە ياخشى تۇرىۋاتقانلىقىنى، سەل بىئارام بولسىلا دوختۇر، سېستىرالار داۋالاپ، ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم ئەمىن تاپتى.

     ئاتا – ئانىلارنى ساناتورىيەگە ئاپىرىپ قويۇشنى ھەر قانداق كىشى ئالدىراپ قوبۇل قىلالماسلىقى مۇمكىن. چۈنكى بۇرۇندىن تارتىپ، پەرزەنتلەرنىڭ ئاتا – ئانىلىرىنى بېقىشى داۋام ئېتىپ كەلگەن. بۈگۈنكى كۈندە جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى كىشىلەرنى تۇرمۇشىنى قامداش يولىدا ئالدىرىتىپ قويدى. بەزى پەرزەنتلەر خىزمەت ئالدىراشچىلىقىدا ئاتا – ئانىسىنى ساناتورىيەگە ئەكىلىپ قويىدىغان بولدى.يەنە بەزىلەر سۆز – چۆچەكتىن قورقۇپ، ئاتا – ئانىلىرىنى ئۆيگە يالغۇز قويۇپ قويماقتا. بۇ توغرىسىدا تۇقىز ھەمدۇل مۇنداق دېدى: ياشانغانلار تولاراق ۋاقىتلىرىدا يالغۇزلۇقتىن قورقۇيدۇ. كۈن – كۈنلەپ ئۆيدە يالغۇز تۇرۇش ئۇلار ئۈچۈن تولىمۇ ئازاب. بەزىدە پەرزەنتلەر ئاتا – ئانىلىرىنى مۇشۇ ئازابقا قويۇشقا رازىكى، ھەرگىز ساناتورىيەگە ئەكىلىشنى خالىمايدۇ. ساناتورىيە خادىملىرى بۇ يەرگە كەلگەن ئاتا – ئانىلارنى ئۆز تۇغقىنىدەك كۆرىدۇ. شۇڭا پەرزەنتلەر بۇ جەھەتتە خاتىرجەم بولۇپ، ئاتا – ئانىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالمىغاندا ساناتورىيەگە ئەكىلىپ قويۇشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter