Ralph Lauren Canada ;One is to choose a plain colour of Polo,ralph lauren outlet such as Black, Navy or White - ralph lauren canadaselecting a colour of garment on which your corporate logo colours will look good when embroidered.ralph lauren canada outlet This can sometimes be preferable to buying an off-the-shelf garment in an unusual shade because fashions change and just because yourpandora canada company's shade of lime green is in vogue today this may not be the case in two years time.http://www.cefrank.com.au Manufacturers of off-the-shelf Tiffany Sale'stock' garments tend to change their ranges from time to michael kors outlet uktime and may choose to drop a colour if it is no longer considered popular.cheap burberry Ask your supplier and they should be able to tell you which colours Cheap Pandora Charmsare likely to remain available or which are in doubt.The second option,www.rvaq.ca if you have a sufficiently large requirement, is to have a Polo Shirt manufactured for your staff uniform in a bespoke colour. Manufacturing a bespoke embroidered Polo Shirt, opens up a wealth of possibilities regarding colour matching to your main corporate colour, Tiffany Saleembroidery branding, trims & detailing but this option is usually only viable from 300 to 500 pieces for a single colour garment or 1,000 Cheap Tiffany Salepieces upwards for more complex designs.
ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى جەمئىيەت ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ تۈپ كاپالىتى

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى جەمئىيەت ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ تۈپ كاپالىتى

2014-06-05 5:19     كۆرۈلۈشى: 12,342 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: ئۆمەرجان سۇلايمان      ئۇيغۇرلاردا ‹‹ كۈچ بىرلىكتە، ئىش ئۆملۈكتە›› دېگەن گەپ بار. مانا بۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىختىن بۇيان، ئىتتىپاقلىققا ئىنتىلىپ، ئىناقلىقنى قەدىرلەيدىغان مىللەت ئىكەنلىكىنى چۈشەند....

ئۆمەرجان سۇلايمان

     ئۇيغۇرلاردا ‹‹ كۈچ بىرلىكتە، ئىش ئۆملۈكتە›› دېگەن گەپ بار. مانا بۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىختىن بۇيان، ئىتتىپاقلىققا ئىنتىلىپ، ئىناقلىقنى قەدىرلەيدىغان مىللەت ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىكى ۋە ئىتتىپاقلىقىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بىر قاتار سىياسەتلەرنى تۈزۈپ، سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، مىللەتلەر باراۋەرلىكىنى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇردى. لېكىن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، چېگرا ئىچى ۋە سىرتىدىكى بۆلگۈنچى كۈچلەر ئاز ساندىكى دىن مۇخلىسلىرىنىڭ ساددا ھېسسىياتىدىن پايدىلىنىپ، دىنىي ئەسەبىيلىكنى تەرغىب قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، دۆلىتىمىزنىڭ تىنچ، ئىناق بولغان ئىجتىمائىي ۋەزىيىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدا ئىنتايىن يامان تەسىر پەيدا قىلدى. ئۇلار بىر مىللەتكە ياكى بىر دىنغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بەلكى ئۇلار بىر ئۇچۇم چېكىدىن ئاشقان زوراۋان، تېررورچىلار خالاس. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىناق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرىمىز دەيدىكەنمىز تۆۋەندىكى نۇقتىلارنى چىڭ تۇتۇشىمىز كېرەك.

1. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشنىڭ تەخىرسىزلىكىنى

 چوڭقۇر تونۇش كېرەك

     يولداش ماۋ زېدۇڭ: ‹‹دۆلەتنىڭ بىرلىكى، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى ئىشلىرىمىزنىڭ جەزمەن غەلىبە قازىنىشىنىڭ تۈپ كاپالىتى›› دەپ كۆرسەتكەن، شۇنداقلا بۇ دۆلىتىمىزدىكى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىش ئەمەلىيىتىدىن چىقىرىلغان ئىجابىي يەكۈن. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئۇيۇشۇشچانلىقىنىڭ كونكرېت ئىپادىسى، جەمئىيەت ئىناقلىقىنىڭ روشەن بەلگىسى، ئىناق مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ يادروسى. جۇڭخۇا مىللەتلىرى تارىخىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، ۋەتىنىمىزنىڭ تارىخىنى ھەرقايسى مىللەت خەلقى ئورتاق بەرپا قىلىپ، ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ بىرلىكىنى بىرلىكتە قوغداپ، مىللەتلەرنىڭ تەقدىرداش، قەلبداش، ھەمنەپەسلىك ھېسسىياتىنى ئۇرغۇتتى. مىللەتلەرنىڭ ئۇزاق مۇددەت گىرەلىشىپ ئولتۇراقلىشىشى بىر گەۋدىلىك، كۆپ مەنبەلىك تەقدىرداشلىق مۇناسىۋىتىنى شەكىللەندۈردى. يېڭى جوڭگۇ قۇرۇلغان 60 نەچچە يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 30 نەچچە يىلدىن بۇيان، مىللەتلەرنىڭ گىرەلەشمە ئولتۇراقلىشىش ۋەزىيىتى تېخىمۇ روشەنلەشتى.

     پارلاق جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ھەر مىللەت خەلقى ئورتاق ياراتقان. مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى سىڭىشىپ جۇلالىنىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرى چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئورتاقلىقىنى نامايان قىلىپ، مەدەنىيەت ۋاسىتىسى سۈپىتىدە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈردى. شۇڭا، ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق ئىدىيەسى››نى ئېلىمىز مىللەتلەر مۇناسىۋىتى تارىخى تەرەققىياتىنىڭ ئىلمىي يىغىنچاقلىنىشى، سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتى تەرەققىيات قانۇنىيىتىنىڭ چوڭقۇر يەكۈنى، سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ ئىدىيەۋى كاپالىتى دەپ ئېيتالايمىز.

2. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشتە، بۆلگۈنچىلىك، زوراۋانلىق،

 تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك

     چېگرا ئىچى ۋە سىرتىدىكى بۆلگۈنچى كۈچلەر ئۆزئارا تىل بىرىكتۈرۈپ، مىللەت ۋە دىندىن پايدىلىنىپ، بۆلگۈنچىلىك، بۇزغۇنچىلىق زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللاندى. ئۇلار جۇڭخۇا مىللەتلىرىنى پارچىلاش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش رەزىل مەقسىتىگە يەتمەكچى بولدى. شۇڭا، بىز ماركسىزملىق مىللەت قارىشى، دىن قارىشى تەربىيەسى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، پۈتكۈل مىللەتنىڭ ئىدىيە ئەخلاق ساپاسى، قانۇن – تۈزۈم ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، بۆلگۈنچىلىك، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا ۋە ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان زور خەۋپ ئىكەنلىكىنى، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان زور توسالغۇ ئىكەنلىكىنى ئېنىق تونۇپ، بۆلگۈنچىلىككە، زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قارشى پولات قورغان ھاسىل قىلىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق، بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىپ ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىناقلىققا ئىنتىلىدىغان، ئىتتىپاقلىقنى قەدىرلەيدىغان گۈزەل ئەخلاقىنىڭ قۇدرىتىنى نامايان قىلىپ، باراۋەرلىك، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق، ئىناقلىقتىن ئىبارەت جوڭگۇچە سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىشىمىز ۋە راۋاجلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

3. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشتە، <<ئۈچ خىل كۈچ>>كە

 قەتئىي قارشى تۇرۇش كېرەك

     مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي مۇقۇملۇقىنى ۋە ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش – ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق مەنپەئەتى، شۇنداقلا مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەر، ئەسەبىي دىنىي كۈچلەر، زوراۋان تېررورچى كۈچلەرگە ئۈنۈملۈك زەربە بېرىپ، سوتسيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنىڭ مۇھىم كاپالىتى. ‹‹ ئۈچ خىل كۈچ›› ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى پارچىلاشنى مەقسەت قىلغان، سوتسيالىزم تۈزۈمىنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنىدىغان ئەكسىيەتچىل سىياسىي تەشەببۇس ۋە ئەكسىيەتچىل ئىجتىمائىي پىكىر ئېقىمى بولۇپ، ‹‹ ئۈچ خىل كۈچ ››لەرگە قارشى تۇرغانلىق ھەر مىللەت خەلقىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدىغانلىق ۋە سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن ئىجتىمائىي ئاساس سالغانلىقتۇر. شۇڭا، ھەر مىللەت خەلقى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش مۇقەددەس بۇرچۇم دەيدىغان ئاساسىي مېلودىيەنى ياڭرىتىپ، مىللەتلەرنىڭ ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداشلىق ھېسسىياتىنى ئۆستۈرۈپ، سوتسىيالىستىك يېڭىچە مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىشىمىز؛ بولۇپمۇ، مىللەت ۋە دىنغا ياتىدىغان مەسىلىلەرنىڭ خاراكتېرىنى توغرا پەرقلەندۈرۈپ، دۈشمەن كۈچلەرنىڭ مىللەت ۋە دىن مەسىلىسىدىن پايدىلىنىپ سىڭىپ كىرىش، بۇزغۇنچىلىق قىلىشىنى چەكلىشىمىز؛ قانۇنلۇق دىنىي پائالىيەت بىلەن قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتنى پەرقلەندۈرۈشىمىز كېرەك. دىننى نىقاب قىلىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى بۇزۇشنى مەقسەت قىلغان قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارنى قانۇن بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىشىمىز كېرەك.



无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter