ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> جياڭ جيېشىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بىرلىشىش ئويى

جياڭ جيېشىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بىرلىشىش ئويى

2014-03-01 8:57     كۆرۈلۈشى: 11,084 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن:      جياڭ جيېشى 1949- يىلى مەغلۇب بۇلۇپ تەيۋەنگە كەتكەندىن كېيىن، ئارمىيەنى تەرتىپكە سېلىپ، ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىپ، چوڭ قۇرۇقلۇققا قايتماقچى بولغان. ئۇ ئامېرىكىغا ئەگىشىپ، «كومپارتىيەگە قارشى تۇر....

     جياڭ جيېشى 1949- يىلى مەغلۇب بۇلۇپ تەيۋەنگە كەتكەندىن كېيىن، ئارمىيەنى تەرتىپكە سېلىپ، ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىپ، چوڭ قۇرۇقلۇققا قايتماقچى بولغان. ئۇ ئامېرىكىغا ئەگىشىپ، «كومپارتىيەگە قارشى تۇرۇپ، روسىيەگە تاقابىل تۇرۇش» شۇئارىنى توۋلىغان. ئامېرىكا جياڭ جيېشىنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇققا قايتارما ھۇجۇمغا ئۆتىشىگە قارشى تۇرغان. يەنە بىر تەرەپتىن ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60- يىللىرىغا كەلگەندە جوڭگۇ – سوۋېت مۇناسىۋىتى يامانلاشقان. شۇڭا جياڭ جيېشى ئامىرىكىدىن يىراقلىشىپ، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ھەمكارلىشىپ چوڭ قۇرۇقلۇققا تاقابىل تۇرماقچى بولغان.

     ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60- يىللىرى جوڭگۇ – روسىيە چېگرا رايۇنىدا قانلىق ۋەقەلەر كۆپلەپ يۈز بەرگەن. بۇنىڭ بىلەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تېخىمۇ يىرىكلەشكەن. بۇ خىل ئەھۋالدا سوۋېت ئىتتىپاقى تەيۋەن ئارقىلىق جوڭگۇنى چەكلىمەكچى بڭلغان. «لوندون كەچلىك گېزىتى» مۇخبىرى، سوۋېت ئىتتىپاقىلىق ۋىكتور لويىس 1968- يىلى تەيۋەننىڭ ياپونىيەدىكى خادىمىغا تەيۋەنگە زىيارەتكە بېرىش ئىلتىماسى سۇنغان. بۇ خەۋەر جياڭ جيېشىنىڭ قۇلىقىغا يەتكەن. ئەسلىدىمۇ روسىيە بىلەن بىرلىشىپ چوڭ قۇرۇقلۇققا قارشى تۇرۇش ئويى بار جياڭ جيېشى ناھايىتى تېزلا ماقۇللۇقىنى بىلدۈرگەن. لويىس 1949- يىلى تەيۋەندە زىيارەتتە بولغان. ۋېي جىڭمىڭ لويىس بىلەن سۆھبەتلەشكەن. جياڭ جيېشى كۈندىلىك خاتىرىسىگە: ”لويىسنىڭ روسىيەنىڭ مەخپى ئەۋەتكەن خادىمى ئىكەنلىكىنى ېنىقلىدۇق، ھۆكۈمىتىمىز روسىيە بىلەن ھەمكارلاشمىسا مۇۋەپپىقىيەت قازىنالمايدۇ، شۇڭا بۇ پۇرسەتنى قولدىن بىرىپ قويماسلىقى، ئىككى تەرەپ رەسمىي سۆھبەتلىشىشى كېرەك» دەو يازغان.

     1969- يىلى جوڭگۇ – سوۋېت ئارىسىدا جىن باۋداۋ ئارىلى توقۇنىشى يۈز بەرگەندىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقى تەيۋەن بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن. شۇ يىلى لويىس ۋېي جىڭمىڭغا تېلىفۇن بىرىپ سۆھبەتلىشىشنى ئېيتقان. ئىككى تەرەپ ئامېرىكىنىڭ دىققىتىنى تارتىپ قويماسلىق ئۈچۈن ۋېينادا كۆرۈشكەن. سۆھبەت جەريانىدا سوۋېت ئىتتىپاقى چوڭ قۇرۇقلۇقنى قوللىماسلىققا كاپالەت بىرىدىغانلىقىنى ھەمدە تەيۋەنىى قورال بىلەن تەمىنلەشكە، تەيۋەننىڭ چوڭ قۇرۇقلۇققا چىقىشىغا يارىدەم قىلىشقا قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

     1969- يىلى جوڭگۇ بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى يەنە توقۇنۇشقان، لويىس ۋېي جىڭمىڭغا تېلىفۇن بىرىپ، جىددىي سۆھبەتلىشىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بىراق ۋېي جىڭمىڭ رىمغا بېرىپلا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۆز گىپىدىن يېنىۋالغانلىقىنى بىلگەن. شىنخۇا ئاگېنتلىقى شۇ يىلى 18- ئۆكتەبىر جوڭگۇ بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كىلىشىم ئىمزالىغانلىقىنى جاكارلىغان. بۇنىڭ بىلەن ئىككى تەرەپ ئوتتۇرسىدىكى مەخپى سۆھبەت توختىغان.

     ئارىدىن بىر يىل ئۆتۈپ، ۋېي قىڭمىڭ بىلەن لويىسنىڭ سۆھبىتىدە يەنە ئىلگىرلەش كۆرۈلگەن. 1970- يىلى 30- ئۆكتەبىر ئىككى تەرەپ ئۈچىنچى قېتىم سۆھبەتلەشكەن. لويىس سۆھبەت جەريانىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇق بىلەن بولغان ھەمكارلىقىدا ئىلگىرلەش بولمىقغانلىقىنى، تەيۋەن بىلەن ھەمكارلىشىشقا قوشۇلىدىغانلىقىنى، تەيۋەن چوڭ قۇرۇقلۇققا ھۇجۇم قىلغاندا باشقۇرىلىدىغان سىنارەت ئارقىلىق چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ دېڭىز مۇداپىيە بازىلىرىنى بومباردىمان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. جياڭ جيېشى ئۆتكەن قېتىملىق ئىشنىڭ يەنە تەكرارلىنىشىدىن ئەنسىرەپ ۋېي قىڭمىڭغا ئىھتىيات قىلىشنى، لويىسنىڭ پىكىرىگە قۇشۇلماسلىقنى ئېيتقان. ئۇزاق ئۆتمەي جوڭگۇ بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ سۆھبىتى داۋاملاشقان. جياڭ جيېشى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇققا «يول قويغان» لىنى ئەيپلىگەن.

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 جەمئىي 1 دانە ئىنكاس قالدۇرۇلدى
  1. دىۋان
    2014-03-05 22:45 ئۇيغۇربەگ 

    سوۋىت بەك تەجرىبىلىككەن ئادەم ئىشلىتىشكە

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

    [جاۋاب]

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter