ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش

ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش

2014-02-28 9:34     كۆرۈلۈشى: 11,258 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش «جۇڭگو ئارزۇسى» نى روياپقا چىقىرىشنىڭ كاپالىتى ئۆمەرجان توختىنىياز      باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆتكەن يىلى بىيجىڭدا ‹‹گۈللىنىش يولى›› كۆرگەزمىسىنى ك....

ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش «جۇڭگو

ئارزۇسى» نى روياپقا چىقىرىشنىڭ كاپالىتى

ئۆمەرجان توختىنىياز

     باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆتكەن يىلى بىيجىڭدا ‹‹گۈللىنىش يولى›› كۆرگەزمىسىنى كۆرگەندە ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى›› دېگەن ئۇقۇمنى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ يەردە باش شۇجى شى جىنپىڭ ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى››نى روياپقا چىقىرىشنى خەلق بىلەن زىچ باغلىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى››نى روياپقا چىقىرىش بىلەن پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئوتتۇرىسىدىكى ئىچكى دىيالېكتىك باغلىنىشنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى. شۇڭا، يېڭى تارىخىي شارائىتتا، ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.

     بىرىنچى، ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىشنى كۈچلۈك ئىدىيەۋى كاپالەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، پارتىيەلىك كادىرلارنى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش جەريانىدا تۈرلۈك چىرىك ئىدىيەلەرنىڭ چىرىتىشىغا ئاڭلىق تاقابىل تۇرىدىغان، ھەممىدە پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى ئاساس قىلىدىغان، خەلقنىڭ چاكىرى بولىدىغان قىلىش لازىم؛ پارتىيەلىك كادىرلاردىن ھەم كوممۇنىزملىق ئۇلۇغۋار غايىنى كۆڭلىگە پۈكۈشنى ھەم جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئېتىقادىدا چىڭ تۇرۇشنى تەلەپ قىلىش كېرەك. پارتىيەلىك كادىرلار مەقسەت ئېڭىنى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، غايە – ئېتىقادتىن تەۋرەنمەي، ئىنقىلابىي ئىرادىسىنى، كۈرەش روھىنى بوشاشتۇرماي، تولۇپ – تاشقان ئىشەنچ بىلەن جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغۋار ئىشلىرىغا ئاتلانغاندىلا، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئىدىيەۋى كاپالەتكە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ.

     ئىككىنچى، ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىشنى كۈچلۈك ئستىل كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. پارتىيەنىڭ ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلاشتىن ئىبارەت ئىستىل ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، خىزمەت جەريانىدا ئاممىۋى لۇشيەننى ئىزچىل ئىجرا قىلغاندىلا، ئاندىن جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىشنى ئىستىل كاپالىتىگە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ. ھازىر، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنى ئىجرا قىلىشىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى ياخشى، ئامما بىلەن ئالاقە باغلاش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش جەھەتتە نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلىدى، لېكىن خەلقچىل، ئەمەلىيەتچىل، پاك بولۇش تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان مەسىلىلەرمۇ مەۋجۇت، پارتىيە ئىچىدە ئاممىدىن ئايرىلىپ قېلىشتەك ھادىسىلەر يەنە خېلىلا كۆپ. بەزى پارتىيەلىك كادىرلار ئاممىۋى خىزمەت ئىشلەشنى خالىمايدۇ، ئاممىۋى قارىشى ئاجىز، ئاممىغا بولغان ھېسسىياتى چوڭقۇر ئەمەس؛ بەزى پارتىيەلىك كادىرلار ئاممىۋى خىزمەت ئىشلەشنى بىلمەيدۇ، ئاممىنىڭ پىسخىكىسىنى، ئاممىنىڭ ئارزۇسىنى چۈشەنمەيدۇ، خىزمەت ئۇسۇلى ئاددىي، قوپال؛ بەزى پارتىيەلىك كادىرلار ئاممىۋى خىزمەت ئىشلەشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ، ئاممىۋى خاراكتېرلىك ۋەقەلەرگە يولۇققاندا ئالاقزادە بولۇپ كېتىدۇ، ھەتتا مۇۋاپىق بىرتەرەپ قىلالماي، زىددىيەتنى كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىدۇ. بولۇپمۇ بەزى رەھبەرلىك ئورگانلىرى، رەھبەرلىك بەنزىلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلاردا شەكىلۋازلىق، بيۇروكراتلىق، راھەتپەرەسلىك گەۋدىلىك، ئىسراپچىلىق ئېغىر. بۇ مەسىلىلەر پارتىيەنىڭ ئامما ئارىسىدىكى ئوبرازىغا، پارتىيە بىلەن ئامما، كادىرلار بىلەن ئامما مۇناسىۋىتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ، ئۇنى ئەستايىدىل ھەل قىلىش كېرەك. بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا، ئاممىۋى لۇشيەن ھەققىدىكى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتى جەريانىدا ‹‹ئەينەككە قاراش، ئۈستبېشىنى تۈزەشتۈرۈش، يۇيۇنۇش، كېسەل داۋالاش››تىن ئىبارەت ئومۇمىي تەلەپنى ئىزچىللاشتۇرۇش لازىم. پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئاممىۋى لۇشيەننى ئىزچىللاشتۇرۇش جەھەتتىكى ناتوغرا ئىستىللارنى ھەقىقىي تۈزىتىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئىدىيەۋى ساپاسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئىستىلنى يەنىمۇ ياخشىلاپ، پارتىيە بىلەن ئاممىنىڭ، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ قويۇقلاشتۇرۇپ، خەلقچىل، ئەمەلىيەتچىل، پاك بولۇش ئوبرازىنى يەنىمۇ تىكلىگەندىلا، ئاندىن ئاممىنىڭ تەشەببۇسكارلىقى، ئاكتىپلىقىنى ھەقىقىي قوزغاپ، ئىجادكارلىق روھىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ، بارلىق مىللەتنىڭ ئەقىل – پاراسىتى ۋە كۈچىنى ئەڭ زور دەرىجىدە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاممىنى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش قۇرۇلۇشىغا سەپەرۋەر قىلغىلى ۋە تەشكىللىگىلى بولىدۇ.

     ئۈچىنچى، ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىشنى كۈچلۈك ئىقتىدار كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش ئاممىۋى خىزمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق. ئاممىۋى لۇشيەن ھەققىدىكى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتى جەريانىدا، پارتىيەلىك كادىرلار ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈشى، خەلقنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلىشى، رايىنى بىلىشى، ئەقىل – پاراسىتىنى مەركەزلەشتۈرۈشى، كۈچىنى قەدىرلىشى، چىن كۆڭلىدىن خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزلىشى لازىم. ھەر دەرىجىلىك كادىرلار ئاممىنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىشى، ئاممىنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇشى، ئاممىنىڭ ھال – ئەھۋالىنى ھەر ۋاقىت كۆڭلىگە پۈكۈپ، ئاممىنىڭ ئىقتىسادىي، سىياسىي، مەدەنىيەت قاتارلىق تۈرلۈك ھوقۇق – مەنپەئەتلىرىنى قوغداپ، تىرىشىپ ئاممىغا ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىشى كېرەك. ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەش، دېموكراتىك تەدبىر بەلگىلەش، قانۇن بويىچە تەدبىر بەلگىلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. يېڭى دەۋردە پەيدا بولغان خەلق ئىچىدىكى زىددىيەتكە توغرا مۇئامىلە قىلىپ، ئوخشاش بولمىغان مەنپەئەت توپى ۋە مەنپەئەت تەلىپىگە قارىتا، جەمئىيەت مەنپەئەتىنىڭ تۇتۇشۇش يوللىرى ۋە ماسلىشىش مېخانىزمىنى، خەلق ئىچىدىكى زىددىيەتنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش خىزمەت مېخانىزمىنى، مەنپەئەتنى تەڭشەشنى يادرو قىلغان ئىجتىمائىي تەرتىپكە سېلىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەسىلىنى ھەل قىلىش، زىددىيەتلەرنى پەسەيتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. پارتىيەنىڭ نەزەرىيەسى ۋە لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىش، ئىلمىي تەرەققىياتتىن ئىبارەت ئاساسىي تېمىنى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىشتىن ئىبارەت ئاساسىي لىنىيەنى تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئاممىغا تەشۋىق قىلىش، ئاممىنى تەشكىللەش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، بۇ ئارقىلىق ئاممىنىڭ ئىسلاھات، قۇرۇلۇش ئەمەلىيىتىگە ئاتلىنىشىغا ئىلھام بېرىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىش لازىم.

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter