ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> مۇقىملىق ئاساسىنى يەنىمۇ پۇختىلايلى

مۇقىملىق ئاساسىنى يەنىمۇ پۇختىلايلى

2014-02-26 9:27     كۆرۈلۈشى: 1653 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: مۇقىملىق ئاساسىنى پۇختىلاپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە  كاپالەتلىك قىلايلى  (شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى)      ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بۇ يىلدىن باشلاپ ئۈچ يىلدا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئورگانلاردىن 200 م....

مۇقىملىق ئاساسىنى پۇختىلاپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە

 كاپالەتلىك قىلايلى

 (شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى)

     ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بۇ يىلدىن باشلاپ ئۈچ يىلدا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئورگانلاردىن 200 مىڭ كادىرنى ئاجرىتىپ ئاساسىي قاتلامغا ئەۋەتىپ، ‹‹خەلقنىڭ ھال – ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈپ، خەلق رايىنى مۇجەسسەملەش›› پائالىيىتىنى قانات يايدۇرىدۇ. بۇ، پارتىيەمىزنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسىنىڭ شىنجاڭدا زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇلغانلىقى، يېڭى ۋەزىيەتتە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن خىزمىتىدە قىممەتلىك يېڭىلىق يارىتىلغانلىقى، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېت يىغىنى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم تەستىقىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى كۈچلۈك تەدبىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

     ئاساسىي قاتلام پارتىيەمىزنىڭ ئىسلاھات قۇرۇلۇشىغا رەھبەرلىك قىلىشىدىكى ئاساسىي جەڭ مەيدانى، شۇنداقلا پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئاممىغا خىزمەت قىلىشىدىكى ئاساسىي بازىسى.

     ئورگان كادىرلىرىنىڭ باشلامچىلىق بىلەن ئاساسىي قاتلاملارغا، ئەڭ جاپالىق جايلارغا، مۇقىملىقنى ساقلاشنىڭ ئالدىنقى سېپىگە بېرىشى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دىن ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ جىددىي تەلىپى، ھازىرقى ئالاھىدە مۇرەككەپ ۋەزىيەتنىڭ ئالاھىدە ئېھتىياجى، خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاش، ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلاش، ئاممىۋى لۇشيەن ھەققىدىكى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى، شۇنداقلا سىياسىيدا كۈچلۈك، قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنى قۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر ھېسابلىنىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلار بۇ پائالىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيەۋىلىكىنى ساپلاشتۇرۇپ، ئەخلاق – پەزىلىتىنى تاۋلاپ، ئىستىلىنى ياخشىلاپ، ئامما بىلەن يۈزتۇرا كۆرۈشۈش جەريانىدا ئۇلارنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ياخشى ھەل قىلىپ، زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى ئاساسىي قاتلاملاردا ھەل قىلىپ، ياخشى ئىستىلنى ئاساسىي قاتلاملارغا يەتكۈزۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ئاساسىنى پۇختىلاپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە پۇختا ئاساس سېلىشى كېرەك. ‹‹خەلقنىڭ ھال – ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈپ، خەلق رايىنى مۇجەسسەملەش›› تىن ئىبارەت بۇ يېتەكچى ئىدىيەنى ياخشى ئىگىلەش كېرەك. تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، ھەر مىللەت كادىرلار ئامالنىڭ بارىچە ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، ئۇلارغا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك؛ ھەر مىللەت خەلقىنى ھەقىقىي قىزغىن سۆيۈپ، ھەر مىللەت ئاممىسىغا سەمىمىي خىزمەت قىلىش پوزىتسىيەسى بىلەن، سىياسەتنى ياخشى ئۆگىنىپ ۋە ئۇنى ياخشى ئىشلىتىپ، مىللەتلەرنىڭ ئۆزئارا ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئاكتىپ كۈچلەرنى توپلاش كېرەك؛ تۈرلۈك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، ئامالنىڭ بارىچە دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، ئاممىغا ھەقىقىي تۈردە ياخشى ئىش ۋە ئەمەلىي ئىشلارنى قىلىپ بېرىش كېرەك؛ مۇقىملىق قاتتىق ۋەزىپە، ھادىسە يۈزبەرمەسلىك قاتتىق تەلەپ ئىكەنلىكىنى باشتىن – ئاخىر ئېسىمىزدە چىڭ ساقلاپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ تۈرلۈك مۇقىملىق تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى ياخشى تۇتۇشىغا ياردەملىشىش كېرەك.

     تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، پائالىيەتنىڭ ھەقىقىي ئەمەلىيلىشىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئېرىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تۆۋەنگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر بارلىق كەنت ۋە نۇقتىلىق مەھەللىلەرنى تولۇق قاپلاشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشى، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىكى تارماقلاردا بىرىنچى قول رەھبەرلەردىن باشقا ھەر بىر كادىر كەنتتە بىر يىل تۇرۇپ خىزمەت قىلىشى، ئاساسىي قاتلامنى تولۇق قاپلاش، كادىرلارنى، ۋەزىپىنى تولۇق قاپلاشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك. تارماقلار، ئورۇنلار ھەقىقىي ئەھمىيەت بېرىپ، خىزمەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى تېزدىن يارىتىشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ھەر بىر خىزمەت گۇرۇپپىسى مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلەپلىرىنى ئاخىرغىچە ئىزچىللاشتۇرۇشى، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، ئاساسىي قاتلام بىلەن تولۇق جىپسىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

     ئورگان كادىرلىرىنىڭ ئاساسىي قاتلامغا بېرىشى ئاممىۋى خىزمەتنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلىشىدىكى پۇرسەت، بىراق بۇ خىزمەتنى تۈزۈملەشتۈرۈش ۋە كۆلەملەشتۈرۈشتە ھەر بىر پارتىيە ئەزاسى، كادىرنىڭ بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىگە توغرا كېلىدۇ. بىز ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بويىچە ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئومۇمىي نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تونۇشنى ئۆستۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئىلمىي تەرەققىي قىلىش، شىنجاڭنى مۇقىملاشتۇرۇش، گۈللەندۈرۈش، خەلقنى بېيىتىش، چېگرانى مۇستەھكەملەشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى يارىتايلى!

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter