ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> چىرىكىلىشىشكە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرايلى

چىرىكىلىشىشكە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرايلى

2014-03-05 10:25     كۆرۈلۈشى: 1537 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: پارتىيە ئىستىلى ۋە پاكلىق قۇرۇلۇشىنى، چىرىكىلىشىشكە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرايلى  («خەلق گېزىتى» ئوبزورچىسى)      «<كۈچلۈك دورا> بىلەن <كېسەل> نى داۋالاش، قالايمىقا....

پارتىيە ئىستىلى ۋە پاكلىق قۇرۇلۇشىنى، چىرىكىلىشىشكە قارشى

تۇرۇش كۈرىشىنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرايلى

 («خەلق گېزىتى» ئوبزورچىسى)

     «<كۈچلۈك دورا> بىلەن <كېسەل> نى داۋالاش، قالايمىقانچىلىقنى قاتتىق تۈزەيدىغان ئىرادە، كەسكىن ئىش قىلىدىغان جاسارەت بىلەن پارتىيە ئىستىلى ۋە پاكلىق قۇرۇلۇشىنى، چىرىكىلىشىشكە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇش كېرەك››. پارتىيەمىز چىرىكلىشىش ھادىسىسىلىرىغا نىسبەتەن باشتىن – ئاخىر قەتئىي پوزىتسىيە تۇتۇپ كەلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ج ك پ 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 3- ئومۇمىي يىغىنىدا، پارتىيەمىزنىڭ بۇ مەسىلىدىكى قەتئىي ئىرادىسى ۋە غەيرىتىنى يەنە بىر قېتىم جاكارلىدى.

     باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆزىدە ھازىرقى پارتىيە ئىستىلى ۋە پاكلىق قۇرۇلۇشى، چىرىكىلىشىشكە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ۋەزىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك تەھلىل قىلىپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىغا ئائىت مۇھىم نەزەرىيەلەرنى چوڭقۇر شەرھىلەپ، كوممۇنىستلارنىڭ تارىخىي بۇرچى ھەم مەسئۇلىيەتنى دادىللىق بىلەن زىممىسىگە ئالىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلىپ بەردى. بۇ سۆزنىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىپ ئىزچىللاشتۇرغاندا، مۇقەرەر ھالدا پارتىيە ئىسىتلى ۋە پاكلىق قۇرۇلۇشى، چىرىكىلىشىشكە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى كۈچلۈك ئىجابىي كۈچنى مۇجەسسەملەشتۇرگىلى بولىدۇ.

     بىر يىلدىن بۇيان ئىستىل ياخشىلىنىۋاتىدۇ، چىرىكلەشكەنلەر تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ، كەيپىيات ئۆزگىرىۋاتىدۇ. مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ‹‹سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمە›› نى باشلامچىلىق بىلەن ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشىدىن، تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىدە ‹‹تۆت خىل ناچار ئىستىل›› نى تۈزەشنى نۇقتا قىلىشقىچە؛ ‹‹يولۋاس››قىمۇ، ‹‹چىۋىن›› گىمۇ ئوخشاشلا زەربە بېرىشتەك يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاشتىن، ‹‹ھوقۇقنى تۈزۈم قەپىزىگە سولاپ قويۇپ›› نازارەت قىلىش سالمىقىنى كۈچەيتىشكىچە بولغان جەريانلاردا قەتئىي پوزىتىسىيە، ئىلمىي ئۇسۇل ۋە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈملەر بىلەن پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت ۋە پۈتۈن جەمئىيەتكە بولۇۋاتقان ئۆزگىرىشلەرنى ھېس قىلىدۇرۇش ۋە ئۈمىدۋار قىلىش ئارقىلىق، پارتىيەنىڭ نوپۇزىنى تىكلىدۇق، ئاممىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشتۇق، سۆزى ئىشەنچلىك، ھەرىكىتى كەسكىنلەردىن بولدۇق.

     نەتىجىلەرنى مۇئەييەنلەشتۇرۇش بىلەن بىللە شۇنىمۇ كۆرۈپ يېتىشىمىز كېرەككى، چىرىكلىكنىڭ پەيدا بولۇش تۇپرىقى يەنىلا مەۋجۇت، چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇش ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن ھەم مۇرەككەپ. بەزى ساھەلەردە چىرىكلىشىش ھادىسىسلىرى يەنىلا كۆپ يۈز بېرىۋاتىدۇ، بەزى جايلاردا ئىستىل دۇرۇس بولماسلىق ئەھۋالى يەنىلا ئېغىر، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان مەسىلىلەر يەنىلا گەۋدىلىك بولۇپ، بەزى پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ قانۇن – ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىشى يامان تەسىر پەيدا قىلدى. چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكى، مۇرەككەپلىكى ۋە مۈشكۈللۈكى بىزنىڭ ئۇزاققىچە ئاگاھلاندۇرۇپ، پارتىيە ئىستىلى ۋە پاكلىق قۇرۇلۇشىنى، چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي بوشاشماي ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرۇشىمىز كېرەكلىكىنى بەلگىلەپ بەردى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ يىلقى پارتىيە ئىستىلى ۋە پاكلىق قۇرۇلۇشى، چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇش كۈرىشى توغرىسىدىكى مۇھىم ئورۇنلاشتۇرۇلمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش ھازىر پۈتۈن پارتىيەنىڭ بىر تۈرلۈك مۇھىم ۋەزىپىسى بولۇپ قالدى.

     ئاساسلىق ۋەزىپىلەرنى چىڭ تۇتقاندىلا، چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇش، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش خىزمىتىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۇرۇپ، ئىسلاھات، تەرەققىياتنى كاپالەتكە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ. چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش ۋە چىرىكلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسىنى ئورنىتىش ۋە تاكامۇللاشتۇرۇشنىڭ خىزمەت يىرىك پىلانى بېسىپ تارقىتىلدى، قانداق قىلغاندا دۆلەتنىڭ بۇ مۇھىم ئىستراتېگىيەسى ۋە يۇقىرى قاتلاملىق لايىھەسىنى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق خىزمىتىدە ئىزچىللاشتۇرغىلى بولىدۇ؟ ئىستىلنى ياخشىلاش ياخشى باشلىنىش بولدى، ئىستىل مەسىلىسىنىڭ جاھىللىقى ۋە قايتىلىنىدىغانلىقىغا قارىتا، كىچىك نەتىجىنى زور ئۇتۇققا ئايلاندۇرۇپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرىدا پاك بولۇشتەك سىياسىي ئېكولوگىيەلىك مۇھىت بەرپا قىلغىلى بولامدۇ – يوق؟ چىرىكلىكتە ‹‹ئالاھىدە رايون›› بولمايدۇ، چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇشتا ‹‹چەكلەنگەن رايون›› بولمايدۇ، قانداق قىلغاندا يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاپ، يول قويماسلىق پوزىتسىيەسى بىلەن چىرىكلەشكەنلەرنى جازالىغىلى بولىدۇ؟ بۇ ئاساسلىق ۋەزىپىلەرنى ياخشى تاماملاش – پارتىيەمىزنىڭ ساغلام، پاك بولۇشى، قوشۇنىمىزنىڭ كۈچلۈك جەڭگىۋارلىققا ئىگە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشتىكى ئاچقۇچتۇر.

     ئىسلاھاتنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرگەندىلا، چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇش، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشقا ئاساس سالغىلى بولىدۇ. ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىدا چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش تۈزۈلمىسى ۋە خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۇرۇش ئورۇنلاشتۇرۇلدى، قاراتمىلىقى ناھايىتى كۈچلۈك بولغان بۇ مۇھىم ئىسلاھات تەدبىرلىرى ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ، پارتىيەنىڭ ئىنتزام تەكشۈرۈش تۈزۈلمىسىنى ئۈزلۈكسىز ئىسلاھ قىلىپ، چەكلەش، نازارەت قىلىش ۋە ئاشكارىلاشنى كۈچەيتىپ، چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇش تۈزۈلمە مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۇرۇشىمىز؛ پارتكوملارنىڭ سۇبيېكتىپلىق مەسئۇلىيىتى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىلىرنىنىڭ نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى داۋاملىق ئەمەلىيلەشتۇرۇپ، مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، تۈزۈمنىڭ قەغەز يولۋاس، قارانچۇق بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز؛ تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرلىرىدە چىرىكلەشكلەرنى جازالاش ۋە چىرىكلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا قويۇلغان تەلەپلەرنى گەۋدىلەندۈرۈپ، يۈرۈشلەشتۇرۇش ۋە باغلاش، تەرتىپ ۋە قەدەملەرگە ئەھمىيەت بېرىپ، چىرىكلىك پەيدا بولۇش ئېھتىماللىقى بار ھەممە يوچۇقنى تۈگىتىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ.

     تەشكىلىي ئىنتىزامنى چىڭىتقاندىلا، چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇش، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش خىزمىتىدە كۈچنى مۇجەسسەملەشتۇرۇپ، تۈرلۈك ئىشلاردا يېڭى ۋەزىيەت ياراتقىلى بولىدۇ. پارتىيە پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇشتا، نېمىگە تايىنىپ باشقۇرۇش كېرەك؟ نېمىگە ئاساسەن باشقۇرۇش كېرەك؟ بۇنىڭدا قاتتىق ئىنتىزامغا تايىنىش كېرەك. تەشكىلات پارتىيەنىڭ قۇۋۋەت مەنبەسى، تەشكىلات پارتىيەنىڭ قۇۋۋىتىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرىدۇ. تەشكىلىي ئىنىتزامنىڭ بوشىشىپ كېتىشى پارتىيەنىڭ چوڭ ئەندىشىسى بولۇپ قالدى، بوشىشىپ كەتكەن ۋە چېچىلاڭغۇ تەشكىلات ئىش قىلالمايدۇ ھەم بىرەر ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالمايدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەلىپى بويىچە، پارتىيەۋىلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، تەشكىلىي تۈزۈمگە ھەقىقىي رىئايە قىلىپ، تەشكىلنىڭ باشقۇرۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، تەشكىلىي ئىنتىزامنى ھەقىقىي ئىجرا قىلغاندىلا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلىجىتىقىلى بولىدۇ.

     پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش 85 مىليوندىن كۆپرەك پارتىيە ئەزاسى بار، 1 مىليارد 300 مىليون نوپوسقا ئىگە تەرەققىي قىلۋاتقان چوڭ دۆلەتتە ھاكمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان چوڭ پارتىيەگە نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم. پارتىيەنى پارتىيە باشقۇرۇش، پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىستلنى ياخشىلاش، چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇش، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىشنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرغاندىلا، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىيەلەيمىز، پارتىيەمىز باشتىن – ئاخىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسى بولالايدۇ.

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter