ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> مۇقىملىق بىلەن ئىسلاھاتنىڭ دىيالېكتىكىلىق مۇناسىۋىتىنى توغرا ئىگىلەيلى

مۇقىملىق بىلەن ئىسلاھاتنىڭ دىيالېكتىكىلىق مۇناسىۋىتىنى توغرا ئىگىلەيلى

2014-03-08 10:44     كۆرۈلۈشى: 1231 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: يەن يوڭ      ئىشلىرىمىزنى مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرى سۈرگەندە، ئاندىن يىراقنى كۆزلىگىلى، ئىسلاھاتتا مەقسەتكە يەتكىلى بولىدۇ. ‹‹مۇقىملىق›› بىلەن ‹‹ئىسلاھات››نى چىڭ ئىگىلەش ھەم ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ ئ....

يەن يوڭ

     ئىشلىرىمىزنى مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرى سۈرگەندە، ئاندىن يىراقنى كۆزلىگىلى، ئىسلاھاتتا مەقسەتكە يەتكىلى بولىدۇ. ‹‹مۇقىملىق›› بىلەن ‹‹ئىسلاھات››نى چىڭ ئىگىلەش ھەم ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ ئاساسىي مىلودىيەسى ھەم ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش دىيالېكتىكىسى.

     «بۇ يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇش يادرو››. بۇلتۇر مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ئاياغلىشىشى بىلەن ‹‹مۇقىملىق›› بىلەن ‹‹ئىسلاھات››تىن ئىبارەت ئىككى سۆز قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى. بۇ يىلغا نەزەر سالساق، جۇڭگودىن ئىبارەت دۇنيادىكى 2 – چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە ئۈچۈن بۇ ئىككى سۆز نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش پەيتىدە بۇ سۆزلەرگە يەنە قانداق مەنىلەر يۈكلەندى؟ئاددىي سۆزدىن چوڭقۇر مەنە چىقىپ تۇرىدۇ. نۇرغۇن كىشى بۇ يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ يادرولۇق تەلىپى ‹‹ئۆزگىرىش›› بىلەن ‹‹ئۆزگەرمەسلىك›› ئىكەنلىكىنى سەگەكلىك بىلەن بايقىدى. ‹‹مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش›› يەنە ئاساسىي مېلودىيە بولدى، ‹‹ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىش›› گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇلۇپ، بۇ سۆزلەر تەرەققىيات ئومۇمىيىتىدىكى مۇھىم فاڭجېنغا ئايلاندى. مۇقىملىق ئىشلارنى سالماق، پۇختا قىلىش، ئېھتىياتچان بولۇش، سىياسەتنىڭ ئىزچىللىقى ۋە تۇرغۇنلۇقىنى ساقلاش، مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشى تەرەپكە قاراپ تەرەققىي قىلىش ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەشنى كۆرسىتىدۇ؛ ئىسلاھات ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، مەسىلىنىڭ يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش، بۆسۈش ھاسىل قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش، ئىسلاھات ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، ئۇسۇلنى ئۆزگەرتىش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى كۆرسىتىدۇ. مەيلى ‹‹مۇقىملىق›› بولسۇن ياكى ‹‹ئىسلاھات›› بولسۇن ھەر ئىككىسى دىيالېكتىكىلىق بىرلىككە كەلگەن بولۇپ، بىر – بىرىنى شەرت قىلىدۇ.

     يېقىندىن بۇيان ئېلان قىلىنىۋاتقان سانلىق مەلۇماتلار كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. مەمۇرىي تەستىق تۈرلىرىنىڭ ئارقا – ئارقىدىن بىكار قىلىنىشى ياكى تۆۋەنگە چۈشۈرۈلۈشى بىلەن مەملىكەت مىقياسىدا يېڭىدىن رويخەتكە ئالدۇرغان كارخانىلار بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىسىگە قارىغاندا ناھايىتى كۆپ ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە پۇقراۋى، خۇسۇسىي كارخانىلار بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىسىگە سېلىشتۇرغاندا زور ئېشىپ، ئەلئارا مەلبەغنىڭ كۆپلەپ ئېشىشىغا تۈرتكە بولغان. مانا بۇ يېڭى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكىنىڭ روشەن ئىپادىسى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، 2013 – يىلىغا نەزەر سالساق، ئىقتىسادنىڭ چېكىنىش بېسىمى ئالدىدا، ماكرو سىياسەت مۇقىم بولۇپ، قىسقا مۇددەتلىك تەسىر كۆرسىتىش ئۇسۇلى يولغا قويۇلمىدى، ئەكسىچە ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ نامايان قىلىندى. دېمەك، سىياسەت ئۆزگەرمەيدۇ، ئىسلاھات توختىمايدۇ، باشلىنىش ياخشى بولۇۋاتىدۇ.

     ھەممە ئىشنى باشلاش قىيىن بولىدۇ. يۈگۈرۈشتە پەللىدىن چىقىش ئاخىرقى نەتىجىنى بەلگىلەيدۇ. مەيلى ئۆتكەن 35 يىللىق بوران – چاپقۇن بولسۇن ياكى 18 – قۇرۇلتايدىن بۇيانقى يېڭى كەيپىيات بولسۇن، ئەمەلىيەت شۇنداق دىيالېكتىكىنى ئىسپاتلىدىكى: مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش ئىسلاھاتنىڭ ئاساسى، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىش مۇقىملىقنىڭ مەنبەسى. ئىشلار مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلىگەندىلا، ئاندىن يىراقنى كۆزلىگىلى، ئىسلاھاتتا مەقسەتكە يەتكىلى بولىدۇ. ‹‹مۇقىملىق›› بىلەن ‹‹ئىسلاھات››نى چىڭ ئىگىلەش ھەم ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ ئاساسىي مېلودىيەسى ھەم ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ دىيالېكتىكىسى. بۈگۈنكى ئىسلاھات خۇددى غاجىلىماق تەس سۆڭەككە، خەتەرلىك سازلىققا ئوخشايدۇ، ئۇ چېقىلىش قىيىن بولغان مەنپەئەت مەسىلىسىگە چېتىلىدۇ. ئىسلاھاتتا ئالدىراپ ‹‹تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يەڭدۇق›› دېيەلمەيمىز. نۇرغۇن تاغ – داۋانلاردىن ھالقىپ ئۆتۈپ، تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يەڭگەن بولساقمۇ، ئالدىمىزدا يەنە نۇرغۇن قىيىنچىلىق تۇرۇپتۇ. دەۋر چاقى ئالدىغا قاراپ ئىلگىرىلىشى بىلەن تەڭلا، ئالدىمىزغا يەنە تاغدەك مەسىلىلەر دۆۋىلىنىۋاتىدۇ؛ 1 مىليارد 300 مىليون كىشىنىڭ كىيىنىش – تويۇنۇش مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشتىن باشقا، 100 مىليوندىن ئارتۇق دېھقان ئىشلەمچىنى شەھەر – بازارلارغا سىڭدۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى زىيادە بولۇش ۋە يەرلىك قەرز خەۋپىنى تۈگىتىش مەسىلىسى… مانا بۇلارنىڭ قايسى بىرسى مىسلىسىز قىيىن مەسىلە ئەمەس؟ قايسى بىرسى ئۆسۈپ يېتىلىشتىكى غەم ۋە ئۇسۇلنى ئۆزگەرتىشتىكى باش ئاغرىقى بولمىدى؟ قايسى بىرسى بىردەمدىلا ۋۇجۇدقا چىقتى ياكى بىر قېتىملىق ئەجىر بىلەن ئاياغلاشتى؟ ھازىرقى پەيتتە بىر قەدەمنى خاتا باسساقلا، چېكىنىش بولىدۇ؛ بىر لايىھە خاتا بولۇپ قالسىلا، نارازىلىق كېلىپ چىقىدۇ؛ چىڭ تۇتۇلمىسىلا، گۇمان پەيدا بولىدۇ.

     رېئال مەسىلىلەرنىڭ بېسىمى ئاستىدا، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ‹‹مۇقىملىق›› بىلەن ‹‹ئىسلاھات››قا كۈچ سەرپ قىلىش، يەنى ‹‹مۇقىملىق››نى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن سەۋرچان بولۇش، ‹‹ئىسلاھات››نى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەرتىپلىك بولۇش، مۇھىمى ئىككىسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى توغرا ئىگىلەش كېرەك. بىر ئىزدا توختاپ قېلىشقا ياكى تېز ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئۈچۈن ئالدىراپ كېتىشكە بولمايدۇ، جەزمەن دادىل بولۇش، قەدەمنى پۇختا بېسىش، تەدبىر ئەمەلىي بولۇش كېرەك. ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدە ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان، ئىسلاھات تەدبىرلىرى تەڭشىلىۋاتقان پەيتتە، ماكرو سىياسەتنىڭ ئەڭ ياخشى تەڭشەك نۇقتىسى ئۈستىدە ئىزدەنگەندىلا، ئاندىن مەبلەغ سېلىش، ئىستېمال ۋە ئېكسپورتنى ياخشى ئىگىلىگىلى، سۈرئەتنى تېزلىتىپ ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈپ، ‹‹ئەگەشمە كېسەل›› كېلىپ چىقمايدىغان سۈرئەتنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ.

     شەھەرلەشتۈرۈش تەرەققىياتىنىڭ ئاچقۇچلۇق پەيتىدە، قارىغۇلارچە ئىش قىلماسلىق، ‹‹بىناغا كۆچۈرىدىغان›› ئىشنى قىلماسلىق، ۋەزىيەتكە بېقىپ ئىش كۆرۈش، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئۇنى ۋەزىيەت پىشقان ھامان ئۆزلۈكىدىن ھەل بولىدىغان تەرەققىيات مۇساپىسىگە ئايلاندۇرۇش، ئادەمنى يادرو قىلغان يېڭىچە شەھەرلەشتۈرۈشنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

     پائال ۋە رېئال ئىسلاھات ئېڭى ‹‹ئەھۋالنى پەرقلەندۈرۈش، تۈرلەر بويىچە ئىلگىرى سۈرۈش››تە مەركەزلىك ئىپادىلىنىدۇ. يۆنىلىشى ئېنىق، ئۈنۈمى تېز ئىسلاھاتنى تېز يولغا قويۇش كېرەك. چېتىلىش دائىرىسى كەڭ، مەركەز قارار چىقارمىسا بولمايدىغان ئىسلاھاتلارنى مەركەز پىلان تۈزگەندىن كېيىن ئاندىن چوقۇم يولغا قويىدۇ. تونۇش چوڭقۇر بولمىغان، لېكىن ئىلگىرى سۈرۈش زۆرۈر بولغان ئىسلاھاتلار ئۈستىدە پائال ئىزدىنىش، نۇقتىدا سىناق قىلىش كېرەك. ھەم ئىستراتېگىيەلىك كۈچنى ساقلاش، ھەم ئىلگىرىلەش روھىنى نامايان قىلىش، ھەم تۆۋەن چەك ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇش ھەم ئىجتىمائىي كۆزلىمە نىشاننى مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئىسلاھات كىشىلەرگە ياقىدۇ، كىشىلەرگە مەدەت بېرىدۇ.

     ئىسلاھات توختىماستىن مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ. تارىخنى ئەسلەپ ئۆتسەك، ‹‹شوك داۋالاش ئۇسۇلى››نى قوللانغان قىسمەن دۆلەتلەر ئېغىر بەدەل تۆلىدى. ئۇزاققىچە بىر ئىزدا توختاپ قېلىش كۆپ ساندىكى چوڭ پارتىيە ۋە كونا پارتىيەلەرنى سىياسىي سەھنىدىن چېكىندۈردى. ئىسلاھات مۇساپىسىدە، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش ئىسلاھاتنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇش – بولماسلىقىغا مۇناسىۋەتلىك. ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە، ‹‹مۇقىملىق›› بىلەن ‹‹ئىسلاھات›› دىيالېكتىكىسىنى ياخشى ئىگىلەش ئۈچۈن ھېچنىمىدىن قورقمايدىغان جاسارەت، بىر تۇتاش پىلانلايدىغان پەم – پاراسەت، يۈگۇڭنىڭ تاغنى يۆتكىگىنىدەك ئىرادە بولۇش كېرەك. شۇ چاغدا ئاندىن ئىسلاھاتنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا تېخىمۇ شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتالايمىز.

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter