ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> بىرىنچى قول رەھبەر باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە بولۇشى كېرەك

بىرىنچى قول رەھبەر باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە بولۇشى كېرەك

2014-04-20 3:52     كۆرۈلۈشى: 1249 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: شىن ۋېيمىن      2- تۈركۈمدىكى پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىدە ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرىنچى قول رەھبەرلىرى 1- مەسئۇل كىشى ھېسابلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ با....

شىن ۋېيمىن

     2- تۈركۈمدىكى پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىدە ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرىنچى قول رەھبەرلىرى 1- مەسئۇل كىشى ھېسابلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە بولۇپ، ئاچقۇچلۇق رول ئوينىشى سىياسىي ئاڭلىقلىق ۋە مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالغانلىق، شۇنداقلا تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى ساغلام، تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇشتىكى ئۈنۈملۈك ئۇسۇلدۇر.

     رەھبەرلىك قىلىش ئۇسۇلى خىلمۇ خىل بولىدۇ، ئەمما باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە بولۇش ئەڭ مۇھىمدۇر، قەيەردە بىرىنچى قول رەھبەر باشلامچى بولىدىكەن، شۇ يەرنىڭ خىزمەتلىرىدە يېڭى ۋەزىيەت بارلىققا كېلىدۇ. بىرىنچى قول رەھبەرنىڭ ھەرىكەت داۋامىدا ئۆزگەرتىپ، يۇقىرى ئۆلچەم، قاتتىق تەلەپ بويىچە بايراقدار بولۇشى ئاۋازسىز بۇيرۇق، شۇنداقلا بىر خىل بېسىمدۇر. رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ باشقا ئەزالىرى دادىللىق بىلەن مەسىلىگە يۈزلىنىپ، مەسىلىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزگەرتىشكە جۈرئەت قىلغاندىلا، تۆۋەندىكىلەرمۇ شۇ بويىچە ئىش كۆرۈشتەك ياخشى كەيپىياتنى شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ. ئاپتونوم رايوننىڭ 1- تۈركۈمدىكى تەربىيە- ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرى ئىچىدە مۇھىمى شۇكى، بىرىنچى قول رەھبەرنىڭ ئۈلگىلىك، تۈرتكىلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشىدۇر. 2- تۈركۈمدىكى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىدە بىرىنچى قول رەھبەرنىڭ ئوينايدىغان رولى ئىنتايىن مۇھىم، بىرىنچى قول رەھبەر ئوخشاشلا ئاممىنىڭ ئىشەنچىگە ئېرىشىپ، ئېغىرلىقنى كۆتۈرۈپ، باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە بولۇپ، پۈتكۈل ‹‹بەنزە››نى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ، يۇقىرى – تۆۋەن بىر نىيەتتە، ئومۇمىي جەھەتتىن ئىلگىرى سۈرىدىغان ياخشى ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك.

     بىرىنچى قول رەھبەر باشلامچىلىق، ئۈلگىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مۇھىم جايلاردا باشلامچى بولۇشى كېرەك. بىرىنچى قول رەھبەر ئىستراتېگىيەلىك ۋە ئومۇمىيەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، باشتىن – ئاخىر مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، ھوشيار – زېرەك بولۇپ، ئۆز رايونى، ئۆز ئورنىنىڭ تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى ياخشى تۇتۇشى كېرەك. يېتەرلىك ۋاقىت ۋە زېھنىي كۈچ ئاجرىتىپ، ئۆز رايونى، ئۆز ئورنىنىڭ تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئانالىز قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئىلگىرى سۈرۈش جەريانىدا يولۇققان مۇھىم نۇقتا، قىيىن مەسىلىلەرنى، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ئانالىز قىلىپ ھەل قىلىشتا ياخشى تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشى كېرەك.

     بىرىنچى قول رەھبەرنىڭ باشلامچىلىق، ئۈلگىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشتا، بىرىنچى قول رەھبەر، ئالدى بىلەن، ‹‹ئۆزىنى قاتتىق تەربىيەلەش، ھوقۇق ئىشلىتىشتە قاتتىق بولۇش، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇش، پىلان تۈزۈشتە ئەمەلىي بولۇش، ئىگىلىك تىكلەشتە ئەمەلىي بولۇش، ئادەم بولۇشتا ئەمەلىي بولۇش››نى ئاڭلىق ھالدا ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىدىكى ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، سىياسىي ئاڭلىقلىق ۋە ئەمەلىيەت ئاڭلىقلىقىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتىشى ۋە ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. باشلامچىلىق بىلەن پىكىرلەرنى ئاڭلاپ، ئامما پىكىر بېرىش، ئۆزى ئىزدەپ تېپىش، يۇقىرىدىكىلەر كۆرسىتىپ بېرىش، ئۆز ئارا ياردەم بېرىش ئارقىلىق سىياسىيدا قەتئىي بولۇش ۋە ‹‹تۆت خىل ناچار ئىستىل›› جەھەتتە ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تېپىپ چىقىپ، ئەيىبىنى كۆرسىتىشكە جۈرئەت قىلىپ، ئۆزىنىڭ ‹‹رەسىمى››نى ھەقىقىي، ئوبيېكتىپ سىزىپ چىقىپ، كادىرلار، ئاممىغا ئۆزى تېپىپ چىققان مەسىلىنى كۆرسىتىپ، مەسىلىنى ھەل قىلىش غەيرىتى ۋە جاسارىتىنى نامايان قىلىشى كېرەك. مەركەزنىڭ ‹‹سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى›› ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ‹‹ئون تۈرلۈك بەلگىلىمىسى››نى باشلامچىلىق بىلەن ئىجرا قىلىپ، بۇيرۇق چۈشكەن ھامان مەنئى قىلىشى، باشقىلاردىن قىلىشنى تەلەپ قىلىشتىن بۇرۇن ئالدى بىلەن ئۆزى قىلىشى، باشقىلاردىن قىلماسلىقنى تەلەپ قىلغاننى ئۆزى قەتئىي قىلماسلىقى كېرەك.

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter